1ئاخىرىدا، ئى قېرىنداشلار، بىز رەب ئەيسادا تۇرۇپ سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمىز ھەم جېكىلەيمىزكى، سىلەر بىزدىن خۇدانى خۇرسەن قىلىشقا قانداق مېڭىشىڭلار كېرەكلىكىنى تاپشۇرۇۋالغىنىڭلاردەك ھەم ھازىر شۇ بويىچە مېڭىۋاتقىنىڭلاردەك، شۇنداق قىلىشىڭلار تېخىمۇ ئېشىپ تاشقاي. ◘ 4:1 فىل. 1:27؛ 1تېس. 2:12. *
2چۈنكى سىلەر بىزنىڭ رەب ئەيسا ئارقىلىق سىلەرگە نېمە ئەمرلەرنى تاپىلىغانلىقىمىزنى بىلىسىلەر.
3چۈنكى خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇكى، پاك-مۇقەددەس قىلىنىش، ھەرقانداق بۇزۇقچىلىقتىن ساقلىنىش، ◘ 4:3 رىم. 12:2؛ ئەف. 5:27؛ فىل. 4:8. *
4-5 يەنى ھەربىرىڭلار خۇدانى تونۇمايدىغان تائىپىلەردەك شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە بېرىلمەي، بەلكى قانداق قىلىپ ئۆز تېنىنى باشقۇرۇپ، ئۇنى پاك-مۇقەددەسلىكتە ئار-نومۇس بىلەن ساقلاشنى ئۆگىنىۋېلىشتۇر. ◼ 4:4-5 +bd «.... بەلكى قانداق قىلىپ ئۆز تېنىنى باشقۇرۇپ، ئۇنى پاك-مۇقەددەسلىكتە ئار-نومۇس بىلەن ساقلاشنى ئۆگىنىۋېلىشتۇر»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۆز تېنى» «ئۆز چىنىسى» دېگەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا جۈملىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۆلىكىنى «خۇدانىڭ ئىرادىسى... ئۆز جورا-ھەمراھىنى تېپىپ، پاك-مۇقەددەسلىك ۋە ئار-نومۇسلۇقتا ھايات ئۆتكۈزۈشنى ئۆگىنىۋېلىشتۇر» ياكى «ئۆز پاك-مۇقەددەسلىك ۋە ئار-نومۇسلۇقىڭلارنى ساقلاپ، ئۆز جورا-ھەمراھىڭلار بىلەن ياشاشنى ئۆگىنىۋېلىشتۇر» دەپمۇ چۈشىنىشكە بولىدۇ. چوڭ ئىمكانىيەت باركى، روسۇل تەرجىمىمىزدىكىدەك شۇنداقلا بۇ ئىككى مەنىنىمۇ بىلدۈرمەكچى بولغان. خۇدانىڭ بېكىتكىنى بىلەن نىكاھلانغان ئەر-ئايال بەرىبىر «بىر تەن»دۇر.* ◘ 4:4-5 1كور. 15:34؛ ئەف. 4:18. *
6بۇ جەھەتلەردە ھېچكىم ئۆز قېرىندىشىنىڭ ھەققىگە چاڭ سېلىپ، ئۆز پايدا-مەنپەئىتىنى قوغلىمىسۇن؛ چۈنكى بىز ئىلگىرى سىلەرگە چۈشەندۈرۈپ تولۇق ئاگاھلاندۇرغىنىمىزدەك، بارلىق مۇشۇنداق ئىشلاردا رەب ئۆزى ئىنتىقام ئالغۇچىدۇر.
7چۈنكى خۇدا بىزنى ناپاكلىققا ئەمەس، بەلكى پاك-مۇقەددەسلىكتە ياشاشقا چاقىردى. ◘ 4:7 يـۇھ. 17:19؛ 1كور. 1:2. *
8شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەقىقەتنى* رەت قىلغان ئادەم، ئىنسانىي ھوقۇقنى ئەمەس، بەلكى سىلەرگە مۇقەددەس روھىنى ئاتا قىلغۇچى خۇدانى رەت قىلغان بولىدۇ. ◘ 4:8 لۇقا 10:16؛ 1كور. 7:40. *
9ئەمدى قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببەتكە كەلسەك، بۇ توغرىسىدا سىلەرگە يېزىپ ئولتۇرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى خۇدا ئۆزى بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى ئۆگەتمەكتە. ◘ 4:9 لاۋ. 19:18؛ مات. 22:39؛ يـۇھ. 13:34؛ 15:12؛ ئەف. 5:2؛ 1پېت. 4:8؛ 1يۇھ. 3:23؛ 4:21. *
10چۈنكى سىلەر پۈتكۈل ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىكى ھەممە قېرىنداشلارغا شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر؛ شۇنداق بولسىمۇ، ئى قېرىنداشلار، شۇنداق قىلىشقا بېرىلىپ تېخىمۇ ئېشىپ تېشىشىڭلارنى،
11شۇنداقلا بىز سىلەرگە تاپىلىغىنىمىزدەك، تىنچ يۈرۈشنى، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا* ئارىلاشماي*، ئۆز ئىشىڭلار بىلەن بولۇپ، ئىككى قولۇڭلارغا تايىنىپ ياشاشنى نىشان قىلىپ ئىنتىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمىز. ◘ 4:11 روس. 20:34؛ ئەف. 4:28؛ 2تېـس. 3:7،12. *
12مانا شۇنداق قىلساڭلار، سىرتتىكىلەر ئالدىدا ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ ماڭىسىلەر ۋە ھېچكىمنىڭ قولىغا بېقىنىپ قالمايسىلەر. ◼ 4:12 +bd «مانا شۇنداق قىلساڭلار، سىرتتىكىلەر ئالدىدا ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ ماڭىسىلەر ۋە ھېچكىمنىڭ قولىغا بېقىنىپ قالمايسىلەر»+bd* ــ «سىرتتىكىلەر» ئېتىقادسىزلار، جامائەتتىن سىرتتا تۇرغانلارنى كۆرسىتىدۇ.*
13لېكىن، ئەي قېرىنداشلار، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان باشقا ھەممىسىدەك، ئاراڭلاردىكى* ئۆلۈمدە* ئۇخلاپ قالغانلارغا قايغۇرۇپ ھەسرەت چەكمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھالى توغرۇلۇق خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمىز. ◼ 4:13 +bd «(سىلەرنىڭ) ... ئۇلارنىڭ ھالى توغرۇلۇق خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمىز»+bd* ــ «سىلەرنىڭ... خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمىز» دېگەن بۇ ئىبارە ئادەتتە رىم ئىمپېراتورى يارلىق چۈشۈرگەندە ئىشلىتىدىغان ئىبارە ئىدى. روسۇل ئەمدى كېيىنكى گېپىنى «ئالەم ئىمپېراتورى ئەيسا مەسىھ»دىن كەلگەن دەپ پۇراتماقچى ئوخشايدۇ.* ◘ 4:13 لاۋ. 19:28؛ قان. 14:1؛ 2سام. 12:20-23. *
14چۈنكى بىز ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلگەنلىكىگە ئىشەنگەنىكەنمىز، ئەيسا قايتا كەلگىنىدە*، ئۆلۈمدە ئۇنىڭدا ئۇخلاپ قالغانلارنى خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
15چۈنكى رەبنىڭ سۆز-كالامى بويىچە سىلەرگە شۇنى ئېيتىمىزكى، رەب قايتا كەلگۈچە تىرىك قالغان بىزلەر ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىشىمىز جەزمەن ئۆلۈمدە ئۇخلاپ قالغانلارنىڭكىدىن ئاۋۋال بولمايدۇ؛ ◼ 4:15 +bd «رەب قايتا كەلگۈچە تىرىك قالغان بىزلەر ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىشىمىز جەزمەن ئۆلۈمدە ئۇخلاپ قالغانلارنىڭكىدىن ئاۋۋال بولمايدۇ»+bd* ــ «چىقىشىمىز» دېگەن سۆز «ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشىمىز»نى كۆتۈرىدۇ. كېيىنكى ئايەتلەرنى كۆرۈڭ.* ◘ 4:15 1كور. 15:22،51. *
16چۈنكى رەب قاتتىق بىر نەرە تارتىپ، باش پەرىشتىنىڭ ئاۋازى ۋە خۇدانىڭ كاناي ساداسى ئىچىدە ئاسماندىن چۈشىدۇ ۋە مەسىھدە بولۇپ ئۆلگەنلەر ئاۋۋال تىرىلىدۇ؛ ◘ 4:16 يەش. 13:27؛ زەك. 14:9؛ مات. 24:31؛ 1كور. 15:52؛ ۋەھ. 7:10، 15:11؛ 2تېـس. 1:7. *
17ئاندىن تىرىك قالغان بىزلەر ئۇلار بىلەن بىرگە رەب بىلەن ھاۋادا كۆرۈشۈش ئۈچۈن، بۇلۇتلار ئارىسىغا ئېلىنىپ كۆتۈرۈلىمىز؛ شۇنىڭ بىلەن بىز رەب بىلەن مەڭگۈ بىرگە بولىمىز. ◼ 4:17 +bd «ئاندىن تىرىك قالغان بىزلەر ئۇلار بىلەن بىرگە رەب بىلەن ھاۋادا كۆرۈشۈش ئۈچۈن، بۇلۇتلار ئارىسىغا ئېلىنىپ كۆتۈرۈلىمىز؛ شۇنىڭ بىلەن بىز رەب بىلەن مەڭگۈ بىرگە بولىمىز»+bd* ــ بۇ ۋەقەلەر توغرۇلۇق «كولوسسىلىكلەرگە»دىكى (3:3 توغرۇلۇق) «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.*