1ھارۇن ئەۋلادلىرىنىڭ نۆۋەتچىلىككە بۆلۈنۈشى تۆۋەندىكىچە: ھارۇننىڭ ئوغلى ناداب، ئابىھۇ، ئەلىئازار ۋە ئىتامار.
2ناداب بىلەن ئابىھۇ ئاتىسىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن ھەم پەرزەنت كۆرمىگەنىدى؛ شۇڭا ئەلىئازار بىلەن ئىتامار كاھىنلىقنى تۇتاتتى.
3داۋۇت ۋە ئەلىئازارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن زادوك ۋە ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئاخىمەلەك ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، ۋەزىپىسى بويىچە ئىشقا قويدى؛
4ئەلىئازارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغانلار ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغانلاردىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇلارنى شۇنىڭغا ئاساسەن ئايرىپ نۆۋەت-گۇرۇپپىلارغا بۆلدى. ئەلىئازارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغانلار ئون ئالتە كىشى ئىدى، ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغانلار سەككىز كىشى ئىدى؛
5ئۇلار چەك تاشلاش يولى بىلەن تەڭشەپ نۆۋەت-گۇرۇپپىلارغا بۆلۈندى. شۇنداق قىلىپ مۇقەددەسخانىدىكى ئىشلارغا مەسئۇل بولغانلار ۋە خۇدانىڭ ئالدىدىكى ئىشلارغا مەسئۇل بولغانلار ھەم ئەلىئازارنىڭ ئەۋلادلىرىدىنمۇ ھەم ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىنمۇ بولدى. ◼ 24:5 +bd «مۇقەددەسخانىدىكى ئىشلارغا مەسئۇل بولغانلار»+bd* ــ بەلكىم ئىبادەتخانىدىكى ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ؛ «خۇدانىڭ ئالدىدىكى ئىشلارغا مەسئۇل بولغانلار» بولسا بەلكىم سوت-سوراق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى. ئەلىئازار ۋە ئىتامار دېگەن ئىككى جەمەتتىن ئىككى خىل ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغانلار بار ئىدى.*
6لاۋىي نەتانەلنىڭ ئوغلى شېمايا كاتىپ بولسا پادىشاھ، ئەمەلدارلار، كاھىن زادوك، ئابىياتارنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەك، شۇنداقلا كاھىنلارنىڭ ۋە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئىسمىنى پۈتۈپ قويدى. ئەلىئازارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدىن بىر جەمەت تاللاندى، ئاندىن ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدىنمۇ بىر جەمەت تاللاندى.
7بىرىنچى چەك يەھويارىبقا، ئىككىنچى چەك يەداياغا،
8ئۈچىنچى چەك ھارىمغا، تۆتىنچى چەك سېئورىمغا،
9بەشىنچى چەك مالكىياغا، ئالتىنچى چەك مىيامىنغا،
10يەتتىنچى چەك ھاككوزغا، سەككىزىنچى چەك ئابىياغا،
11توققۇزىنچى چەك يەشۇئاغا، ئونىنچى چەك شېكانىياغا،
12ئون بىرىنچى چەك ئەلىياشىبقا، ئون ئىككىنچى چەك ياكىمغا،
13ئون ئۈچىنچى چەك ھۇپپاغا، ئون تۆتىنچى چەك يەشەبىئابقا،
14ئون بەشىنچى چەك بىلگاھقا، ئون ئالتىنچى چەك ئىممەرگە،
15ئون يەتتىنچى چەك ھېزىرغا، ئون سەككىزىنچى چەك ھاپپىزەزگە،
16ئون توققۇزىنچى چەك پىتاھىياغا، يىگىرمىنچى چەك يەھەزكەلگە، ◼ 24:16 +bd «يەھەزكەل»+bd* ــ ئەزاكىيال دېگەن ئىسمىنىڭ باشقا بىر شەكلى.*
17يىگىرمە بىرىنچى چەك ياقىنغا، يىگىرمە ئىككىنچى چەك گامۇلغا،
18يىگىرمە ئۈچىنچى چەك دېلاياغا، يىگىرمە تۆتىنچى چەك مائازىياغا چىقتى.
19مانا بۇ ئۇلارنىڭ خىزمەت تەرتىپى؛ بۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئاتىسى ھارۇننىڭ ۋاستىسى بىلەن بۇيرۇغان نىزام بويىچە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىش نۆۋىتى ئىدى.
20لاۋىينىڭ قالغان ئەۋلادلىرى مۇنۇلار: ئامرامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن شۇبايەل؛ شۇبايەلنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە يەھدېيا بار ئىدى.
21رەھابىياغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى، جۈملىدىن تۇنجى ئوغلى يىسشىيا بار ئىدى.
22يىزھارنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدە شېلوموت؛ شېلوموتنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدە جاھات بار ئىدى.
23ھېبروننىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى يەرىيا، ئىككىنچىسى ئامارىيا، ئۈچىنچىسى ياھازىيەل، تۆتىنچىسى جەكامىيام ئىدى. ◼ 24:23 +bd «ھېبروننىڭ ئوغۇللىرى»+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە پەقەت «ئۇنىڭ ئوغۇللىرى» دېيىلىدۇ. لېكىن 19:23نى كۆرۈڭ.*
24ئۇززىيەلنىڭ ئوغۇللىرى: مىكاھ؛ مىكاھنىڭ ئوغۇللىرىدىن شامىر بار ئىدى.
25مىكاھنىڭ ئىنىسى يىسشىيا ئىدى؛ يىسشىيانىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدە زەكەرىيا بار ئىدى.
26مەرارىنىڭ ئوغۇللىرى: ماھلى ۋە مۇشى؛ يائازىيانىڭ ئوغلى بېنو ئىدى. ◼ 24:26 +bd «مەرارىنىڭ ئوغۇللىرى: ماھلى ۋە مۇشى؛ يائازىيانىڭ ئوغلى بېنو ئىدى»+bd* ــ بۇ ئايەتنىڭ باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى بار.*
27مەرارىنىڭ ئوغلى يائازىيادىن بولغان ئەۋلادلىرى بېنو، شوھام، زاككۇر ۋە ئىبرى بار ئىدى.
28ماھلىنىڭ ئوغلى ئەلىئازار ئىدى؛ ئەلىئازارنىڭ ئوغلى يوق ئىدى.
29كىشكە كەلسەك، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدە يەراھمىيەل بار ئىدى.
30مۇشىنىڭ ئوغۇللىرى ماھلى، ئېدەر ۋە يەرىموت ئىدى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمەتلىرى بويىچە پۈتۈلگەنىدى.