1مەنكى پاۋلۇس، سىلاس ھەمدە تىموتىيدىن خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدە بولغان، تېسالونىكا شەھىرىدىكى جامائەتكە سالام.
2بىز دۇئالىرىمىزدا سىلەرنى ياد ئېتىپ تۇرۇپ، خۇداغا سىلەر ئۈچۈن ھەردائىم تەشەككۈر ئېيتىمىز؛ ◘ 1:2 ئەف. 1:16؛ فىل. 1:3؛ كول. 1:3؛ 2تېـس. 1:3. *
3خۇدائاتىمىزنىڭ ئالدىدا ئېتىقادىڭلاردىن بولغان ئەمەللىرىڭلارنى، مېھىر-مۇھەببەتتىن چىققان جاپالىق ئەجرىڭلارنى، رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە باغلىغان ئۈمىدتە بولغان چىداملىقىڭلارنى ئىزچىل ئەسلەپ تۇرۇۋاتىمىز. ◼ 1:3 +bd «ئېتىقادىڭلاردىن بولغان ئەمەللىرىڭلار...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئېتىقادىڭلاردىن بولغان ئەمىلىڭ...».* ◘ 1:3 يـۇھ. 6:29*
4چۈنكى ئەي قېرىنداشلار، خۇدا سۆيگەنلەر، ئۇنىڭ سىلەرنى تاللىغانلىقى بىزگە ئايان.
5چۈنكى خۇش خەۋىرىمىز سىلەرگە يەتكۈزۈلگىنىدە سۆزلەر بىلەنلا ئەمەس، بەلكى كۈچ-قۇدرەت بىلەن، مۇقەددەس روھ بىلەن، مۇتلەق جەزملەشتۈرۈلگەن ھالدا سىلەرگە يەتكۈزۈلگەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىزنىڭ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولغىنىمىزدا سىلەرنى دەپ ئۆزىمىزنى قانداق تۇتقانلىقىمىزنى ئوبدان بىلىسىلەر. ◘ 1:5 1كور. 2:4؛ 4:20؛ 1تېس. 2:1. *
6شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە تۇرۇقلۇقمۇ، مۇقەددەس روھنىڭ شادلىقى بىلەن سۆز-كالامنى قوبۇل قىلىپ، بىزنى، شۇنداقلا رەبنىڭ ئۆزىنى ئۈلگە قىلىپ ئەگەشتىڭلار، ◘ 1:6 1كور. 4:16؛ 11:1؛ فىل. 3:17؛ 2تېـس. 3:9. *
7شۇنىڭ بىلەن سىلەر ماكېدونىيە ۋە ئاقايا ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق ئېتىقادچىلارغا ئۈلگە بولۇپ چىقتىڭلار؛
8چۈنكى رەبنىڭ سۆز-كالامى سىلەردىن پەقەت ماكېدونىيە ۋە ئاقاياغىلا ياڭراپ قالماستىن، بەلكى ھەممە يەرگە خۇداغا باغلانغان ئېتىقادىڭلار توغرۇلۇق ھەممە يەرگە خەۋەر تارقىلىپتۇ؛ نەتىجىدە، بىزنىڭ شۇ يەرلەردە خۇش خەۋەر توغرۇلۇق* ھېچنېمە دېيىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمىدى. ◼ 1:8 +bd «چۈنكى رەبنىڭ سۆز-كالامى سىلەردىن پەقەت ماكېدونىيە ۋە ئاقاياغىلا ياڭراپ قالماستىن، بەلكى ھەممە يەرگە خۇداغا باغلانغان ئېتىقادىڭلار توغرۇلۇق ھەممە يەرگە خەۋەر تارقىلىپتۇ؛ نەتىجىدە، بىزنىڭ شۇ يەرلەردە خۇش خەۋەر توغرۇلۇق ھېچنېمە دېيىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمىدى. »+bd* ــ دېمەك، پاۋلۇس ۋە خىزمەتداشلىرى قايسى يەرلەرگە بارمىسۇن، شۇ يەردىكى كىشىلەر ئاللىقاچان تېسالونىكادىكىلەرنىڭ خۇداغا بولغان ئېتىقادىدىن خەۋەر تاپقان، شۇنداقلا ئۆزلىرىمۇ خۇش خەۋەردىن خەۋەردار بولغان.*