تارىخ-تەزكىرە «1» 22:1-18 UIGB2010 - Bible AI

1شۇڭا داۋۇت: «مانا بۇ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئۆيى بولىدىغان جاي، مانا بۇ ئىسرائىل ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنىدىغان قۇربانگاھ بولىدۇ» ــ دېدى.

2داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى سالدۇرۇش ئۈچۈن ئىسرائىل زېمىنىدىكى يات ئەلدىكىلەرنى يىغىشنى بۇيرۇدى ھەم تاشلارنى ئويۇشقا تاشچىلارنى تەيىنلىدى.

3ئىشىك-دەرۋازىلارغا ئىشلىتىشكە مىق ۋە گىرە-بالداق ياساش ئۈچۈن نۇرغۇن تۆمۈر تەييارلىدى؛ يەنە نۇرغۇن مىس تەييارلىدىكى، ئۇنىڭ ئېغىرلىقىنى تارازىلاپ بولمايتتى؛ ◼ 22:3 +bd «گىرە-بالداق»+bd* ــ ياكى «ئىلمەك-ئىلگەكلەر».*

4ئۇ يەنە سان-ساناقسىز كېدىر ياغىچى تەييارلىدى، چۈنكى زىدونلۇقلار بىلەن تۇرلۇقلار داۋۇتقا نۇرغۇن كېدىر ياغىچى يەتكۈزۈپ بەرگەنىدى.

5داۋۇت كۆڭلىدە: «ئوغلۇم سۇلايمان تېخى ياش، بىر يۇمران كۆچەت خالاس، پەرۋەردىگارغا سېلىنىدىغان ئۆي ناھايىتى بەھەيۋەت ۋە كاتتا بولۇشى، شان-شۆھرىتى بارلىق يۇرتلارغا يېيىلىشى كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۆيگە كېتىدىغان ماتېرىياللارنى ھازىرلاپ قويۇشۇم كېرەك» دەپ ئويلىدى. شۇڭا داۋۇت ئۆلۈشتىن ئىلگىرى نۇرغۇن ماتېرىيال ھازىرلاپ قويدى.

6داۋۇت ئوغلى سۇلايماننى قىچقىرىپ ئۇنىڭغا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ئۆي سېلىشنى تاپىلىدى.

7داۋۇت سۇلايمانغا مۇنداق دېدى: «ئى ئوغلۇم، مەن ئەسلىدە پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئۆي سېلىشنى ئويلىغان،

8لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى كېلىپ ماڭا مۇنداق دېگەندە: «سەن نۇرغۇن ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكتۈڭ، نۇرغۇن چوڭ جەڭلەرنى قىلدىڭ؛ سېنىڭ مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئۆي سېلىشىڭغا بولمايدۇ، چۈنكى سەن مېنىڭ ئالدىمدا نۇرغۇن ئادەمنىڭ قېنىنى يەرگە تۆكتۈڭ.

9قارا، سېنىڭدىن بىر ئوغۇل تۆرۈلىدۇ؛ ئۇ ئارام-تىنچلىق ئادىمى بولىدۇ، مەن ئۇنى ھەر تەرەپتىكى دۈشمەنلىرىدىن ئارام تاپقۇزىمەن؛ ئۇنىڭ ئىسمى دەرۋەقە سۇلايمان ئاتىلىدۇ، ئۇ تەختتىكى كۈنلىرىدە مەن ئىسرائىلغا ئارام-تىنچلىق ۋە ئاسايىشلىق ئاتا قىلىمەن. ◼ 22:9 +bd «ئۇنىڭ ئىسمى دەرۋەقە سۇلايمان ئاتىلىدۇ»+bd* ــ «سۇلايمان» دېگەن ئىسىم ئىبرانىي تىلىدىكى «شالوم» (تىنچلىق، خاتىرجەملىك»كە باغلىق (ئەرەب تىلىدا «سالام»).*

10ئۇ مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئۆي سالىدۇ؛ ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ، مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن؛ مەن ئۇنىڭ ئىسرائىل ئۈستىدىكى پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈ مەزمۇت قىلىمەن».

11ئى ئوغلۇم، ئەمدى پەرۋەردىگار سېنىڭ بىلەن بىللە بولغاي! شۇنىڭ بىلەن يولۇڭ راۋان بولۇپ، ئۇنىڭ سېنىڭ توغرۇلۇق بەرگەن ۋەدىسى بويىچە پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆيىنى سالىسەن.

12پەرۋەردىگار ساڭا پەم ۋە ئەقىل بەرگەي ۋە ئىسرائىلنى ئىدارە قىلىشقا كۆرسەتمە بەرگەي، سېنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ مۇقەددەس قانۇنىغا ئەمەل قىلىدىغان قىلغاي.

13شۇ ۋاقىتتا، پەرۋەردىگار ئىسرائىللار ئۈچۈن مۇساغا تاپشۇرغان بەلگىلىمە-ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلساڭ، يولۇڭ راۋان بولىدۇ. قەيسەر، باتۇر بول! قورقما، ھودۇقۇپمۇ كەتمە. ◼ 22:13 +bd «ھودۇقۇپمۇ كەتمە»+bd* ــ ياكى «غەيرەتسىز بولما».*

14قارا، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن جاپا-مۈشەققەتلىرىم ئارقىلىق يۈز مىڭ تالانت ئالتۇن، مىڭ مىڭ تالانت كۈمۈش ۋە ئىنتايىن كۆپ، سان-ساناقسىز مىس، تۆمۈر تەييارلىدىم؛ يەنە ياغاچ ۋە تاش تەييارلىدىم؛ بۇنىڭغا يەنە سەن قوشساڭ بولىدۇ. ◼ 22:14 +bd «يۈز مىڭ تالانت ئالتۇن»+bd* ــ ئاز دېگەندە 3000 توننا ئالتۇن. +bd «مىڭ مىڭ تالانت»+bd* ــ ئاز دېگەندە 30000 توننا كۈمۈش.*

15بۇنىڭدىن باشقا سېنىڭدە يەنە تاش كەسكۈچى، تامچى، ياغاچچى ھەم ھەرخىل خىزمەتلەرنى قىلالايدىغان نۇرغۇن ئۇستىلار بار؛

16ئالتۇن-كۈمۈش، مىس، تۆمۈر بولسا سان-ساناقسىز؛ سەن ئىشقا تۇتۇشۇشقا ئورنۇڭدىن تۇر، پەرۋەردىگارىم سېنىڭ بىلەن بىللە بولغاي!» ◼ 22:16 +bd «ئالتۇن-كۈمۈش، مىس، تۆمۈر بولسا سان-ساناقسىز»+bd* ــ ياكى «زەرگەر، مىسكەر، تۆمۈرچىلەر بولسا ساناقسىزدۇر».*

17داۋۇت يەنە ئىسرائىلدىكى ئەمەلدارلارغا ئوغلى سۇلايمانغا ياردەم بېرىشنى تاپىلاپ:

18«خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمۇ؟ ھەر ئەتراپىڭلاردا سىلەرگە تىنچ-ئاراملىق بەرگەن ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇ بۇ زېمىندىكى ئاھالىنى قولۇمغا تاپشۇردى؛ زېمىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ۋە خەلقىنىڭ ئالدىدا تىزگىنلەندى.

/article>