1ئەمدى روھ شۇنى ئالاھىدە ئېيتىدۇكى، ئاخىر زامانلاردا بەزىلەر ئېتىقادتىن يېنىپ، ئالدامچى روھلارغا ۋە جىنلارنىڭ تەلىملىرىگە بېرىلىپ ئەگىشىدۇ. ◼ 4:1 +bd «ئەمدى روھ شۇنى ئالاھىدە ئېيتىدۇكى،... »+bd* ــ «روھ» ــ مۇقەددەس روھ، خۇدانىڭ روھى. +bd «ئالدامچى روھلارغا ۋە جىنلارنىڭ تەلىملىرىگە بېرىلىپ ئەگىشىدۇ»+bd* ــ «ئالدامچى روھلار» ۋە «جىنلار» بىر گەپتۇر.* ◘ 4:1 مات. 24:23؛ 2تېـس. 2:3؛ 2تىم. 3:1؛ 2پېت. 3:3؛ يەھ. 18. *
2بۇنداق تەلىم بەرگۈچىلەر* ساختىلىقتا يالغانچىلىق قىلىپ، خۇددى داغماللاپ كۆيدۈرۈۋەتكەندەك ئۆز ۋىجدانىنى يوقىتىپ قويغان؛ ◼ 4:2 +bd «... خۇددى داغماللاپ كۆيدۈرۈۋەتكەندەك ئۆز ۋىجدانىنى يوقىتىپ قويغان»+bd* ــ بەزى ئالىملار بۇ سۆزنى: «شەيتان ئۇلارنىڭ ۋىجدانلىرىنى «مېنىڭكى» دەپ داغماللاپ قويغان» دېگەندەك چۈشىنىدۇ.*
3ئۇلار نىكاھلىنىشنى ۋە بەزى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى مەنئى قىلىدۇ. ئەمما ئۇلار مەنئى قىلىدىغان* يېمەكلىكلەرنى خۇدا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان ھەم ھەقىقەتنى بىلگەنلەرنىڭ تەشەككۈر ئېيتىپ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ياراتقانىدى. ◼ 4:3 +bd «ئۇلار نىكاھلىنىشنى ۋە بەزى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى مەنئى قىلىدۇ. ئەمما ئۇلار مەنئى قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى خۇدا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان ھەم ھەقىقەتنى بىلگەنلەرنىڭ تەشەككۈر ئېيتىپ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ياراتقانىدى»+bd* ــ بۇ ئايەت توغرۇلۇق بىز «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە قىسقىچە توختىلىمىز.* ◘ 4:3 يار. 1:29؛ 9:3؛ رىم. 14:6؛ 1كور. 10:30. *
4چۈنكى خۇدا ياراتقان ھەممە نەرسە ياخشىدۇر، ئۇلار تەشەككۈر بىلەن قوبۇل قىلىنسا، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى چەكلەپ رەت قىلىشقا بولمايدۇ. ◼ 4:4 +bd «چۈنكى خۇدا ياراتقان ھەممە نەرسە ياخشىدۇر، ئۇلار تەشەككۈر بىلەن قوبۇل قىلىنسا، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى چەكلەپ رەت قىلىشقا بولمايدۇ»+bd* ــ بۇ سۆز پەقەت بارلىق يېمەكلىكلەرنى ئەمەس، يەنە ئۇ يۇقىرىدا تىلغا ئالغان نىكاھتا بولغان ئەر-ئاياللىق جىنىسىي مۇناسىۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.* ◘ 4:4 يار. 1:31؛ روس. 10:15؛ رىم. 14:14. *
5چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ سۆز-كالامى ۋە ئىنسانلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ھالال قىلىنىدۇ. ◼ 4:5 +bd «چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ سۆز-كالامى ۋە ئىنسانلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ھالال قىلىنىدۇ»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئىنسانلارنىڭ دۇئاسى» دېگەن ئالاھىدە سۆز بولۇپ «شۇ دۇئالار خۇدا بىلەن يېقىن ئالاقە-مۇناسىۋەتتە بولىدۇ» دېگەن مەنىنى پۇرىتىپ بېرىدۇ.*
6بۇ نەسىھەتلەرنى قېرىنداشلارنىڭ سەمىگە سالساڭ، مەسىھ ئەيسانىڭ ياخشى خىزمەتكارى بولغان بولىسەن. شۇنداقلا، ئۆزۈڭنىڭ ئەستايىدىل ئەگەشكەن ئېتىقادتىكى ۋە ساغلام تەلىملەردىكى سۆزلەر بىلەن قۇۋۋەتلەندۈرۈلگەنلىكىڭ ئايان بولىدۇ. ◘ 4:6 2تىم. 1:5؛ 3:14،15. *
7ئەمما ئىخلاسسىزلارنىڭ ۋە مومايلارنىڭ ئەپسانىلىرىنى چەتكە قېقىپ، ئۆزۈڭنى ئىخلاسمەنلىك يولىدا چېنىقتۇرۇپ يېتىشتۈرگىن. ◼ 4:7 +bd «... ئۆزۈڭنى ئىخلاسمەنلىك يولىدا چېنىقتۇرۇپ يېتىشتۈرگىن»+bd* ــ «چېنىقتۇرۇپ يېتىشتۈرگىن» دېگىنى گرېك تىلىدا «گىمناستىكا» («تەن ھەرىكىتى») بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆز.* ◘ 4:7 1تىم. 1:4؛ 6:20؛ 2تىم. 2:16؛ تىت. 1:14؛ 3:9. *
8چۈنكى «بەدەننى چېنىقتۇرۇشنىڭ ئازراق پايدىسى بار، لېكىن ئىخلاسمەنلىكتە ئىنتىلىشنىڭ ھەرتەرەپلىك پايدىسى بار؛ ئۇ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى ھايات ئۈچۈن بەخت ئېلىپ كېلىدۇ» ◘ 4:8 كول. 2:23. *
9ــ بۇ سۆز ھەقتۇر ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشقا پۈتۈنلەي ئەرزىيدۇ.
10ئەمەلىيەتتە بىز بۇنىڭ ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتىمىز ۋە خار قىلىنىۋاتىمىز. چۈنكى ئۈمىدىمىزنى پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ، بولۇپمۇ ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى ــ مەڭگۈ ھايات خۇداغا باغلىدۇق. ◼ 4:10 +bd «ئەمەلىيەتتە بىز بۇنىڭ ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتىمىز ۋە خار قىلىنىۋاتىمىز»+bd* ــ «خار قىلىنىۋاتىمىز» بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «كۈرەش قىلىۋاتىمىز» دېيىلىدۇ. +bd «چۈنكى ئۈمىدىمىزنى پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ، بولۇپمۇ ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى ــ مەڭگۈ ھايات خۇداغا باغلىدۇق»+bd* ــ «پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ، بولۇپمۇ ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى» دېگەن ئىبارىدە «ئىنسانلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى» دېگەنلىك بەلكىم «ھەر ئادەمنى ساقلىغۇچى» دېگەن ئومۇمىي مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ.*
11بۇ ئىشلارنى جامائەتكە* توختىماي تاپىلىغىن ۋە ئۆگەتكىن.
12ھېچكىمنىڭ سېنىڭ ياشلىقىڭغا سەل قارىشىغا يول قويما؛ بەلكى سۆزلىرىڭدە، ئەمەللىرىڭدە، مېھىر-مۇھەببەت، ئېتىقاد ۋە پاكلىقتا ئېتىقادچىلارغا نەمۇنە بول. ◼ 4:12 +bd «ھېچكىمنىڭ سېنىڭ ياشلىقىڭغا سەل قارىشىغا يول قويما»+bd* ــ تىموتىي بەلكىم ئوتتۇز نەچچە ياشقا كىرگەن. لېكىن گرېك مەدەنىيىتىدە قىرىق ياشقا كىرگەن ئوغۇل بالىلار تېخى «ياش» «يىگىت» دەپ ھېسابلىنىدۇ.* ◘ 4:12 تىت. 2:7،15؛ 1پېت. 5:3. *
13مەن يېنىڭغا بارغۇچە، ئۆزۈڭنى جامائەتكە مۇقەددەس يازمىلارنى* ئوقۇپ بېرىش، جېكىلەش ۋە تەلىم بېرىشكە بېغىشلىغىن. ◼ 4:13 +bd «ئۆزۈڭنى جامائەتكە مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇپ بېرىش، جېكىلەش ۋە تەلىم بېرىشكە بېغىشلىغىن»+bd* ــ «مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇپ بېرىش» توغرۇلۇق: ــ شۇ ۋاقىتلاردا ئاز سانلىق كىشىلەر ئوقۇيالايتتى ۋە تېخىمۇ ئاز كىشىلەر مۇقەددەس كىتابتىكى بىرەر قىسىملارغا ئىگە بولۇشقا مۇيەسسەر ئىدى.*
14جامائىتىڭنىڭ* ئاقساقاللىرى قوللىرىنى ئۇچاڭغا قويغاندا، خۇدانىڭ* ۋەھىيىسى ئارقىلىق ساڭا ئاتا قىلىنىشى بىلەن سەندە بولغان ئىلتىپاتقا بىپەرۋالىق قىلما. ◼ 4:14 +bd «جامائىتىڭنىڭ ئاقساقاللىرى قوللىرىنى ئۇچاڭغا قويغاندا، خۇدانىڭ ۋەھىيىسى ئارقىلىق ساڭا ئاتا قىلىنىشى بىلەن سەندە بولغان ئىلتىپاتقا بىپەرۋالىق قىلما»+bd* ــ جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ئېتىقادچىنى بىرەر ۋەزىپىگە تەيىنلىگەندە، قوللىرىنى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قويۇپ تۇرۇپ دۇئا قىلىشى ئىنجىلدىكى باشقا يەرلەردىمۇ كۆرۈنىدۇ.
15بۇ ئىشلارغا بېرىلىپ، ئۆزۈڭنى ئۇلارغا تولۇق ئاتىغىن. شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئالغا باسقانلىقىڭ ھەممەيلەنگە ئايان بولىدۇ.