1جامائەتتىكىلەرگە* شۇنى ئەسلىتىپ تۇرغىنكى، ئۇلار ھۆكۈمرانلارغا ۋە ھوقۇقدارلارغا بويسۇنۇپ، شۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىسۇن، ھەرقانداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار تۇرسۇن، ◘ 3:1 رىم. 13:1، 3-7؛ 1پېت. 2:13. *
2ھېچكىمنىڭ يامان گېپىنى قىلمىسۇن، جېدەلخور بولمىسۇن، مۇلايىم بولسۇن، ھەممە ئادەمگە ھەر جەھەتتە مۆمىنلىك كۆرسەتسۇن. ◼ 3:2 +bd «ھېچكىمنىڭ يامان گېپىنى قىلمىسۇن، جېدەلخور بولمىسۇن، مۇلايىم بولسۇن، ھەممە ئادەمگە ھەر جەھەتتە مۆمىنلىك كۆرسەتسۇن»+bd* ــ تەۋرات-ئىنجىلدا «مۆمىنلىك»نىڭ نېمە مەنىسى بارلىقى توغرۇلۇق «كولوسسىدىكىلەرگە»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى (12:3 ئۈستىدە توختالغىنىمىزنى) كۆرۈڭ.* ◘ 3:2 فىل. 4:5؛ 2تىم. 2:24،25. *
3چۈنكى بىز ئۆزىمىزمۇ ئەسلىدە نادان بولۇپ، ئىتائەتسىز، ئازدۇرۇلغان، ھەرخىل شەھۋەت-ھەۋەسلەرنىڭ ھەم لەززەتلەرنىڭ قۇلى بولغان، رەزىللىك ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، نەپرەتلىك بولغان ھەم بىر-بىرىمىزدىن نەپرەتلىنىدىغانلاردىن ئىدۇق. ◘ 3:3 1كور. 6:11؛ ئەف. 2:1؛ كول. 3:7؛ 1پېت. 4:3. *
4بىراق قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانىڭ ئىنسانلارغا بولغان مېھرىبانلىقى ۋە مېھىر-مۇھەببىتى ئايان بولۇشى بىلەن،
5(ئۆزىمىزنىڭ قانداقتۇر ھەققانىي ئەمەللىرىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتى بىلەن) يېڭىدىن تۇغۇلۇشتا يۇيۇشلىرى ۋە مۇقەددەس روھتا يېڭىلىشى ئارقىلىق ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى؛ ◼ 3:5 +bd «... يېڭىدىن تۇغۇلۇشتا يۇيۇشلىرى ۋە مۇقەددەس روھتا يېڭىلىشى ئارقىلىق ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى»+bd* ــ «يېڭىدىن تۇغۇلۇشتا يۇيۇشلىرى» گرېك تىلىدا «يېڭىدىن تۇغۇلۇشتىكى «داس سۈيى»». تەۋرات دەۋرىدىكى زامانلاردا كاھىنلار ئىبادەتخانىدا خۇداغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن پۈتكۈل تەنلىرىنى چوڭ داس («دېڭىز») ئىچىدە يۇيۇشى كېرەك ئىدى. بۇ يەردە تەن ئەزالىرىنى يۇيۇش ئەمەس، ئادەمنىڭ پۈتكۈل روھىنىڭ يۇيۇنىشى كۆرسىتىلىدۇ، ئەلۋەتتە.* ◘ 3:5 روس. 15:11؛ رىم. 3:20، 28؛ 4:2، 6؛ 9:11؛ 11:6؛ گال. 2:16؛ ئەف. 1:4؛ 2:4، 9؛ 2تىم. 1:9. *
6بۇ روھنى خۇدا نىجاتكارىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ۋۇجۇدىمىزغا مول قۇيدى. ◘ 3:6 ئەز. 36:25. *
7بۇ ئارقىلىق، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن ھەققانىي قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىنى تۇتقان مىراسخورلار بولدۇق.
8بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىكتۇر ۋە بۇ ھەقىقەتلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىشىڭنى تەلەپ قىلىمەن. شۇنداق قىلغىنىڭدا، خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلار ئۆزلىرىنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا بېرىلىشكە كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇ ئىشلار ئىنسانلار ئۈچۈن گۈزەل ۋە پايدىلىق.
9بىراق ئەخمىقانە مۇنازىرىلەر، نەسەبنامىلەردىكى قۇرۇق گەپلەر*، جېدەل-ماجرالار، تەۋرات قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك تالاش-تارتىشلاردىن ئۆزۈڭنى نېرى تۇتقىن؛ چۈنكى بۇلار پايدىسىز ۋە بىمەنىلىكتۇر. ◘ 3:9 1تىم. 1:4؛ 4:7؛ 6:20؛ تىت. 1:14. *
10ئارىغا بۆلگۈنچىلىك قىلغۇچى ئادەمنى بولسا بىر-ئىككى قېتىم ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بولغان باردى-كەلدىنى ئۈزۈۋەت؛ ◼ 3:10 +bd «ئارىغا بۆلگۈنچىلىك قىلغۇچى ئادەمنى بولسا بىر-ئىككى قېتىم ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بولغان باردى-كەلدىنى ئۈزۈۋەت»+bd* ــ «ئارىغا بۆلگۈنچىلىك قىلغۇچى ئادەم» جامائەتنى (بەلكىم ئادەمنى ئازدۇرىدىغان تەلىم بىلەن) بۆلمەكچى بولىدۇ.* ◘ 3:10 مات. 18:17؛ رىم. 16:17؛ 2تېـس. 3:6؛ 2تىم. 3:5؛ 2يۇھ. 10. *
11چۈنكى بۇنداق ئادەمنى ھەقىقەتتىن چەتنىدى، گۇناھ سادىر قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنى ئۆزى جازاغا مەھكۇم قىلغان دەپ بىلىسەن.
12ئارتېماسنى ياكى تىكىكۇسنى ساڭا ماڭدۇرغاندا، مۇمكىن قەدەر تېزرەك نىكوپولىس شەھىرىگە مېنىڭ يېنىمغا كەلگىن، چۈنكى ئۇ يەردە قىشلىماقچى بولۇۋاتىمەن. ◘ 3:12 روس. 20:4؛ ئەف. 6:21؛ 2تىم. 4:12. *
13ئادۋوكات زېناس بىلەن ئاپوللوسنىڭ سەپىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ھىممىتىڭنىڭ بارىچە ئۇزاتقىن؛ كەم-كۈتىلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ ھاجىتىدىن چىققىن. ◘ 3:13 روس. 18:24؛ 1كور. 1:12. *
14بىزنىڭ قوۋمىمىز مېۋىسىز قالماسلىقى ئۈچۈن ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قىلىپ، ئۆزلىرىنى گۈزەل ئەمەللەرنى قىلىشقا بېغىشلاشنى ئۆگەنسۇن.
15يېنىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ساڭا سالام. ئېتىقادتا بىزنى سۆيىدىغالارغا سالام ئېيت.