تىموتىيغا «1» 6:1-21 UIGB2010 - Bible AI

1قۇللۇق بويۇنتۇرۇق ئاستىدا بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆز خوجايىنلىرىنى ھەر تەرەپتە ھۆرمەتلىسۇن. شۇنداق قىلغاندا، خۇدانىڭ نامى ۋە ئۇنىڭ تەلىمىنىڭ ھاقارەتكە ئۇچرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ◘ 6:1 ئ‍ەف. 6‏:5؛ كول. 3‏:22؛ تىت.2‏:9؛ 1پېت.2‏:18. *

2خوجايىنلىرى ئېتىقادچى بولسا، قۇللىرى: «بىز ھەممىمىز ئوخشاشلا قېرىنداشلارغۇ» دەپ، ئۇلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلمىسۇن. ئەكسىچە، ئۇلارغا تېخىمۇ ئەستايىدىل خىزمەت قىلسۇن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ياخشى خىزمىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار دەل سادىق ئېتىقادچىلار ھەم سۆيۈملۈك بەندىلەردۇر. سەن بۇ تەلىملەرنى ئۆگەتكىن ۋە جېكىلىگىن.

3ئوخشىمىغان تەلىملەرنى تەرغىب قىلغان ۋە ساغلام سۆزلەرنى (يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھەق سۆزلىرىنى)، شۇنداقلا ئىخلاسمەنلىككە يېتەكلەيدىغان تەلىمنى قوبۇل قىلمىغان كىشى بولسا،

4ئۇنداقلار دەۋەقە كۆرەڭلەپ كەتكەن، ھېچنېمە چۈشەنمەيدىغان كىشىلەردىندۇر. ئۇلار نىزا-مۇنازىرە پەيدا قىلىشقا ۋە گەپ تالىشىشقا ھېرىسمەن؛ بۇنداق ئىشلاردىن ھەسەتخورلۇق، جېدەل-ماجىرا، تۆھمەت، رەزىل گۇمانخورلۇق ھاسىل بولىدۇ، ◘ 6:4 1تىم. 1‏:4؛ 2تىم. 2‏:23؛ تىت. 3‏:9. *

5ھەمدە نىيىتى چىرىكلەشكەن، ھەقىقەتتىن مەھرۇم بولغان كىشىلەر ئارىسىدا دائىملىق سۈركىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئىخلاسمەنلىكنى پايدا-تاپاۋەتنىڭ بىر يولى دەپ قارايدۇ. ◘ 6:5 1كور. 11‏:16. *

6دەرۋەقە، خۇداغا* ئىخلاسمەن ۋە رازىمەن بولۇش غايەت زور پايدىدۇر. ◘ 6:6 پەند. 15‏:16؛ ئىبر. 13‏:5. *

7چۈنكى بىز بۇ دۇنياغا ھېچنېمە ئېلىپ كەلمىدۇق، شۇنىڭدەك ئۇنىڭدىن ھېچنېمىنىمۇ ئېلىپ كېتەلمەيمىز. ◘ 6:7 ئايۇپ 1‏:21؛ 27‏:19؛ زەب. 49‏:17 *

8شۇڭا، يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچىك يېتەرلىك بولسىلا بۇلاردىن قانائەت قىلىمىز. ◘ 6:8 زەب. 55‏:23؛ پەند. 27‏:26؛ مات. 6‏:25؛ 1پېت. 5‏:7. *

9لېكىن باي بولۇشنى ئويلايدىغانلار بولسا ھامان ئازدۇرۇلۇشلارغا ئۇچراپ، تۇزاققا ۋە شۇنداقلا ئىنسانلارنى ۋەيرانچىلىققا ۋە ھالاكەتكە چۆكتۈرىدىغان نۇرغۇن ئەخمىقانە ھەم زىيانلىق ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ ئىلكىگە تېيىلىپ كېتىدۇ. ◘ 6:9 پەند. 11‏:28؛ مات. 13‏:22؛ ياق. 5‏:1. *

10چۈنكى پۇلپەرەسلىك ھەرخىل رەزىللىكلەرنىڭ يىلتىزىدۇر. بەزىلەر بۇنىڭغا ئىنتىلىشى بىلەن ئېتىقادتىن چەتنەپ، ئۆزلىرىنى نۇرغۇن دەرد-قايغۇلار بىلەن سانجىدى. ◘ 6:10 مىس. 23‏:8؛ قان. 16‏:19؛ پەند. 15‏:16. *

11ئەمما سەن، ئەي خۇدانىڭ ئادىمى، بۇنداق ئىشلاردىن يىراق قاچ؛ ھەققانىيلىق، ئىخلاسمەنلىك، ئىشەنچ-ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت، سەۋر-تاقەت ۋە مۆمىن-مۇلايىملىقنى ئىنتىلىپ قوغلا. ◘ 6:11 2تىم. 2‏:22. *

12ئېتىقادتىكى گۈزەل كۈرەشتە كۈچەپ كۈرەش قىل. مەڭگۈلۈك ھاياتنى چىڭ تۇتقىن. سەن دەل بۇنىڭغا چاقىرىلدىڭ ھەمدە ئۇنىڭ يولىدا نۇرغۇنلىغان گۇۋاھچىلار ئالدىدا بۇ ئېتىقادنىڭ گۈزەل شاھىتلىقىنى قىلدىڭ. ◼ 6:12 +bd «ئېتىقادتىكى گۈزەل كۈرەشتە كۈچەپ كۈرەش قىل»+bd* ــ بۇ سۆزلەر ۋە ئايەتنىڭ قالغان قىسمى («گۈزەل شاھىتلىق») توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 6:12 1تىم. 1‏:18. *

13ھەممىگە ھاياتلىق بېرىۋاتقان خۇدانىڭ ئالدىدا، شۇنداقلا پونتىئۇس پىلاتۇسقا گۈزەل شاھىتلىقنى قىلىپ گۇۋاھلىق بەرگەن مەسىھ ئەيسانىڭ ئالدىدا ساڭا شۇنى تاپىلايمەنكى، ◼ 6:13 +bd «ھەممىگە ھاياتلىق بېرىۋاتقان خۇدانىڭ ئالدىدا، شۇنداقلا پونتىئۇس پىلاتۇسقا گۈزەل شاھىتلىقنى قىلىپ گۇۋاھلىق بەرگەن مەسىھ ئەيسا...»+bd* ــ «گۈزەل شاھىدلىق» دېگەن سۆز توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 6:13 قان. 32‏:39؛ 1سام. 2‏:6؛ مات. 27‏:11؛ يـۇھ. 18‏:37؛ 1تىم. 5‏:21. *

14رەببىمىز ئەيسا مەسىھ قايتا ئايان بولغۇچە، خۇدانىڭ* بۇ ئەمرىگە ھېچ قۇسۇرسىز ۋە داغسىز ئەمەل قىلغىن. ◼ 6:14 +bd «بۇ ئەمرىگە ھېچ قۇسۇرسىز ۋە داغسىز ئەمەل قىلغىن»+bd* ــ «بۇ ئەمر» بولسا تىموتىيغا تاپشۇرۇلغان تولۇق ۋەزىپىنى كۆرسىتىدۇ (3:3-20، 2:6-5).*

15‏-16 ئۇنىڭ ئايان بولۇشىنى ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە بىردىنبىر مەڭگۈ ئۆلمىگۈچى، ئىنسان يېقىنلىشالمايدىغان نۇر ئىچىدە ياشايدىغان، ھېچكىم كۆرمىگەن ۋە كۆرەلمەيدىغان مۇبارەكلەشكە لايىق بولغان بىردىنبىر ھۆكۈمران، يەنى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى، رەبلەرنىڭ رەببى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ئەبەدىلئەبەد كۈچ-قۇدرەت بولغاي، ئامىن! ◘ 6:15‏-16 1تىم. 1‏:17؛ ۋەھ. 17‏:14؛ 19‏:16؛ مىس. 33‏:20؛ قان. 4‏:12؛ 1يۇھ. 4‏:12. *

17بۇ زاماندا باي بولغانلارغا مەغرۇرلانماسلىقنى، تايانغۇسىز ئۆتكۈنچى بايلىققا ئەمەس، بەلكى بىز بەھرىمەن بولۇشقا ھەممىنى بىزگە سېخىيلىق بىلەن تولۇپ تاشقان ھالدا تەمىنلىگۈچى خۇداغا تايىنىپ ئۈمىد باغلاشنى تاپىلىغىن؛ ◼ 6:17 +bd «بىز بەھرىمەن بولۇشقا ھەممىنى بىزگە سېخىيلىق بىلەن تولۇپ تاشقان ھالدا تەمىنلىگۈچى خۇدا...»+bd* ــ «سېخىيلىق بىلەن» گرېك تىلىدا «زور بايلىقلىرىدىن بەرگەندەك» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.*

18ئۇلارغا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشتا ھەقىقىي* باي بولۇڭلار، خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلاردا مەرد، باشقىلار بىلەن ئورتاق بەھرلىنىشكە قولى ئوچۇق بولۇڭلار دەپ تاپىلىغىن.

19ئۇلار بۇنداق قىلغاندا، ھەقىقىي ھاياتنى تۇتۇش ئۈچۈن كېلەچەكتە ئۆزلىرىگە پۇختا بىر ئاساس-ئۇل بولىدىغان بىر خەزىنە توپلىيالايدۇ. ◘ 6:19 مات. 6‏:20؛ لۇقا 12‏:33؛ 16‏:9. *

20ئەي تىموتىي، ساڭا ئامانەت قىلىنغان ھەقىقەتلەرنى* قوغدا. ئۆزۈڭنى ئىخلاسسىز، قۇرۇق گەپلەردىن ھەمدە ئاتالمىش ئىلىمنىڭ تالاش-تارتىشلىرىدىن نېرى تۇتقىن. ◘ 6:20 1تىم. 1‏:4؛ 4‏:7؛ 2تىم. 2‏:16؛ تىت. 1‏:14؛ 3‏:9. *

21بەزىلەر مۇشۇنداق بىمەنە ئىلىمگە* ئېگىمەن دەپ جاكارلاپ، ئېتىقادتىن چەتنىدى.

cle>