تارىخ-تەزكىرە «1» 16:1-42 UIGB2010 - Bible AI

1ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ داۋۇت ئۇنىڭغا ھازىرلاپ قويغان چېدىرنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، ئاندىن خۇدانىڭ ئالدىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى سۇندى.

2داۋۇت كۆيدۈرمە قۇربانلىقى بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى سۇنۇپ بولغاندىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا خەلققە بەخت تىلىدى.

3ئۇ يەنە ئەر-ئايال دېمەي ئىسرائىللارنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن نان، بىردىن خورما پوشكىلى، بىردىن ئۈزۈم پوشكىلى ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. ◼ 16:3 +bd «بىردىن خورما پوشكىلى»+bd* ــ ياكى «بىر پارچىدىن گۆش».*

4داۋۇت بىر قىسىم لاۋىيلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا خىزمەتتە بولۇش، يەنى دۇئا-تىلاۋەت ئوقۇش، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-رەھمەت ئېيتىش ۋە كۈي-مۇناجات ئوقۇشنى بۇيرۇدى. ◼ 16:4 +bd «دۇئا-تىلاۋەت ئوقۇش»+bd* ــ ياكى «ئەسلەش»، «تەنتەنە قىلىش».*

5ئۇلارنىڭ يولباشچىسى بولسا ئاساف، ئاندىن زەكەرىيا ئىدى؛ باشقىلىرى بولسا يەئىيەل، شېمىراموت، يەھىيەل، ماتتىتىياھ، ئېلىئاب، بىنايا، ئوبەد-ئېدوم ۋە يەئىيەللەر ئىدى. ئۇلار تەمبۇر-چىلتار چېلىشقا قويۇلدى؛ ئاساف بولسا جاڭلارنى چالاتتى.

6بىنايا بىلەن ياھازىيەلدىن ئىبارەت ئىككى كاھىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ھەردائىم كاناي چېلىشقا قويۇلدى.

7شۇ كۈنى داۋۇت ئاساف ۋە قېرىنداشلىرىنى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-رەھمەت ئېيتىشقا بەلگىلەپ ئۇلارغا بىرىنچىدىن مۇنۇ كۈينى تاپشۇردى: ــ

8«پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر قىلىڭلار،

9ئۇنىڭغا ناخشىلار ئېيتىپ، ئۇنى كۈيلەڭلار،

10مۇقەددەس نامىدىن پەخىرلىنىپ داڭلاڭلار،

11پەرۋەردىگارنى ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتىنى ئىزدەڭلار،

12ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى،

13ئى ئۇنىڭ قۇلى ئىسرائىلنىڭ نەسلى،

14ئۇ، پەرۋەردىگار ــ خۇدايىمىز،

15ئۇ ئۆزى تۈزگەن ئەھدىنى ئەبەدىي يادىڭلاردا تۇتۇڭلار ــ

16ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى،

17ئۇ بۇنى ياقۇپقىمۇ نىزام دەپ جەزملەشتۈردى،

18«ساڭا قانائان زېمىنىنى بېرىمەن،

19ئۇ چاغدا سىلەر ئاجىز ئىدىڭلار، ئادىمىڭلار ئاز ھەم ئۇ يەردە مۇساپىر ئىدىڭلار؛

20بۇ ئەلدىن ئۇ ئەلگە، بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە كۆچۈپ يۈرگەن.

21پەرۋەردىگار ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۇلارنى بوزەك قىلىشىغا يول قويمىدى،

22«مەن مەسىھ قىلغانلارغا تەگمە،

23پۈتۈن جاھان، پەرۋەردىگارنى كۈيلەڭلار،

24ئۇنىڭ جۇلاسىنى ئەللەردە بايان قىلىڭلار،

25چۈنكى پەرۋەردىگارىمىز ئۇلۇغدۇر،

26چۈنكى بارلىق ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى ــ بۇتلار خالاس،

27شانۇ-شەۋكەت ۋە ھەيۋەت ئۇنىڭ ئالدىدا،

28پەرۋەردىگارغا تەئەللۇقىنى بەرگەيسىلەر، ئى ئەل-قەبىلىلەر،

29پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا لايىق بولغان شان-شۆھرەتنى ئۇنىڭغا بەرگەيسىلەر؛

30پۈتكۈل يەر-يۈزى، ئۇنىڭ ئالدىدا تىترەڭلار!

31ئاسمانلار شادلانسۇن، ۋە يەر-جاھان خۇش بولسۇن،

32دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە چۇقان سېلىپ جۇش ئۇرسۇن!

33ئۇ چاغدا ئورماندىكى پۈتكۈل دەرەخلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا ياڭرىتىپ ناخشا ئېيتىدۇ؛

34پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار!

35ۋە: بىزنى قۇتقۇزغىن، ئى نىجاتىمىز بولغان خۇدا!

36ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا،

37داۋۇت* شۇ يەردە، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ھەر كۈندىكى ۋەزىپىگە مۇۋاپىق، ئەھدە ساندۇقى ئالدىدىكى خىزمەتتە داۋاملىق بولۇشقا ئاساف بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى قالدۇرۇپ قويدى؛

38ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوبەد-ئېدوم بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئاتمىش سەككىز كىشى بار ئىدى؛ شۇنىڭدەك يەدۇتۇننىڭ ئوغلى ئوبەد-ئېدوم بىلەن خوساھ دەرۋازىۋەنلىككە قويۇلدى.

39كاھىن زادوك بىلەن ئۇنىڭ كاھىن قېرىنداشلىرى گىبېئون ئېگىزلىكىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرى ئالدىدا،

40پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلغا تاپىلىغان قانۇن-ئەھكاملىرىدا بارلىق يېزىلغىنى بويىچە، ھەركۈنى ئەتىسى-ئاخشىمى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھى ئۈستىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇشقا قويۇلدى.

41ئۇلار بىلەن بىللە بولغانلار، يەنى ھېمان، يەدۇتۇن ۋە قالغان تاللانغانلار، شۇنداقلا بارلىق ئىسمى تىزىلغانلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-رەھمەت ئېيتىشقا قويۇلدى (چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئەبەدگىچىدۇر!).

42ھېمان ۋە يەدۇتۇن بولسا نەغمىچىلىككە، جۈملىدىن كاناي، جاڭ-جاڭ ۋە بارلىق مەدھىيە سازلىرىنى چېلىشقا مەسئۇل قىلىندى. يەدۇتۇننىڭ ئوغۇللىرى دەرۋازىغا قاراشقا قويۇلدى.

/article>