تارىخ-تەزكىرە «1» 4:1-42 UIGB2010 - Bible AI

1يەھۇدانىڭ ئوغۇللىرى پەرەز، ھەزرون، كارمى، خۇر ۋە شوبال ئىدى.

2شوبالنىڭ ئوغلى رېئايادىن جاھات تۆرەلدى؛ جاھاتتىن ئاخۇماي بىلەن لاخاد تۆرەلدى. بۇلار زوراتىي جەمەتىدىن ئىدى.

3ئېتامنىڭ ئوغۇللىرى يىزرەئەل، ئىشما، ئىدباش ئىدى؛ ئۇلارنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئىسمى ھازىلىلپونى ئىدى. ◼ 4:3 +bd «ئېتامنىڭ ئوغۇللىرى يىزرەئەل،...»+bd* ــ ياكى «ئېتامنىڭ ئاتىسىدىن بولغان: يىزرەئەل،...» (كۆپ كونا كۆچۈرمىلەردە «ئاتىسى» دېيىلىدۇ). مۇشۇ يەردە بىر قىسىم قەدىمكى تەرجىمە نۇسخىلىرىدىن پايدىلىنىپ «ئوغۇللىرى» دەپ ئالدۇق.*

4گەدورنىڭ ئاتىسى پەنۇئەل؛ خۇشاھنىڭ ئاتىسى ئېزەر ئىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى بەيت-لەھەمنىڭ ئاتىسى بولغان ئەفراتاھنىڭ تۇنجى ئوغلى خۇردىن تۆرەلگەن.

5تەكوئانىڭ ئاتىسى ئاشخورنىڭ ھېلاھ ۋە نائاراھ دېگەن ئىككى ئايالى بار ئىدى.

6نائاراھ ئاشخورغا ئاخۇززام، ھەفەر، تەمەنى، ئاخاشتارىنى تۇغۇپ بەردى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى نائاراھنىڭ ئوغۇللىرى.

7ھېلاھنىڭ ئوغۇللىرى زەرەت، زوھار بىلەن ئەتنان ۋە

8كوز ئىدى؛ كوزدىن ئانوب، ھاززىبىبا بىلەن خارۇمنىڭ ئوغلى ئاخارھەلنىڭ جەمەتلىرى تۆرەلدى.

9يابەز ئۆز قېرىنداشلىرى ئىچىدە ھەممىدىن بەك ھۆرمەتلىك ئىدى، ئانىسى: «تۇغۇتى ئۈستىدە بەك ئازاپلاندىم» دەپ ئۇنىڭغا يابەز دېگەن ئىسىمنى قويغان. ◼ 4:9 +bd «يابەز ئۆز قېرىنداشلىرى ئىچىدە... : «تۇغۇتى ئۈستىدە بەك ئازاپلاندىم» دەپ ئۇنىڭغا يابەز دېگەن ئىسىمنى قويغان»+bd* ــ يابەزنىڭ يەھۇدا جەمەتىنىڭ قايسى ئائىلىسىدىن چىققانلىقى توغرۇلۇق باشقا خەۋىرىمىز يوق. كورنىڭ ئائىلىسىدىن بولۇشى مۇمكىن (8-ئايەتنى كۆرۈڭ). ئىبرانىي تىلىدا «ئازاب» ۋە «يابەز» دېگەننىڭ تەلەپپۇزى يېقىن.*

10يابەز ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا نىدا قىلىپ: «مېنى ناھايىتى كۆپ بەرىكەتلىگەن بولساڭ، زېمىنىمنى كېڭەيتسەڭ، قولۇڭ بىلەن مېنى يۆلەپ، بالا-قازادىن ساقلاپ، ماڭا ئازاب-ئوقۇبەتنى كۆرسەتمىگەيسەن!» ــ دەپ تىلىدى. خۇدا ئۇنىڭ تىلىگىنى ئىجابەت ئەيلىدى.

11شۇخاھنىڭ ئىنىسى كېلۇبتىن مېخىر تۆرەلگەن؛ مېخىر ئېشتوننىڭ ئاتىسى ئىدى.

12ئېشتوندىن بەيت-رافا، پاسېئاھ ۋە ئىر-ناھاشنىڭ ئاتىسى تېخىنناھ تۆرەلدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى رىكاھلىقلار ئىدى. ◼ 4:12 +bd «ئىر-ناھاشنىڭ ئاتىسى»+bd* ــ ياكى «ناھاش شەھىرىدىكىلەرنىڭ ئاتىسى».*

13كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل بىلەن سېرايا ئىدى؛ ئوتنىيەلنىڭ ئوغلى خاتات بىلەن مېئونوتاي ئىدى.

14مېئونوتايدىن ئوفراھ تۆرەلدى. سېرايادىن «ھۈنەرۋەنلەر جىلغىسى»دىكىلەرنىڭ ئەجدادى بولغان يوئاب تۆرەلدى (ئۇلار ئەسلىدە ھۈنەرۋەنلەر ئىدى). ◼ 4:14 +bd «ھۈنەرۋەنلەر جىلغىسى»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «گې-خاراشىم».*

15يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبنىڭ ئوغۇللىرى ئىرۇ، ئېلاھ بىلەن نائام ئىدى؛ ئېلاھنىڭ ئوغلى كېناز ئىدى.

16يەھاللىلەلنىڭ ئوغۇللىرى زىف بىلەن زىفاھ، تىرىيا بىلەن ئاسارىيەل ئىدى.

17‏-18 ئەزرانىڭ ئوغۇللىرى: ــ يەتەر، مېرەد، ئېفەر ۋە يالونلار؛ مېرەد پىرەۋننىڭ قىزى بىتىيانى ئالدى؛ ئۇ ھامىلىدار بولۇپ مەرىيەم، شامماي بىلەن ئېشتېموئانىڭ ئاتىسى ئىشباھنى تۇغدى. بۇلار بىتىيادىن بولغان ئوغۇللار. مېرەدنىڭ يەھۇدالاردىن بولغان ئايالى بولسا گەدورنىڭ ئاتىسى يەرەدنى، سوكوھنىڭ ئاتىسى ھەبەر بىلەن زانوئاھنىڭ ئاتىسى يەكۇتىيەلنى تۇغدى.

19ناھامنىڭ سىڭلىسى خودىيانىڭ ئايالىدىن گارمىلىق كېئىلاھنىڭ ئاتىسى بىلەن مائاكات جەمەتىدىن بولغان ئېشتېموئانىڭ ئاتىسى تۆرەلگەن.

20شىموننىڭ ئوغۇللىرى ئامنون ۋە رىنناھ، بەن-ھانان بىلەن تىلون ئىدى.

21شېلاھ يەھۇدانىڭ ئوغلى ئىدى؛ ئۇنىڭدىن تۆرەلگەن لېكاھنىڭ ئاتىسى ئېر، مارەشاھنىڭ ئاتىسى لائاداھ ۋە بەيت-ئاشبىيادا ئولتۇراقلاشقان چەكمەن توقۇغۇچىلارنىڭ جەمەتلىرى

22ۋە يەنە يوكىم، كوزىبالىقلار، يوئاش بىلەن ساراف (بۇلار ئىككىسى موئاب يۇرتىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان) ۋە ياشۇبى-لەھەملەرمۇ بار ئىدى (بۇلارنىڭ ھەممىسى قەدىمكى خاتىرىلەردۇر).

23بۇلار نېتايىم ۋە گەدەراھدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، كۇلالچىلار ئىدى؛ ئۇلار شۇ يەردە تۇرۇپ پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى.

24نەمۇئەل ۋە يامىن، يارىب، زەراھ بىلەن سائۇل شىمېئوننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. ◼ 4:24 +bd «نەمۇئەل»+bd* ــ «يار.» 10:46دە «يەمۇئەل».*

25شاللوم سائۇلنىڭ ئوغلى؛ مىبسام شاللومنىڭ ئوغلى، مىشما مىبسامنىڭ ئوغلى ئىدى.

26مىشمانىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىلەر: ــ مىشمانىڭ ئوغلى خاممۇئىل؛ خاممۇئىلنىڭ ئوغلى زاككۇر؛ زاككۇرنىڭ ئوغلى شىمەي ئىدى.

27شىمەينىڭ ئون ئالتە ئوغلى، ئالتە قىزى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ ئاكا-ئىنىلىرىنىڭ پەرزەنتى كۆپ بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ جەمەتىنىڭ پەرزەنتلىرى يەھۇدا جەمەتىنىڭكىدەك ئۇنداق كۆپ بولمىغان.

28ئۇلار بەئەر-شېبا، مولاداھ، ھازار-شۇئال،

29بىلھاھ، ئېزەم، تولاد،

30بېتۇئەل، خورماھ، زىكلاگ،

31بەيت-ماركابوت، ھازار-سۇسىم، بەيت-بىرى ۋە شائارائىمغا ماكانلاشقانىدى. تاكى داۋۇت پادىشاھنىڭ دەۋرىگىچە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ئىدى.

32ئۇلار ئولتۇراقلاشقان جايلار ئېتام، ئايىن، رىممون، توكەن ۋە ئاشان قاتارلىق بەش شەھەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.

33ۋە بۇ شەھەرلەرنىڭ ئۆپچۈرىسىدىكى بارلىق يېزا-كەنتلەر تاكى بائالغا قەدەر شۇلارغا قارايتتى. بۇلار بولسا ئۇلار ماكانلاشقان جايلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز نەسەبنامىلىرىمۇ بار ئىدى. ◼ 4:33 +bd «بائالغا قەدەر...»+bd* ــ ياكى «بائالاتقا قەدەر...».*

34ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىرى* مېشوباب، ياملەك، ئامازىيانىڭ ئوغلى يوشاھ،

35يوئېل، يوسىبىيانىڭ ئوغلى يەھۇ (يوسىبىيا سېرايانىڭ ئوغلى، سېرايا ئاسىئەلنىڭ ئوغلى ئىدى)،

36ئەليويىناي، يائاكوباھ، يەشوھايا، ئاسايا، ئادىئەل، يەسىمىئەل، بىنايا

37ۋە شىفىنىڭ ئوغلى زىزالار ئىدى (شىفى ئاللوننىڭ ئوغلى، ئاللون يەدايانىڭ ئوغلى، يەدايا شىمرىنىڭ ئوغلى، شىمرى شېمايانىڭ ئوغلى ئىدى).

38يۇقىرىدا خاتىرىلەپ ئۆتۈلگەن ئىسىملارنىڭ ھەممىسى ھەرقايسى جەمەت باشلىرى ئىدى؛ بۇلارنىڭ جەمەتلىرىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى گۈللەنگەنىدى.

39ئۇلار قوي پادىلىرىغا ئوتلاق ئىزلەپ تاكى گەدور ئېغىزىغىچە، يەنى جىلغىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىگىچە بارغانىدى.

40ئۇلار شۇ يەردە ياپيېشىل، ناھايىتى مۇنبەت بىر ئوتلاق تاپقان؛ ئۇ يەر تولىمۇ كەڭ، ھەم تازا ھەم تىنچ ئىدى. ئىلگىرى شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقانلار ھامدىكىلەردىن ئىكەن.

41يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن كىشىلەر يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ زامانىدا شۇ ھامدىكىلەرنىڭ* چېدىرلىرىغا ۋە ئۇ يەرلەردە ئولتۇرۇشلۇق مىئونلۇقلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى تامامەن يوقاتقانىدى، تاكى بۈگۈنگە قەدەر؛ ئۇلار شۇلارنىڭ يەرلىرىگە ماكانلاشتى، چۈنكى ئۇ يەرلەردە پادىلىرىنى باققۇدەك ئوتلاق بار ئىدى.

42شۇ چاغلاردا شىمېئونلاردىن يەنە بەش يۈز كىشى سېئىر تېغىغا قاراپ ماڭدى، ئۇلارنىڭ يولباشچىلىرى يىشىنىڭ ئوغۇللىرى پىلاتىيا، نېئارىيا، رېفايا بىلەن ئۇزرىئەل ئىدى؛

article>