1شۇنداق بولدىكى، يىگىرمە يىل ئۆتۈپ، سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى بىلەن پادىشاھنىڭ ئۆيىنى ياساپ بولغاندىن كېيىن،
2ئۇ ھىرام ئۆزىگە سوۋغا قىلغان شەھەرلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى؛ ئىسرائىللار شۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى. ◼ 8:2 +bd «ھىرام»+bd* ــ ياكى «ھۇرام»، يەنى تۇرنىڭ پادىشاھى.*
3سۇلايمان خامات-زوباھ شەھىرىگە بېرىپ ئۇنى ئىشغال قىلدى.
4ئۇ يەنە چۆلدىكى تادمورنى ۋە ئۆزىنىڭ خاماتتا قۇرغان بارلىق خەزىنە شەھەرلىرىنى يەنە ئوڭشىتىپ قۇردى.
5ئۇ يەنە ئۈستۈنكى بەيت-ھورون بىلەن ئاستىنقى بەيت-ھوروننى سېپىل، بالداقلىق قوۋۇقلىرى بولغان قورغانلىق شەھەرلەرگە ئايلاندۇردى؛
6بائالاتنى، شۇنداقلا ئۆزىگە خاس ھەممە خەزىنە شەھەرلىرىنى، «جەڭ ھارۋىسى شەھەرلىرى»نى، ئاتلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرغان شەھەرلەرنى ۋە يېرۇسالېمدا، لىۋاندا ۋە ئۆزى سورايدىغان بارلىق زېمىندا خالىغىنىنى بىنا قىلدى.
7ئىسرائىلدىن بولمىغان ھىتتىيلار، ئامورىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلاردىن ئىسرائىل* زېمىنىدا قېلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى بولسا،
8سۇلايمان بۇلارنى، يەنى ئىسرائىللار پۈتۈنلەي يوقاتمىغان ئەللەرنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىنى قۇللۇق ھاشارغا تۇتتى. ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق بولۇپ كەلدى. ◼ 8:8 +bd «ئىسرائىللار پۈتۈنلەي يوقاتمىغان ئەللەر...»+bd* ــ بۇ ۋەقەلەر يەشۇئا پەيغەمبەر زامانىدا بولغان. تەۋراتتىكى «يەشۇئا»نى كۆرۈڭ. مۇشۇ ھاشارچىلار 5:13-16دە خاتىرىلەنگەنلەردىن باشقا ھاشارچىلار بولسا كېرەك ئىدى. +bd «ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق بولۇپ كەلدى»+bd* ــ بۇ سۆز ئىسرائىللار تېخى ئۆز ۋەتىنىدە تۇرغان ۋاقتىدا خاتىرىلەنگەن، ئەلۋەتتە.*
9لېكىن ئىسرائىللاردىن سۇلايمان ئۆز ئىشلىرى ئۈچۈن ھېچكىمنى قۇل قىلماي، بەلكى ئۇلارنى لەشكەر، ھۆكۈمدار-ئەمەلدار، ھارۋا بىلەن ئاتلىقلارنىڭ سەردارلىرى قىلدى.
10بۇلاردىن پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئۈستىگە قويغان چوڭ نازارەتچىلىرى بولۇپ، ئىككى يۈز ئەللىك ئىدى. ◼ 8:10 +bd «چوڭ نازارەتچىلىرى... ئىككى يۈز ئەللىك ئىدى»+bd* ــ «1پاد.» 23:9دە بۇ سان بەش يۈز ئەللىك دېيىلىدۇ. بەلكى بۇ سانلار باشقا-باشقا ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.*
11سۇلايمان پىرەۋننىڭ قىزىنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دىن ئۆزى ئۇنىڭغا سالدۇرغان ئوردىغا ئەكەلتۈردى؛ چۈنكى ئۇ: «ئايالىمنىڭ ئىسرائىل پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوردىسىدا تۇرۇشى مۇۋاپىق ئەمەس؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بارغانلىكى جايلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەستۇر»، ــ دېدى. ◼ 8:11 +bd «سۇلايمان پىرەۋننىڭ قىزىنى ... ئۆزى ئۇنىڭغا سالدۇرغان ئوردىغا ئەكەلتۈردى؛ چۈنكى ئۇ: «ئايالىمنىڭ ئىسرائىل پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوردىسىدا تۇرۇشى مۇۋاپىق ئەمەس»+bd* ــ ئۇنىڭ شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ سەۋەبى، پىرەۋننىڭ قىزى يەھۇدىي بولمىغاچقا ۋە بەلكىم پەرۋەردىگاردىن قورقمىغانلىقى ئۈچۈن ئىدى.*
12سۇلايمان بۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىدا، يەنى مۇقەددەس جاينىڭ* ئايۋىنىنىڭ ئالدىغا سالدۇرغان قۇربانگاھتا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق تەقدىم قىلاتتى؛
13ــ يەنى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، ھەر كۈنى، شابات كۈنلىرىدە، ئاينىڭ بىرىنچى كۈنلىرىدە ۋە ھەر يىلدا ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالاھىدە ھېيت كۈنلىرىدە ــ «پېتىر نان ھېيتى»، «ھەپتىلەر ھېيتى» ۋە «كەپىلەر ھېيتى»دىكى كۈنلەردە بېكىتىلگەن بۇرچلۇق قۇربانلىقلارنى قىلاتتى. ◼ 8:13 +bd «پېتىر نان ھېيتى»+bd* ــ يەنە «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» ياكى «پاسخا ھېيتى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» «پېتىر نان ھېيتى»نىڭ بىرىنچى كۈنىدىلا ئۆتكۈزۈلىدۇ. +bd «كەپىلەر ھېيتى»+bd* ــ «ھەپتىلەر ھېيتى» ــ يەنى «دەسلەپكى ھوسۇل ھېيتى» دەپ ئاتىلىدۇ.*
14سۇلايمان يەنە ئاتىسى داۋۇتنىڭ بەلگىلەپ بەرگىنى بويىچە كاھىنلارنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ ۋە لاۋىيلارنىڭ بۇرچلىرىنىڭ ئادا قىلىنىشى ئۈچۈن نۆۋەت-گۇرۇپپىلارنى بېكىتتى؛ لاۋىيلارنىڭ ھەر كۈنى مەدھىيە ئوقۇش ۋە كاھىنلارنىڭ ئالدىدا خىزمەتلەرنى ئادا قىلىش بۇرچى بار ئىدى. سۇلايمان يەنە دەرۋازىۋەنلەرنى نۆۋىتى بويىچە ھەر دەرۋازىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا بېكىتتى؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئادىمى داۋۇتنىڭ بۇيرۇقى شۇنداق ئىدى.
15كاھىن-لاۋىيلار* پادىشاھنىڭ كاھىنلارغا ۋە لاۋىيلارغا بۇيرۇغانلىرىدىن، مەيلى قانداق ئىش بولسۇن ياكى خەزىنىلەرگە دائىر ئىش بولسۇن ھېچ باش تارتمايتتى.
16پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى سېلىشتا، ئۆي ئۇلى سېلىنغان كۈندىن تارتىپ پۈتكۈچە سۇلايماننىڭ بارلىق قۇرۇلۇش ئىشلىرى پۇختا تاماملاندى. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى پۈتتى.
17ئاندىن سۇلايمان ئېدوم زېمىنىدا قىزىل* دېڭىز بويىدىكى ئەزىئون-گەبەرگە ۋە ئېلاتقا قاراپ ماڭدى.