تارىخ-تەزكىرە «2» 11:1-22 UIGB2010 - Bible AI

1رەھوبوئام يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىپ پادىشاھلىقنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ ئەكىلىش ئۈچۈن يەھۇدا بىلەن بىنيامىن جەمەتىدىن بىر يۈز سەكسەن مىڭ خىللانغان جەڭگىۋار ئەسكەرنى توپلىدى.

2لېكىن خۇدانىڭ سۆزى خۇدانىڭ ئادىمى شېماياغا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ

3«يەھۇدانىڭ پادىشاھى، سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئامغا، يەھۇدا بىلەن بىنيامىندىكى ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ: ــ ◼ 11:3 +bd «يەھۇدا بىلەن بىنيامىندىكى ئىسرائىللار»+bd* ــ بەلكىم يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر، بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر (ئۆزلىرىنى «ئىسرائىللار» دەپ ھېسابلىغان، ئەلۋەتتە) ھەم يەھۇدا ۋە بىنيامىن يۇرتلىرىدا تۇرۇشلۇق باشقا قەبىلىلەردىن كەلگەن ئىسرائىللارنى كۆرسەتسە كېرەك.*

4«پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ھۇجۇمغا چىقماڭلار، قېرىنداشلىرىڭلار بىلەن جەڭ قىلماڭلار؛ ھەربىرىڭلار ئۆز ئۆيۈڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىش مەندىندۇر»، دېگىن».

5رەھوبوئام يېرۇسالېمدا تۇراتتى، ۋە يەھۇدادا قورغانلىق شەھەرلەرنى سالغۇزغانىدى.

6ئۇ بەيت-لەھەم، ئېتام، تەكوئا،

7بەيت-زۇر، سوكوھ، ئادۇللام،

8گات، مارەشاھ، زىف،

9ئادورايىم، لاقىش، ئازىكاھ،

10زوراھ، ئايجالون، ھېبروننى ياساتتى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى قورغانلىق شەھەرلەر بولۇپ، يەھۇدا ۋە بىنيامىننىڭ زېمىنىدا ئىدى. ◼ 11:10 +bd «زوراھ»+bd* ــ ياكى «زورېئاھ».*

11ئۇ بارلىق قەلئە-قورغانلارنى مۇستەھكەملىدى ۋە ئۇلاردا سەردارلارنى تەيىنلىدى، زاپاس ئاشلىق، ماي ۋە شارابلارنى تەييارلىدى. ◼ 11:11 +bd «بارلىق قەلئە-قورغانلار»+bd* ــ بەلكىم يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەھەرلەرنى، بولمىسا ئۇلاردىن ئايرىم تۇرىدىغان قەلئە-قورغانلارنى كۆرسىتىدۇ.*

12ئۇ يەنە ھەرقايسى شەھەرلەرنى كۆپلىگەن قالقان ۋە نەيزىلەر بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئالامەت مۇستەھكەملىۋەتتى. يەھۇدا بىلەن بىنيامىن ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇراتتى. ◼ 11:12 +bd «ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇراتتى»+bd* ــ ياكى «ئۇنىڭغا تەۋە ئىدى».*

13پۈتكۈل ئىسرائىلدا تۇرۇۋاتقان كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار قايسى يۇرتتا بولمىسۇن ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇراتتى.

14چۈنكى يەروبوئام بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى لاۋىيلارنى چەتكە قېقىپ، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ كاھىنلىق ئۆتكۈزۈشىنى چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئوتلاقلىرى ۋە مال-مۈلكىنى تاشلاپ يەھۇدا زېمىنغا ۋە يېرۇسالېمغا كېلىشكەنىدى

15(چۈنكى يەروبوئام «يۇقىرى جايلار»دىكى خىزمەت ئۈچۈن «تېكە ئىلاھلىرى» ۋە ئۆزى ياسىغان موزاي مەبۇدلىرىنىڭ قۇللۇقىدا بولۇشقا ئۆزى ئۈچۈن كاھىنلارنى تەيىنلىگەنىدى). ◼ 11:15 +bd «يۇقىرى جايلار»+bd* ــ تەۋراتتىكى «قان.» 5:12-14دە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك يەرلەردە، خۇدا ئىسرائىللارغا: بىرسى ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق قىلسا، پەقەت «ئۆزۈم تاللىغان جاي»دا قۇربانلىق قىلسۇن، دەپ تاپىلايدۇ. ئىسرائىلنىڭ تارىخىدا خۇدا مۇشۇنداق قۇربانلىق قىلىدىغان بىرنەچچە جاينى بېكىتكەنىدى (بىر ۋاقىتتا پەقەت بىرلا جاينى بېكىتكەنىدى). بىراق ئىسرائىللار بەلكىم ئۆز قولايلىقىنى كۆزلەپ (ۋە بەلكىم بۇتپەرەسلەرنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى دوراپ) خۇدانىڭ ئەمرىنى نەزىرىدىن ساقىت قىلىپ تاغ چوققىلىرى قاتارلىق يۇقىرى جايلاردا خۇداغا ئىبادەت قىلىپ قۇربانلىق قىلغان. بۇنىڭ شۇنداق بىر خەتىرى بار ئىدىكى، ئۇلار ئەتراپىدىكى بۇتپەرەسلەرنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، شۇ يەردە ھەرخىل بۇتلارغىمۇ چوقۇنۇپ، ھەتتا بۇتپەرەسلەرگە ئەگىشىپ «ئىنسان قۇربانلىق»لارنىمۇ قىلىشى مۇمكىن ۋە دەرۋەقە كۆپ ۋاقىتلاردا شۇنداق قىلدى (مەسىلەن، «ئەز.» 21:16، 26:20نى كۆرۈڭ).*

16ۋە بۇ لاۋىيلارغا* ئەگىشىپ، ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىدىن كۆڭلىدە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى سېغىنىپ-ئىزدەشكە ئىرادە تىكلىگەنلەر ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا كېلىشتى.

17شۇنداق قىلىپ ئۇلار يەھۇدا پادىشاھلىقىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئامنى ئۈچ يىل كۈچلەندۈردى؛ چۈنكى يەھۇدادىكىلەر* ئۈچ يىل داۋۇتنىڭ ۋە سۇلايماننىڭ يولىدا ماڭغانىدى.

18رەھوبوئام ماھالاتنى ئەمرىگە ئالدى. ماھالات داۋۇتنىڭ ئوغلى يەرىموتنىڭ قىزى؛ ئۇنىڭ ئانىسى يەسسەنىڭ ئوغلى ئېلىئابنىڭ قىزى ئابىھايىل ئىدى.

19ماھالاتتىن رەھوبوئامغا يەئۇش، شېمارىيا ۋە زاھام دېگەن ئوغۇللار تۆرەلدى.

20كېيىنكى ۋاقىتلاردا رەھوبوئام يەنە ئابشالومنىڭ نەۋرە* قىزى مائاكاھنى ئەمرىگە ئالدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا ئابىيا، ئاتتاي، زىزا ۋە شېلومىتلارنى تۇغۇپ بەردى.

21رەھوبوئام ئابشالومنىڭ نەۋرە* قىزى مائاكاھنى ئەمرىگە ئالغان بارلىق ئاياللىرى ۋە كېنىزەكلىرىدىن بەكرەك سۆيەتتى؛ چۈنكى ئۇ جەمئىي ئون سەككىز ئايال ۋە ئاتمىش كېنىزەكنى ئەمرىگە ئالغان؛ ئۇ جەمئىي يىگىرمە سەككىز ئوغۇل، ئاتمىش قىز پەرزەنت كۆرگەن.

22رەھوبوئام مائاكاھدىن بولغان ئوغلى ئابىيانى قېرىنداشلىرى ئىچىدە ھەممىدىن چوڭ شاھزادە قىلىپ تىكلىدى، چۈنكى ئۇ ئۇنى پادىشاھلىققا ۋارىس قىلماقچى ئىدى.

/article>