1يەھۇدا پادىشاھى يەھوشافات ئامان-ئېسەن يېرۇسالېمدىكى ئوردىسىغا قايتىپ كەلدى.
2ئالدىن كۆرگۈچى ھانانىنىڭ ئوغلى يەھۇ پادىشاھ يەھوشافاتنىڭ ئالدىغا چىقىپ: ــ سېنىڭ رەزىللەرنىڭ ياردىمىدە بولۇپ، پەرۋەردىگارغا ئۆچ بولغانلارنى سۆيگىنىڭ دۇرۇسمۇ؟ شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېشىڭغا چۈشىدىغان بولدى.
3ھالبۇكى، سەن ئاشەراھ بۇتلىرىنى زېمىندىن يوقىتىپ تاشلىغىنىڭ ۋە خۇدانى ئىزدەشكە نىيەت قىلغىنىڭ ئۈچۈن سەندىمۇ ياخشىلىق تېپىلدى، دېدى.
4يەھوشافات يېرۇسالېمدا ئولتۇراتتى؛ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ خەلق ئارىسىغا چىقىپ، بەئەر-شېبادىن تارتىپ ئەفرائىم تاغلىرىغىچە سەپەر قىلىپ، خەلقنى توۋا قىلدۇرۇپ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ياندۇردى. ◼ 19:4 +bd «بەئەر-شېبادىن تارتىپ ئەفرائىم تاغلىرىغىچە»+bd* ــ بەئەر-شېبا يەھۇدا زېمىنىدىكى ئەڭ جەنۇبىي چېگرا، ئەفرائىم تاغلىقى بولسا شىمالىي چېگرا ئىدى.*
5ئۇ يەنە يەھۇدا تەۋەسىدىكى بارلىق قورغانلىق شەھەرلەردە سوراقچىلارنى تەيىنلىدى؛
6ئۇ سوراقچىلارغا: ــ ئۆز قىلغانلىرىڭلارغا ئېھتىياتچان بولۇڭلار؛ چۈنكى سىلەرنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىڭلار ئىنسان ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار ئۈچۈندۇر؛ سىلەر ھۆكۈم چىقارغىنىڭلاردا ئۇ چوقۇم سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ.
7ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىمىسى كۆز ئالدىڭلاردا بولسۇن؛ ئۆز قىلغانلىرىڭلارغا ئېھتىياتچان بولۇڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدا ناھەقلىق يوق، يۈز-خاتىر قىلىش يوق، پارا يېيىشمۇ يوقتۇر، دېدى.
8يەھوشافات لاۋىيلاردىن، كاھىنلاردىن ۋە ئىسرائىل جەمەتلىرىنىڭ باشلىرىدىن بەزىلەرنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارنى يېرۇسالېمدىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈملىرىنى چىقىرىش ۋە خەلقنىڭ ئەرز-دەۋالىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا تەيىنلىدى. ◼ 19:8 +bd «پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈملىرىنى چىقىرىش»+bd* ــ ياكى «پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىش». بۇ تەرجىمە توغرا بولسا، بەلكىم ئىبادەتخانىدىكى ئىشلارنى (يەنى، پۇقرالارغا ئائىت بولمىغان ئىشلارنى) كۆرسىتىشى مۇمكىن.*
9يەھوشافات ئۇلارغا: ــ سىلەر بۇ ئىشلارنى پەرۋەردىگارنىڭ قورقۇنچىدا بولۇپ ساداقەتلىك بىلەن چىن كۆڭلۈڭلاردىن بېجىرىڭلار.
10ھەرقايسى شەھەرلەردە تۇرىدىغان قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئالدىڭلارغا ئېلىپ كەلگەن بارلىق ئەرز-دەۋاسى، مەيلى ئۇ خۇن دەۋاسى بولسۇن، قانۇن-ئەمر ۋە ھۆكۈم-بەلگىلىمىلەر توغرىسىدىكى ئەرز-دەۋا بولسۇن، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھكار بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئۆز بېشىڭلارغا ۋە قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ بېشىغا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى ھامان ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار، گۇناھكار بولمايسىلەر.