1يەھۇدا پادىشاھى يەھوياكىم تەختكە ئولتۇرۇپ ئۈچىنچى يىلى، بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى مۇھاسىرە قىلىۋالدى. ◘ 1:1 2پاد. 24:2، 3؛ 2تار. 36:6*
2رەب يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھۇياكىمنى، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچىلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئۇ ئەسىرلەرنى شىنار زېمىنىغا، ئۆزى چوقۇنىدىغان مەبۇدنىڭ بۇتخانىسىغا ئېلىپ باردى ۋە بۇلاپ كەلگەن قاچا-قۇچىلارنى بۇتخانىنىڭ خەزىنىسىگە قويدى. ◼ 1:2 +bd «خۇدانىڭ ئۆيى»+bd* ــ مۇقەددەس ئىبادەتخانا، ئەلۋەتتە.*
3پادىشاھ نېبوقادنەسار باش ئاغۋات غوجىدارى ئاشپىنازغا ئەسىرگە چۈشكەن ئىسرائىللار ئىچىدىن خان جەمەتىدىكىلەردىن ۋە ئېسىلزادە يىگىتلەردىن بىرنەچچىدىن تاللاپ ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇدى. ◼ 1:3 +bd «باش ئاغۋات غوجىدارى ئاشپىناز»+bd* ــ «ئاغۋات» پادىشاھ سارايىدىكى كېنىزەكلەرگە قارايدىغان، پىچىلغان ئەر كىشى. ئۇلارنىڭ باشقا ۋەزىپىلىرى بار بولۇشى مۇمكىن. مۇمكىنچىلىكى يەنە باركى، مۇشۇ يەردە «باش ئاغۋات غوجىدارى» پادىشاھلارنىڭ بارلىق ئەمەلدارلارنىڭ بېشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر مۇشۇ توغرا بولسا «باش ئەمەلدار» دەپ تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.* ◘ 1:3 يەش. 39:7*
4بۇ ياشلار نۇقسانسىز، كېلىشكەن، دانىشمەن-ئۇقۇمۇشلۇق، مول بىلىملىك، مۇتەپەككۇر، ئوردا خىزمىتىدە بولۇشقا لاياقەتلىك، يەنە كېلىپ كالدىيلەرنىڭ ئىلىم-پەنلىرىنى ھەم تىلىنى ئۆگىنەلەيدىغان بولۇشى كېرەك ئىدى. ◼ 1:4 +bd «يەنە كېلىپ كالدىيلەرنىڭ ئىلىم-پەنلىرىنى ھەم تىلىنى ئۆگىنەلەيدىغان بولۇشى كېرەك ئىدى+bd* ــ «كالدىيە» بابىل ئىمپېرىيەسىدىكى مۇھىم بىر ناھىيە ئىدى، شۇ يەردىكىلەر «ئالىيجاناپ كىشىلەر» دەپ قارىلاتتى. بابىل ئوردىسىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىغا ئاساسەن مۇنەججىملەر شۇ تەبىقىدىكى ئادەملەردىن بولۇشى كېرەك ئىدى.*
5پادىشاھ ئۇلار توغرىسىدا ئۇلار ئۈچ يىلغىچە ھەر كۈنى پادىشاھ يەيدىغان نازۇ-نېمەتلەر ۋە شارابلار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلسۇن، مۇددەت توشقاندا پادىشاھنىڭ ئالدىدا خىزمەتتە بولسۇن دەپ بېكىتتى.
6تاللانغان يەھۇدا قەبىلىسىدىكى ياشلاردىن دانىيال، ھانانىيا، مىشائېل ۋە ئازارىيالار بار ئىدى.
7ئاغۋات بېشى ئۇلارغا يېڭى ئىسىملار، يەنى دانىيالغا بەلتەشاسار، ھانانىياغا شادراك، مىشائېلغا مىشاك، ئازارىياغا ئەبەدنېگو دېگەن ئىسىملارنى قويدى. ◼ 1:7 +bd «ئاغۋات بېشى ئۇلارغا يېڭى ئىسىملار، يەنى دانىيالغا بەلتەشاسار، ھانانىياغا شادراك، مىشائېلغا مىشاك، ئازارىياغا ئەبەدنېگو دېگەن ئىسىملارنى قويدى»+bd* ــ بۇ قويغان ئىسمىلار، ئاساسەن بۇتپەرەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەسلى ۋە يېڭى ئىسمىلىرىنىڭ مەنىلىرى تۆۋەندىكىدەك: ــ
8دانىيال پادىشاھ بەلگىلىگەن نازۇ-نېمەتلەر ۋە شاھانە شارابلىرى بىلەن ئۆزىنى خۇدا ئالدىدا* ناپاك قىلماسلىققا بەل باغلىدى؛ شۇڭا ئۇ ئاغۋات بېشىدىن ئۆزىنىڭ ناپاك قىلىنماسلىقىغا يول قويۇشىنى ئىلتىماس قىلدى. ◼ 1:8 +bd «دانىيال پادىشاھ بەلگىلىگەن نازۇ-نېمەتلەر ۋە شاھانە شارابلىرى بىلەن ئۆزىنى خۇدا ئالدىدا ناپاك قىلماسلىققا بەل باغلىدى»+bd* ــ دانىيال يەھۇدىي بولغاچقا، مۇسا پەيغەمبەرگە بېرىلگەن «مۇقەددەس قانۇن»غا ئاساسەن، بەزى گۆشلەر، مەسىلەن چوشقا، تۆگە، توشقان گۆشىنى يېيىشكە بولمايتتى. قان چىقارماي بوغۇپ ئۆلتۈرگەن بولسا، يېيىشكە بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بابىل ئوردىسىدىكىلەر يېگەن گۆشلەر ۋە ئىچكەن شارابلار مەبۇدلارغا بېغىشلانغان بولۇپ، ئاشۇ مەبۇدلارنى مەدھىيىلەش ئۈچۈن يەپ-ئىچىلەتتى.* ◘ 1:8 لاۋ. 15:1-35؛ 17:12؛ قان. 14:3-21؛ 1كور. 8:4؛ 8-10*
9ئەمدى خۇدا ئاغۋات بېشىنى دانىيالغا ئىلتىپات ۋە شاپائەت كۆرسىتىدىغان قىلغانىدى.
10لېكىن ئاغۋات بېشى دانىيالغا:
11شۇنىڭ بىلەن دانىيال كېلىپ ئاغۋات بېشى ئۆزىگە ۋە ھانانىيا، مىشائېل ۋە ئازارىيالارغا تەيىنلىگەن غوجىداردىن تەلەپ قىلىپ:
12ــ كەمىنىلىرىنى ئۇماچ، كۆكتات ۋە سۇ بىلەنلا بېقىپ ئون كۈنلۈك سىناق قىلسىلا.
13ئاندىن بىزنىڭ چىرايىمىز بىلەن پادىشاھنىڭ ئېسىل تامىقىنى يېگەن يىگىتلەرنىڭ چىرايىنى سېلىشتۇرۇپ باقسىلا، ئاندىن كۆزىتىشلىرى بويىچە كەمىنىلىرىگە ئىش كۆرگەيلا! ــ دېدى.
14غوجىدار ئۇلارنىڭ گېپىگە كىرىپ، ئۇلارنى ئون كۈن سىناپ كۆرۈشكە ماقۇل بولدى.
15ئون كۈندىن كېيىن قارىسا، ئۇلارنىڭ چىرايلىرى پادىشاھنىڭ نازۇ-نېمەتلىرىنى يېگەن يىگىتلەرنىڭكىدىنمۇ نۇرلۇق ۋە تولغان كۆرۈندى.
16شۇنىڭدىن كېيىن غوجىدار ئۇلارغا پادىشاھ بەلگىلىگەن نازۇ-نېمەتلەرنى ۋە ئىچىشكە بەلگىلىگەن شارابنى بەرمەي، ئۇلارنىڭ ئورنىدا ئۇماچ، كۆكتاتلارنى بېرىشكە باشلىدى.
17بۇ تۆت يىگىتنى بولسا، خۇدا ئۇلارنى ھەرخىل ئەدەبىيات ۋە ئىلىم-مەرىپەتتە دانىشمەن ۋە ئۇقۇمۇشلۇق قىلدى. دانىيالمۇ بارلىق غايىبانە ئالامەتلەر بىلەن چۈشلەرگە تەبىر بېرىشكە پاراسەتلىك بولدى.
18پادىشاھ بەلگىلىگەن مۇددەت توشقىنىدا، ئاغۋات بېشى يىگىتلەرنىڭ ھەممىسىنى نېبوقادنەسارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ◼ 1:18 +bd «پادىشاھ بەلگىلىگەن مۇددەت توشقىنىدا...»+bd* ــ يەنى ئۈچ يىل (5-ئايەتنى كۆرۈڭ).*
19پادىشاھ ئۇلار بىلەن بىر-بىرلەپ سۆزلەشتى؛ ياش يىگىتلەرنىڭ ھېچقايسىسى دانىيال، ھانانىيا، مىشائېل ۋە ئازارىيالارغا يەتمىدى. شۇڭا بۇ تۆتەيلەن پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە قالدى.
20پادىشاھقا دانالىق-ھېكمەت كېرەك بولغاندا ياكى يورۇتۇش كېرەك بولغان ھەرقانداق مەسىلىگە جاۋاب ئىزدىگەندە، ئۇلارنىڭ جاۋابى ئۇنىڭ سەلتەنىتىدىكى بارلىق رەمچى-پالچى ياكى پىر-ئۇستازلىرىنىڭكىدىن ئون ھەسسە توغرا چىقاتتى.