1ئەمما شۇنىمۇ بىلگىنكى، ئاخىر زامانلاردا ئېغىر كۈنلەر بولىدۇ. ◼ 3:1 +bd «ئەمما شۇنىمۇ بىلگىنكى، ئاخىر زامانلاردا ئېغىر كۈنلەر بولىدۇ»+bd* ــ «ئېغىر كۈنلەر» گرېك تىلىدا يەنە «خەتەرلىك كۈنلەر»نىمۇ بىلدۈرىدۇ.* ◘ 3:1 1تىم. 4:1؛ 2پېت. 2:3؛ يەھ. 18. *
2ئۇ چاغدىكى ئىنسانلار ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، پۇلپەرەس، مەنمەنچى، ھاكاۋۇر، كۇپۇرلۇق قىلىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى تىڭشىمايدىغان، تۇزكور، ئىپلاس،
3كۆيۈمسىز، كەچۈرۈمسىز، تۆھمەتخور، ئۆزىنى تۇتالمايدىغان، ۋەھشىي، خەير-ساخاۋەتلىككە دۈشمەن،
4ساتقۇن، تەلۋە، شۆھرەتپەرەس، ھۇزۇر-ھالاۋەتنى خۇدادىن ياخشى كۆرىدىغان،
5سىرتقى قىياپەتتە ئىخلاسمەن بولۇۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە ئىخلاسمەنلىكنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلىدىغان بولىدۇ. بۇنداقلاردىن يىراق تۇر. ◼ 3:5 +bd «...سىرتقى قىياپەتتە ئىخلاسمەن بولۇۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە ئىخلاسمەنلىكنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلىدىغان بولىدۇ. بۇنداقلاردىن يىراق تۇر»+bd* ــ 1-5-ئايەتلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە قىسقىچە توختىلىمىز.* ◘ 3:5 مات. 18:17؛ رىم. 16:17؛ 2تېـس. 3:6؛ تىت. 3:10؛ 2يۇھ. 10. *
6چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلەر ئۆيمۇ-ئۆي سوقۇنۇپ كىرىپ، گۇناھلار بىلەن بېسىلغان، ھەرخىل شەھۋەت-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولۇپ قالغان نادان ئاياللارنى ئازدۇرۇپ ئۆزىگە ئەسىر قىلىدۇ. ◼ 3:6 +bd «ھەرخىل شەھۋەت-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولۇپ قالغان نادان ئاياللار...»+bd* ــ ياكى «ھەرخىل شەھۋەت-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولۇپ قالغان ئاجىز ئاياللار...».* ◘ 3:6 مات. 23:14؛ تىت. 1:11. *
7بۇنداق ئاياللار دائىم تەلىم ئالسىمۇ، ھەرگىز ھەقىقەتنى تونۇپ يېتەلمەيدۇ.
8ئەمدى ياننىس بىلەن يامبرىس مۇسا پەيغەمبەرگە قانداق قارشى چىققان بولسا، بۇ ئازدۇرغۇچىلارمۇ* ھەقىقەتكە شۇنداق قارشى چىقىدۇ. ئۇلار زېھىن-كۆڭۈللىرى چىرىگەن، ئېتىقاد جەھەتتە داشقال دەپ ئىسپاتلانغان كىشىلەردۇر. ◼ 3:8 +bd «ئەمدى ياننىس بىلەن يامبرىس مۇسا پەيغەمبەرگە قانداق قارشى چىققان بولسا، بۇ ئازدۇرغۇچىلارمۇ ھەقىقەتكە شۇنداق قارشى چىقىدۇ»+bd* ــ «مىس.» 11:7، 22، 7:8، 18نى كۆرۈڭ. ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىشتىن بۇرۇن، مىسىر پادىشاھىنىڭ سېھىرگەرلىرى مۇسا پەيغەمبەرگە قارشى تۇرغان. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى (ياننىس بىلەن يامبرىس) تەۋراتتا دېيىلگەن ئەمەس، بەلكى يەھۇدىيلارنىڭ باشقا تارىخىي كىتابلىرىدا تېپىلىدۇ.* ◘ 3:8 مىس. 7:11. *
9لېكىن ئەمدى ئۇلار بۇ يولدا ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ؛ چۈنكى ياننىس بىلەن يامبرىس*نىڭ ھاماقەتلىكى ئوچۇق كۆرۈنگەندەك، بۇلارنىڭمۇ ھەممىگە كۆرۈنىدۇ.
10-11 لېكىن سەن بولساڭ مېنىڭ تەلىمىم، يۈرۈش-تۇرۇشۇم، مەقسەت-ئىرادىلىرىم، ئىشەنچ-ئېتىقادىم، سەۋر-تاقىتىم، مېھىر-مۇھەببىتىم، چىداملىقىم، مەن ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلەر ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە، جۈملىدىن ئانتاكيا، كونىيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەنلەرگە تولىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىڭ، شۇنداقلا مەن بەرداشلىق بەرگەن شۇنچە زىيانكەشلىكلەردىن تولۇق خەۋىرىڭ بار؛ رەب ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن مېنى قۇتقۇزدى. ◼ 3:10-11 +bd «جۈملىدىن ئانتاكيا، كونىيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەنلەرگە تولىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىڭ...»+bd* ــ «ئانتاكيا، كونىيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەنلەر»: ــ بۇ بىر-بىرىگە يېقىن ئۈچ يۇرتتا بولغان ۋەقەلەر توغرۇلۇق مەلۇماتلار «روس.» 13-14-بابتا تېپىلىدۇ. تىموتىي ئۆزى لىسترالىق ئىدى؛ پاۋلۇس دۇچ كەلگەن بۇ زىيانكەشلىكلەر تىموتىينىڭ مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشىغا تەسىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.* ◘ 3:10-11 زەب. 34:19؛ روس. 13:50؛ 14:19؛ 2كور. 1:10*
12دەرۋەقە، مەسىھ ئەيسادا ئىخلاسمەن ھايات كەچۈرۈشكە ئىرادە تىكلىگەنلەرنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. ◘ 3:12 مات. 16:24؛ لۇقا 24:26؛ يـۇھ. 17:14؛ روس. 14:22؛ 1تېس. 3:3. *
13لېكىن رەزىل ئادەملەر ۋە ئېزىتقۇ-كاززاپلار بەرىبىر باشقىلارنىمۇ ئالداپ، ئۆزىمۇ ئالدىنىپ، بارغانسېرى ئەسەبىيلىشىدۇ.
14لېكىن سەن بولساڭ، ئۆگەنگەن ۋە تولۇق ئىشەندۈرۈلگەن ھەقىقەتلەردە چىڭ تۇر؛ چۈنكى بۇلارنى كىمدىن ئۆگەنگەنلىكىڭنى بىلىسەن، ◼ 3:14 +bd «چۈنكى بۇلارنى كىمدىن ئۆگەنگەنلىكىڭنى بىلىسەن»+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «كىملەر» دەپ دېيىلىدۇ. لېكىن بىزنىڭچە «كىم» دەپ ئوقۇش توغرا، چۈنكى پاۋلۇس بۇ ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ ئۈلگە بولغانلىقى توغرۇلۇق كۆپ سۆزلەيدۇ. تۆۋەندىكى 15-ئايەتتە ئۇ باشقا كىشىلەر (تىموتىينىڭ چوڭ ئانا ۋە ئانىسى)نىڭ تەسىرىنى تىلغا ئالىدۇ.*
15ھەمدە بالىلىق چاغلىرىڭدىن تارتىپلا مۇقەددەس يازمىلارنى بىلىپ كەلدىڭ؛ بۇلارنىڭ ساڭا مەسىھ ئەيساغا باغلانغان ئېتىقاد ئارقىلىق بولغان نىجات توغرۇلۇق سېنى دانا قىلالايدىغانلىقىنى بىلىسەن.
16پۈتكۈل مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ روھىنىڭ يوليورۇق-ئىلھامى بىلەن يېزىلغان بولۇپ، ئۇ تەلىم بېرىش، تەنبىھ بېرىش، خاتالىقلارنى تۈزىتىش ۋە كىشىلەرنى ھەققانىيەت يولىغا باشلاشقا پايدىلىقتۇر. ◼ 3:16 +bd «پۈتكۈل مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ روھىنىڭ يوليورۇق-ئىلھامى بىلەن يېزىلغان بولۇپ...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «پۈتكۈل مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھەممىسى» دېگەن ئىبارە يازمىلاردىكى ھەربىر سۆز-ئايەتنىڭ خۇدادىن كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.