1ئى قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىشى، شۇنداقلا بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر يەرگە جەم قىلىنىشىمىز توغرىسىدا سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنۈمىزكى،
2ئەگەر سىلەر «مەلۇم روھتىن كەلگەن ۋەھىي»دىن بولسۇن، بىرسىنىڭ سۆز-تەلىمىدىن بولسۇن ياكى «بىزنىڭ نامىمىزدا» يېزىلغان مەلۇم خەتلەردىن بولسۇن «رەبنىڭ كۈنى يېتىپ كەلدى» دېگەن سۆزنى ئاڭلىساڭلار، جىددىلىشىپ ھودۇقۇپ كەتمەڭلار ياكى دەككە-دۈككىگە چۈشمەڭلار! ◼ 2:2 +bd «... «رەبنىڭ كۈنى يېتىپ كەلدى» دېگەن سۆزنى ئاڭلىساڭلار، جىددىلىشىپ ھودۇقۇپ كەتمەڭلار ياكى دەككە-دۈككىگە چۈشمەڭلار!»+bd* ــ «رەبنىڭ كۈنى» ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى» دېگەن مۇھىم تېما توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 2:2 يەر. 29:8؛ مات. 24:4؛ ئەف. 5:6؛ كول. 2:18؛ 1يۇھ. 4:1. *
3بۇ ئىشلاردا ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن سىلەرنى ئالدىشىغا يول قويماڭلار؛ چۈنكى ئاۋۋال «چوڭ* يېنىش» بولۇپ، ئاندىن «گۇناھىي ئادەم»، يەنى «ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنغۇچى ئادەم» ئاشكارىلانمىغۇچە، ئاشۇ كۈن كەلمەيدۇ. ◼ 2:3 +bd «چۈنكى ئاۋۋال «+bdit چوڭ+bdit* يېنىش» بولۇپ،... »+bd* ــ «چوڭ يېنىش» بەلكىم «ئېتىقادتىن چوڭ تېنىش»نى كۆرسىتىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. +bd «بۇ ئىشلاردا ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن سىلەرنى ئالدىشىغا يول قويماڭلار؛ چۈنكى ئاۋۋال «+bdit چوڭ+bdit* يېنىش» بولۇپ، ئاندىن «گۇناھىي ئادەم»، يەنى «ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنغۇچى ئادەم» ئاشكارىلانمىغۇچە، ئاشۇ كۈن كەلمەيدۇ»+bd* ــ بۇ مۇھىم ئايەتتىكى «چوڭ يېنىش» («ئېتىقادتىن چىقىپ، ئايرىلىش»)، «گۇناھلىق ئادەم» ۋە «ھالاكەتكە مەھكۈم قىلىنغۇچى ئادەم» (دەججال) توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
4شۇ ئادەم خۇدا دەپ ئاتالغانغا ياكى كىشىلەر چوقۇنىدىغان ھەرقانداق نەرسىلەرگە قارشى چىقىپ، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلىپ كۆرسىتىدۇ؛ ئۇ شۇنداق قىلىپ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، ئۆزىنى خۇدا دەپ كۆرسىتىپ جاكارلايدۇ. ◼ 2:4 +bd «شۇ ئادەم خۇدا دەپ ئاتالغانغا ياكى كىشىلەر چوقۇنىدىغان ھەرقانداق نەرسىلەرگە قارشى چىقىپ، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلىپ كۆرسىتىدۇ؛ ئۇ شۇنداق قىلىپ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، ئۆزىنى خۇدا دەپ كۆرسىتىپ جاكارلايدۇ»+bd* ــ «يەش.» 13:14-14، «دان.» 36:11، «ئەز.» 2:28-9نى كۆرۈڭ. بۇ ئىش توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. «ئىبادەتخانا» مۇشۇ ئايەتتە ئەسلى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى «مۇقەددەس جاي»نى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 2:4 دان. 7:25؛ 8:11؛ 11:36؛ مات. 24:15؛ ۋەھ. 13:1-8*
5مەن سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا بۇلارنى سىلەرگە ئېيتقىنىم ئېسىڭلاردا باردۇ؟
6ۋە ئۇنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتى-سائىتى كەلمىگۈچە ئاشكارىلانماسلىقى ئۈچۈن، نېمىنىڭ ئۇنى توسۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى سىلەرگە مەلۇم.
7چۈنكى «قانۇننى يوقاتقۇچى سىرلىق كۈچ» ئاللىقاچان يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلماقتا؛ لېكىن بۇ ئىشلارنى ھازىرچە توسۇپ كېلىۋاتقان بىرسى باردۇر؛ ئۇ ئوتتۇرىدىن چىققۇچە شۇنداق توسۇقلۇق پېتى تۇرىدۇ؛ ◼ 2:7 +bd «چۈنكى «قانۇننى يوقاتقۇچى سىرلىق كۈچ» ئاللىقاچان يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلماقتا»+bd* ــ «قانۇننى يوقاتقۇچى سىرلىق كۈچ» (گرېك تىلىدا «قانۇننى يوقاتقۇچى سىر») توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. +bd «لېكىن بۇ ئىشلارنى ھازىرچە توسۇپ كېلىۋاتقان بىرسى باردۇر»+bd* ــ 3-4-ئايەتتىكى ««گۇناھىي ئادەم («ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنغۇچى ئادەم»)نىڭ مەيدانغا چىقىشنى توسۇش» بىلەن «قانۇننى يوقاتقۇچى سىرلىق كۈچنى توسۇش»نىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بار. ئىككى ئىشنى توسۇغۇچى بىزنىڭچە خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىدۇر. بەزى ئالىملارنىڭ بۇ توغرۇلۇق باشقىچە پىكىرلىرىمۇ بار؛ كۆزقارىشىمىزنىڭ سەۋەبىنى «قوشۇنچە سۆز»ىمىزدە ئېيتىمىز.
8ئاندىن ئاشۇ «قانۇننى يوقاتقۇچى» ئاشكارىلىنىدۇ؛ بىراق رەب ئەيسا ئاغزىدىكى نەپىسى بىلەنلا ئۇنى يۇتۇۋېتىدۇ، كەلگەن چاغدىكى پارلاق نۇرى بىلەن ئۇنى يوق قىلىۋېتىدۇ. ◘ 2:8 ئايۇپ 4:9؛ يەش. 11:4. *
9«قانۇننى يوقاتقۇچى»نىڭ مەيدانغا چىقىشى شەيتاننىڭ پەنتلىرى بىلەن بولىدۇ، ئۇ ھەر تۈرلۈك كۈچ-قۇدرەت، مۆجىزە ۋە يالغان كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، ◘ 2:9 قان. 13:2؛ يـۇھ. 8:41؛ 2كور. 4:4؛ ئەف. 2:2؛ ۋەھ. 13:13. *
10ھالاكەتكە يۈزلەنگەنلەرنى ئازدۇرىدىغان ھەرخىل قەبىھ ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھالاكەت ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى ئۆزلىرىنى نىجاتقا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى سۆيمەي، ئۇنىڭغا قەلبىدىن ئورۇن بەرمەسلىكىدىندۇر. ◘ 2:10 2كور. 2:15؛ 4:3. *
11شۇ سەۋەبتىن، خۇدا ئۇلارغا يالغانچىلىققا ئىشەنسۇن دەپ ھەقىقەتتىن چەتنىتىدىغان بىر كۈچ ئەۋەتىدۇ. ◘ 2:11 رىم. 1:24؛ 1تىم. 4:1. *
12نەتىجىدە، ھەقىقەتكە ئىشەنمەي، بەلكى قەبىھلىكنى خۇرسەنلىك دەپ بىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى جازاغا مەھكۇم قىلىنىدۇ.
13لېكىن، ئەي، رەب سۆيگەن قېرىنداشلار، بىز سىلەر ئۈچۈن ھەردائىم خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇكى، خۇدا روھنىڭ ۋاسىتىسىدە پاك-مۇقەددەس قىلىنىشىڭلار ۋە ھەقىقەتكە ئىشىنىشىڭلار ئارقىلىق سىلەرنى نىجاتقا ئېرىشىشكە مۇقەددەمدىلا تاللىۋالدى. ◼ 2:13 +bd «خۇدا روھنىڭ ۋاسىتىسىدە پاك-مۇقەددەس قىلىنىشىڭلار ۋە ھەقىقەتكە ئىشىنىشىڭلار ئارقىلىق سىلەرنى نىجاتقا ئېرىشىشكە مۇقەددەمدىلا تاللىۋالدى»+bd* ــ «روھ» ــ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى.*
14ئۇ بىز يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر ئارقىلىق سىلەرنى شۇ نىجاتقا، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرىپىگە ئېرىشىشكە چاقىردى.
15شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي قېرىنداشلار، تاپان تىرەپ تۇرۇڭلار، بىز سىلەرگە ئېغىزچە ياكى خەت ئارقىلىق يەتكۈزگەن تەلىمنى چىڭ تۇتۇڭلار! ◘ 2:15 2تېـس. 3:6. *