تېسالونىكالىقلارغا «1» 5:1-28 UIGB2010 - Bible AI

1لېكىن ئى قېرىنداشلار، سىلەرگە شۇ ئىشلارنىڭ ۋاقىتلىرى ۋە زامانلىرى توغرىسىدا يېزىشىمنىڭ ھاجىتى يوق.

2چۈنكى ئۆزۈڭلار ئوبدان بىلىسىلەر، رەبنىڭ كۈنى خۇددى كېچىدە كىرگەن ئوغرىنىڭ كېلىشىگە ئوخشاش تۇيۇقسىز* كېلىدۇ. ◘ 5:2 مات. 24‏:43؛ 2پېت. 3‏:10؛ ۋەھ. 3‏:3؛ 16‏:15. *

3ئەمدى كىشىلەر «دۇنيا* تىنچ-ئامان بولۇۋاتىدۇ» دەپ تۇرغاندا، خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقى ئۇشتۇمتۇت تۇتقىنىدەك، ھالاكەت ئۇلارنىڭ بېشىغا تۇيۇقسىز چۈشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ◘ 5:3 2تېـس. 1‏:9. *

4لېكىن سىلەر، ئى قېرىنداشلار، قاراڭغۇلۇقتا تۇرغۇچىلار ئەمەسسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۈن سىلەرنى ئوغرىدەك چۆچۈتۈپ كەلمەيدۇ. ◘ 5:4 ئ‍ەف. 5‏:8. *

5چۈنكى سىلەر ھەممىڭلار يورۇقلۇقنىڭ پەرزەنتلىرى، كۈندۈزنىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر؛ بىز كېچىگە تەۋە ياكى قاراڭغۇلۇققا مەنسۇپ ئەمەسمىز. ◘ 5:5 لۇقا 16‏:8؛ رىم. 13‏:12؛ ئ‍ەف. 5‏:8. *

6شۇنىڭ ئۈچۈن باشقا ھەممىسىدەك ئۇخلىمايلى، بەلكى سەگەك ۋە سالماق بولايلى. ◘ 5:6 لۇقا 21‏:36؛ رىم. 13‏:11،13؛ 1كور. 15‏:34؛ ئ‍ەف. 5‏:14. *

7چۈنكى ئۇخلايدىغانلار كېچىسى ئۇخلايدۇ، مەست بولىدىغانلارمۇ كېچىسى مەست بولىدۇ.

8بىراق ئۆزىمىز كۈندۈزگە مەنسۇپ بولغاندىن كېيىن، سالماق بولايلى، كۆكرىكىمىزگە ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەتنى ساۋۇت قىلىپ، بېشىمىزغا نىجاتقا باغلانغان ئۈمىدنى دۇبۇلغا قىلىپ كىيىۋالايلى؛ ◼ 5:8 +bd «... سالماق بولايلى، كۆكرىكىمىزگە ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەتنى ساۋۇت قىلىپ، بېشىمىزغا نىجاتقا باغلانغان ئۈمىدنى دۇبۇلغا قىلىپ كىيىۋالايلى»+bd* ــ «يەش.» 17:59نى كۆرۈڭ. گرېك تىلىدا: «مەيدىمىزگە ئېتىقاد ۋە مۇھەببەتنىڭ ساۋۇتىنى، بېشىمىزغا نىجاتنىڭ ئۈمىدىنى دۇبۇلغىسىنى كىيىۋالايلى».* ◘ 5:8 يەش. 59‏:17؛ ئ‍ەف. 6‏:14. *

9چۈنكى خۇدا بىزنى ئۆز غەزىپىگە ئۇچرىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق نىجاتقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تاللاپ بېكىتكەن.

10ئۇ بىز ئۈچۈن ئۆلدى ــ مەقسىتى، ھايات قېلىپ ئويغاق تۇرساقمۇ ياكى ئۆلۈمدە* ئۇخلىغان بولساقمۇ، بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھاياتتا بولۇشىمىز ئۈچۈندۇر. ◼ 5:10 +bd «بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھاياتتا بولۇشىمىز ئۈچۈن»+bd* ــ دېمەك، ئۇنىڭ دۇنياغا قايتىپ كېلىشىدە تىرىلىپ تۇرىشىمىز ئۈچۈن.* ◘ 5:10 رىم. 14‏:7؛ 2كور. 5‏:15؛ گال. 2‏:20؛ 1پېت. 4‏:2. *

11شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر قىلىۋاتقىنىڭلارغا ئوخشاش، بىر-بىرىڭلارنى داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈپ، بىر-بىرىڭلارنىڭ ئېتىقادىنى* قۇرۇڭلار.

12ئەمدى ئى قېرىنداشلار، ئاراڭلاردا جاپالىق ئىشلەۋاتقان ۋە رەبدە سىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، نەسىھەت بېرىۋاتقانلارنى قەدىرلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمىز. ◘ 5:12 رىم. 15‏:27؛ 1كور. 9‏:11؛ 16‏:18؛ گال. 6‏:6؛ فىل. 2‏:29؛ 1تىم. 5‏:17؛ ئىبر. 13‏:7،17. *

13بۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قەدىرلەڭلار. بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار. ◼ 5:13 +bd «... بۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قەدىرلەڭلار. بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار»+bd* ــ مۇشۇنداق ئېتىقادچىلار جامائەتتە مەيدانغا كەلسە، كېيىنچە ئۇلارنى جامائەتتىكى «ئاقساقال» ياكى «يېتەكچى» دەپ بېكىتىشكە توغرا كېلىدۇ. پاۋلۇس تېسالونىكادىكى جامائەتتە تېخى ئاقساقاللارنى بېكىتمىگەنىدى.*

14ئەمما، ئى قېرىنداشلار، سىلەردىن شۇنىمۇ ئۆتۈنىمىزكى، تەرتىپسىز يۈرگەنلەرگە نەسىھەت بېرىڭلار، يۈرەكسىزلەرنى رىغبەتلەندۈرۈڭلار، ئاجىزلارغا يار-يۆلەك بولۇڭلار ۋە ھەممە ئادەمگە سەۋرىچان بولۇڭلار. ◼ 5:14 +bd «...ئاجىزلارغا يار-يۆلەك بولۇڭلار»+bd* ــ «ئاجىزلار» بەلكىم روھىي ھەم جىسمانىي تەرەپلەردە بولغان ئاجىزلارنى كۆرسىتىدۇ.*

15ھېچقايسىڭلار يامانلىققا يامانلىق قىلماسلىققا كۆڭۈل بۆلۈڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ۋە بارلىق كىشىلەرگە ھەمىشە ياخشىلىق قىلىشقا ئىنتىلىڭلار. ◘ 5:15 لاۋ. 19‏:18؛ پەند. 20‏:22؛ 24‏:29؛ مات. 5‏:39؛ رىم. 12‏:17؛ 1كور. 6‏:7؛ 1پېت. 3‏:9. *

16ھەردائىم شادلىنىڭلار. ◘ 5:16 مات. 5‏:12؛ لۇقا 10‏:20؛ رىم. 12‏:12؛ فىل. 4‏:4. *

17توختىماي دۇئا قىلىڭلار. ◘ 5:17 لۇقا 18‏:1؛ رىم. 12‏:12؛ كول. 4‏:2. *

18ھەرقانداق ئىشتا تەشەككۈر ئېيتىڭلار. چۈنكى مانا بۇلار خۇدانىڭ مەسىھ ئەيسادا سىلەرگە قاراتقان ئىرادىسىدۇر. ◘ 5:18 ئ‍ەف. 5‏:20. *

19روھنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرمەڭلار. ◼ 5:19 +bd «روھنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرمەڭلار»+bd* ــ گرېك تىلىدا «روھنى ئۆچۈرمەڭلار». «روھ» مۇقەددەس روھ، ئەلۋەتتە. «مۇقەددەس روھنىڭ ئوتى» ئىشەنگەن ئادەمنىڭ قەلبىدە ياخشىلىق قىلىشقا ياكى بولۇپمۇ مەلۇم بىر روھىي ئىلتىپاتنى بىلدۈرۈشكە كۈچلۈك ئىلھام پەيدا قىلغان بولسا ئۇنى «ئۆچۈرۈش»كە بولمايدۇ. مۇشۇ سۆزلەر بەلكىم بېشارەت بېرىش ياكى باشقا مۆجىزىلىك ئىلتىپاتلارنى كۆزدە تۇتىدۇ؛ كېيىنكى ئايەت بىلەن مۇناسۋىتى بار.* ◘ 5:19 1كور. 14‏:30. *

20ئاراڭلاردا پەيغەمبەرلەرچە يەتكۈزۈلگەن بېشارەتلىك سۆزلەرنى كەمسىتمەڭلار؛ ◼ 5:20 +bd «ئاراڭلاردا پەيغەمبەرلەرچە يەتكۈزۈلگەن بېشارەتلىك سۆزلەرنى كەمسىتمەڭلار»+bd* ــ گرېك تىلىدا «پەيغەمبەرلىك سۆزلەر». «روھىي ئىلتىپاتلار» توغرۇلۇق «كورىنتلىقلارغا (1)»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.*

21ھەممە گەپنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاپ كۆرۈڭلار؛ دۇرۇس بولسا ئۇنى چىڭ تۇتۇپ قولدىن بەرمەڭلار*. ◘ 5:21 1يۇھ. 4‏:1. *

22يامانلىقنىڭ ھەرقانداق شەكلىدىن ئۆزۈڭلارنى يىراق تۇتۇڭلار. ◼ 5:22 +bd «يامانلىقنىڭ ھەرقانداق شەكلىدىن ئۆزۈڭلارنى يىراق تۇتۇڭلار»+bd* ــ «يامانلىقنىڭ ھەرقانداق شەكلى» يامانلىقنىڭ ھەر خىللىقلىقىنى ھەمدە يامان ئىشتەك كۆرۈنۈپ قالىدىغان ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېتىقادچىلار ھەتتا «يامان ئىشتەك كۆرۈنۈپ قالىدىغان» ئىشتىمۇ بولماسلىققا كۆڭۈل بۆلۈشىگە توغرا كېلىدۇ.* ◘ 5:22 فىل. 4‏:8. *

23خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا ئۆزى سىلەرنى ئۆزۈل-كېسىل پاك-مۇقەددەس قىلغاي، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگۈچە پۈتكۈل روھىڭلار، جېنىڭلار ۋە تېنىڭلارنى ئەيىبسىز ساقلىغاي. ◼ 5:23 +bd «خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا»+bd* ــ گرېك تىلىدا: «خاتىرجەملىكنىڭ خۇداسى» ــ دېمەك، خاتىرجەملىك بەرگۈچى ھەم ئۆزى ھەردائىم خاتىرجەملىكتە تۇرغۇچى خۇدادۇر.* ◘ 5:23 1كور. 1‏:8؛ فىل. 4‏:9؛ 1تېس. 3‏:13. *

24سىلەرنى چاقىرغۇچى بولسا سادىق-ۋاپادۇر، ئۇ ئۇنى جەزمەن ئادا قىلماي قالمايدۇ. ◼ 5:24 +bd «سىلەرنى چاقىرغۇچى بولسا سادىق-ۋاپادۇر، ئۇ ئۇنى جەزمەن ئادا قىلماي قالمايدۇ»+bd* ــ «سىلەرنى چاقىرغۇچى» ــ خۇدا، ئەلۋەتتە.* ◘ 5:24 1كور. 1‏:9؛ 10‏:13؛ 2كور. 1‏:18؛ 2تېـس. 3‏:3. *

25قېرىنداشلار، بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار.

26ھەممە قېرىنداشلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار. ◘ 5:26 رىم. 16‏:16؛ 1كور. 16‏:20؛ 2كور. 13‏:12؛ 1پېت. 5‏:14. *

27مەن رەبدە سىلەرگە شۇنى جىددىي تاپىلايمەنكى، بۇ خەتنى شۇ يەردىكى* ھەممە مۇقەددەس قېرىنداشلارغا ئوقۇپ بېرىڭلار!

28رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي!

er>