1نېبوقادنەسار تەختكە ئولتۇرۇپ ئىككىنچى يىلى، بىرنەچچە چۈش كۆردى؛ ئۇنىڭ روھى پاراكەندە بولۇپ، ئۇيقۇسى قاچتى.
2شۇڭا پادىشاھ رەمچى-پالچى، پىر-ئۇستاز، جادۇگەر ۋە كالدىي مۇنەججىملەرنى چۈشلىرىگە تەبىر بېرىشكە چاقىرىشنى بۇيرۇدى. ئۇلار كېلىپ پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇردى. ◼ 2:2 +bd «كالدىي مۇنەججىملەر»+bd* ــ كالدىيە بابىل ئىمپېرىيەسىدىكى مۇھىم بىر رايون ئىدى، شۇ يەردىكىلەر «ئالىيجاناپ كىشىلەر» دەپ قارىلاتتى. بابىل ئوردىسى قائىدە-يوسۇنلىرىغا ئاساسەن مۇنەججىملەر شۇ تەبىقىدىكى ئادەملەردىن بولۇشى كېرەك ئىدى.*
3پادىشاھ ئۇلارغا:
4ئاندىن كالدىيلەر پادىشاھقا (ئارامىي تىلىدا): ــ ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! قېنى كەمىنلىرىگە چۈشلىرىنى ئېيتقايلا، بىز تەبىر بېرىمىز، ــ دېدى. ◼ 2:4 +bd «ئاندىن كالدىيلەر پادىشاھقا (ئارامىي تىلىدا): ــ ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! ... »+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىن تارتىپ 1:8كىچە ئايەتلەر ئارامىي تىلىدا يېزىلغان.*
5پادىشاھ كالدىيلەرگە: ــ مەندىن بۇيرۇق! سىلەر ئاۋۋال كۆرگەن چۈشۈمنى ئېيتىپ ئاندىن تەبىر بېرىشىڭلار كېرەك. ئۇنداق قىلمىساڭلار قىيما-چىيما قىلىۋېتىلىسىلەر، ئۆيۈڭلار ھاجەتخانىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلىدۇ! ◘ 2:5 دان. 3:29*
6لېكىن چۈشۈمنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا تەبىر بېرەلىسەڭلار مەندىن سوۋغاتلار، ئىنئاملار ۋە ئالىي ئىززەتتىن مۇيەسسەر بولىسىلەر. ئەمدى چۈشۈمنى ئېيتىڭلار، تەبىر بېرىڭلار! ــ دېدى.
7ئۇلار پادىشاھقا يەنە بىر قېتىم:
8بۇ چاغدا پادىشاھ جاۋابەن:
9لېكىن چۈشۈمنى ئېيتىپ بەرمىسەڭلار، سىلەرگە پەقەت بۇيرۇقۇملا قالىدۇ. چۈنكى سىلەر ۋاقىت ئەھۋالنى ئۆزگەرتىدۇ، دەپ بىلىپ ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، يالغانچىلىق قىلىپ مېنى ئالدىماقچى بولىسىلەر. شۇڭا چۈشۈمنى ئېيتساڭلار، ئاندىن چۈشۈمگە ھەقىقەتەن تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىڭلارنى شۇ چاغدىلا بىلىمەن، ــ دېدى.
10كالدىيلەر پادىشاھقا جاۋابەن:
11چۈنكى ئالىيلىرىنىڭ سورىغانلىرى ھەقىقەتەن ئالامەت مۈشكۈل، ئىلاھلاردىن باشقا ھېچكىم ئۇنى ئايان قىلالمايدۇ. لېكىن ئىلاھلارنىڭ ماكانى ئىنسانلار ئارىسىدا ئەمەس، ــ دېدى.
12پادىشاھ قاتتىق غەزەپلىنىپ ئاچچىقلانغان ھالدا، بابىل ئوردىسىدىكى بارلىق دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈشنى ئەمر قىلدى.
13شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ بارلىق دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدىكى بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى. شۇڭا خىزمەتكارلىرى* دانىيال ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىمۇ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىزدىدى.
14شۇ چاغدا دانىيال بابىلدىكى دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈش ئەمرىنى ئىجرا قىلغىلى چىققان پادىشاھنىڭ خۇسۇسىي مۇھاپىزەتچىلەر باشلىقى ئارىئوققا ئاقىلانە ۋە دانىشمەنلەرچە جاۋاب قايتۇرۇپ
15ئۇنىڭدىن: ــ پادىشاھنىڭ چۈشۈرگەن پەرمانى نېمە ئۈچۈن شۇنچە جىددىي؟ ــ دەپ سورىدى. ئارىئوق ئەھۋالنى دانىيالغا ئېيتىپ بەردى. ◼ 2:15 +bd «... پەرمانى نېمە ئۈچۈن شۇنچە جىددىي»+bd* ــ ياكى «... پەرمانى نېمە ئۈچۈن شۇنچە قاتتىق؟».*
16دانىيال دەرھال پادىشاھ ئالدىغا كىرىپ، پادىشاھتىن چۈشىگە تەبىر بەرگۈدەك ۋاقىت بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ◼ 2:16 +bd «پادىشاھتىن چۈشىگە تەبىر بەرگۈدەك ۋاقىت بېرىشنى تەلەپ قىلدى»+bd* ــ ياكى «پادىشاھتىن چۈشىگە تەبىر بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ۋاقىت بېكىتىشنى تەلەپ قىلدى».*
17ئاندىن دانىيال ئۆيىگە قايتىپ، ئەھۋالنى دوستلىرى ھانانىيا، مىشائېل ۋە ئازارىيالارغا ئېيتىپ بەردى.
18ئۇ ئۇلاردىن ئەرشتىكى خۇدادىن بۇ چۈشنىڭ شىرى توغرۇلۇق رەھىم-شەپقەت ئىلتىجا رەھىم-شەپقەت ئىلتىجا قىلىپ، مەن دانىيال ۋە دوستلىرىم تۆتىمىزنىڭ بابىلدىكى باشقا دانىشمەنلەر بىلەن بىللە ھالاك قىلىنماسلىقىمىزنى تىلەڭلار، دەپ تەلەپ قىلدى.
19ئاندىن كېچىدە دانىيالغا غايىبانە كۆرۈنۈشتە شۇ سىرنىڭ يېشىمى ۋەھىي قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن دانىيال ئەرشتىكى خۇداغا ھەمدۇسانالار ئوقۇپ مۇنداق دېدى:
20«خۇدانىڭ نامى ئەبەدىلئەبەد مەدھىيىلەنگەي!
21ئۇ ۋاقىت، پەسىللەرنى ئۆزگەرتكۈچىدۇر؛
22ئۇ چوڭقۇر ۋە سىرلىق ئىشلارنى ئاشكارىلىغۇچىدۇر،
23ئى ماڭا دانالىق ۋە كۈچ بەرگەن ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ خۇداسى،
24ئاندىن دانىيال پادىشاھ بابىلدىكى دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈشكە تەيىنلىگەن ئارىئوقنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا:
25ئارىئوق شۇئان دانىيالنى پادىشاھ نېبوقادنەسارنىڭ ئالدىغا باشلاپ كىرىپ، پادىشاھقا: ــ
26پادىشاھ دانىيال (بەلتەشاسار دەپمۇ ئاتىلىدۇ)غا:
27دانىيال پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ شۇنداق جاۋاب بەردى:
28بىراق ئەرشتە سىرلارنى ئاشكارىلىغۇچى بىر خۇدا بار. ئۇ بولسا ئالىيلىرىغا ئاخىرقى زاماننىڭ كۈنلىرىدە نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئايان قىلدى. ئەمدى ئۆزلىرىنىڭ چۈشىنى، يەنى ئالىيلىرى ئۇخلاۋاتقاندا كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەرنى ئېيتىپ بېرەي: ــ ◼ 2:28 +bd «ئالىيلىرى ئۇخلاۋاتقاندا كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەر...»+bd* ــ ئارامىي تىلىدا: «سىلى كارىۋاتتا ياتقاندا كاللىلىرىدا كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەر..» دېيىلىدۇ.*
29ئى ئالىيلىرى، سىلى ئۇخلاشقا ياتقاندا كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى ئويلاپ ياتتىلا. سىرلارنى بىردىنبىر ئاشكارىلىغۇچى ئۆزلىرىگە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى كۆرسەتتى.
30ماڭا كەلسەك، بۇ سىرنىڭ ماڭا ئايان قىلىنغىنى مېنىڭ باشقا جان ئىگىلىرىدىن ئارتۇق ھېكمەتكە ئىگە بولغانلىقىمدىن ئەمەس، بەلكى بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى، شۇنداقلا شاھ ئالىيلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئويلىرىنى ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلىش ئۈچۈندۇر.
31ــ ئەي ئالىيلىرى، سىلى غايىبانە ئالامەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا تۇرغان گىگانت بىر ھەيكەلنى كۆردىلە. بۇ ھەيكەل ناھايىتى گەۋدىلىك بولۇپ، زور نۇر چاقناپ تۇرىدىغان ھەيۋەتلىك ھەم قورقۇنچلۇق ئىدى.
32ھەيكەلنىڭ بېشى ئېسىل ئالتۇندىن، كۆكرىكى ۋە قوللىرى كۈمۈشتىن، بەل ۋە ساغرىلىرى مىستىن،
33يۇتا-پاچىقى تۆمۈردىن، پۇتى تۆمۈر بىلەن لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان.
34ئۆزلىرى ئۇنى كۆرۈۋاتقان چاغلىرىدا، ئادەم قولى بىلەن قېزىلمىغان بىر تاش كېلىپ ھەيكەلگە ئۇرۇلۇپ ئۇنىڭ تۆمۈر بىلەن لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان پۇتىنى چېقىۋەتتى.
35ئۇنىڭدىكى تۆمۈر، لاي، مىس، كۈمۈش، ئالتۇنلار شۇئان پارچە-پارچە قىلىنىپ، شامال ئۇلارنى بەئەينى يازلىق خاماندىكى توپىلارنى ئۇچۇرغاندەك، قايتا ھېچ تېپىلمىغۇدەك قىلىپ ئۇچۇرۇۋەتتى. لېكىن ھېلىقى تاش يوغىناپ، پۈتكۈل جاھاننى قاپلىغان غايەت زور بىر تاغقا ئايلاندى.
36كۆرگەن چۈشلىرى مانا شۇدۇر. ئەمدى بىز ئۆزلىرىگە بۇ چۈشنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىمىز. ◼ 2:36 +bd «ئەمدى بىز ئۆزلىرىگە بۇ چۈشنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىمىز»+bd* ــ «بىز» دېگەن بۇ سۆز شۈبھىسىزكى، دانىيالنىڭ ئۆزىگە ۋە ئۈچ دوستىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغىنىنى بىلدۈرىدۇ.* ◘ 2:36 دان. 7* بابىل ئىمپېرىيەسى|src="babylonianempire-uara-01.jpg" size="span" ref="«دان.» 37:2" *
37ئەي ئالىيلىرى، ئۆزلىرى پۈتكۈل پادىشاھلارنىڭ بىر پادىشاھى، ئەرشتىكى خۇدا سىلىگە پادىشاھلىق، نوپۇز، كۈچ ۋە شۆھرەت ئاتا قىلدى.
38ئىنسان بالىلىرى، ھايۋاناتلار، ئۇچار-قاناتلار مەيلى قەيەردە تۇرسۇن، خۇدا ئۇلارنى قوللىرىغا تاپشۇرۇپ سىلىنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ھاكىم قىلدى. سىلى ئۇ ھەيكەلنىڭ ئالتۇن بېشىدۇرسىلا. پارس ئىمپېرىيەسى|src="persianempire-uara-01.jpg" size="span" ref="«دان.» 38:2" *
39ئۆزلىرىدىن كېيىن يەنە بىر پادىشاھلىق كېلىدۇ. لېكىن ئۇ سىلىنىڭ پادىشاھلىقلىرىغا يەتمەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈچىنچى بىر پادىشاھلىق، يەنى مىس پادىشاھلىق كېلىپ پۈتكۈل يەر يۈزىگە ھاكىم بولىدۇ. گرېتسىيە (يۇنان) ئىمپېرىيەسى|src="greekempire-uara-01.jpg" size="span" ref="«دان.» 39:2" *
40ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۆتىنچى پادىشاھلىق بولسا تۆمۈردەك مۇستەھكەم بولىدۇ. تۆمۈر بارلىق باشقا نەرسىلەرنى چېقىۋېتىپ بويسۇندۇرغىنىدەك، شۇنىڭغا ئوخشاش بۇ تۆمۈر پادىشاھلىق ئۆز ئالدىنقى پادىشاھلارنىڭ ھەممىسىنى ئېزىپ چېقىۋېتىدۇ. رىم ئىمپېرىيەسى|src="romanempire-uara-01.jpg" size="span" ref="«دان.» 40:2" *
41ئۆزلىرى كۆرگەندەك تۆمۈر بىلەن سېغىز لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان پۇت ۋە بارماقلار بۇ پادىشاھلىقنىڭ بۆلۈنمە بولۇپ كېتىدىغىنىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق بۇ پادىشاھلىق تۆمۈردەك كۈچكە ئىگە بولىدۇ، چۈنكى سىلى كۆرگەندەك، تۆمۈر بىلەن لاي ئارىلاشقان.
42تۆمۈر بىلەن لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان پۇتنىڭ بارماقلىرى ئۇ پادىشاھلىقنىڭ بىر قىسمىنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى، بىر قىسمىنىڭ ئاجىزلىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
43ئۆزلىرى تۆمۈر بىلەن لاينىڭ ئارىلاشقانلىقىنى كۆردىلە. بۇ ئۇ پادىشاھلىقنىڭ ھۆكۈمدارلىرى پادىشاھلىقنىڭ* پۇقرالىرى بىلەن ئىتتىپاقلاشماقچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن تۆمۈر لاي بىلەن ئارىلاشمىغاندەك، بىرلىشىپ كېتەلمەيدۇ. ◼ 2:43 +bd «پادىشاھلىقنىڭ پۇقرالىرى بىلەن...»+bd* ــ ئارامىي تىلىدا: «ئىنسانلارنىڭ نەسلى بىلەن....».*
44ئۇ ئاخىرقى* پادىشاھلار تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، ئەرشتىكى خۇدا يىمىرىلمەس بىر پادىشاھلىق بەرپا قىلىدۇ. بۇ پادىشاھلىق ھەرگىز باشقا بىر خەلققە ئۆتمەيدۇ؛ ئەكسىچە ئۇ بۇ باشقا پادىشاھلىقلارنى ئۈزۈل-كېسىل گۇمران قىلىپ، ئۆزى مەڭگۈ مەزمۇت تۇرىدۇ. ◼ 2:44 +bd «ئۇ ئاخىرقى پادىشاھلار»+bd* ــ پۇتنىڭ بارماقلىرىنىڭ پادىشاھلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك. بۇ باب ۋە 7-باب توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 2:44 دان. 3:33؛ 4:31؛ 6:27؛ 7:14، 27؛ مىك. 4:7؛ لۇقا 1:33*
45ئۆزلىرى ئادەم قولى بىلەن قېزىلمىغان بىر تاشنىڭ تاغدىن چىققىنىنى ۋە ئۇنىڭ ھەيكەلدىكى تۆمۈر، مىس، لاي، كۈمۈش، ئالتۇننى چېقىۋەتكەنلىكىنى كۆردىلە. شۇڭا ئۇلۇغ خۇدا ئالىيلىرىغا كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى بىلدۈرگەن. كۆرگەن چۈشلىرى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، بېرىلگەن تەبىر مۇتلەق ئىشەنچلىكتۇر. ◼ 2:45 +bd «ئۆزلىرى ئادەم قولى بىلەن قېزىلمىغان بىر تاشنىڭ تاغدىن چىققىنىنى ۋە ئۇنىڭ ھەيكەلدىكى تۆمۈر، مىس، لاي، كۈمۈش، ئالتۇننى چېقىۋەتكەنلىكىنى كۆردىلە...»+bd* ــ بۇ بابتىكى بېشارەتلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 2:45 يەش. 8:14؛ 28:16؛ زەب. 118:22؛ زەك. 3:9؛ مات. 21:42-44؛ يـۇھ. 3:31؛ 8:23*
46ئاندىن پادىشاھ نېبوقادنەسار ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دانىيالغا سەجدە قىلدى ۋە ئۇنىڭغا ھەدىيە بېرىپ خۇشپۇراق-ئىسرىق سېلىشنى ئەمر قىلدى.
47پادىشاھ ئۇنىڭغا:
48ئاندىن پادىشاھ دانىيالنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلىپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئېسىل سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى. ئۇ ئۇنى پۈتكۈل بابىل ئۆلكىسىگە ھاكىم بولۇشقا تەيىنلىدى ۋە ئۇنى بابىلدىكى دانىشمەن-ئەقىلدارلارنىڭ باش ئاقساقىلى قىلدى.