تىموتىيغا «1» 2:1-14 UIGB2010 - Bible AI

1مەن ھەممىدىن ئاۋۋال، ئېتىقادچىلارغا* پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن خۇدادىن تىلەكلەر تىلىشىنى، دۇئا-تىلاۋەت قىلىشىنى، باشقىلار ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلىشىنى ۋە تەشەككۈرلەر ئېيتىشىنى،

2بولۇپمۇ پادىشاھلار ۋە بارلىق ئەمەلدارلار ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىشىنى جېكىلەيمەن. شۇنداق قىلغاندا، بىز تولۇق ئىخلاسمەنلىك ۋە سالماقلىق بىلەن تىنچ ۋە ئامان-ئېسەن ھايات كەچۈرەلەيمىز. ◘ 2:2 يەر. 29‏:7. *

3بۇنداق دۇئا-تىلاۋەت قىلىش گۈزەل ئىشتۇر، قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ.

4چۈنكى ئۇ پۈتكۈل ئىنساننىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىنى خالايدۇ. ◘ 2:4 ئ‍ەز. 18‏:23؛ 2پېت. 3‏:9. *

5چۈنكى بىرلا خۇدا باردۇر، خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا بىر كېلىشتۈرگۈچىمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزى ئىنسان بولۇپ كەلگەن مەسىھ ئەيسادۇر. ◼ 2:5 +bd «چۈنكى بىرلا خۇدا باردۇر»+bd* ــ ياكى «چۈنكى خۇدا بىردۇر» ــ «قان.» 4:6 («پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، پەرۋەردىگار بىر بىرلىكتۇر») ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.* ◘ 2:5 يـۇھ. 17‏:3؛ رىم. 3‏:30؛ گال. 3‏:19؛ ئىبر. 9‏:15. *

6ئۇ بارلىق ئىنسانلارنى ھۆر قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بەدەل تۆلىدى؛ شۇنداق قىلىپ بېكىتىلگەن ۋاقىت-سائىتىدە خۇدانىڭ نىجاتىغا گۇۋاھلىق بېرىلدى. ◼ 2:6 +bd «ئۇ (مەسىھ) بارلىق ئىنسانلارنى ھۆر قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بەدەل تۆلىدى»+bd* ــ بۇ «ھۆر قىلىش» گۇناھنىڭ ۋە شەيتاننىڭ ئىلكىدىن. +bd «شۇنداق قىلىپ بېكىتىلگەن ۋاقىت-سائىتىدە خۇدانىڭ نىجاتىغا گۇۋاھلىق بېرىلدى»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بۇ ئۇلۇغ ئىشقا (يەنى مەسىھنىڭ ئۆلۈمى ۋە تىرىلىشى) بېكىتىلگەن ۋاقتى-سائىتىدە گۇۋاھلىق بېرىلدى». لېكىن بىزنىڭچە ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئۆزى شۇ «گۇۋاھلىق»تۇر ــ دېمەك، ئەيسانىڭ قۇربانلىقى خۇدانىڭ چەكسىز مۇھەببەت ۋە نىجاتلىق پىلانى توغرۇلۇق بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا ئاشكارىلاندى.* ◘ 2:6 مات. 20‏:28؛ ئ‍ەف. 1‏:7؛ كول. 1‏:14. *

7مەن بۇ گۇۋاھلىقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن جاكارچى ۋە روسۇل بولۇشقا تەيىنلىنىپ (مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى راست، مەن يالغان گەپ قىلمىدىم)، يات ئەللىكلەرگە ئېتىقاد ۋە ھەقىقەت يولىدا ئۆگەتكۈچى بولۇپ تىكلەندىم. ◘ 2:7 روس. 9‏:15؛ 13‏:2؛ 22‏:21؛ رىم. 1‏:9؛ 9‏:1؛ گال. 1‏:16؛ 2‏:8؛ ئ‍ەف. 3‏:8؛ 2تىم. 1‏:11. *

8شۇڭا، مەن شۇنى خالايمەنكى، ئەرلەر قەيەردە بولسۇن، دۇئاغا جەم بولغاندا غەزەپسىز ۋە دەتالاشسىز ھالدا، ھالال ئەمەللىك قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسۇن. ◘ 2:8 زەب. 134‏:1-2؛ يـۇھ. 4‏:21. *

9ئوخشاش يولدا ئاياللارمۇ مۇۋاپىق كىيىنىپ، ئۆزلىرىنى ئار-نومۇس ۋە سالماقلىق بىلەن پەرداز قىلسۇن. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى پەردازلاش، چاچلىرىنى ئالاھىدە ياساش ۋە ئالتۇن، ئۈنچە-مەرۋايىت ۋە ئېسىل قىممەت كىيىم-كېچەكلەر بىلەن ئەمەس، ◘ 2:9 تىت. 2‏:3؛ 1پېت. 3‏:3. *

10بەلكى گۈزەل ئەمەللىرى بىلەن پەردازلىشىنى خالايمەن. بۇ، خۇدا يولىدا تەقۋادار بولاي دېگەن ئاياللارغا يارىشىدۇ.

11جامائەت سورۇنلىرىدا*، ئاياللار تىنچ ئولتۇرۇپ، تولۇق ئىتائەتمەنلىك بىلەن تەلىم ئالسۇن. ◼ 2:11 +bd «جامائەت سورۇنلىرىدا، ئاياللار تىنچ ئولتۇرۇپ، تولۇق ئىتائەتمەنلىك بىلەن تەلىم ئالسۇن»+bd* ــ يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىلىرى بويىچە ئايال كىشىلەر خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئۆگەنمەسلىك كېرەك ئىدى، شۇڭا روسۇلنىڭ بۇ سۆزى چوڭ بىر يېڭىلىق ئىدى.*

12لېكىن ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە تەلىم بېرىشى ياكى ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشىگە يول قويمايمەن. ئەكسىچە، ئۇلار تىنچ بولسۇن. ◼ 2:12 +bd «لېكىن ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە تەلىم بېرىشى ياكى ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشىگە يول قويمايمەن»+bd* ــ بۇ تەلىم توغرۇلۇق، شۇنداقلا ئاچا-سىڭىللارغا ئاتا قىلىنغان ئىلتىپاتلار توغرۇلۇق «1كور.» 34:14-35 ۋە «كورىنتلىقلار (1)»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.* ◘ 2:12 يار. 3‏:16؛ 1كور. 14‏:34؛ ئ‍ەف. 5‏:24. *

13چۈنكى ئاۋۋال ئادەمئاتا، كېيىن ھاۋائانا يارىتىلغان. ◘ 2:13 يار. 1‏:27؛ 2‏:22. *

14ئاۋۋال ئالدىنىپ ئازدۇرۇلغانمۇ ئادەمئاتا ئەمەس، بەلكى ھاۋائانا* ئىدى. ئۇ تولىمۇ ئالدانغانلىقىدىن ئۇلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىگە چۈشۈپ قالغانىدى. ◘ 2:14 يار. 3‏:6. *

cle>