دانىيال 10:1-20 UIGB2010 - Bible AI

1قورەش پارسقا سەلتەنەت قىلغان ئۈچىنچى يىلى، دانىيال (يەنە بىر ئىسمى بەلتەشاسار بولغان)غا بىر خەۋەر ۋەھىي قىلىندى. ئۇ خەۋەر ئىشەنچلىكتۇر ــ لېكىن ناھايىتى قاتتىق جەڭ جۇدۇنلىرى توغرىسىدىدۇر. دانىيال بۇ خەۋەرنى چۈشەندى ۋە غايىبانە ئالامەت توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولدى. ◼ 10:1 +bd «لېكىن ناھايىتى قاتتىق جەڭ جۇدۇنلىرى توغرىسىدىدۇر»+bd* ــ ياكى «لېكىن ناھايىتى قاتتىق سىناشلار توغرىسىدىدۇر».*

2ئۇ چاغدا مەنكى دانىيال تولۇق ئۈچ ھەپتە ئاھ-زار كۆتۈرۈپ ماتەم تۇتتۇم. ◼ 10:2 +bd «تولۇق ئۈچ ھەپتە ئاھ-زار كۆتۈرۈپ ماتەم تۇتتۇم»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «تولۇق ئۈچ ھەپتە... ماتەم قىلدىم» ــ بۇ مەلۇم بىر ئۆلگۈچى ئۇرۇق-تۇغقىنى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۆلۈك روھىي ھالىتىگە بولغان ماتەم، ئەلۋەتتە.*

3ئۈچ ھەپتىگىچە ھېچقانداق نازۇ-نېمەت يېمىدىم، گۆش يېمىدىم، شاراب ئىچمىدىم ۋە تېنىمگە پۇراقلىق ماي سۈرمىدىم. ◼ 10:3 +bd «تېنىمگە پۇراقلىق ماي سۈرمىدىم»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆزۈمنى مەسىھ قىلمىدىم».*

4بىرىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى، مەن ئۇلۇغ دەريا، يەنى دىجلە دەرياسىنىڭ بويىدا تۇرۇپ، ◘ 10:4 يار. 2‏:14*

5بېشىمنى كۆتۈرۈپ كۆزۈمنى ئاسمانغا تىكتىم، كاناپ كىيىپ، بېلىگە ئۇفازدىكى ساپ ئالتۇن كەمەر باغلىغان بىر ئادەمنى كۆردۈم. ◘ 10:5 ۋەھ. 1‏:13، 14، 15*

6ئۇنىڭ تېنى سېرىق ياقۇتتەك جۇلالىنىپ، يۈزلىرى چاقماقتەك يالتىرلاپ، كۆزلىرى يېنىپ تۇرغان ئوتتەك چاقنايتتى؛ ئۇنىڭ پۇت-قوللىرى پارقىراپ تۇرىدىغان مىستەك ۋالىلدايتتى؛ ئاۋازى زور بىر توپ ئادەمنىڭ ئاۋازىدەك جاراڭلايتتى.

7غايىبانە كۆرۈنۈشنى يالغۇز مەنكى دانىياللا كۆردۈم، يېنىمدىكىلەر ئالامەتنى كۆرمىگەنىدى. ئەمما زور بىر ۋەھىمە ئۇلارنى بېسىپ، ئىنتايىن تىترەپ كېتىشتى، مۆكۈنۈۋالغۇدەك يەرنى ئىزدەپ قېچىپ كەتتى.

8ئۇ يەردە ئۆزۈم يالغۇز قېلىپ بۇ كارامەت غايىبانە كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. قىلچە ماغدۇرۇم قالمىدى، چىرايىم قاتتىق ئۆزگىرىپ ئۆلۈك ئادەمدەك بولۇپ قالدىم، پۇت-قوللىرىمدا بىرئازمۇ ماغدۇر قالمىدى. ◼ 10:8 +bd «چىرايىم قاتتىق ئۆزگىرىپ ...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شان-شەرىپىم قاتتىق ئۆزگىرىپ ...» ياكى «چىرايلىقلىقىم قاتتىق ئۆزگىرىپ ...».* ◘ 10:8 دان. 7‏:28*

9لېكىن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان يەرگە يىقىلىپ دۈم چۈشتۈم، ھوشۇمدىن كەتتىم.

10مانا، تۇيۇقسىز بىر قول ماڭا تەگدى، مېنى شۇئان يۆلەپ يەرگە تۆت پۇتلۇق قىلىپ تۇرغۇزدى.

11شۇ زات ماڭا:

12شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى:

13لېكىن، «پارس پادىشاھلىقىنىڭ ئەمىرى» ماڭا قارشى چىقىپ يولۇمنى يىگىرمە بىر كۈن توسۇۋالدى. مەن پارس پادىشاھلىرىنىڭ يېنىدا ئۆزۈم يالغۇز قالغاچقا، باش ئەمىرلەردىن بىرى مىكائىل ماڭا ياردەم قىلغىلى كەلدى. ◼ 10:13 +bd «پارس پادىشاھلىقىنىڭ ئەمىرى»+bd* ــ بەلكىم ئىنتايىن كۈچلۈك بىرخىل جىن بولۇپ، پارس رايونلىرىدا شەيتاننىڭ پىلانلىرىنى بەجا قىلغۇچى بولۇشى مۇمكىن. +bd «پارس پادىشاھلىرىنىڭ يېنىدا ئۆزۈم يالغۇز قالغاچقا..»+bd* ــ بۇ سۆزلەر مۇشۇ پەرىشتىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ شۇ پادىشاھلارنىڭ قىلماقچى بولغان يامانلىقىنى توسۇش ياكى بولمىسا، ئۇلارغا ياخشى تەرەپكە يۈزلىنىشكە تەسىر يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت بولغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك. +bd «مەن پارس پادىشاھلىرىنىڭ يېنىدا ئۆزۈم يالغۇز قالغاچقا، باش ئەمىرلەردىن بىرى مىكائىل ماڭا ياردەم قىلغىلى كەلدى»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «لېكىن باش ئەمىرلەردىن بىرى مىكائىل ماڭا ياردەم قىلغىلى كەلدى. مەن ئۇنى پارس پادىشاھلىرىنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قالدۇردۇم».

14مەن ساڭا ئاخىرقى زامانلاردا خەلقىڭنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلارنى چۈشەندۈرگىلى كەلدىم. چۈنكى بۇ غايىبانە ئالامەت كۆپ كۈنلەر كېيىنكى كەلگۈسى توغرىسىدىدۇر».

15ئۇ ماڭا بۇ گەپنى قىلىۋاتقاندا، پەقەتلا يەرگە قارغىنىمچە زۇۋان سۈرەلمەي تۇرۇپ قالدىم.

16مانا، گويا ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرسى قولىنى ئۇزىتىپ لەۋلىرىمنى سىلاپ قويۋىدى، مەن ئاغزىمنى ئېچىپ ئالدىمدا تۇرغۇچىغا:

17تەقسىرىمنىڭ كەمىنە قۇللىرى قانداقمۇ سىلى تەقسىرىم بىلەن سۆزلىشىشكە پېتىنالايتتىم؟ چۈنكى ھازىرلا ماغدۇرۇم تۈگەپ، نەپىسىم ئۈزۈلىدۇ، ــ دېدىم.

18ئاندىن گويا ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرى مېنى يەنە بىر قېتىم سىلاپ، ماغدۇر كىرگۈزدى

19ۋە:

20ئۇ مۇنداق دېدى:

© 2010 Institute for Bible Translation
/div>