1ــ «ئۇ چاغدا، قېرىنداشلىرىڭنى «قوغدىغۇچى ئۇلۇغ ئەمىر» مىكائىل مەيدانغا چىقىدۇ. بىر ئازابلىق مەزگىل بولىدۇ؛ يۇرت-دۆلەت بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، شۇنداق چوڭ بالايىئاپەتلىك مەزگىل بولۇپ باقمىغان. بىراق شۇ چاغدا خەلقىڭ قۇتقۇزۇلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. ◼ 12:1 +bd «قېرىنداشلىرىڭ»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «خەلقىڭنىڭ بالىلىرى» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. +bd «قوغدىغۇچى ئۇلۇغ ئەمىر»+bd* ــ «ئەمىر» مۇشۇ يەردە، شۈبھىسىزكى «چوڭ پەرىشتە» مەنىسىدە. مۇقەددەس كىتابتىكى باشقا يەرلەردىن شۇ خۇلاسىگە كېلىمىزكى، مىكائىل دېگەن پەرىشتە «باش پەرىشتە»دۇر («يەھ.» 9-ئايەت، «ۋەھ.» 7:12). +bd «مەيدانغا چىقىدۇ»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «بىر تەرەپتە تۇرىدۇ». دېمەك، ئەسلىدە مىكائىل ئىسرائىل خەلقىگە مۇھاپىزەت بېرىدۇ. لېكىن ھازىر ئۇ مۇھاپىزەتچى رولىنى ۋاقىتلىق بىر ياققا قويىدۇ. +bd «....ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ»+bd* ــ بۇ بابتىكى ئۇلۇغ بېشارەتلەر توغرۇلۇقمۇ «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 12:1 مات. 24:21*
2تۇپراقتا ياتقان ئۆلۈكلەردىن نۇرغۇنلىرى تىرىلىدۇ. ئۇلار مەڭگۈلۈك ھاياتتىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ قالغانلىرى نومۇستا ھەم مەڭگۈلۈك رەسۋاچىلىققا تىرىلىدۇ. ◘ 12:2 يەش. 26:19؛ مات. 25:46؛ يـۇھ. 5:29؛ روس. 24:15*
3ئاقىللار ئاسمان گۈمبىزىدەك پارلاق جۇلالىنىدۇ؛ نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەققانىيلىق يولىغا باشلاپ كىرگەنلەر يۇلتۇزلارغا ئوخشاش ئەبەدىلئەبەد پارلاپ تۇرىدۇ». ◘ 12:3 پەند. 4:18؛ مات. 13:43*
4ئۇ ماڭا يەنە:
5مەنكى دانىيال كۆردۈمكى، مانا ئىككى زات، بىرى دەريانىڭ بۇ تەرىپىدە، يەنە بىرى دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرۇپتۇ.
6ئۇلاردىن بىرى دەريا سۈيى ئۈستىدە تۇرغان ئاق كاناپ كىيىم كىيگەن زاتتىن:
7ئۇ دەريا سۈيى ئۈستىدە تۇرغان، كاناپ كىيىم كىيگەن زات ئوڭ ۋە سول قولىنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈرۈپ، مەڭگۈ ھايات بولغۇچىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ:
8ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان بولساممۇ، مەنىسىنى چۈشەنمىدىم. شۇڭا مەن:
9ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى:
10نۇرغۇن كىشىلەر تازىلىنىدۇ، پاكلىنىدۇ ۋە تاۋلىنىدۇ. رەزىللەر بولسا، داۋاملىق رەزىللىك قىلىۋېرىدۇ؛ ئۇلاردىن ھېچكىم بۇنى چۈشىنەلمەيدۇ، بىراق ئاقىللار چۈشىنىدۇ.
11كۈندىلىك قۇربانلىق سۇنۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان كۈندىن تارتىپ، يەنى «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق» قويۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپ، بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان كۈن ئۆتىدۇ.
12ئاخىرغىچە سادىق بولۇپ، بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز بەش كۈننى كۈتۈپ ئۆتكۈزگەنلەر نېمىدېگەن بەختلىك-ھە!
13ئەمما سەن بولساڭ، ئاخىرغىچە يولۇڭدا مېڭىۋەرگىن. سەن ئارام تاپىسەن، ۋە كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا نېسىۋەڭگە مۇيەسسەر بولۇشقا قايتا تىرىلىسەن». ◼ 12:13 +bd «كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا»+bd* ــ مەسىھنىڭ دۇنياغا قايتىپ كېلىدىغان كۈنى.*