1كېيىنكى ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، موئابىيلار، ئاممونىيلار ۋە مائونىيلاردىن بەزىلىرى بىرلىشىپ كېلىپ يەھوشافاتقا ھۇجۇم قىلىشقا چىقتى.
2چاپارمەنلەر* كېلىپ يەھوشافاتقا: ــ ئۆلۈك* دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىدىن، يەنى ئېدومدىن سىلىگە ھۇجۇم قىلغىلى زور بىر قوشۇن چىقىپ كەلدى؛ مانا، ئۇلار ھازازون-تاماردا، دېدى (ھازازون-تامار يەنە «ئەن-گەدى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ).
3بۇنى ئاڭلىغان يەھوشافات قورقۇپ، پەرۋەردىگارنى ئىزدەشكە نىيەت باغلاپ، پۈتۈن يەھۇدا تەۋەسىدە «روزا تۇتۇشىمىز كېرەك» دەپ جاكارلىدى.
4يەھۇدالار ئەمدى پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلىگىلى يىغىلدى؛ خەلق يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن چىقىپ پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلەشكە كېلىشتى.
5يەھوشافات يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمدىكى جامائەت ئارىسىغا چىقىپ، پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ يېڭى ھويلىسىنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ
6مۇنداق دۇئا قىلىپ: ــ
7ئى خۇدايىمىز، سەن بۇ زېمىندىكى ئاھالىنى ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللار ئالدىدىن قوغلاپ، ئۇنى ئۆز دوستۇڭ ئىبراھىمنىڭ نەسلىگە مەڭگۈلۈك مىراس قىلىپ بەرگەن ئەمەسمىدىڭ؟
8ئۇلار شۇ يەردە تۇردى ھەم شۇ يەردە سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ بىر مۇقەددەسخانا سېلىپ:
9«مۇبادا بېشىمىزغا بىرەر بالايىئاپەت كەلسە، مەيلى ئۇ قىلىچ، جازا، ۋابا، ئاچارچىلىق بولسۇن، قىيىنچىلىقتا قالغان ۋاقتىمىزدا، مۇشۇ ئۆي، يەنى سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرۇپ، ساڭا مۇراجىئەت قىلساق (چۈنكى سېنىڭ نامىڭ مۇشۇ ئۆيدىدۇر)، سەن ئاڭلايسەن ۋە قۇتقۇزىسەن» دېگەنىدى.
10ئەمدى مانا، بۇ يەرگە ئاممونىيلار، موئابىيلار ۋە سېئىر تېغىدىكىلەر بېسىپ كېلىۋاتىدۇ! ئىلگىرى ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدىن چىققان چاغدا سەن ئىسرائىللارنىڭ ئۇلارغا تاجاۋۇز قىلىشىغا يول قويمىغانىدىڭ؛ ئۇ چاغدا ئىسرائىللار ئۇلارنى يوقاتماي ئۇ يەردىن ئايلىنىپ ئۆتكەن.
11ئەمدى قارا، ھازىر ئۇلارنىڭ ياخشىلىقىمىزنى قانداق يول بىلەن قايتۇرماقچى بولۇۋاتقىنىغا! ئۇلار بىزنى سەن بىزگە مىراس قىلىپ بەرگەن بۇ زېمىندىن قوغلاپ چىقارماقچى بولۇۋاتىدۇ.
12ئى خۇدايىمىز، سەن ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارمامسەن؟ چۈنكى بىزنىڭ بىزگە ھۇجۇم قىلىشقا كېلىۋاتقان بۇ زور قوشۇن بىلەن قارشىلاشقۇدەك كۈچىمىز يوق؛ نېمە قىلىشىمىزنىمۇ بىلمەي قالدۇق؛ لېكىن بىزنىڭ كۆزىمىز ساڭا تىكىلىپ تۇرماقتا» ــ دېدى.
13بۇ چاغدا پۈتۈن يەھۇدا خەلقى، ئۇلارنىڭ قۇچاقتىكى بالىلىرى، خوتۇن بالا-چاقىلىرىنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇراتتى.
14ۋە شۇ پەيتتە پەرۋەردىگارنىڭ روھى جامائەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان لاۋىيلاردىن ئاسافنىڭ ئەۋلادى بولغان ماتتانىيانىڭ چەۋرىسى، يەئىيەلنىڭ ئەۋرىسى، بىنايانىڭ نەۋرىسى، زەكەرىيانىڭ ئوغلى ياھازىيەلگە چۈشتى؛
15ئۇ: ــ ئى پۈتۈن يەھۇدا خەلقى، سىلەر يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ۋە پادىشاھ يەھوشافات، قۇلاق سېلىڭلار! پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر بۇ زور قوشۇندىن قورقۇپ كەتمەڭلار ۋە ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى بۇ جەڭ سىلەرنىڭكى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆزىنىڭكىدۇر.
16ئەتە ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا چىقىڭلار؛ مانا، ئۇلار زىز داۋانىدىن چىقىپ كېلىدۇ ۋە سىلەر ئۇلارنى يەرۇئەل چۆلىنىڭ ئالدىدىكى جىلغا ئېغىزىدا ئۇچرىتىسىلەر.
17سىلەر بۇ دۆرەم جەڭدە ئۇرۇشۇشۇڭلارنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ؛ پەقەت سەپكە تىزىلىپ تۇرۇڭلار، سىلەر بىلەن بىللە بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نىجات-نۇسرىتىنى كۆرۈڭلار! ئى يەھۇدا، ئى يېرۇسالېمدىكىلەر، قورقماڭلار، ئالاقزادىمۇ بولۇپ كەتمەڭلار؛ ئەتە ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا چىقىڭلار، پەرۋەردىگار چوقۇم سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ!» ــ دېدى.
18بۇ گەپنى ئاڭلاپ يەھوشافات بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تىزلاندى ۋە بارلىق يەھۇدا خەلقى ھەم يېرۇسالېمدىكىلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا دۈم يىقىلىپ پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى.
19كوھات ئەۋلادى ۋە كوراھ ئەۋلادى ئىچىدىكى لاۋىيلاردىن بولغانلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ئىنتايىن كۈچلۈك ئاۋاز بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەشتى.
20پۈتۈن خەلق ئەتىسى قاق سەھەردە تۇرۇپ تەكوئا چۆلىگە قاراپ ئاتلاندى؛ ئۇلار ئاتلىنىپ كېتىۋاتقاندا، يەھوشافات ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارغا: ــ ئى يەھۇدا خەلقى، ئى يېرۇسالېمدىكىلەر، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار، چوقۇم مەزمۇت تۇرغۇزۇلىسىلەر؛ ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشىنىڭلار، يولۇڭلار چوقۇم راۋان بولىدۇ! ــ دېدى.
21ئاندىن ئۇ خەلق بىلەن ئوبدان مەسلىھەتلىشىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس بەھەيۋەتلىكىنى مەدھىيىلەپ، ئۇنىڭغا ئاتاپ غەزەل-كۈي ئېيتىدىغانلارنى: «سىلەر پەرۋەردىگارغا رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!» دەپ ئوقۇشقا تەيىنلەپ، قوشۇننىڭ ئالدىدا ماڭدۇردى. ◼ 20:21 +bd «مۇقەددەس بەھەيۋەتلىكىنى مەدھىيىلەپ...»+bd* ــ ياكى «پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ گۈزەللىكىدە مەدھىيىلەپ...». «زەب.» 2:29نى كۆرۈڭ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «شاھانە كىيىملەرنى كىيگەن...».*
22ئۇلار تەنتەنە قىلىپ ھەمدۇسانا ئوقۇشى بىلەن، پەرۋەردىگار يەھۇدا خەلقىگە ھۇجۇم قىلىشقا چىققان ئاممونىيلار، موئابىيلار ۋە سېئىر تېغىدىكىلەرگە پىستىرما قوشۇننى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى تارمار قىلدۇردى. ◼ 20:22 +bd «پەرۋەردىگار ... پىستىرما قوشۇننى ئەۋەتتى،...»+bd* ــ مۇشۇ سىرلىق سۆزلەر (1) پەرۋەردىگار ئاممونىيلار قاتارلىقلارغا ھۇجۇم قىلىشقا پەرىشتىلەرنى ئەۋەتتى؛ (2) پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى، دەپ كۆرسىتىشى مۇمكىن.*
23شۇنىڭ بىلەن ئاممونىيلار بىلەن موئابىيلار سېئىر تېغىدىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا ئۆتتى، ئۇلارنى بىرىنى قويماي قىرىۋەتتى؛ ئۇلار سېئىر تېغىدىكىلەرنى قىرىپ تۈگەتكەندىن كېيىن يەنە ئۆزلىرى بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىشقا چۈشكەنىدى.
24يەھۇدالار چۆلدىكى كۆزەتگاھقا كېلىپ شۇ زور قوشۇن تەرەپكە قارىسا، مانا قېچىپ قۇتۇلغان بىرمۇ ئادەم يوق بولۇپ، ھەممە يەرنى ئۆلۈك قاپلاپ كەتكەنىدى. ◼ 20:24 +bd «كۆزەتگاھ»+bd* ــ ياكى «كۆزەت مۇنارى».*
25يەھوشافات ئۆزىنىڭ ئادەملىرى بىلەن دۈشمەندىن ئولجا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا كەلگەندە، ئۇلار ئۆلۈكلەر بىلەن بىللە نۇرغۇن مال-مۈلۈك ۋە كۆپ قىممەتلىك بۇيۇملارنى تاپتى. ئۇلار سالدۇرۇۋالغانلىرىنىڭ تولىلىقىدىن ئېلىپ كېتەلمەي قالدى؛ ئولجا شۇنچە كۆپ بولغاچقا، ئۇنى يىغىۋېلىشقا ئۈچ كۈن كەتتى.
26ئۇلار تۆتىنچى كۈنى بەراكاھ جىلغىسىغا يىغىلىپ، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇپ مۇبارەكلىدى؛ شۇڭا ئۇ يەر تاكى بۈگۈنگە قەدەر «بەراكاھ جىلغىسى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. ◼ 20:26 +bd «...بەراكاھ جىلغىسىغا يىغىلىپ، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇپ مۇبارەكلىدى..»+bd* ــ دېمىسەكمۇ، «بەراكاھ» دېگەننىڭ مەنىسى «مۇبارەكلەش» ياكى «بەخت-بەرىكەت تىلەش» دېگەن مەنىدە.*
27ئاندىن بارلىق يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدىكىلەر يەھوشافاتنىڭ باشلامچىلىقىدا خۇشال-خۇرام بولۇپ يېرۇسالېمغا قايتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىب قىلىپ خۇشاللىققا چۆمدۈرگەنىدى.
28ئۇلار يېرۇسالېمغا تەمبۇر، چىلتار ۋە كانايلار چېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىردى.
29بارلىق ئەل-مەملىكەتلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى چىقىپ جەڭ قىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، خۇدانىڭ ۋەھىمىسى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باستى.
30شۇنىڭ بىلەن يەھوشافاتنىڭ پادىشاھلىقى تىنچ-ئاسايىشلىقتا بولدى؛ ئۇنىڭ خۇداسى ئۇنىڭ تۆت ئەتراپىنى تىنچ قىلغانىدى.
31شۇنداق قىلىپ يەھوشافات يەھۇدا ئۈستىگە ھۆكۈم سۈردى. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا ئوتتۇز بەش ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا يىگىرمە بەش يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئازۇباھ بولۇپ، ئۇ شىلھىنىڭ قىزى ئىدى. ◘ 20:31 1پاد. 22:41-51*
32يەھوشافات قايماي ئاتىسى ئاسانىڭ يولىدا مېڭىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى.
33پەقەت «يۇقىرى جايلار»لا يوقىتىلمىغانىدى؛ خەلق تېخىچە كۆڭۈللىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسىغا مايىل قىلمىغانىدى.
34يەھوشافاتنىڭ قالغان ئىشلىرى بولسا، مانا باشتىن ئاخىرىغىچە «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»غا كىرگۈزۈلگەن «ھانانىنىڭ ئوغلى يەھۇنىڭ بايان سۆزلىرى»دە پۈتۈلگەندۇر. ◼ 20:34 +bd «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»+bd* ــ بۇ كىتاب تەۋراتتىكى ئۇشبۇ «تارىخ-تەزكىرىلەر» ئەمەس، بىراق شۈبھىسىزكى، ئۇشبۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپلىرى ئۇنىڭدىن كۆپ ئۇچۇرلارنى ئالغانىدى.*
35بۇ ئىشلاردىن كېيىن يەھۇدا پادىشاھى يەھوشافات تولا رەزىل ئىشلارنى قىلغان ئىسرائىل پادىشاھى ئاھازىيا بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى.
36يەھوشافات تارشىشقا بارىدىغان كېمىلەرنى ياساشقا ئۇنىڭ بىلەن شىرىكلەشتى؛ شۇ كېمىلەرنى ئۇلار ئەزىئون-گەبەردە ياساتتى.