1شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن قىلىدىغان بارلىق قۇرۇلۇشلار تامام بولغاندا، ئۇ ئاتىسى داۋۇت خۇداغا* ئاتاپ بېغىشلىغان نەرسىلەرنى (يەنى كۈمۈش، ئالتۇن ۋە ھەممە باشقا بۇيۇملارنى) ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنىلىرىگە قويدۇردى.
2شۇ چاغدا سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن، يەنى زىئوندىن يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنى، قەبىلە بەگلىرىنى ۋە ئىسرائىل جەمەتلىرىنىڭ بەگلىرىنى يېرۇسالېمغا يىغىلىشقا چاقىردى.
3بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى ئېتانىم ئېيىدا، يەنى يەتتىنچى ئايدا، بېكىتىلگەن ھېيتتا پادىشاھنىڭ قېشىغا يىغىلدى ◼ 5:3 +bd «يەتتىنچى ئايدا بېكىتىلگەن ھېيت»+bd* ــ بۇ ھېيت «كەپىلەر ھېيتى» (يەنە «چېدىر ھېيتى» ياكى «مېۋە ھوسۇل ھېيتى»مۇ دەپ ئاتىلاتتى)، 7-ئاينىڭ 15-22 كۈنلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ («لاۋ.» 34:23). ئىسرائىلنىڭ ئەرلىرى ئۇنىڭغا يېرۇسالېمدا قاتنىشىشى لازىم ئىدى.*
4ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى يېتىپ كەلگەندە لاۋىيلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭدى*.
5ئۇلار ئەھدە ساندۇقىنى، جامائەت چېدىرى بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقتى. كاھىنلار بولغان لاۋىيلار مۇشۇلارنى ئېلىپ چىقتى. ◼ 5:5 +bd «جامائەت چېدىرى»+bd* ــ ياكى «جامائەت يىغىلىدىغان چېدىر»، يەنى «ئىبادەت چېدىرى».*
6سۇلايمان پادىشاھ ۋە بارلىق ئىسرائىل جامائىتى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، كۆپلىكىدىن سانىنى ئېلىپ بولمايدىغان سان-ساناقسىز قوي بىلەن كالىنى قۇربانلىق قىلىۋاتاتتى.
7كاھىنلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆز جايىغا، ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى «كالامخانا»سىغا، يەنى ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىپ كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرىنىڭ ئاستىغا قويدى. ◼ 5:7 +bd «كالامخانا»+bd* ــ «ئەڭ مۇقەددەس جاي»نىڭ يەنە بىر ئاتىلىشىدۇر. 16:3دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.*
8كېرۇبلارنىڭ يېيىلىپ تۇرغان قانىتى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئورنى ئۈستىدە بولغاچقا، ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان بالداقلارنى يېپىپ تۇراتتى.
9بۇ بالداقلار ساندۇقنىڭ تۇتقۇچلىرىدىن ناھايىتى ئۇزۇن چىقىپ تۇرغاچقا، كالامخانىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىدىكى ئىككى بالداقنىڭ ئۇچلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى، بىراق ئۆينىڭ سىرتىدا ئۇلارنى كۆرگىلى بولمايتتى؛ بۇ بالداقلار تاكى بۈگۈنگە قەدەر شۇ يەردە تۇرماقتا. ◼ 5:9 +bd «بۈگۈنگە قەدەر...»+bd* ــ بۇ ئىبارە شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، «تارىخ-تەزكىرە»نىڭ خاتىرىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىبادەتخانا تېخى ئۆز جايىدا تۇرغان ۋاقتىدا، سۈرگۈن بولۇشتىن ئىلگىرى يېزىلغان (36-باب، 11-23-ئايەتلەرنى بەلكىم كېيىنكى بىر خاتىرىچى قوشۇپ يازغان).*
10ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىدە مۇسا پەيغەمبەر ھورەب تېغىدا تۇرغاندا ئىچىگە سالغان ئىككى تاختايدىن باشقا ھېچنەرسە يوق ئىدى (ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىن پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن ھورەبدە ئەھدە تۈزگەنىدى). ◼ 5:10 +bd «ھورەب تېغى» +bd* ــ سىناي تېغىنىڭ باشقا بىر ئىسمىدۇر.*
11كاھىنلار مۇقەددەس جايدىن چىقىشتى (شۇ يەردە ھازىر بولغان بارلىق كاھىنلار، ئۆز نۆۋىتىگە قارىماي ئۆزلىرىنى خۇداغا ئاتاپ پاكىزلىغانىدى؛ ◼ 5:11 +bd «كاھىنلار... ئۆزلىرىنى خۇداغا ئاتاپ پاكىزلىغانىدى»+bd* ــ مۇشۇ «پاكىزلاش» تەۋراتتىكى تاھارەت بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى (مەسىلەن، «لاۋ.» 21-باب، 1:22-9نى كۆرۈڭ).*
12نەغمە-ناۋاچى بارلىق لاۋىيلار، جۈملىدىن ئاساف، ھېمان، يەدۇتۇن ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى ھەم قېرىنداشلىرى چەكمەن تونلىرىنى كىيىشىپ، قۇربانگاھنىڭ شەرقىدە تۇرۇپ جاڭ، تەمبۇر ۋە چىلتارلار چېلىشىۋاتقانىدى؛ ئۇلار بىلەن بىللە كاناي چېلىۋاتقان يەنە بىر يۈز يىگىرمە كاھىن بار ئىدى)
13ۋە شۇنداق بولدۇكى، كانايچىلار بىلەن نەغمە-ناۋاچىلار ھەممىسى بىردەك چېلىپ، بىر ئاۋاز بىلەن پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئېيتىۋاتقاندا، يەنى كانايلار، جاڭلار ۋە ھەرخىل سازلارنى چېلىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن «پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئەبەدىلئەبەدگىچىدۇر» دەپ پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەۋاتقاندا ــ شۇ ھامان ئىبادەتخانا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى بىر بۇلۇت بىلەن تولدۇرۇلدى؛