1شەيتان ئىسرائىللارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، داۋۇتنى ئىسرائىللارنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈشكە ئېزىقتۇردى. ◼ 21:1 +bd «شەيتان ئىسرائىللارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، داۋۇتنى ئىسرائىللارنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈشكە ئېزىقتۇردى»+bd* ــ «ساناقتىن ئۆتكۈزۈش» دېگەن سۆز ئىسرائىلنىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى كۆزدە تۇتىدۇ. 5-ئايەتنى كۆرۈڭ.
2شۇڭا داۋۇت يوئابقا ۋە خەلقنىڭ يولباشچىلىرىغا: «سىلەر بەئەر-شېبادىن دانغىچە ئارىلاپ ئىسرائىللارنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈپ كېلىپ مېنىڭ بىلەن كۆرۈشۈڭلار، ئۇلارنىڭ سانىنى بىلەي» دېدى. ◼ 21:2 +bd «بەئەر-شېبادىن دانغىچە»+bd* ــ «بەئەر-شېبا» ئىسرائىل زېنىمىنىڭ ئەڭ جەنۇبىي چېتىدە، «دان» بولسا ئەڭ شىمالىي چېتىدە ئىدى.*
3لېكىن يوئاب جاۋابەن: ــ«پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى ھازىر مەيلى قانچىلىك بولسۇن، يۈز ھەسسە ئاشۇرۇۋەتكەي. لېكىن ئى خوجام پادىشاھىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزۈڭنىڭ خىزمىتىڭدە تۇرۇۋاتقانلار ئەمەسمۇ؟ خوجام بۇ ئىشنى زادى نېمە دەپ تەلەپ قىلىدۇ؟ خوجام ئىسرائىلنى نېمىشقا گۇناھقا مۇپتىلا قىلىدىلا؟» ــ دېدى. ◼ 21:3 +bd «خوجام ئىسرائىلنى نېمىشقا گۇناھقا مۇپتىلا قىلىدىلا؟»+bd* ــ قىزىق يېرى شۇكى، يوئاب ئادەتتە خۇدادىن ئانچە قورقمايدىغان ئادەم بولۇپ، مۇشۇ ۋاقىتلاردا خوجىسىغا قارىغاندا، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئوبدان بىلەتتى. «خەلقنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈش» دېگەن گۇناھ توغرۇلۇق «سامۇئىل»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.*
4لېكىن پادىشاھنىڭ سۆزى يوئابنىڭ سۆزىنى بېسىپ چۈشتى؛ شۇڭا يوئاب چىقىپ پۈتۈن ئىسرائىل زېمىنىنى ئارىلاپ يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى.
5يوئاب ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن خەلقنىڭ سانىنى داۋۇتقا مەلۇم قىلدى؛ پۈتۈن ئىسرائىلدا قولىدا قىلىچ كۆتۈرەلەيدىغان ئادەملەر بىر مىليون بىر يۈز مىڭ؛ يەھۇدالاردىن قولىدا قىلىچ كۆتۈرەلەيدىغان ئادەملەر تۆت يۈز يەتمىش مىڭ بولۇپ چىقتى.
6بىراق لاۋىيلار بىلەن بىنيامىنلارلا ساناققا كىرمىدى؛ چۈنكى پادىشاھنىڭ بۇ بۇيرۇقى يوئابنىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىك ئىدى.
7خۇدا بۇ ئىشنى يامان كۆرگەچكە، ئىسرائىللارغا زەربە بەردى. ◼ 21:7 +bd «خۇدا بۇ ئىشنى يامان كۆرگەچكە، ئىسرائىللارغا زەربە بەردى»+bd* ــ نېمىشقا خەلقنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈش گۇناھ ھېسابلىنىدۇ؟ بۇ توغرۇلۇق «سامۇئىل»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.*
8داۋۇت خۇداغا: «مەن بۇ ئىشنى قىلىپ چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈپتىمەن؛ ئەمدى مەنكى قۇلۇڭنىڭ بۇ قەبىھلىكىنى كەچۈرۈشىڭنى تىلەيمەن، چۈنكى مەن تولىمۇ ئەخمىقانە ئىش قىپتىمەن» ــ دېدى.
9پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ ئالدىن كۆرگۈچىسى بولغان گادقا:
10سەن بېرىپ داۋۇتقا ئېيتىپ: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇكى، مەن ساڭا ئۈچ بالا-قازانى ئالدىڭدا قويىمەن؛ شۇنىڭدىن بىرىنى تاللىۋال، مەن شۇنى بېشىڭلارغا چۈشۈرىمەن» دېگىن، ــ دېدى.
11شۇنىڭ بىلەن گاد داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىپ: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:
12«قېنى تاللىغىن: يا ئۈچ يىل ئاچارچىلىقتا قېلىشتىن، يا ئۈچ ئاي دۈشمەنلەرنىڭ ئالدىدىن قېچىپ، ياۋلىرىڭ تەرىپىدىن قوغلاپ قىلىچلىنىشىدىن ۋە ياكى ئۈچ كۈن پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچىنىڭ ئۇرۇشى ــ يەنى ۋابا كېسىلىنىڭ زېمىندا تارقىلىشى، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن چېگرىسىنى خاراب قىلىشىدىن بىرىنى تاللىغىن». ئەمدى ئويلىنىپ كۆر، بىر نېمە دېگىن؛ مەن مېنى ئەۋەتكۈچىگە نېمە دەپ جاۋاپ بېرەي؟» دېدى.
13داۋۇت گادقا: «مەن بەك قاتتىق تەڭلىكتە قالدىم؛ ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ قولىغا چۈشەي دەيمەن، چۈنكى ئۇ تولىمۇ شەپقەتلىكتۇر. پەقەت ئىنسانلارنىڭ قولىغا چۈشمىسەم، دەيمەن» دېدى.
14شۇ سەۋەبلىك پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا ۋابا تارقاتتى؛ ئىسرائىللاردىن يەتمىش مىڭ ئادەم ئۆلدى.
15خۇدا يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىپ تاشلاش ئۈچۈن بىر پەرىشتىنى ئەۋەتتى؛ ئۇ ۋەيران قىلىۋاتقاندا، پەرۋەردىگار ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۆزى چۈشۈرگەن بۇ بالا-قازادىن پۇشايمان قىلىپ قالدى-دە، ۋەيران قىلغۇچى پەرىشتىگە: «بەس! ئەمدى قولۇڭنى تارت!» دېدى. ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەبۇسىي ئورناننىڭ خامىنىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. ◼ 21:15 +bd «ئورنان»+bd* ــ ياكى «ئاراۋنا». «2سام.» 16:24نى كۆرۈڭ.*
16داۋۇت بېشىنى كۆتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ ئاسمان بىلەن يەرنىڭ ئارىلىقىدا، قولىدىكى غىلاپتىن سۇغۇرغان قىلىچىنى يېرۇسالېمغا تەڭلەپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. داۋۇت بىلەن ئاقساقاللارنىڭ ھەممىسى بۆز رەختكە ئورالغان ھالدا يەرگە دۈم يىقىلدى.
17داۋۇت خۇداغا: «خەلقنىڭ سانىنى ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇغۇچى مەن ئەمەسمۇ؟ گۇناھ قىلىپ بۇ رەزىللىك ئۆتكۈزگۈچى مەندۇرمەن؛ بۇ بىر پادا قويلار بولسا، زادى نېمە قىلدى؟ ئاھ، پەرۋەردىگار خۇدايىم، قولۇڭ ئۆز خەلقىڭگە ئەمەس، بەلكى ماڭا ۋە مېنىڭ جەمەتىمگە چۈشكەي، ۋابانى ئۆز خەلقىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرمىگەيسەن!» دېدى.
18پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى گادقا: سەن بېرىپ داۋۇتقا ئېيتقىن، ئۇ يەبۇسىي ئورناننىڭ خامىنىغا چىقىپ پەرۋەردىگارغا بىر قۇربانگاھ سالسۇن، دېۋىدى،
19داۋۇت گادنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا ئېيتقىنى بويىچە شۇ يەرگە چىقتى.
20ئۇ چاغدا ئورنان بۇغداي تېپىۋاتاتتى؛ ئورنان بۇرۇلۇپ پەرىشتىنى كۆرۈپ، ئۆزى تۆت ئوغلى بىلەن مۆكۈۋالغانىدى.
21داۋۇت ئورناننىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ داۋۇتنى كۆرۈپ، خاماندىن چىقىپ كەلدى-دە، بېشىنى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىپ داۋۇتقا تەزىم قىلدى.
22داۋۇت ئورنانغا: «خەلق ئىچىدە تارالغان ۋابانى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن، مۇشۇ خاماننى ۋە ئەتراپىدىكى يەرنى ماڭا سېتىپ بەرسەڭ، بۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ سالاي دەيمەن. سەن تولۇق باھا قويۇپ بۇ يېرىڭنى ماڭا سېتىپ بەرسەڭ» دېدى.
23ــ ئالسىلا، غوجام پادىشاھىمنىڭ قانداق قىلغۇسى كەلسە شۇنداق قىلغاي؛ قارىسىلا، قۇربانلىق قىلىشقا كالىلارنى بېرەي، خامان تېپىدىغان تىرنىلارنى ئوتۇن قىلىپ قالىسىلا، بۇغداينى ئاش ھەدىيەسىگە ئىشلەتسىلە؛ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەن ئۆزلىرىگە تۇتتۇم، دېدى ئورنان داۋۇتقا.
24«ياق»، ــ دېدى داۋۇت ئورنانغا، ــ «قانداقلا بولمىسۇن مەن تولۇق باھاسى بويىچە سېتىۋالىمەن؛ چۈنكى مەن سېنىڭكىنى ئېلىۋېلىپ پەرۋەردىگارغا ئاتىسام بولمايدۇ، بەدەل تۆلىمەي كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ھەرگىز سۇنمايمەن».
25شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئالتە يۈز شەكەل ئالتۇننى ئۆلچەپ ئورنانغا بېرىپ ئۇ يەرنى سېتىۋالدى. ◼ 21:25 +bd «ئالتە يۈز شەكەل»+bd* ــ 600 شەكەل 7 كىلوگرامچە بولاتتى. «2سام.» 24:24 بويىچە ئۇ «خامان ۋە كالىلار» ئۈچۈن 50 شەكەل كۈمۈش بېرىدۇ. مۇشۇ يەردە ئۇ شۈبھىسىزكى ئورناننىڭ پۈتكۈل «يەر»ىنى سېتىۋالىدۇ.*
26داۋۇت ئۇ يەرگە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ سالدى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقى سۇنۇپ، پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ تىلىگىنى قوبۇل كۆرۈپ، جاۋابەن ئاسماندىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىغا ئوت چۈشۈردى.
27پەرۋەردىگار پەرىشتىسىنى بۇيرۇۋىدى، ئۇ قىلىچىنى قايتىدىن غىلىپىغا سالدى.
28ئۇ چاغدا، داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ يەبۇسىيلاردىن بولغان ئورناننىڭ خامىنىدا ئۇنىڭ تىلىكىگە جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ، شۇ يەردە قۇربانلىق سۇنۇشقا باشلىدى.
29ئۇ چاغدا، مۇسا چۆلدە ياساتقان پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھى گىبېئوننىڭ ئېگىزلىكىدە ئىدى؛