1ماناسسەھ پادىشاھ بولغاندا ئون ئىككى ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئەللىك بەش يىل سەلتەنەت قىلدى.
2ئۇ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن يات ئەللىكلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرىگە ئوخشاش ئىشلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى.
3ئۇ ئاتىسى ھەزەكىيا چېقىپ تاشلىغان «يۇقىرى جايلار»نى قايتىدىن ياساتتى؛ ئۇ بائاللارغا ئاتاپ قۇربانگاھلارنى سالدۇرۇپ، ئاشەراھ مەبۇدلارنى ياسىدى؛ ئۇ ئاسماندىكى نۇرغۇنلىغان ئاي-يۇلتۇزلارغا باش ئۇردى ۋە ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىردى. ◼ 33:3 +bd «ئاسماندىكى نۇرغۇنلىغان ئاي-يۇلتۇزلار»+bd* ــ ياكى «ئاسماننىڭ قوشۇنى»، يەنى ئاسماندىكى نۇرغۇنلىغان ئاي-يۇلتۇزلارنى كۆرسىتىدۇ. تەۋراتتىن بىلىمىزكى، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ پەرىشتىلەر ۋە بەلكىم ئاسماندىكى يامان كۈچلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى بار («زەب.» 4:147، «ئايۇپ» 4:38-7، «ۋەھ.» 4:12نى كۆرۈڭ).*
4ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىمۇ قۇربانگاھلارنى ياساتتى. شۇ ئىبادەتخانا توغرۇلۇق پەرۋەردىگار: «يېرۇسالېمدا مېنىڭ نامىم مەڭگۈ قالىدۇ» دېگەنىدى.
5ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىككى ھويلىسىدا «ئاسماننىڭ قوشۇنى»غا قۇربانگاھلارنى ئاتاپ ياساتتى. ◼ 33:5 +bd «ئاسماننىڭ قوشۇنى»+bd* ــ مۇشۇ يەردە قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى كۆرسىتىدۇ.*
6ئۇ بەن-ھىننومنىڭ جىلغىسىدا ئۆز بالىلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزدى؛ جادۇگەرچىلىك، پالچىلىق ۋە دەمىدىچىلىك ئىشلەتتى، ئۆزىگە جىنكەشلەر بىلەن ئەپسۇنچىلارنى بېكىتتى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە سان-ساناقسىز رەزىللىكنى قىلىپ ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. ◼ 33:6 +bd «بەن-ھىننومنىڭ جىلغىسى»+bd* ــ يەنى «ھىننومنىڭ ئوغلىنىڭ جىلغىسى». «يەشۇئا» 29:8نى كۆرۈڭ. بۇ جىلغا ئەسلى «گې-ھىننوم» دەپ ئاتىلاتتى (ئەرەبچە «جەھەننەم»). +bd «...بالىلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈش»+bd* ــ بەلكىم «ئىنسانىي قۇربانلىق»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن.*
7ئۇ ياساتقان ئويما مەبۇدنى خۇدانىڭ ئۆيىگە تىكلىدى. شۇ ئۆي توغرۇلۇق پەرۋەردىگار داۋۇتقا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمانغا: ــ «بۇ ئۆيدە، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرى ئارىسىدىن مەن تاللىغان يېرۇسالېمدا ئۆز نامىمنى ئەبەدگىچە قالدۇرىمەن؛
8ئەگەر ئىسرائىل پەقەت مەن مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۇلارغا تاپىلىغان بارلىق ئەمرلەرگە، يەنى بارلىق قانۇن، بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەرگە مۇۋاپىق ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويسىلا، مەن ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىغا بېكىتكەن بۇ زېمىندىن قايتىدىن نېرى قىلمايمەن» ــ دېگەنىدى.
9لېكىن ماناسسەھ يەھۇدالارنى ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرنى شۇنداق ئازدۇردىكى، ئۇلار پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھالاك قىلغان يات ئەللىكلەرنىڭ قىلغىنىدىنمۇ ئاشۇرۇپ رەزىللىك قىلاتتى.
10پەرۋەردىگار ماناسسەھ ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئاگاھلاندۇرۇپ سۆزلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قۇلاق سالمىدى.
11شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قوشۇنىدىكى سەردارلارنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇمغا سالدۇردى. ئۇلار ماناسسەھنى ئىلمەك بىلەن ئېلىپ، مىس زەنجىر بىلەن باغلاپ بابىلغا ئەكەلدى. ◼ 33:11 +bd «ئۇلار ماناسسەھنى ئىلمەك بىلەن ئېلىپ...»+bd* ــ ئاسۇرىيە پادىشاھلىرى تۇتقۇنلارنى خارلاش ئۈچۈن ئىلمەكلەرنى بۇرنىدىن ئۆتكۈزۈپ يېتىلەيتتى. «يەش.» 29:37 ۋە «ھاب.» 15:1 بىلەن سېلىشتۇرۇڭ.*
12ماناسسەھ مۇشۇنداق ئازابقا چۈشكەندە خۇداسى پەرۋەردىگارغا يالۋۇرۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى ئالدىدا ئۆزىنى بەك تۆۋەن تۇتتى.
13ئۇ دۇئا قىلىۋىدى، پەرۋەردىگار* ئۇنىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سېلىپ، تىلىكىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ، پادىشاھلىقىغا قايتىدىن ئىگە قىلدى. ماناسسەھ شۇ چاغدىلا پەرۋەردىگارنىڭلا خۇدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى.
14بۇ ئىشلاردىن كېيىن ماناسسەھ «داۋۇت شەھىرى»نىڭ سىرتىغا، جىلغا ئوتتۇرىسىدىكى گىھوننىڭ كۈنپېتىش تەرىپىدىن تاكى بېلىق دەرۋازىسى ئاغزىغىچە، ئوفەلنى چۆرىدەپ سېپىل ياساتتى ۋە ئۇنى ناھايىتى ئېگىز قىلدى؛ يەھۇدانىڭ ھەرقايسى قورغانلىق شەھەرلىرىدە قوشۇن سەردارلىرىنى تەيىنلىدى.
15ئۇ يەنە پەرۋەردىگار ئۆيىدىن يات ئەللىكلەرنىڭ مەبۇدلىرى بىلەن ئۆزى قويغان* بۇتنى، ئۆزى پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ تېغى بىلەن يېرۇسالېمدا ياساتقۇزغان بارلىق قۇربانگاھلارنى ئېلىۋېتىپ، شەھەر سىرتىغا تاشلاتقۇزۇۋەتتى.
16ماناسسەھ* پەرۋەردىگار قۇربانگاھىنى يېڭىباشتىن تىكلىتىپ، قۇربانگاھقا ئىناقلىق قۇربانلىقى بىلەن تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى سۇندى ۋە يەھۇدالارغا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە كىرىشنى بۇيرۇدى.
17شۇنداقتىمۇ، خەلق قۇربانلىقنى يەنىلا «يۇقىرى جايلار»دا ئۆتكۈزەتتى؛ لېكىن ئۇلارنىڭ قۇربانلىقلىرى ئۆزلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغىلا سۇنۇلاتتى.
18ماناسسەھنىڭ قالغان ئىشلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ خۇداسىغا قىلغان دۇئاسى ۋە ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا ئۇنىڭغا ئېيتقان گەپلىرى بولسا، مانا ئۇلار «ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ خاتىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر.
19ئۇنىڭ دۇئاسى، خۇدانىڭ ئۇنىڭ تىلەكلىرىنى قانداق ئىجابەت قىلغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆزىنى تۆۋەن قىلىشىدىن ئىلگىرى قىلغان بارلىق گۇناھى ۋە ۋاپاسىزلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ قەيەردە «يۇقىرى جايلار» سالدۇرغانلىقى، ئاشەراھ مەبۇدلىرى ھەم ئويما مەبۇدلارنى تىكلىگەنلىكى بولسا، مانا ھەممىسى «ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىڭ خاتىرىلىرىدە» پۈتۈلگەندۇر. ◼ 33:19 +bd «ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىڭ خاتىرىلىرىدە»+bd* ــ ياكى «ھوزاينىڭ خاتىرىلىرىدە».*
20ماناسسەھ ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ كىشىلەر ئۇنى ئۆز ئوردىسىغا دەپنە قىلدى؛ ئوغلى ئامون ئورنىغا پادىشاھ بولدى.
21ئامون تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە ئىككى ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى.
22ئۇ ئاتىسى ماناسسەھ قىلغىنىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. ئۇ ئاتىسى ماناسسەھ ياساتقان بارلىق ئويما مەبۇدلارغا قۇربانلىق سۇندى ۋە ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىردى.
23ئۇ ئۆزىنى پەرۋەردىگار ئالدىدا ئاتىسى ماناسسەھ ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاندەك تۆۋەن تۇتمىدى؛ بۇ ئاموننىڭ بولسا گۇناھ-قەبىھلىكلىرى بارغانسېرى ئېشىپ باردى.
24كېيىن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنى قەستلەپ ئۆز ئوردىسىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى.