دانىيال 7:1-27 UIGB2010 - Bible AI

1بەلشازار بابىلغا پادىشاھ بولغان بىرىنچى يىلى دانىيال ئورنىدا يېتىپ چۈشىدە بىرنەچچە غايىبانە ئالامەتلەرنى كۆردى. ئۇ چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى مۇنداق يەكۈنلەپ خاتىرىلىۋالدى: ــ

2كېچىدە كۆرگەن غايىبانە كۆرۈنۈشتە مەنكى دانىيال شۇنى كۆردۈمكى، ئاسماننىڭ تۆت تەرىپىدىن شامال چىقىپ، «ئۇلۇغ دېڭىز» يۈزىگە ئۇرۇلماقتا ئىدى. ◼ 7:2 +bd «ئۇلۇغ دېڭىز»+bd* ــ «ئوتتۇرا دېڭىز»نى كۆرسەتسە كېرەك.*

3دېڭىزدىن شەكىللىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان تۆت زور مەخلۇق چىقتى. ◘ 7:3 دان. 2‏:37-45*

4بىرىنچى مەخلۇق شىرغا ئوخشايتتى، لېكىن بۈركۈتنىڭ قانىتى بار ئىدى. مەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغىنىمدا، قاناتلىرى يۇلۇندى؛ ئاندىن ئۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ، ئىككى پۇتى يەرگە دەسسىتىلىپ ئادەمدەك تۇرغۇزۇلۇپ، ئۇنىڭغا ئىنسانىي بىر قەلب بېرىلدى. ◘ 7:4 دان. 4‏:34*

5مانا يەنە بىر مەخلۇق، يەنى ئىككىنچىسى ئېيىققا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ بىر تەرىپى ئىككىنچى بىر تەرىپىدىن ئېگىزلىتىلدى. ئۇنىڭ چىشلىرى ئۈچ قوۋۇرغىنى چىشلەپ تۇراتتى، بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا: «ئورنۇڭدىن تۇر، گۆشنى يېيىشىڭچە يەۋال!» ــ دېدى.

6قاراپ تۇرغىنىمدا، مانا يەنە بىر مەخلۇق پەيدا بولدى. ئۇ يىلپىزغا ئوخشايتتى، دۈمبىسىدە قۇشنىڭكىدەك تۆت قانىتى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ بېشى تۆت ئىدى. ئۇنىڭغا ھاكىملىق ھوقۇقى بېرىلدى.

7ئۇنىڭدىن كېيىن كېچىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلەردە قاراپ تۇرغىنىمدا، مانا تۆتىنچى بىر مەخلۇق پەيدا بولدى. ئۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق، دەھشەتلىك ۋە ئاجايىب كۈچلۈك ئىدى. ئۇ يوغان تۆمۈر چىشلىرى بىلەن ئوۋنى چايناپ ئېزىپ يۇتۇپ، قالدۇقىنى پۇتلىرى بىلەن دەسسەپ-چەيلەيتتى. ئۇ ئالدىنقى بارلىق مەخلۇققا ئوخشىمايتتى؛ ئۇنىڭ ئون مۈڭگۈزى بار ئىدى.

8مەن بۇ مۈڭگۈزلەرنى كۆزىتىۋاتقىنىمدا، مانا مۈڭگۈزلەرنىڭ ئارىسىدىن يەنە بىر كىچىك مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. بۇ كىچىك مۈڭگۈزنىڭ ئالدىدا ئەسلىدىكى مۈڭگۈزلەردىن ئۈچى يۇلۇۋېتىلدى. بۇ كىچىك مۈڭگۈزنىڭ ئادەمنىڭكىدەك كۆزى ۋە چوڭ سۆزلەيدىغان ئاغزى بار ئىدى.

9مەن قاراپ تۇرغىنىمدا، ئۇ يەرگە بىرنەچچە تەختنىڭ قويۇلغانلىقىنى كۆردۈم؛ ئۇلارنىڭ بىرىدە، «ئەزەلدىن بار بولغۇچى» ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ كىيىملىرى قاردەك ئاپئاق، چاچلىرى ئاپئاق قوزا يۇڭىدەك ئىدى. ئۇنىڭ تەختى ئوت لاۋۇلداپ تۇرغان يالقۇنلار بولۇپ، لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت چاقلىرىنىڭ ئۈستىدە ئىدى. ◼ 7:9 +bd «ئەزەلدىن بار بولغۇچى»+bd* ــ ئەسلىدە ئىبرانىي تىلىدا «قەدىمكى كۈنلەردىن تارتىپ بار بولغۇچى» ــ يەنى خۇدا دېگەنلىكتۇر، ئەلۋەتتە.*

10ئۇنىڭ ئالدىدىن گويا راۋان ئېقىپ تۇرغان دەريادەك ئوت يالقۇنى لاۋۇلداپ ئېقىپ تۇراتتى؛ ئۇنىڭ خىزمىتىدە تۇرغۇچىلار تۈمەن مىڭلىغان ئىدى، ئۇنىڭ ئالدىدا يۈز مىليونلىغان ھازىر تۇرغۇچىلار بار ئىدى. سوراق باشلانغانلىقى جاكارلىنىپ، دەستۇرلار ئېچىلدى. ◼ 7:10 +bd «...تۈمەن مىڭلىغان»+bd* ــ ئارامىي تىلىدا: «... مىڭلىڭان مىڭلىغان» ياكى «مىڭلىغان مىڭ» ــ دېمەك، بىرنەچچە مىليون. +bd «ئۇنىڭ خىزمىتىدە تۇرغۇچىلار تۈمەن مىڭلىغان ئىدى، ئۇنىڭ ئالدىدا يۈز مىليونلىغان ھازىر تۇرغۇچىلار بار ئىدى»+bd* ــ ئايەتتە كۆزدە تۇتۇلغان خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى پەرىشتىلەر، ئەلۋەتتە. «ۋەھ.» 16:9نى كۆرۈڭ.* ◘ 7:10 ۋەھ. 5‏:11؛ 20‏:12*

11ھېلىقى كىچىك مۈڭگۈزنىڭ يوغان گەپلەرنى قىلىۋاتقان ئاۋازىدىن دىققىتىم شۇنىڭغا تارتىلىپ قاراپ تۇراتتىم. قاراپ تۇرغىنىمدا، تۆتىنچى مەخلۇق ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ جەسىتى ھالاك قىلىنىپ، ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۈلۈشكە تاپشۇرۇلدى.

12قالغان ئۈچ مەخلۇق بولسا، ھاكىمىيىتىدىن مەھرۇم قىلىندى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆمرى يەنە بىر مەزگىل ئۇزارتىلدى.

13كېچىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلەردە مانا، مەن گويا ئىنسان ئوغلىغا ئوخشاش بىر زاتنىڭ ئاسماندىكى بۇلۇتلار بىلەن كەلگىنىنى كۆردۈم. ئۇ «ئەزەلدىن بار بولغۇچى»نىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر قىلىندى. ◘ 7:13 دان. 7‏:27؛ زەب.2‏:6؛ ناھ. 1‏:3؛ مات. 24‏:30؛ 26‏:64؛ 1تېس. 4‏:17؛ ۋەھ. 1‏:7*

14ھەر ئەل-يۇرت، ھەر تائىپە، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان قوۋملار ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن دەپ، سەلتەنەت، شۆھرەت ۋە پادىشاھلىق ھوقۇقى ئۇنىڭغا بېرىلدى. ئۇنىڭ سەلتەنىتى مەڭگۈ سولاشماس سەلتەنەتتۇر، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى مەڭگۈ ھالاك قىلىنماس. ◘ 7:14 دان. 2‏:44؛ لۇقا 1‏:33*

15مەنكى دانىيالنىڭ ۋۇجۇدۇم، دىل-روھىم بەك بىئاراملىققا چۆمدى، كاللامدىكى غايىبانە ئالامەتلەر مېنى ئىنتايىن ئالاقزادە قىلدى.

16مەن يېقىن تۇرغۇچىلاردىن بىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بۇ غايىبانە ئالامەتلەرنىڭ ھەقىقىتى توغرۇلۇق سورىدىم. ئۇ ماڭا تەبىر بېرىپ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ــ ◼ 7:16 +bd «يېقىن تۇرغۇچىلار»+bd* ــ پەرىشتىلەر بولسا كېرەك.*

17«بۇ تۆت زور مەخلۇق كەلگۈسىدە دۇنيادا باش كۆتۈرىدىغان تۆت پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ.

18لېكىن ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى پادىشاھلىق ھوقۇقىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، ئەبەدىلئەبەدگىچە شۇنداق بولىدۇ». ◼ 7:18 +bd «... مۇقەددەس بەندىلىرى پادىشاھلىق ھوقۇقىنى قوبۇل قىلىدۇ»+bd* ــ قىزىق بىر يېرى شۇكى، «پادىشاھلىق» دېگەن كىمنىڭكى ياكى قايسى پادىشاھلىق ئېيتىلمىغان. نېمىشقا؟ جاۋاب چوقۇم شۇكى، شۇ چاغدا پەقەت بىرلا پادىشاھلىق، يەنى خۇدانىڭكى بولىدۇ.*

19مەن باشقا ئۈچ مەخلۇققا ئوخشىمايدىغان تۆتىنچى مەخلۇق، يەنى زور قورقۇنچلۇق، تۆمۈر چىشلىق، مىس تىرناقلىق، ئوۋنى چايناپ ئېزىپ يۇتۇپ، ئاندىن قالدۇقلىرىنى ئاياغلىرى بىلەن دەسسەپ-چەيلەيدىغان ھېلىقى مەخلۇق توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى،

20شۇنداقلا ئۇنىڭ بېشىدىكى ئون مۈڭگۈزىنىڭ ۋە كېيىن ئۆسۈپ چىققان كىچىك مۈڭگۈز توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق بىلمەكچى بولدۇم ــ ئۇنىڭ، يەنى ھېلىقى كىچىكىنىڭ ئالدىدا ئەسلىدە بار بولغان باشقا ئۈچ مۈڭگۈز يۇلۇۋېتىلگەن، كۆزلىرى ۋە يوغان گەپ قىلىدىغان ئاغزى بار بولۇپ، ئەنە باشقا مۈڭگۈزلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ھەيۋەتلىك ئىدى.

21قاراپ تۇرغىنىمدا، ئۇ كىچىك مۈڭگۈز خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ ئۇلاردىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدى؛

22«ئەزەلدىن بار بولغۇچى» كەلگەندە، ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىگە بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بېكىتىلگەن ۋاقتى كېلىپ، خۇدانىڭ* مۇقەددەس بەندىلىرى پادىشاھلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى. ◼ 7:22 +bd «شۇنىڭ بىلەن بېكىتىلگەن ۋاقتى كېلىپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى پادىشاھلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇنىڭ بىلەن بېكىتىلگەن ۋاقتى كېلىپ، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى دەپ ھۆكۈم چىقىرىلدى».*

23تەبىر بەرگۈچى* چۈشەندۈرۈپ يەنە مۇنداق دېدى: ــ

24ئون مۈڭگۈز بولسا، بۇ پادىشاھلىقتىن چىقىدىغان ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئون پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ. كېيىن يەنە بىر پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ، ئۇ ئىلگىرىكى پادىشاھلارغا ئوخشىمايدۇ؛ ئۇ ئۈچ پادىشاھنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدۇ. ◘ 7:24 دان. 2‏:40-44*

25ئۇ ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا قارشى كۇپۇرلۇق سۆزلەرنى قىلىدۇ ھەمدە ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىنى ھالسىزلاندۇرىدۇ. ئۇ كالېندارنى، ھېيت-ئايەملەرنى ۋە مۇقەددەس قانۇنلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشنى قەستلەيدۇ. خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى «ئۈچ يېرىم ۋاقىت» ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ◼ 7:25 +bd «ئۈچ يېرىم ۋاقىت»+bd* ــ تەخمىنەن «ئۈچ يېرىم يىل»نى كۆرسىتىدۇ. سەل توغرىراق دېسەك، «بىر ۋاقىت» («دانىيال» دېگەن قىسىمنىڭ باشقا يەرلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا) بەلكىم بابىللىقلارنىڭ ئىشلىتىدىغان يىلى، يەنى 360 كۈنلۈك ۋاقىتنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇڭا «ئۈچ يېرىم ۋاقىت»، 1260 كۈننى كۆرسىتىدۇ.

26ئاندىن خۇدانىڭ سوتى ئېچىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىدارە قىلىش ھوقۇقى تارتىۋېلىنىپ، مەڭگۈلۈك ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىلىدۇ.

27لېكىن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ھوقۇقى، يەنى دۇنيادىكى ھەرقايسى پادىشاھلىقلارنىڭ سەلتەنىتى ۋە شۆھرىتى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىگە، يەنى خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى مەڭگۈ بىر پادىشاھلىقتۇر، دۇنيادىكى پۈتۈن ھۆكۈمدارلار ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ». ◘ 7:27 دان. 2‏:44*

© 2010 Institute for Bible Translation
div>