دانىيال 3:1-29 UIGB2010 - Bible AI

1پادىشاھ نېبوقادنەسار ئالتۇندىن ئېگىزلىكى ئاتمىش گەز، كەڭلىكى ئالتە گەز كېلىدىغان بىر ھەيكەل ياساپ، بابىل ئۆلكىسىنىڭ دۇرا تۈزلەڭلىكىگە ئورناتتى. ◼ 3:1 +bd «ئېگىزلىكى ئاتمىش گەز، كەڭلىكى ئالتە گەز...»+bd* ــ «گەز» (ياكى «جەينەك») جەينەكتىن قولنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىقتۇر، تەخمىنەن 40-45 سانتىمېتر.*

2پادىشاھ بارلىق ۋەزىر، ۋالىي، ھاكىم، مەسلىھەتچى، خەزىنىچى، سوتچى، سوراقچىلارنى شۇنداقلا ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى باشقا ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسىنى پادىشاھ نېبوقادنەسار ئورناتقان بۇ ئالتۇن ھەيكەلنى ئۆز ئىلاھىغا ئاتاش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا پەرمان چۈشۈردى.

3شۇنىڭ بىلەن ۋەزىرلەر، ۋالىيلار، ھاكىملار، مەسلىھەتچىلەر، خەزىنىچىلەر، سوتچىلار، سوراقچىلار، شۇنداقلا ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى باشقا ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ئاتاش مۇراسىمىغا جەم بولدى. ئۇلار ھەيكەلنىڭ ئالدىدا تۇردى.

4جاكارچى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن:

5سىلەر سۇناي، نەي، قالۇن، لىرا، زىلتار، بۇلمان ۋە باشقا ھەرخىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان، يەرگە باش ئۇرۇپ پادىشاھ نېبوقادنەسار ئورناتقان ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلىڭلار. ◼ 3:5 +bd «لىرا»+bd* ــ لىرا بولسا تۆت تارلىق بىر خىل ساز. +bd «بۇلمان»+bd* ــ بۇلمان بولسا بىر خىل پۈۋلىنىدىغان ساز.*

6كىمكى باش ئۇرۇپ سەجدە قىلمىسا، شۇئان دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلىنىدۇ، ــ دەپ جاكارلىدى.

7شۇڭا، سۇناي، نەي، قالۇن، لىرا، زىلتار، بۇلمان ۋە باشقا ھەرخىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان ھەرقايسى ئەل-يۇرت، ھەرقايسى تائىپىلەردىن كەلگەن، ھەرخىل تىلدا سۆزلىشىدىغان قوۋم يەرگە باش ئۇرۇپ نېبوقادنەسار ئورناتقان ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلىشتى.

8ئۇ چاغدا، بەزى كالدىيلەر ئالدىغا چىقىپ يەھۇدىيلار ئۈستىدىن ئەرز قىلدى.

9ئۇلار پادىشاھ نېبوقادنەسارغا:

10ئالىيلىرى سۇناي، نەي، قالۇن، لىرا، زىلتار، بۇلمان ۋە باشقا ھەرخىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان ھەممەيلەن يەرگە باش ئۇرۇپ ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلسۇن،

11شۇنداقلا كىمكى يەرگە باش ئۇرۇپ سەجدە قىلمىسا، ئۇ دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلانسۇن دەپ پەرمان قىلغانىدىلا.

12سىلى بابىل ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن بىرنەچچە يەھۇدىي، يەنى شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولار بار؛ ئى ئالىيلىرى، بۇ ئادەملەر سىلىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار پادىشاھنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ئىبادىتىدە بولمىدى ياكى پادىشاھ ئورناتقان ئالتۇن ھەيكەلگىمۇ سەجدە قىلمايدۇ، ــ دېدى.

13شۇنى ئاڭلاپ پادىشاھ نېبوقادنەسار دەرغەزەپ بولۇپ، شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارنى ئۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشنى ئەمر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ ئۈچەيلەننى پادىشاھ ئالدىغا ئەپكەلدى.

14نېبوقادنەسار ئۇلارغا:

15ھازىر سىلەر سۇناي، نەي، قالۇن، لىرا، زىلتار، بۇلمان ۋە باشقا ھەرخىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان، مەن ياساتقان ھەيكەلگە سەجدە قىلىشقا تەييار تۇرساڭلار، ياخشى. لېكىن سەجدە قىلمىساڭلار، سىلەر دەرھال دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلىنىسىلەر. شۇ چاغدا قانداق ئىلاھ كېلىپ سىلەرنى چاڭگىلىمدىن قۇتقۇزۇۋالىدىكىن، قېنى؟! ــ دېدى.

16شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولار پادىشاھقا جاۋابەن:

17بىز سەجدە قىلىپ كېلىۋاتقان خۇدايىمىز بىزنى دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمداندىن قۇتقۇزالايدۇ؛ ئى ئالىيلىرى، ئۇ چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئىلكىدىن بىزنى قۇتقۇزىدۇ.

18لېكىن بىزنى قۇتقۇزمىغان تەقدىردىمۇ، ئالىيلىرىگە مەلۇم بولسۇنكى، بىز يەنىلا ئىلاھلىرىنىڭ خىزمىتىدە بولمايمىز ۋە سىلى ئورناتقان ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلمايمىز، ــ دېدى.

19بۇنى ئاڭلىغان ھامان پادىشاھ نېبوقادنەسارنىڭ تەرى بۇزۇلۇپ، شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارغا قاتتىق غەزەپلەندى. شۇنىڭ بىلەن ئادەملىرىگە خۇمداننى ئادەتتىكىدىن يەتتە ھەسسە قاتتىق قىزىتىشنى بۇيرۇدى.

20ئۇ قوشۇنىدىكى ئەڭ قاۋۇل پالۋانلارغا شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارنى باغلاپ، دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلاشنى بۇيرۇدى.

21شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تونلىرى، ئىشتانلىرى، سەللىلىرى ۋە باشقا لىباس كىيىملىرى سېلىنمىغان ھالدا باغلىنىپ دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلاندى.

22پادىشاھنىڭ ئەمرىنىڭ قاتتىقلىقى بىلەن خۇمداندىكى ئوت ئىنتايىن يالقۇنلاپ يېنىپ تۇراتتى، شۇڭلاشقا خۇمداندىن چىقىۋاتقان يالقۇن شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارنى كۆتۈرگەن ئەسكەرلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى.

23شۇنداق قىلىپ شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگو ئۈچەيلەن باغلاقلىق ھالدا دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا چۈشۈپ كەتتى.

24ئاندىن نېبوقادنەسار چۆچۈگەن ھالدا ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ، مەسلىھەتچى ۋەزىرلىرىدىن:

25پادىشاھ جاۋابەن:

26شۇنىڭ بىلەن نېبوقادنەسار دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمداننىڭ ئاغزىغا يېقىن كېلىپ:

27بارلىق ۋەزىرلەر، ۋالىيلار، ھاكىملار ۋە پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچى ۋەزىرلىرى يىغىلىپ كېلىشىپ بۇ ئۈچەيلەنگە تىكىلىشىپ قاراشتى؛ ئۇلارنىڭ قىلچە كۆيگەن يېرى يوق ئىدى، چاچ-ساقاللىرىمۇ كۆيمىگەن، كىيىم-كېچەكلىرىمۇ شۇ پېتى ئىدى، ئۈستى-بېشىدىمۇ ئىس-تۈتۈننىڭ پۇرىقى يوق ئىدى.

28نېبوقادنەسار مۇنداق دېدى:

29ئەمدى مەن شۇنداق پەرمان چۈشۈرىمەنكى: قايسى ئەل-يۇرت بولسۇن، قايسى تائىپىلەردىن كەلگەن بولسۇن، قايسى تىلدا سۆزلىشىدىغانلار بولسۇن، شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگولارنىڭ خۇداسىغا قارا چاپلايدىكەن، پۈتۈن تېنى قىيما-چىيما قىلىنسۇن، ئۆيلىرى ھاجەتخانىغا ئايلاندۇرۇلسۇن! چۈنكى بۇنداق قۇتقۇزالايدىغان باشقا ئىلاھ يوق. ◘ 3:29 دان. 2‏:5*

© 2010 Institute for Bible Translation
div>