1«ئەگەر بىرسى جامائەتكە يېتەكچى بولۇشقا ئىنتىلسە، ئۇ گۈزەل بىر ۋەزىپىنى ئارزۇ قىلغان بولىدۇ» دېگەن بۇ سۆز ھەقتۇر. ◼ 3:1 +bd «ئەگەر بىرسى جامائەتكە يېتەكچى بولۇشقا ئىنتىلسە، ئۇ گۈزەل بىر ۋەزىپىنى ئارزۇ قىلغان بولىدۇ»+bd* ــ «يېتەكچى»لەر توغرۇلۇق «فىلىپپىيىلىقلارغا»دىكى «قوشۇمچى سۆز»، «يېتەكچىلەر ۋە خىزمەتكارلار» دېگەن سۆزلىرىمىزنى كۆرۈڭ. «ئاقساقال» ۋە «يېتەكچى» ئەمەلىيەتتە بىر گەپتۇر.*
2ئەمدى يېتەكچى بولسا ئەيىبسىز، بىر خوتۇنلۇق، سالماق، پەملىك، ئەدەپلىك، مېھماندوست، خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرەلەيدىغان بولۇشى، ◼ 3:2 +bd «ئەمدى يېتەكچى بولسا ئەيىبسىز، بىر خوتۇنلۇق، سالماق، پەملىك، ئەدەپلىك، مېھماندوست، خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرەلەيدىغان بولۇشى... (كېرەك)»+bd* ــ «بىر خوتۇنلۇق»، بەلكىم «ئۆز ئايالىغا سادىق» دېگەن مەنىدە. بۇنىڭ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 3:2 2تىم. 2:24؛ تىت. 1:6. *
3شۇنداقلا ھاراقكەش ۋە زوراۋان بولماسلىقى، مۇلايىم بولۇشى، سەپرا، نەپسانىيەتچى بولماسلىقى، ◼ 3:3 +bd «... شۇنداقلا ھاراقكەش ۋە زوراۋان بولماسلىقى، مۇلايىم بولۇشى، سەپرا، نەپسانىيەتچى بولماسلىقى... (كېرەك)»+bd* ــ «نەپسانىيەتچى» گرېك تىلىدا «ئۆزىنى بۇلغايدىغان نەپسانىيەتچىلىككە بېرىلگەن» دېگەن بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆزگە قارىغاندا، پۇل ۋە مال-دۇنيانى قوغلىشىش ئىنساننى ھارام قىلىپ بۇلغايدۇ. بۇ تېما توغرىسىدا يەنە «لۇقا» 9:16-11 ۋە شۇ ئايەتلەردىكى ئىزاھاتلارنى ۋە «لۇقا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدىكى 16-باب توغرۇلۇق «ناھەق دۇنياغا تەۋە بولغان مال-دۇنيا» دېگەن مەزمۇننى كۆرۈڭ.*
4ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرالايدىغان بولۇشى، تولىمۇ سالاپەتلىك بىلەن پەرزەنتلىرىنى ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنىدىغان قىلىپ تەربىيىلىيەلەيدىغان كىشى بولۇشى كېرەك. ◼ 3:4 +bd «ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرالايدىغان بولۇشى، تولىمۇ سالاپەتلىك بىلەن پەرزەنتلىرىنى ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنىدىغان قىلىپ تەربىيىلىيەلەيدىغان كىشى بولۇشى كېرەك»+bd* ــ «تولىمۇ سالاپەتلىك بىلەن... تەربىيىلىيەلەيدىغان» دېگەنلىك ئىبارە تېرىكمەي بالىلىرىنى تەربىيىلەيدىغانلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئاتا-ئانىسىغا تولۇق ھۆرمەت بىلەن بويسۇنىدىغان قىلىپ تەربىيىلىيەلەيدىغان كىشى بولۇشى كېرەك».*
5چۈنكى بىرسى ئۆز ئائىلىسىنى باشقۇرۇشنى بىلمىسە، ئۇ خۇدانىڭ جامائىتىدىن قانداقمۇ خەۋەر ئالالىسۇن؟
6يېتەكچى* يېڭى ئېتىقادچىلاردىن بولمىسۇن؛ ئۇنداق بولسا، ئۇ تەكەببۇرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن، شۇنىڭدەك شەيتاننىڭ ئەيىبىگە كىرىپ، ئۇ ئۇچرىغان ھۆكۈمگە چۈشىدۇ. ◼ 3:6 +bd «يېتەكچى يېڭى ئېتىقادچىلاردىن بولمىسۇن؛ ئۇنداق بولسا، ئۇ تەكەببۇرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن، شۇنىڭدەك شەيتاننىڭ ئەيىبىگە كىرىپ، ئۇ ئۇچرىغان ھۆكۈمگە چۈشىدۇ»+bd* ــ «شەيتاننىڭ ئەيىبىگە كىرىش» بەلكىم شەيتاننىڭ ئەسلىدىكى گۇناھى، يەنى تەكەببۇرلىشىپ كەتكىنىنى (شۇنداقلا خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە كەلگۈسىدىمۇ ئۇچرايدىغانلىقىنى) كۆرسىتىدۇ.*
7ئۇ جامائەتنىڭ* سىرتىدىكىلەر تەرىپىدىنمۇ ئوبدان تەرىپلىنىدىغان بولۇشى كېرەك؛ شۇنداق بولغاندا، ئۇ باشقىلارنىڭ قارىلىشىغا ئۇچرىمايدۇ، شەيتاننىڭ قىلتىقىغا چۈشمەيدۇ. ◼ 3:7 +bd «ئۇ جامائەتنىڭ سىرتىدىكىلەر تەرىپىدىنمۇ ئوبدان تەرىپلىنىدىغان بولۇشى كېرەك؛ شۇنداق بولغاندا، ئۇ باشقىلارنىڭ قارىلىشىغا ئۇچرىمايدۇ، شەيتاننىڭ قىلتىقىغا چۈشمەيدۇ»+bd* ــ «شەيتاننىڭ قىلتىقى» نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ يېتەكچىلەردە ئەيىبلىنەرلىك يېرى بولسا (ھەتتا يوشۇرۇن بولسىمۇ) «سىرتتىكىلەر» ئۇنى ئەيىبلەيدىغان بولسا ئۇ بەلكىم ئۇ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن ياكى ئىشلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يالغان گەپ قىلىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا ئۇ دەرھال شەيتاننىڭ ئىلكىدە بولىدۇ. جامائەتتىكىلەر تەرىپىدىنمۇ ئوبدان «تەرىپلىنىشى» كېرەك، ئەلۋەتتە.*
8خۇددى يېتەكچىلەرگە* ئوخشاش، جامائەتنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ سالماق، ئىككى خىل گەپ قىلمايدىغان، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان، نەپسانىيەتچى بولمىغان كىشىلەردىن بولۇشى، ◼ 3:8 +bd «خۇددى (يېتەكچىلەرگە) ئوخشاش، جامائەتنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ سالماق، ئىككى خىل گەپ قىلمايدىغان ... كىشىلەردىن بولۇشى... (كېرەك)»+bd* ــ خىزمەتكارلار جامائەتنىڭ يېتەكچىلىرىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ، ئۇلار ھەر خىل ئەمەلىي ئىشلارغا مەسئۇل كىشىلەردۇر. يەنە «فىلىپپىيىلىقلارغا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدىكى «يېتەكچىلەر ۋە خىزمەتكارلار» دېگەن مەزمۇننى كۆرۈڭ. +bd «نەپسانىيەتچى بولمىغان كىشىلەردىن بولۇشى ... (كېرەك)»+bd* ــ «نەپسانىيەتچى» ــ 3-ئايەتنى كۆرۈڭ.* ◘ 3:8 روس. 6:3. *
9پاك ۋىجدانى بىلەن ئېتىقادنىڭ سىرىنى چىڭ تۇتىدىغان بولۇشى لازىم. ◼ 3:9 +bd «پاك ۋىجدانى بىلەن ئېتىقادنىڭ سىرىنى چىڭ تۇتىدىغان بولۇشى لازىم»+bd* ــ «ئېتىقانىڭ سىرى»: ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، ئىنجىلدىكى «سىرلار» بولسا خۇدا ئەسلىدە يوشۇرۇپ كەلگەن، ئىنجىل دەۋرىدە ئۆز جامائىتىگە ئاشكارىلىغان چوڭقۇر ھەقىقەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆزلەر»نى كۆرۈڭ.* ◘ 3:9 1تىم. 1:19. *
10بۇنداق ئادەملەرنىمۇ ئالدى بىلەن سىناپ كۆرۈپ، ئەيىب تەرەپلىرى بولمىسا، ئاندىن خىزمەت ۋەزىپىسىگە قويۇشقا بولىدۇ.
11شۇنىڭدەك، بۇ خىزمەتكارلارنىڭ ئاياللىرىمۇ تەمكىن، پىتنە-پاسات قىلمايدىغان، سالماق ۋە ھەرقانداق ئىشتا ئىشەنچلىك بولغانلاردىن بولۇشى لازىم. ◼ 3:11 +bd «شۇنىڭدەك، بۇ خىزمەتكارلارنىڭ ئاياللىرىمۇ تەمكىن، ... ھەرقانداق ئىشتا ئىشەنچلىك بولغانلاردىن بولۇشى لازىم»+bd* ــ «خىزمەتكارلارنىڭ ئاياللىرىمۇ» ياكى «ئايال خىزمەتكارلىرىمۇ...». «رىم.» 1:16نى كۆرۈڭ.*
12خىزمەتكارلار بىر خوتۇنلۇق، ئۆز پەرزەنتلىرى ۋە ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرىدىغان كىشىلەردىن بولسۇن. ◼ 3:12 +bd «خىزمەتكارلار بىر خوتۇنلۇق، ئۆز پەرزەنتلىرى ۋە ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرىدىغان كىشىلەردىن بولسۇن»+bd* ــ «بىر خوتۇنلۇق» دېگەنلىك (ياكى «بىر ئايالنىڭلا ئېرى») بەلكىم «ئۆز ئايالىغا سادىق» دېگەن مەنىدە. بۇنىڭ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.*
13خىزمەتكارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئوبدان ئورۇنغانلار ئۆزى ئۈچۈن ياخشى نام-ئاتاققا سازاۋەر بولىدۇ ۋە مەسىھ ئەيسادا بولغان ئېتىقادتا زور جۈرئەت-ئىشەنچكە ئېرىشىدۇ. ◼ 3:13 +bd «ياخشى نام-ئاتاققا سازاۋەر بولىدۇ ۋە مەسىھ ئەيسادا بولغان ئېتىقادتا زور جۈرئەت-ئىشەنچكە ئېرىشىدۇ»+bd* ــ «روس.» 6-8-بابتا بايان قىلىنغان «خىزمەتكار» بولغان ئىستىفان ۋە فىلىپ بۇنىڭغا ئىككى ئوبدان مىسالدۇر.* ◘ 3:13 مات. 25:21. *
14مەن گەرچە پات ئارىدا يېنىڭغا يېتىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلساممۇ، يەنىلا بۇ خەتنى يازدىم؛
15مۇبادا مەن ھايال بولۇپ قالسام، خەتتىن خۇدانىڭ ئائىلىسى ئارىسىدا ئۆزۈڭنى قانداق تۇتۇش كېرەكلىكىنى بىلىسەن. بۇ ئائىلە بولسا تىرىك خۇدانىڭ جامائىتى، ھەقىقەتنىڭ تۈۋرۈكى ۋە تەگلىكىدۇر. ◼ 3:15 +bd «مۇبادا مەن ھايال بولۇپ قالسام، خەتتىن خۇدانىڭ ئائىلىسى ئارىسىدا ئۆزۈڭنى قانداق تۇتۇش كېرەكلىكىنى بىلىسەن»+bd* ــ «خۇدانىڭ ئائىلىسى»: ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، ئىبرانىي تىلىدا ۋە گرېك تىلىدا (ئۇيغۇر تىلىغا ئوخشاش) «ئۆي» ۋە «ئائىلە» بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. خۇدانىڭ «ئۆيى» ئۇنىڭ ئائىلىسى، يەنى ئۇنىڭ «تىرىك ئىبادەتخانىسى»، «تىرىك ئۆيى»دۇر. «1پېت.» 4:2-8نىمۇ كۆرۈڭ.*