1شۇڭا ئەي ئوغلۇم، سەن مەسىھ ئەيسادا بولغان مېھىر-شەپقەتكە تايىنىپ كۈچلۈك بول؛
2ۋە سەن كۆپ گۇۋاھچىلار ئالدىدا مەندىن ئاڭلىغانلىرىڭنى ھەم ئىشەنچلىك ھەمدە باشقىلارغىمۇ تەلىم بېرەلەيدىغان ئادەملەرگە ئامانەت قىلغىن. ◼ 2:2 +bd «... سەن كۆپ گۇۋاھچىلار ئالدىدا مەندىن ئاڭلىغانلىرىڭنى ھەم ئىشەنچلىك ھەمدە باشقىلارغىمۇ تەلىم بېرەلەيدىغان ئادەملەرگە ئامانەت قىلغىن»+bd* ــ نېمىشقا پاۋلۇس «كۆپ گۇۋاھچىلار ئالدىدا مەندىن ئاڭلىغانلىرىڭ» دەيدۇ؟ بۇ «گۇۋاھچىلار»نىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟ ئويلىشىمىزچە: (1) گەرچە ئېتىقادتا كۆپ «چوڭقۇر سىرلار» بولسىمۇ، بۇ سىرلارنىڭ ھەممىسى توغرۇلۇق ئىنجىلدىن ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ؛ ھەقىقىي ئېتىقادتا ھېچقانداق «مەخپىي تەلىم»لەر ۋە «ئاز ساندىكى ئالاھىدە ئادەملەرگە ۋەھىي قىلىنغان» تەلىملەر يوقتۇر؛ (2) مۇشۇ ئېتىقادچى گۇۋاھچىلار پاۋلۇس ۋە باشقا روسۇللارنىڭ تەلىملىرىنىڭ بىرخىل ئىكەنلىكىگە ئىسپات بېرەلەيتتى.* ◘ 2:2 تىت. 1:5. *
3ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى جەڭچىسى بولۇش سۈپىتىدە، خارلىق-مۇشەققەتنى ئۆز ھەسسەڭ بويىچە ئورتاق تارتقىن. ◼ 2:3 +bd «ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى جەڭچىسى بولۇش سۈپىتىدە، خارلىق-مۇشەققەتنى ئۆز ھەسسەڭ بويىچە ئورتاق تارتقىن»+bd* ــ (8:1دە ئېيتىلغاندەك) «ئۆز ھەسسەڭ بويىچە تارتقىن» ــ گرېك تىلىدا «ئۆز ھەسسەڭ بويىچە +bd بىرگە+bd* تارتقىن». دېمەك، ھەر دەۋردە ئېتىقادچىلار تارتىشقا تېگىشلىك خارلىق-مۇشەققەت بار؛ تىموتىينىڭ پاۋلۇس (ۋە باشقى ئېتىقادچىلار) بىلەن بىرگە مەلۇم دەرىجىدە خارلىق-مۇشەققەت تارتىشىغا توغرا كېلىدۇ.*
4جەڭچى بولغان كىشى ئۆزىنى ئەسكەرلىككە تىزىملىغان سەردارىنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئادەتتىكى تۇرمۇش ئىشلىرىنى ئۆزىگە ھەلەك قىلىۋالماسلىقى كېرەك. ◘ 2:4 1كور. 9:25. *
5مۇسابىقىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىمۇ مۇسابىقە قائىدىلىرىگە رىئايە قىلمىسا، غەلىبە تاجىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ◼ 2:5 +bd «مۇسابىقىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىمۇ مۇسابىقە قائىدىلىرىگە رىئايە قىلمىسا، غەلىبە تاجىغا ئېرىشەلمەيدۇ»+bd* ــ «مۇسابىقە قائىدىلىرى» ــ كونا زامانلاردا بۇ «قائىدىلەر» ھەم مۇسابىقىنىڭ ئۆزىنى ۋە مۇسابىقىگە بولغان تەييارلىق-تەربىيىلەشلەرنىمۇ باشقۇراتتى.*
6ئەجىر سىڭدۈرگەن دېھقان ھوسۇلىدىن بىرىنچى بولۇپ بەھرىمەن بولۇشى تېگىشلىكتۇر. ◘ 2:6 1كور. 9:10. *
7بۇ سۆزلىرىم ئۈستىدە ياخشى ئويلا، شۇنىڭ بىلەن رەب ساڭا ھەممە ئىشتا يورۇتىدۇ.
8سەن داۋۇتنىڭ نەسلى بولغان، ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھنى مەن يەتكۈزۈۋاتقان خۇش خەۋەر بويىچە ئېسىڭدە چىڭ تۇت. ◼ 2:8 +bd «داۋۇتنىڭ نەسلى بولغان، ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھ»+bd* ــ «داۋۇت» بولسا داۋۇت پادىشاھ-پەيغەمبەر، ئەلۋەتتە. +bd «سەن داۋۇتنىڭ نەسلى بولغان، ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھنى مەن يەتكۈزۈۋاتقان خۇش خەۋەر بويىچە ئېسىڭدە چىڭ تۇت»+bd* ــ بۇ مۇھىم ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.*
9بۇ خۇش خەۋەرنى دەپ كۆپ خارلىق-مۇشەققەت چېكىپ، ھەتتا جىنايەتچى ھېسابلىنىپ كىشەنلىنىپ ياتىمەن. ھالبۇكى، خۇدانىڭ سۆز-كالامى ھېچ كىشەنلەنمەيدۇ! ◘ 2:9 ئەف. 3:13،1؛ 4:1؛ فىل. 1:7؛ كول. 1:24؛ 4:3،18؛ 2تىم. 1:8. *
10ئەمدى مەن دەل شۇ سەۋەبتىن، خۇدا* تاللىغان بەندىلەرنىڭ مەسىھ ئەيسادا بولغان نىجاتقا مەڭگۈلۈك شان-شەرەپ بىلەن ئېرىشىشى ئۈچۈن ھەممە ئىشقا بەرداشلىق بېرىمەن.
11تۆۋەندىكى بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىكتۇر: ــ
12قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرسەك،
13بىز ئۇنىڭغا ساداقەتسىزلىك قىلساقمۇ، ئۇ يەنىلا ساداقەتلىكتۇر؛
14بۇ ئىشلارنى داۋاملىق قېرىنداشلارنىڭ* سەمىگە سېلىپ، ئۇلارنى رەب ئالدىدا بىمەنە سۆزلەر ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلماسلىقنى ئەستايدىللىق بىلەن ئاگاھلاندۇرغىن. بۇنداق تالاش-تارتىشلارنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايلا قالماي، بەلكى ئاڭلىغۇچىلارنى نابۇت قىلىدۇ.
15ئۇستا تىكىمچى رەختنى توغرا پىچقاندەك ھەقىقەت سۆزىنى دۇرۇس چۈشەندۈرۈپ، ئۆزۈڭنى خۇدا ئالدىدا تەستىقلانغۇدەك، يەرگە قاراپ قالمايدىغان ماھىر بىر خىزمەتكار قىلىپ كۆرسىتىشكە ئىنتىلىپ كۆڭۈل قويغىن؛
16لېكىن ئىپلاس، قۇرۇق گەپلەردىن نېرى تۇر. چۈنكى بۇنداق گەپلەرنى قىلغۇچىلار بەرىبىر تېخىمۇ ئىخلاسسىزلىققا چۆمۈپ كېتىدۇ. ◼ 2:16 +bd «بۇنداق گەپلەرنى قىلغۇچىلار بەرىبىر تېخىمۇ ئىخلاسسىزلىققا چۆمۈپ كېتىدۇ»+bd* ــ «بۇنداق (كىشىلەر)... تېخىمۇ ئىخلاسسىزلىققا چۆمۈپ كېتىدۇ» گرېك تىلىدا «بۇنداق (كىشىلەر)... تېخىمۇ ئىخلاسسىزلىققا ئالغا باستۇرىدۇ» دېگەن كىنايىلىك، ھەجۋىي سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.* ◘ 2:16 1تىم. 1:4؛ 4:7؛ 6:20؛ تىت. 1:14؛ 3:9. *
17مۇشۇنداقلارنىڭ گەپلىرى خۇددى مەرەزدەك تېزلا يامراپ كېتىدۇ. خىمېنېيۇس ۋە فىلېتوسلار مانا شۇنداقلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسىدۇر؛ ◼ 2:17 +bd «مۇشۇنداقلارنىڭ گەپلىرى خۇددى مەرەزدەك تېزلا يامراپ كېتىدۇ»+bd* ــ «يامراپ كېتىدۇ» گرېك تىلىدا «ئوت-چۆپلەرنى يەپ كېتىدۇ» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. روسۇل پاۋلۇس شۇ سۆزى بىلەن: بۇلارنىڭ گەپلىرى «خۇدانىڭ قويلىرى» بولغان ئېتىقادىچلار ئىستېمال قىلىشى كېرەك بولغان «ئوزۇق»نى، يەنى «ساغلام تەلىم»نى يوققا چىقىرىدۇ، دەپ پۇرىتىدۇ.*
18ئۇلار ھەقىقەتتىن چەتنەپ، ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى دېگەن بۇ ئىش ئاللىقاچان يۈز بېرىپ بولدى، دەيدۇ، شۇنداقلا بەزىلەرنىڭ ئېتىقادىنى غۇلىتىدۇ. ◼ 2:18 +bd «ئۇلار ھەقىقەتتىن چەتنەپ...»+bd* ــ گرېك تىلىدا: «ئۇلار ھەقىقەتنى نىشان قىلماي (چەتنەپ كېتىپ)...». +bd «ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى دېگەن بۇ ئىش ئاللىقاچان يۈز بېرىپ بولدى»+bd* ــ بۇ بىدئەت تەلىمنىڭ مەنىسى بەلكىم تۆۋەندىكى ئىككى خىل خاتا قاراشنىڭ بىرى بولۇشى كېرەك: ــ (1) «ئادەملەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغاندا، ئۇنىڭ روھى ئاللىقاچان ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلۈپ تىرىلىدۇ (بۇ گەپ مۇشۇ يەرگىچە ھەقىقەت، ئەلۋەتتە). ئەمدى تىرىلىش پەقەت شۇ روھىي جەھەتتە بولۇپ، كەلگۈسىدە تەن جەھەتتە بولمايدۇ»، ياكى: (2) «بىز ئەيسا مەسىھكە ئىشەنگەنلەردە سۇغا ۋە روھقا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن بىزنىڭ «تىرىلگەن تەن»ىمىز بار بولىدۇ. شۇڭا ھازىرقى تېنىمىز كېسەل بولمايدۇ، ھېچ ئۆلمەيدۇ».*
19ھالبۇكى، خۇدانىڭ مەزمۇت ئۇلى چىڭ تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۆھۈر بىلەن: «رەب ئۆزىگە تەۋە بولغانلارنى تونۇيدۇ» ۋە «رەبنىڭ مۇبارەك نامىنى لەۋزىگە ئالىدىغانلارنىڭ ھەممىسى رەزىللىكتىن قول ئۈزسۇن» دەپ مۆھۈرلەنگەندۇر. ◼ 2:19 +bd «ھالبۇكى، خۇدانىڭ مەزمۇت ئۇلى چىڭ تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۆھۈر بىلەن: «رەب ئۆزىگە تەۋە بولغانلارنى تونۇيدۇ» ۋە «رەبنىڭ مۇبارەك نامىنى لەۋزىگە ئالىدىغانلارنىڭ ھەممىسى رەزىللىكتىن قول ئۈزسۇن» دەپ مۆھۈرلەنگەندۇر»+bd* ــ بۇ مۇھىم ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 2:19 چۆل. 16:5؛ يـۇھ. 10:14. *
20باي-باياشات ئادەمنىڭ ئۆيىدە پەقەت ئالتۇن ۋە كۈمۈش قاچا-قۇچىلارلا ئەمەس، ياغاچ، ساپال قاچىلارمۇ بولىدۇ. قاچا-قۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ئەتىۋارلىنىدۇ، بەزىلىرى پەس كۆرۈلىدۇ. ◘ 2:20 رىم. 9:21. *
21ئەگەر بىر كىشى ئۆزىنى ئۇنداقلارنىڭ كىرىدىن تازىلاپ خالىي قىلسا، ئۇ مۇقەددەس قىلىنغان، خوجايىنىمىزغا يارايدىغان قاچىدەك، ھەرقانداق گۈزەل ئىشلارغا تەييار بولىدۇ. ◼ 2:21 +bd «ئەگەر بىر كىشى ئۆزىنى ئۇنداقلارنىڭ كىرىدىن تازىلاپ خالىي قىلسا، ئۇ مۇقەددەس قىلىنغان، خوجايىنىمىزغا يارايدىغان قاچىدەك، ھەرقانداق گۈزەل ئىشلارغا تەييار بولىدۇ»+bd* ــ «خوجايىنىمىز»: ــ ئىگىمىز، ئەلۋەتتە. بۇ مۇھىم ئايەت توغرلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.*
22شۇڭلاشقا، ياشلىقنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرغىن، پاك قەلب بىلەن رەبگە نىدا قىلغۇچىلەر بىلەن بىللە ھەققانىيلىق، ئىشەنچ-ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت ۋە تىنچ-خاتىرجەملىكنى قوغلىشىپ ئىزدە. ◘ 2:22 1تىم. 6:11. *
23لېكىن ئەخمىقانە، بىلىمسىزلىكتىن چىققان تالاش-تارتىشلارغا ئارىلىشىشنى رەت قىل، چۈنكى بۇنداق ئىشلارنىڭ جېدەل تېرىيدىغانلىقىنى بىلىسەن. ◘ 2:23 1تىم. 1:4؛ 6:4؛ تىت. 3:9. *
24ئەمدىلىكتە رەبنىڭ قۇلى جېدەللەشمەسلىكى، بەلكى ھەممە كىشىلەرگە مۇلايىم-مېھرىبان، تەلىم بېرىشكە ماھىر، سەۋر-تاقەتلىك بولۇشى كېرەك؛ ◘ 2:24 1تىم. 3:2. *
25شۇنىڭ بىلەن ئۆز-ئۆزىگە قارشى بولغانلارغا ئۇ خۇدا بەلكىم ئۇلارغا ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىگە توۋا قىلىدىغان قەلبنى بېرەر دەپ، مۆمىن-مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلسۇن؛ ◼ 2:25 +bd «...شۇنىڭ بىلەن ئۆز-ئۆزىگە قارشى بولغانلارغا ئۇ خۇدا بەلكىم ئۇلارغا ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىگە توۋا قىلىدىغان قەلبنى بېرەر دەپ، مۆمىن-مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلسۇن»+bd* ــ «ئۆز-ئۆزىگە قارشى بولغانلارغا» دېگەن ئىبارە ئوقۇرمەنلەرگە غەلىتە تۇيۇلغىنى بىلەن، گرېك تىلىدا شۇنداق ئىپادىلىنىدۇ. دېمەك، ھەقىقەتنى جاكارلىغۇچىغا قارشى چىقسا، ئەمەلىيەتتە ئۇ خۇدا ئۆزىگە قىلماقچى بولغان ياخشىلىقتىن مەھرۇم بولۇپ، ئۆز-ئۆزىگە قارشى چىققان بولىدۇ. «پەند.» 36:8 كۆرۈڭ.* ◘ 2:25 پەند. 8:36؛ 9:12؛ 11:17؛ گال. 6:1. *