تېسالونىكالىقلارغا «2» 1:1-12 UIGB2010 - Bible AI

1مەنكى پاۋلۇس، سىلاس ھەمدە تىموتىيدىن خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدە بولغان، تېسالونىكا شەھىرىدىكى جامائەتكە سالام. ◼ 1:1 \+bd «تېسالونىكا شەھىرىدىكى جامائەتكە سالام»\+bd* ــ «تېسالونىكا شەھىرى» ــ قەدىمكى گرېتسىيەدىكى بىر شەھەر ئىدى، بۇ شەھەرنىڭ ھازىرقى نامى «سالونىكا» بولۇپ، ئۇ تۈركىيىدە.

2خۇدائاتىمىز ۋە رەب ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىنغاي! ◘ 1:2 1كور. 1‏:3؛ 1تېس. 1‏:1؛ 1پېت. 1‏:2. ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدىكى رىغبەت-تەسەللى

3سىلەر ئۈچۈن خۇداغا ھەردائىم تەشەككۈر ئېيتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ (ھەمدە شۇنداق قىلىش تولىمۇ لايىقتۇر)، ئى قېرىنداشلار، ــ چۈنكى ئېتىقادىڭلار كۈچلۈك ئۆسمەكتە ھەمدە بىر-بىرىڭلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارمۇ ئېشىپ تاشماقتا. ◼ 1:3 \+bd «سىلەر ئۈچۈن خۇداغا ھەردائىم تەشەككۈر ئېيتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ ...، ئى قېرىنداشلار، ــ چۈنكى ئېتىقادىڭلار كۈچلۈك ئۆسمەكتە ھەمدە بىر-بىرىڭلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارمۇ ئېشىپ تاشماقتا»\+bd* ــ پاۋلۇسنىڭ بىرىنچى خېتىدىكى دۇئاسى ھەم ئۆتۈنۈشلىرى ھازىر ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتىدۇ؛ «1تېس.» 12:3، 10:4نى كۆرۈڭ. ◘ 1:3 ئ‍ەف. 1‏:15؛ فىل. 1‏:3؛ كول. 1‏:3؛ 1تېس. 1‏:2.

4شۇنىڭ بىلەن بىز ئۆزىمىز سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەن، شۇنداقلا بەرداشلىق بېرىۋاتقان بارلىق زىيانكەشلىك ۋە جاپا-مۇشەققەتلەر ئىچىدە كۆرسەتكەن سەۋر-چىداملىق ۋە ئېتىقادىڭلار ئۈچۈن، خۇدانىڭ ھەرقايسى جامائەتلىرىدە سىلەردىن پەخىرلىنىمىز؛ ◘ 1:4 1تېس. 2‏:19.

5بۇ ئىشلار خۇدانىڭ كېلىدىغان ئادىل ھۆكۈمىنى كۆرسىتىدىغان روشەن بىر ئالامەتتۇر ۋە شۇنداقلا، بۇ ئىشلار سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ھېسابلىنىشىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ سىلەر مانا شۇ پادىشاھلىق ئۈچۈن زۇلۇم-زەخمەت چېكىۋاتىسىلەر؛ ◼ 1:5 \+bd «بۇ ئىشلار خۇدانىڭ كېلىدىغان ئادىل ھۆكۈمىنى كۆرسىتىدىغان روشەن بىر ئالامەتتۇر ۋە شۇنداقلا، بۇ ئىشلار سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ھېسابلىنىشىڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ سىلەر مانا شۇ پادىشاھلىق ئۈچۈن زۇلۇم-زەخمەت چېكىۋاتىسىلەر»\+bd* ــ «بۇ ئىشلار» ــ ئېتىقادچىلارغا قارشى چىققانلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشلىرى ھەم تېسالونىكادىكى ئېتىقادچىلارنىڭ سەۋر-تاقەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. ◘ 1:5 1تېس. 2‏:14؛ يەھ. 6.

6‏-7 شۇنداق ئىكەن، سىلەرگە ئېغىرچىلىق سالغۇچىلارغا خۇدا ئېغىرچىلىق سالسا، ھەم شۇنداقلا رەب ئەيسا قۇدرەتلىك پەرىشتىلىرى بىلەن ئەرشتىن قايتا كۆرۈنگەن چاغدا، ئېغىرچىلىققا ئۇچرىغان سىلەرگە بىز بىلەن تەڭ ئاراملىق بەرسە دۇرۇس ئىش بولمامدۇ؟ ◘ 1:6‏-7 زەك. 2‏:12؛ 1تېس. 4‏:16.

8شۇ چاغدا ئۇ خۇدانى تونۇمايدىغانلاردىن، شۇنداقلا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە ئىتائەت قىلمايدىغانلاردىن يالقۇنلۇق ئوت بىلەن ئىنتىقام ئالىدۇ. ◼ 1:8 \+bd «شۇ چاغدا ئۇ (مەسىھ) خۇدانى تونۇمايدىغانلاردىن، شۇنداقلا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە ئىتائەت قىلمايدىغانلاردىن يالقۇنلۇق ئوت بىلەن ئىنتىقام ئالىدۇ»\+bd* ــ «يەر.» 25:10، «زەب.» 6:79 ۋە «يەش.» 15:66نى كۆرۈڭ. ◘ 1:8 يەر.» 10‏:25؛ زەب. 79‏:6؛ يەش. 66‏:15؛ رىم. 2‏:8؛ 2پېت. 3‏:7

9بۇنداق كىشىلەر رەبنىڭ ھۇزۇرىدىن ۋە كۈچ-قۇدرىتىنىڭ شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھالاكەت جازاسىنى تارتىدۇ. ◼ 1:9 \+bd «بۇنداق كىشىلەر رەبنىڭ ھۇزۇرىدىن ۋە كۈچ-قۇدرىتىنىڭ شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھالاكەت جازاسىنى تارتىدۇ»\+bd* ــ ياكى بولمىسا: «بۇنداق كىشىلەر رەبنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ شان-شەرىپىدىن ۋە ئۇنىڭ ھۇزۇردىن بولغان مەڭگۈلۈك ھالاكەت جازاسىنى تارتىدۇ». ◘ 1:9 يەش. 2‏:19.

10ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىدە ئۇلۇغلىنىپ، شۇ كۈنىدە بارلىق ئىشەنگەنلەردە (سىلەر دەرۋەقە بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزغا ئىشەنگەندۇرسىلەر) ئۆزىنىڭ كارامەتلىكىنى كۆرسىتىپ، مەدھىيىلەنگىلى كېلىدۇ. ◼ 1:10 \+bd «ئۇ (مەسىھ) ... شۇ كۈنىدە بارلىق ئىشەنگەنلەردە ... ئۆزىنىڭ كارامەتلىكىنى كۆرسىتىپ، مەدھىيىلەنگىلى كېلىدۇ»\+bd* ــ «ئۆزىنىڭ كارامەتلىكىنى كۆرسىتىپ، مەدھىيىلىنىش» ــ گرېك تىلىدا بۇ بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. «ئۆز مۇقەددەس بەندىلىرىدە... ئىشەنگەنلەردە...». بۇ ئىبارىنىڭ مەنىسى: (1) «رەب ئەيسانىڭ گۈزەللىكى ۋە پەزىلىتى ئۆز بەندىلىرى، يەنى ئۆزىگە ئىشەنگەن ئادەملىرىگە بىرىنچى بولۇپ كۆرۈنىدۇ» ۋە: (2) «ئۇنىڭ بۇ گۈزەللىكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدە، يەنى ئۇلار ئارقىلىق پۈتكۈل ئالەمگە كۆرۈنىدۇ» دېگەنلىك بولسا كېرەك. ◘ 1:10 روس. 1‏:11؛ 1تېس. 1‏:10؛ ۋەھ. 1‏:7.

11شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز سىلەر ئۈچۈن دائىم شۇنداق دۇئا قىلىمىزكى، سىلەرنى چاقىرغان بىزنىڭ خۇدايىمىز سىلەرنى ئۆز ئۇلۇغ چاقىرىقىغا لايىق ھېسابلاپ، ياخشىلىققا ئىنتىلگەن بارلىق گۈزەل مەقسەت-مۇددىئالىرىڭلارنى ۋە ئېتىقادىڭلاردىن چىققان بارلىق خىزمەتلىرىڭلارنى كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغاي.

12شۇنىڭ بىلەن، خۇدايىمىزنىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى سىلەردە شان-شەرەپ بولۇپ ئۇلۇغلىنىدۇ ۋە سىلەرمۇ ئۇنىڭدا شان-شەرەپكە ئېرىشىسىلەر.

er>