1«مەنكى پادىشاھ نېبوقادنەساردىن يەر يۈزىدىكى ھەربىر ئەل-يۇرتقا، ھەرقايسى تائىپىلەرگە، ھەرخىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان قوۋملارغا ئامان-ئېسەنلىك ئېشىپ-تېشىپ تۇرغاي!
2ھەممىدىن ئالىي خۇدا ماڭا كۆرسەتكەن ئالامەتلەرنى ۋە كارامەتلەرنى جاكارلاشنى لايىق تاپتىم.
3ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلىرى نېمىدېگەن ئۇلۇغ! ئۇنىڭ كارامەتلىرى نېمەدېگەن قالتىس! ئۇنىڭ پادىشاھلىقى پۈتمەس-تۈگىمەستۈر، ئۇنىڭ ھاكىملىقى دەۋردىن-دەۋرگىچە داۋاملىشىدۇ! ◘ 4:3 زەب. 93:1، 2؛ دان. 6:27*
4مەنكى نېبوقادنەسار ئۆيۈمدە بىخارامان ئولتۇرغىنىمدا، ئوردامدا باياشات تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتقىنىمدا،
5مېنى ئىنتايىن قورقۇتۇۋەتكەن بىر چۈشنى كۆردۈم، ئورنۇمدا ياتقىنىمدا بېشىمدىكى ئويلار ۋە كاللامدىكى غايىبانە ئالامەتلەر مېنى ئالاقزادە قىلدى.
6بابىلدىكى بارلىق دانىشمەنلەرنى ئالدىمغا چاقىرىشقا پەرمان بېرىپ، ئۇلارنىڭ چۈشۈمگە تەبىر بېرىشىنى بۇيرۇدىم.
7شۇنىڭ بىلەن بارلىق رەمچى-پالچى، پىر-ئۇستاز، كالدىيلەر ۋە مۇنەججىملار كېلىشتى. مەن چۈشۈمنى ئېيتىپ بەردىم، لېكىن ئۇلار ماڭا تەبىرىنى بېرەلمىدى. ◼ 4:7 +bd «بېرەلمىدى»+bd* ــ ياكى «بەرمىدى»*
8لېكىن ئاخىردا دانىيال كىردى (ئۇنىڭ يەنە بىر ئىسمى بەلتەشاسار بولۇپ، مېنىڭ ئىلاھىمنىڭ نامىغا ئاساسەن قويۇلغان). مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى ئۇنىڭدا ئىكەن. مەن چۈشۈمنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا:
9ــ ئەي پالچىلارنىڭ باشلىقى بەلتەشاسار، مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى سەندە ئىكەنلىكىنى، ساڭا ھېچقانداق سىر تەس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدىم، شۇڭا مېنىڭ كۆرگەن چۈشۈمدىكى غايىبانە ئالامەتلەرنى چۈشەندۈرگەيسەن، شۇنداقلا ئۇنىڭغا تەبىر بەرگەيسەن، ــ دېدىم. ◼ 4:9 +bd «ئەي پالچىلارنىڭ باشلىقى بەلتەشاسار، مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى سەندە ئىكەن...»+bd* ــ بۇ پادىشاھنىڭ كۆز-قارىشى. دانىيال ئۆزى پالچە ئەمەس، ئەلۋەتتە. پالچىلىق تەۋراتتا قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.*
10ــ مەن ئورنۇمدا ياتقىنىمدا كاللامدا مۇنداق غايىبانە ئالامەتلەرنى كۆردۈم: مانا، يەر يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈپ دەرەخ بار ئىكەن؛ ئۇ تولىمۇ ئېگىزمىش.
11ئۇ بارغانسېرى چوڭ ھەم مەزمۇت ئۆسۈپ، ئاسمانغا تاقىشىپتۇ، ئۇ دۇنيانىڭ چەتلىرىگىمۇ كۆرۈنىدىكەن.
12ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى چىرايلىق، مېۋىسى ئىنتايىن مول ئىكەن. ئۇنىڭدا پۈتكۈل دۇنياغا يەتكۈدەك ئوزۇق بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئاستىدا دالادىكى ھايۋانلار سايىداشىدىكەن، شاخلىرىدا ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ماكان قىلىدىكەن؛ مېۋىسىدىن بارلىق ئەت ئىگىلىرىمۇ ئوزۇقلىنىدىكەن.
13ئورنۇمدا يېتىپ، كاللامدا كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەرنى كۆرۈۋاتىمەن، مانا، ئاسماندىن بىر كۆزەتچى مۇئەككەل، يەنى مۇقەددەس بىر پەرىشتە چۈشۈپ، ◼ 4:13 +bd «...مۇقەددەس بىر پەرىشتە چۈشتى»+bd* ــ ئارامىي تىلىدا «بىر مۇقەددەس بولغۇچى چۈشتى».*
14مۇنداق جاكارلىدى:
15يەردە پەقەت كۆتۈكىنىلا يىلتىزى بىلەن، مىس ۋە تۆمۈر بىلەن چەمبەرلەپ، يۇمران ئوت-چۆپلەر بىلەن بىللە دالادا قالدۇرۇڭلار. ئۇ ئاسماندىكى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ تۇرسۇن. ئۇنىڭ نېسىۋىسى ئوت-چۆپ يەيدىغان ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە بولسۇن.
16ئادەمىي ئەقلىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، ئۇنىڭغا ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئەقلى بېرىلسۇن، شۇنداقلا شۇ ھالەتتە «يەتتە ۋاقىت» تۇرسۇن. ◼ 4:16 +bd «ئادەمىي ئەقلىدىن مەھرۇم قىلىنىپ»+bd* ــ ئارامىي تىلىدا «ئادەمىي كۆڭۈلدىن مەھرۇم قىلىنىپ». +bd «ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئەقلى»+bd* ــ ئارامىي تىلىدا «ياۋايى ھايۋانلارنىڭ يۈرىكى». +bd «...شۇنداقلا شۇ ھالەتتە «يەتتە ۋاقىت» تۇرسۇن»+bd* ــ «يەتتە ۋاقىت» مۇقەددەس كىتابتا دېيىلگىنى بويىچە، يەتتە يىلنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما بابىللىقلارنىڭ كالېندارىدىكى بىر يىل 360 كۈن بولغاچقا، بەلكىم 2520 كۈن بولۇشى كېرەك. بۇ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.*
17دۇنيادىكى جان ئىگىلىرى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئىنسانلارنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ھەممىسىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پادىشاھلىق ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان كىشى (مەيلى ئۇ ھېچنېمىگە ئەرزىمەس ئادەم بولسىمۇ)گە بېرىدىغانلىقىنى بىلسۇن دەپ، بۇ ھۆكۈم قارىغۇچى مۇئەككەللەرنىڭ پەرمانى بىلەن، يەنى مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ قارار بۇيرۇقى بىلەن بەلگىلەنگەندۇر».
18ــ مەن پادىشاھ نېبوقادنەسار مانا شۇنداق چۈشنى كۆردۇم. ئەي بەلتەشاسار، چۈشۈمگە تەبىر بەرگەيسەن. پادىشاھلىقىمدىكى دانىشمەنلەر ئىچىدە مەن ئۈچۈن بۇنىڭغا تەبىر بېرەلەيدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى. لېكىن سەن تەبىر بېرەلەيسەن، چۈنكى ئەڭ مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى سەندە ئىكەن.
19شۇنىڭ بىلەن بەلتەشاسار دەپمۇ ئاتالغان دانىيال بىر ھازا ھەيرانلىقتا ئالاقزادە بولدى ۋە چۈش توغرىسىدا ئويلاپ تولىمۇ بىئارام بولدى.
20-21 بارغانسېرى ئۆسۈپ مەزمۇت بولغان، ئېگىزلىكى ئاسمانغا تاقىشىدىغان، پۈتكۈل دۇنياغا كۆرۈنىدىغان، يوپۇرماقلىرى چىرايلىق، مېۋىسى ئىنتايىن مول بولغان، پۈتكۈل دۇنياغا يەتكۈدەك ئوزۇق بولىدىغان، سايىسىدا ياۋايى ھايۋانلار تۇرىدىغان، شاخلىرىدا ئۇچار قۇشلار ماكان قىلىدىغان دەرەخ بولسا، يەنى سەن كۆرگەن دەرەخ ــ دەل ئۆزلىرىدۇر، ئى ئالىيلىرى!
22ــ چۈنكى سىلى چوڭ ۋە مەزمۇت ئۆستىلا؛ سىلىنىڭ ھەيۋەتلىرى ئېشىپ پەلەككە يەتتى؛ھۆكۈمرانلىقلىرى يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگە يېتىپ باردى.
23ئالىيلىرى قاراپ تۇرغان ۋاقىتلىرىدا ئاسماندىن بىر قارىغۇچى، يەنى بىر مۇقەددەس پەرىشتە چۈشۈپ: «بۇ دەرەخنى كېسىپ، خاراب قىلىڭلار. ھالبۇكى، يەردە كۆتىكىنىلا يىلتىزى بىلەن قالدۇرۇپ، مىس ۋە تۆمۈر بىلەن چەمبەرلەپ، يۇمران ئوت-چۆپلەر بىلەن بىللە دالادا قالدۇرۇڭلار. ئۇ ئاسماندىكى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ تۇرسۇن. «يەتتە ۋاقىت» بېشىدىن ئۆتكىچە ئۇنىڭ نېسىۋىسى ئوت-چۆپ يەيدىغان ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە بولسۇن، ــ دەپتۇ.
24ــ ئى ئالىيلىرى، چۈشلىرىنىڭ مەنىسى مانا شۇ ــ بۇلار بولسا ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پەرمانى بىلەن خوجام پادىشاھنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان ئىشلار ــ
25ئۆزلىرى كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدىۋېتىلىپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە ياشايدىلا، كالىلاردەك ئوت-چۆپ بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدىلا، دالادا ئاسماندىكى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ تۇرىدىلا. تاكى سىلى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پۈتكۈل ئىنسان پادىشاھلىقىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان ھەرقانداق كىشىگە بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكۈچە، يەتتە ۋاقىت باشلىرىدىن ئۆتىدۇ. ◘ 4:25 دان. 5:20،21*
26«دەرەخنىڭ كۆتىكىنى يىلتىزى بىلەن يەردە قالدۇرۇڭلار» دەپ بۇيرۇلغانىكەن، ئۆزلىرى ئەرشلەرنىڭ ھەممىنى ئىدارە قىلىدىغاننلىقىنى بىلىپ يەتكەندىن كېيىن پادىشاھلىقلىرى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇلىدۇ.
27شۇڭا ئى ئالىيلىرى، مېنىڭ نەسىھىتىم سىلىگە لايىق كۆرۈلگەي، گۇناھلىرىدىن قول ئۈزگەيلا، ئىشتا ھەققانىي بولغايلا، قەبىھلىكلىرىدىن توختاپ كەمبەغەللەرگە رەھىمدىللىق قىلغايلا. شۇنداق قىلغاندىلا بەلكىم داۋاملىق گۈللەپ ياشنىمامدىلا؟
28بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھ نېبوقادنەسارنىڭ بېشىغا چۈشتى.
29ئون ئىككى ئايدىن كېيىن، ئۇ بابىلدىكى پادىشاھلىق ئوردىسىنىڭ ئۆگزىسىدە سەيلە قىلىۋېتىپ:
30ــ قاراڭلار، مەن ئۆز ئىززىتىم ۋە شان-شۆھرىتىم نامايان قىلىنسۇن دەپ، شاھانە ئوردامنىڭ جايلىشىشى ئۈچۈن زور كۈچۈم بىلەن ياسىغان ھەيۋەتلىك بابىل شەھىرى مۇشۇ ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى.
31ئۇنىڭ سۆزى ئاغزىدىن تېخى ئۈزۈلمەيلا، ئاسماندىن بىر ئاۋاز چۈشۈپ:
32سەن كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدىۋېتىلىپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە ماكان قىلىسەن ۋە كالىلاردەك ئوت-چۆپ يەيسەن؛ سەن ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئىنسان پادىشاھلىقىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان ھەرقانداق كىشىگە تۇتقۇزىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكۈچە يەتتە ۋاقىت بېشىڭدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ ــ دېيىلدى.
33بۇ سۆز نېبوقادنەساردا شۇئان ئەمەلگە ئاشتى. ئۇ كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدىۋېتىلىپ، كالىلاردەك ئوت-چۆپ يەپ، تېنى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ چاچلىرى بۈركۈتنىڭ پەيلىرىدەك، تىرناقلىرى قۇشنىڭ تىرناقلىرىدەك ئۆسۈپ كەتتى.
34ئەمدى شۇ كۈنلەر توشقاندا، مەن نېبوقادنەسار ئاسمانغا كۆز تىكىپ قارىۋىدىم، ئەقىل-ھوشۇم ئەسلىگە كەلدى. مەن ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا ھەمدۇسانا ئېيتىپ، مەڭگۈ ھايات تۇرغۇچىنى مەدھىيىلەپ، ھۆرمەت ئەيلىدىم.
35ئۇنىڭ ئالدىدا يەر يۈزىدىكى بارلىق ئىنسانلار ھېچنېمە ھېسابلانمايدۇ؛
36شۇئانلا ئەقىل-ھوشۇم ئەسلىگە كەلدى؛ پادىشاھلىقىمنىڭ شان-شەرىپى، ئىززىتىم، پادىشاھلىق ھەيۋەممۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. مەسلىھەتچى ۋەزىرلىرىم ۋە ئەمىر-ئېسىلزادىلىرىم مېنى ئىزدەپ كەلدى. پادىشاھلىقىم مۇستەھلەملەندى؛ بۇرۇنقىدىنمۇ زور ھەيۋىگە يېڭىباشتىن ئىگە بولدۇم.