1مەن مېدىئالىق دارىئۇس پادىشاھ بولغان بىرىنچى يىلىدىلا، ئۇنى مۇستەھكەملەش ھەم كۈچەيتىش ئۈچۈن ئورنۇمدىن قوزغالغانىدىم.
2ئەمدى مەن ساڭا ھەقىقەتنى ئېيتىپ بېرەي: ــ
3ئۇنىڭدىن كېيىن كۈچلۈك بىر پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇ زور پادىشاھلىقنى ئىدارە قىلىپ، نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ. ◼ 11:3 +bd «ئۇنىڭدىن كېيىن كۈچلۈك بىر پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ»+bd* ــ بۇ پادىشاھ «بۈيۈك ئىسكەندەر»، گرېتسىيەنىڭ بىرىنچى ئىمپېراتورى.*
4لېكىن ئۇ ھوقۇق يۈرگۈزۈۋاتقىنىدا، پادىشاھلىقى پارچىلىنىپ ئاسماننىڭ تۆت شامال تەرىپىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ تەختىگە ئەۋلادلىرى ۋارىسلىق قىلالمايدۇ، كېيىنكى پادىشاھلىق ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتىدىكىدەك كۈچلۈك بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئاغدۇرۇلۇپ، باشقىلارغا تەۋە بولۇپ كېتىدۇ.
5ئۇنىڭدىكى سەردارلارنىڭ ئىچىدىن بىرى «جەنۇبىي پادىشاھ» بولۇپ كۈچىيىدۇ؛ لېكىن يەنە بىر سەردار ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ تېخىمۇ چوڭ پادىشاھلىقىنى سورايدۇ. ◼ 11:5 +bd «ئۇنىڭدىكى سەردارلار»+bd* ــ ياكى «ئۇنىڭدىكى ئەمىرلىرى». +bd «ئۇنىڭدىكى سەردارلارنىڭ ئىچىدىن بىرى «جەنۇبىي پادىشاھ» بولۇپ كۈچىيىدۇ»+bd* ــ بۇ بېشارەتتىكى «جەنۇبىي پادىشاھ»لار شۈبھىسىزكى، مىسىرنىڭ پادىشاھلىرىنى كۆرسىتىدۇ (8-ئايەتنى كۆرۈڭ)، بىرىنچىسى «پىتولىمى سوتېر» (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 323-285-يىللاردا ھۆكۈم سۈرگەن.*
6بىرنەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، جەنۇبىي پادىشاھ شىمالىي پادىشاھ* بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ؛ جەنۇبىي پادىشاھنىڭ قىزى شۇ ئىتتىپاقنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن شىمالىي پادىشاھنىڭ يېنىغا بارىدۇ. لېكىن كېيىن بۇ قىز ئېرىشكەن ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ؛ شىمالىي پادىشاھ ئۆزىمۇ ھوقۇقىنى قولىدا تۇتالماي، مەزمۇت تۇرالمايدۇ. بۇ قىز ۋە ئۇنى ئېلىپ كەلگەنلەر، ئۇنىڭ بالىسى ھەم شۇ ۋاقىتلاردا ئۇنى قوللىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە ساتقۇنلۇق قىلىنىدۇ. ◼ 11:6 +bd «جەنۇبىي پادىشاھ شىمالىي پادىشاھ بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا پەقەت «ئۇلار ئىتتىپاق تۈزىدۇ» دېيىلىدۇ.
7ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئاتا جەمەت* تۇغقىنىدىن بىرى قوشۇننىڭ ھوقۇقىنى قولىغا ئېلىپ پادىشاھ بولۇپ*، شىمالىي پادىشاھنىڭ قورغىنىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇلارغا قارشى ھۇجۇم قىلىپ چوڭ غەلىبە قىلىدۇ. ◼ 11:7 +bd «ئۇنىڭ ئاتا جەمەت تۇغقىنىدىن بىرى»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا: ــ «ئۇنىڭ يىلتىزلىرىدىن بىرى». +bd «... پادىشاھ بولۇپ»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «... ئۇنىڭ ( يەنى جەنۇبىي پادىشاھنىڭ) ئورنىغا تۇرۇپ،...» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. +bd «...بىرى، قوشۇننىڭ ھوقۇقىنى قولىغا ئېلىپ پادىشاھ بولۇپ،...»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «... بىرى، ئۇ بولسا ئۇنىڭ (شىمالىي پادىشاھنىڭ) قوشۇنىغا قارشى چىقىپ،...»
8ئۇ ئۇلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى، قۇيما مەبۇدلىرى ۋە بۇتخانىلىرىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان جام-قاچىلارنى مىسىرغا ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇ بىرنەچچە يىل شىمالىي پادىشاھتىن ئۆزىنى نېرى قىلىدۇ. ◼ 11:8 +bd «قۇيما مەبۇدلىرى»+bd* ــ ياكى «ئەمىرلىرى». +bd «بۇتخانىلىرىدىكى ئالتۇن-كۈمۈش...»+bd* ــ ياكى «ئۇلارنىڭكى ئالتۇن-كۈمۈش...».*
9شىمالىي پادىشاھ جەنۇبىي پادىشاھنىڭ زېمىنىغا بېسىپ كىرىدۇ، لېكىن ئاخىرى ئۆز يۇرتىغا چېكىنىدۇ. ◼ 11:9 +bd «جەنۇبىي پادىشاھنىڭ زېمىنى»+bd* ــ مىسىرنى كۆرسىتىدۇ.*
10شىمالىي پادىشاھنىڭ شاھزادىلىرى قوزغىلىپ، زور قوشۇن تەشكىللەيدۇ. شاھزادىلەردىن بىرى كەلكۈندەك كېلىپ جەنۇبقا بېسىپ كىرىدۇ. كېيىن ئۇ يەنە جەڭ قىلىپ، دۈشمەن قورغىنىغىچىمۇ بېسىپ كىرىدۇ. ◼ 11:10 +bd «كېيىن ئۇ يەنە جەڭ قىلىپ،...»+bd* ــ ياكى «ئۇ قايتىپ، ئاندىن جەڭ قىلىپ،..».*
11جەنۇبىي پادىشاھ قاتتىق غەزەپتە قوشۇن تارتىپ جەڭگە ئاتلىنىپ، شىمالىي پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمالىي پادىشاھ زور بىر قوشۇننى جەڭگە سالىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ شۇ زور قوشۇنى مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە ئېلىنىدۇ.
12شۇ زور قوشۇننىڭ ئەسىرگە ئېلىنىشى بىلەن جەنۇبىي پادىشاھ ئىنتايىن مەغرۇرلىنىدۇ. ئۇ تۈمەنلىگەن ئادەملەرنى يوقىتىدۇ، بىراق ئۇنىڭ غەلىبىسى ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ.
13چۈنكى شىمالىي پادىشاھ يۇرتىغا قايتىپ، بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپ ۋە كۈچلۈك قوشۇن تەشكىللەيدۇ. بېكىتىلگەن يىللار توشقاندىن كېيىن ئۇ زور قۇدرەتلىك قوشۇننى كۆپ تەمىناتلار بىلەن قوشۇپ باشلاپ كېلىدۇ.
14ئۇ چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر جەنۇبىي پادىشاھقا قارشى تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. ئى دانىيال ــ * سېنىڭ خەلقىڭ ئىچىدىكى زوراۋانلار مۇشۇ غايىبانە ئالامەتتىكى بېشارەتنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇپ، يوغانچىلىق قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار مەغلۇپ بولىدۇ.
15شىمالىي پادىشاھ پوتەي سېلىپ مۇستەھكەم شەھەرنى مۇھاسىرە ھۇجۇمى قىلىپ بېسىۋالىدۇ. جەنۇبدىكى كۈچلەر، ھەتتا ئەڭ خىل قوشۇنلارمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ قارشىلىق قىلغۇدەك كۈچى قالمايدۇ.
16شىمالدىكى تاجاۋۇزچى بولسا ئۆزى خالىغانچە ئىش قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ھېچكىم قارشىلىق قىلالمايدۇ. ئۇ «گۈزەل زېمىن»نى ئىشغال قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ قولىدا ئۇنى ۋەيران قىلغۇچى كۈچ بولىدۇ. ◼ 11:16 +bd «گۈزەل زېمىن»+bd* ــ قانائان زېمىنى، يەنى پەلەستىن. +bd «ئۇنىڭ قولىدا ئۇنى ۋەيران قىلغۇچى كۈچ بولىدۇ»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ ھالاكىتى ئۇنىڭ قولىدا بولىدۇ».*
17شىمالىي پادىشاھ* بەل باغلاپ پادىشاھلىقىدىكى بارلىق كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ مىسىرغا* يول ئالىدۇ؛ ئۇ مىسىر* بىلەن ئەھدە تۈزىدۇ، ئۆزى ئەھدىدە تۇرغاندەك قىلىدۇ. بىراق مىسىرنىڭ* ھاكىمىيىتىنى ئاغدرۇرۇش ئۈچۈن ئۇ ئاياللىرىنىڭ بىر قىزىنى مىسىر* پادىشاھىغا بېرىدۇ. لېكىن قىزى* ئاتىسى تەرەپتە تۇرمايدۇ، ئۇنى قوللىمايدۇ. ◼ 11:17 +bd «...كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ مىسىرغا يول ئالىدۇ»+bd* ــ «جەنۇبىي پادىشاھلىق»نىڭ مىسىر ئىكەنلىكى 8-ئايەتتىن كۆرۈنىدۇ. +bd «ئۇ مىسىر بىلەن ئەھدە تۈزىدۇ، ئۆزى ئەھدىدە تۇرغاندەك قىلىدۇ»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە دۇرۇس ئادەملەر بىللە بارىدۇ؛ ئۇ ئۆز بېكىتكىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ». +bd «بىراق مىسىرنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدرۇرۇش ئۈچۈن...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بىراق مىسىرنىڭ ھاكىمىيىتىنى چىرىتىش ئۈچۈن...».*
18كېيىن ئۇ دېڭىز بويىدىكى يۇرتلارغا ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ. لېكىن يات بىر سەردار ئۇنىڭ كىشىلەرنى خار قىلىشلىرىنى چەكلەيدۇ ۋە ئەكسىچە، ئۇنىڭ بۇ خارلاشلىرىنى ئۆزىگە ياندۇرىدۇ. ◼ 11:18 +bd «نۇرغۇن ئادەملەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ»+bd* ــ ياكى «نۇرغۇن يۇرتلارنى ئىگىلەيدۇ».*
19ئۇ ئۆز يۇرتىدىكى قورغانلارغا چېكىنىپ كېلىدۇ. لېكىن ئاخىرىدا ئۇ پۇتلىنىپ يوقىلىپ كېتىدۇ. ◼ 11:19 +bd «ئۇ ئۆز يۇرتىدىكى قورغانلارغا چېكىنىپ كېلىدۇ»+bd* ــ ياكى «ئۇ ئۆز يۇرتىدىكى قورغانلارغا نىشان قىلىپ دىققەت قىلىدۇ».*
20كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر پادىشاھ تەختكە ئولتۇرىدۇ؛ ئۇ پادىشاھلىقنىڭ ئەڭ شان-شەرەپلىك جايىغا بىر زالىم ئالۋاڭبېگىنى ئەۋەتىدۇ. لېكىن ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، مالىمانچىلىقمۇ بولماي، جەڭمۇ بولماي ئۆلتۈرۈلىدۇ». ◼ 11:20 +bd «پادىشاھلىقنىڭ ئەڭ شان-شەرەپلىك جايى»+bd* ــ بۇ يەردە «ئەڭ شان-شەرەپلىك جايى» بەلكىم مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىرخىل تەرجىمە قىلغاندا، «پادىشاھلىقنىڭ شان-شەرىپىنى بېزەش ئۈچۈن بىر زۇلۇم سالغۇچىنى ئەۋەتىدۇ» دېگەندەك بولىدۇ.*
21ــ «شۇنىڭدىن كېيىن پەس بىر ئادەم ئۇنىڭ ئورنىغا چىقىپ شىمالىي پادىشاھلىقنى ئالىدۇ؛ ئەمما پادىشاھلىقنىڭ ھۆرمەت-شۆھرىتى ئۇنىڭغا ھېچ تەۋە بولمايدۇ، دەپ قارىلىدۇ؛ لېكىن ئۇ خەلقنىڭ ئاسايىشلىق پەيتىدىن پايدىلىنىپ، يالاقچىلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالىدۇ.
22زېمىنىغا كەلكۈندەك بېسىپ كىرگەن كۈچلەرنى ئۇ ھەم كەلكۈندەك ھۇجۇم قىلىپ يوقىتىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ ھەتتاكى «خۇدانىڭ* ئەھدىسىدە بېكىتىلگەن ئەمىر»نىمۇ يوقىتىدۇ. ◼ 11:22 +bd «خۇدانىڭ ئەھدىسىدە بېكىتىلگەن ئەمىر»+bd* ــ مۇشۇ يەردە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «باش كاھىن»نى كۆرسىتىدۇ. ئونىياس ئىسىملىك كىشى، باش كاھىن ۋە بەك ئادىل كىشى بولۇپ، سۇرىيەنىڭ «ئانتىئوقۇس ئېپىفانىس» دېگەن پادىشاھى تەرىپىدىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 172-يىلى ئۆلتۈرۈلگەن.*
23شەرتنامە تۈزۈش ئارقىلىق ئۇ باشقا يۇرتلارنى ئالدايدۇ؛ ئادەملىرى كىچىك بىر قوشۇن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۈچى ئاۋۇپ-ئاۋۇپ، قۇدرەت تاپىدۇ.
24ئۇ خالايىقنىڭ ئاسايىشلىق پەيتىدىن پايدىلىنىپ، ئەڭ باي ئۆلكىلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئاتىلىرى ياكى ئاتىلىرىنىڭ ئاتىلىرى زادى قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىدۇ، يەنى ئۇ ئولجىنى، غەنىمەتلەرنى ۋە نۇرغۇن بايلىقلارنى قول ئاستىدىكىلىرىگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ؛ مەلۇم بىر مەزگىلگىچە قورغانلارغىمۇ ھۇجۇم قىلىش قەستىدە بولىدۇ.
25ئۇ ئۆز كۈچىنى ئىشقا سېلىپ چوڭ غەيرەت بىلەن قوزغىلىپ، زور قوشۇننى باشلاپ، جەنۇبىي پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. جەنۇبىي پادىشاھمۇ ناھايىتى زور قۇدرەتلىك بىر قوشۇن بىلەن جەڭگە ئاتلىنىدۇ. لېكىن جەنۇبىي پادىشاھ خائىنلارنىڭ يوشۇرۇن سۇيىقەستىگە ئۇچراپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ.
26چۈنكى ئۇنىڭ نازۇ-نېمەتلىرىنى يېگەنلەر ئۇنى يىقىتىدۇ. ئۇنىڭ قوشۇنى ھەممە يەرگە تارقىلىدۇ؛ نۇرغۇنلىرى ئۆلتۈرۈلىدۇ. ◼ 11:26 +bd «ئۇنىڭ نازۇ-نېمەتلىرىنى يېگەنلەر»+bd* ــ دېمەك، ئەڭ ئىشەنچلىك ئادەملىرى.*
27كېيىن، بۇ ئىككى پادىشاھ بىر-بىرىنى قەستلىشىپ، يامان نىيەت بىلەن بىر داستىخاندا تاماق يېيىشىپ، بىر-بىرىگە يالغان گەپ قىلىشىدۇ؛ لېكىن بۇ ئىشلار ھېچكىمگە پايدا يەتكۈزمەيدۇ، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرى پەقەت بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىلا بولىدۇ. ◼ 11:27 +bd «بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرى پەقەت بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىلا بولىدۇ»+bd* ــ مۇشۇ سىرلىق سۆزلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.*
28شىمالىي پادىشاھ* نۇرغۇن مال-مۈلۈكلەرنى ئېلىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ. ئۇ كۆڭلىدە خۇدانىڭ خەلقى بىلەن تۈزگەن مۇقەددەس ئەھدىگە قارشى تۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەھدىگە قارشى ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، ئاندىن ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ.
29بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا شىمالىي پادىشاھ يەنىلا جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلىدۇ؛ لېكىن بۇ قېتىمقى ئەھۋال ئىلگىرىكىگە ۋە يەنە كېلىپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىمقىسىدىكى بىلەنمۇ ئوخشىمايدۇ. ◼ 11:29 +bd «لېكىن بۇ قېتىمقى ئەھۋال ئىلگىرىكىگە ۋە يەنە كېلىپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىمقىسىدىكى بىلەنمۇ ئوخشىمايدۇ»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «لېكىن بۇ قېتىمقى ئاخىرقى ئەھۋال ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ».
30چۈنكى كىتتىم ئارىلىدىن چىققان كېمىلەر ھۇجۇم قىلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ئۇ دەرد-ئەلەم بىلەن چېكىنىدۇ ۋە خۇدانىڭ* ئۆز خەلقى بىلەن تۈزگەن مۇقەددەس ئەھدىسىگە قاراپ ئىنتايىن غەزەپلىنىدۇ، ئۇنىڭغا قارشى خالىغىنىنى قىلىدۇ؛ شۇنداقلا چېكىنىپ يانغاندا مۇقەددەس ئەھدىگە ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى ئەتىۋارلايدۇ. ◼ 11:30 +bd «كىتتىم ئارىلىدىن چىققان كېمىلەر»+bd* ــ «كىتتىم» ھازىرقى «سىپرۇس» دېگەن ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئارال. بۇ بېشارەت شۈبھىسىزكى، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 168-يىلى، رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ كېمىلىرى كىتتىم ئارىلىدىن چىقىپ ئانتىئوقۇس ئېپىفانىسقا (مىسىرغا تاجاۋۇز قىلغان ۋاقتىدا) ھۇجۇم قىلغىنىنى كۆرسىتىدۇ.*
31ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇرغان بىرنەچچە كۈچلەر قورغان بولغان مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى بۇلغايدۇ، «كۈندىلىك قۇربانلىق»نى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ۋە «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»نى ئۇنىڭ ئورنىغا قويىدۇ. ◼ 11:31 +bd «قورغان بولغان مۇقەددەس ئىبادەتخانا...»+bd* ــ ياكى «مۇقەددەس ئىبادەتخانا ۋە قورغان...». +bd «كۈندىلىك قۇربانلىق»+bd* ــ 11:8دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.* ◘ 11:31 دان. 7:25؛ 9:27؛ مات. 24:15؛ مار. 13:14؛ لۇقا 21:20؛ 2تېـس. 2:3-4*
32ئۇ مۇقەددەس ئەھدىگە خائىنلىق قىلغۇچىلارنى خۇشامەت-ھىيلىگەرلىك بىلەن چىرىكلەشتۈرىدۇ؛ لېكىن ئۆز خۇداسىنى دوست تۇتقۇچى خەلق بولسا قەيسەرلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ.
33خەلق ئىچىدىكى ئاقىللار نۇرغۇن قېرىنداشلىرىغا تەلىم يەتكۈزىدۇ؛ لېكىن بىرنەچچە كۈنلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قىلىچتا يىقىلىدۇ، ئوتتا كۆيدۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلىدۇ، زىندانغا چۈشىدۇ ياكى بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرايدۇ.
34يىقىلغان ۋاقىتلىرىدا، خۇدانىڭ خەلقى ئازغىنە ياردەمگە ئىگە بولىدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشلەر ئۇلارنىڭ قاتىرىغا خۇشامەت-ھىيلىگەرلىك بىلەن سوقۇنۇپ كىرىدۇ.
35بەزى ئاقىللار يىقىلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ يىقىلىشى ئۆزلىرىنىڭ سىنىلىشى، تاۋلىنىش-تازىلىنىشى، قىيامەت كۈنىگىچە پاكلىنىشى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئاخىرەت خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتىلا كېلىدۇ. ◼ 11:35 +bd «چۈنكى ئاخىرەت خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتىلا كېلىدۇ»+bd* ــ مۇشۇ يەردە، بېشارەت «ئانتىئوقۇس ئېپىفانىس»نىڭ دەۋرىدىن، ئاخىر زامانغا ئۆتىدۇ.* ◘ 11:35 دان. 12:10*
36شىمالىي پادىشاھ ئۆز مەيلىچە قىلىۋېرىدۇ؛ ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، ئۆزىنى ھەرقانداق ئىلاھلاردىنمۇ ئۇلۇغلاپ ئۈستۈن قويۇپ، ھەتتا ھەممە ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغۇچىغا ئاجايىب كۇپۇرلۇق سۆز قىلىدۇ؛ تاكى خۇدانىڭ غەزىپى تولۇق تۆكۈلگەن كۈنىگىچە ئۇ داۋاملىق زور روناق تاپىدۇ. چۈنكى خۇدانىڭ بېكىتكىنى ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. ◘ 11:36 دان. 7:25؛ 9:27؛ مات. 24:15؛ مار. 13:14؛ لۇقا 21:20؛ 2تېـس. 2:3-4؛ ۋەھ. 13:1-8*
37بۇ پادىشاھ ئاتا-بوۋىلىرى چوقۇنغان ئىلاھلارغىمۇ پىسەنت قىلمايدۇ، ئاياللارغىمۇ ھېچقانداق ھەۋەس قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ھەرقانداق ئىلاھنى ھۆرمەتلىمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ھەرقانداق ئىلاھتىن ئۇلۇغ دەپ قارايدۇ. ◼ 11:37 +bd «ئاياللارغىمۇ ھېچقانداق ھەۋەس قىلمايدۇ»+bd* ــ ياكى، «ئۇ ئاياللار ئەتىۋارلايدىغان ئىلاھقىمۇ ھۆرمەت قىلمايدۇ».*
38بۇلارنىڭ ئورنىدا ئۇ «كۈچلەر ئىلاھى»نى ھۆرمەتلەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ ئەزەلدىن چوقۇنمىغان بۇ ئىلاھنى بولسا ئۇ ئالتۇن، كۈمۈش، ياقۇت ۋە باشقا قىممەتلىك سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىپ ھۆرمەتلەيدۇ.
39ئۇ ئەڭ مۇستەھكەم قورغانلارنى شۇنداق بىر غەيرىي ئىلاھقا تايىنىپ ئىگىلەيدۇ. كىمكى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بېقىنسا، ئۇ شۇلارغا شەرەپلىك مەنسەپ بېرىدۇ، ئۇلارنى كۆپچىلىكنى باشقۇرىدىغان قىلىدۇ ۋە ئىنئام سۈپىتىدە يەر-زېمىننى تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. ◼ 11:39 +bd «... غەيرىي ئىلاھقا تايىنىپ ئىگىلەيدۇ»+bd* ــ ياكى، «... غەيرىي ئىلاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ». يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ ئەڭ مۇستەھكەم قورغانلارنى ئىگىلەپ، ئۇ بۇ ئىلاھقا چوقۇنۇشنى بەرپا قىلىدۇ». +bd «ئىنئام سۈپىتىدە...»+bd* ــ ياكى «مەلۇم بىر باھادا (سېتىۋېتىپ)،...».*
40ئاخىر زامان كەلگەندە، جەنۇبىي پادىشاھ ئەسكەر چىقىرىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمالىي پادىشاھ جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىق ئەسكەرلەر ۋە نۇرغۇن كېمىلەر بىلەن قۇيۇندەك ئۇنىڭغا قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. ئۇ بارلىق يۇرتلارغا تاجاۋۇز قىلىپ، كەلكۈندەك تېشىپ كەڭ يەر-زېمىنلارنى باسىدۇ.
41ئۇ ھەتتا «گۈزەل زېمىن»غا بېسىپ كىرىدۇ؛ نۇرغۇن ئەللەر ئازدۇرۇلۇپ يىقىتىلىدۇ. لېكىن بۇلار، يەنى ئېدوملار، موئابلار ۋە ئاممونلارنىڭ چوڭلىرى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. ◼ 11:41 +bd «گۈزەل زېمىن»+bd* ــ قانائاننى (پەلەستىننى) كۆرسىتىدۇ.* ◘ 11:41 ۋەھ. 12:6*
42شىمالىي پادىشاھ بارلىق دۆلەتلەرگە قولىنى سوزىدۇ، مىسىر زېمىنىمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
43ئۇ مىسىرنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش بايلىقلىرى ۋە باشقا قىممەت باھالىق بۇيۇملىرىنى تالان-تاراج قىلىدۇ. لىۋىيەلىكلەر ۋە ئېفىئوپىيىلىكلەر ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ ئەگىشىدۇ.
44كېيىن شەرق ۋە شىمالدىن كەلگەن شەپىلەر ئۇنى ئالاقزادە قىلىدۇ. ئۇ تېخىمۇ دەرغەزەپ بولۇپ نۇرغۇن كىشىنى قىرغىنچىلىق قىلىپ ئۆلتۈرىمەن دەپ جەڭ قوزغايدۇ