1-2 ئى ھۆرمەتلىك* تېئوفىلوس، مەن دەسلەپ يازغان بايان ئەيسا ئۆزى تاللىغان روسۇللارغا مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئەمرلەرنى تاپشۇرۇپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن كۈنگۈچە بولغان ئۇنىڭ بارلىق ئەمەللىرى ھەم بارلىق تەلىم بېرىشلىرىنىڭ باشلانمىسى توغرىسىدا ئىدى. ◼ 1:1-2 +bd «مەن دەسلەپ يازغان بايان ئەيسا ئۆزى تاللىغان روسۇللارغا مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئەمرلەرنى تاپشۇرۇپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن كۈنگۈچە بولغان ئۇنىڭ بارلىق ئەمەللىرى ھەم بارلىق تەلىم بېرىشلىرىنىڭ باشلانمىسى توغرىسىدا ئىدى»+bd* ــ دېمەك، «لۇقا» دېگەن كىتابتا ««ئۇنىڭ بارلىق ئەمەللىرى ھەم بارلىق تەلىم بېرىشلىرىنىڭ باشلانمىسى» خاتىرلىنىدۇ؛ «روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى»دە بولسا ئەيسانىڭ «بارلىق ئەمەللىرى ھەم بارلىق تەلىم بېرىشلىرى»نىڭ داۋامى خاتىرلىنىدۇ.* ◘ 1:1-2 لۇقا 1:1-3؛ مار. 16:19؛ لۇقا 9:51؛ يـۇھ. 20:21؛ ئەف. 2:17؛ 1تىم. 3:16. *
3ئۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتقاندىن كېيىن، ئۇلارغا كۆپ ئىسپاتلار بىلەن ئۆزىنىڭ تىرىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن؛ ئۇ ئۇلارغا قىرىق كۈن ئىچىدە كۆرۈنگەن بولۇپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ئائىت ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەن؛ ◘ 1:3 مار. 16:14؛ يـۇھ. 20:19؛ 21:1؛ 1كور. 15:5. *
4ۋە ئۇلار بىلەن جەم قىلىنغاندا مۇنداق ئەمر قىلدى: ــ «يېرۇسالېمدىن ئايرىلماي، سىلەر مەندىن ئاڭلىغان، ئاتىنىڭ ۋەدىسىنى كۈتۈڭلار. ◼ 1:4 +bd «ئاتىنىڭ ۋەدىسى»+bd* ــ مۇقەددەس روھ، ئەلۋەتتە.* ◘ 1:4 لۇقا 24:48، 49؛ يـۇھ. 14:26؛ 15:26؛ 16:7. *
5چۈنكى يەھيا سۇدا چۆمۈلدۈرگەن، لېكىن سىلەر بولساڭلار كۆپ كۈنلەر ئۆتمەي مۇقەددەس روھتا چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر». ◘ 1:5 يەش. 44:3؛ يو. 2:27-29؛ مات. 3:11؛ مار. 1:8؛ لۇقا 3:16؛ يـۇھ. 1:26؛ روس. 2:4؛ 11:15، 16؛ 19:4. *
6روسۇللار ئۇنىڭ بىلەن* جەم قىلىنغاندا، ئۇنىڭدىن: ــ ئى رەب، سەن مۇشۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچىمۇسەن؟ ــ دەپ سوراشقا باشلىدى. ◼ 1:6 +bd «مۇشۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچىمۇسەن؟»+bd* ــ ياكى «مۇشۇ ۋاقىتتا پادىشاھلىقنى ئىسرائىلغا قايتۇرامسەن؟».* ◘ 1:6 مات. 24:3. *
7ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
8بىراق مۇقەددەس روھ ئۈستۈڭلارغا چۈشكەندە سىلەر كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولىسىلەر، يېرۇسالېم، پۈتۈن يەھۇدىيە ۋە سامارىيە بويىچە ھەم جاھاننىڭ چەتلىرىگىچە ماڭا گۇۋاھچى بولىسىلەر. ◘ 1:8 يەش. 2:3؛ لۇقا 24:48؛ يـۇھ. 15:27؛ روس. 2:4،32؛ ئەز.11:23؛ زەك.4:14 *
9ئۇ بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇلار قاراپ تۇرغاندا كۆتۈرۈلدى، بىر پارچە بۇلۇت ئۇنى ئارىغا ئالدى-دە، ئۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن غايىب بولدى. ◘ 1:9 مار. 16:19؛ لۇقا 24:51. *
10ئۇ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلار كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ قاراشقاندا، مانا تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى ئادەم پەيدا بولۇپ: ◼ 1:10 +bd «ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى ئادەم پەيدا بولۇپ...»+bd* ــ بۇ «ئادەملەر» پەرىشتىلەر بولسا كېرەك.* ◘ 1:10 مات. 28:3. *
11ــ ئەي گالىلىيەلىكلەر، نېمىشقا ئۆرە تۇرغىنىڭلارچە ئاسمانغا قاراپ قالدىڭلار؟ سىلەر سىلەردىن ئايرىلىپ ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن شۇ ئەيسانىڭ ئاسمانغا قانداق كۆتۈرۈلگىنىنى كۆرگەن بولساڭلار، يەنە شۇ ھالدا قايتىپ كېلىدۇ، ــ دېدى. ◼ 1:11 +bd «سىلەر سىلەردىن ئايرىلىپ ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن شۇ ئەيسانىڭ ئاسمانغا قانداق كۆتۈرۈلگىنىنى كۆرگەن بولساڭلار، يەنە شۇ ھالدا قايتىپ كېلىدۇ»+bd* ــ «دان.» 13:7-14، «زەك.» 1:14-3نى كۆرۈڭ.* ◘ 1:11 دان. 7:13؛ زەك.14:4؛ مات. 24:30؛ مار. 13:26؛ لۇقا 21:27؛ 1تېس. 1:10؛ 2تېـس. 1:10؛ ۋەھ. 1:7. *
12ئاندىن ئۇلار يېرۇسالېمغا يېقىن، ئۇنىڭدىن بىر چاقىرىمچە يىراقلىقتىكى زەيتۇن تېغىدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. ◼ 1:12 +bd «ئۇنىڭدىن بىر چاقىرىمچە يىراقلىقتىكى زەيتۇن تېغى...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇنىڭدىن شابات كۈنلۈك بىر سەپەر يىراقلىقتىكى زەيتۇن تېغى...)».*
13ئۇلار شەھەرگە كىرىپ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى بىر ئۆيگە چىقتى. شۇ يەردە پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ، ئاندىرىياس، فىلىپ، توماس، بارتولوماي، ماتتا، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، «مىللەتپەرۋەر» سىمون ۋە يەنە بىر* ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا بار ئىدى. ◼ 1:13 +bd «شۇ يەردە پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ، ئاندىرىياس، فىلىپ، توماس، بارتولوماي، ماتتا، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، «مىللەتپەرۋەر» سىمون ۋە يەنە بىر ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا بار ئىدى»+bd* ــ گرېك تىلىدا «شۇ يەردە پېترۇس بىلەن يۇھاننا ۋە ياقۇپ بىلەن ئاندىرىياس، فىلىپ ۋە توماس، بارتولوماي ۋە ماتتا، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە «مىللەتپەرۋەر» سىمون ۋە يەنە بىر ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا بار ئىدى».*
14بۇلار بىر جان بىر دىل بولۇپ ئۈزۈلدۈرمەي بېرىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىشتى؛ بۇ ئىشتا بىر يەرگە جەم بولغانلاردىن بىرقانچە ئايال، جۈملىدىن ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم ھەمدە ئەيسانىڭ ئىنىلىرىمۇ بار ئىدى. ◘ 1:14 مات. 13:55. *
15شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، پېترۇس قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدا ئۆرە تۇرۇپ (جەم بولۇشقانلار بىر يۈز يىگىرمىگە يېقىن ئىدى) مۇنداق دېدى:
16ــ قېرىنداشلار، ئەيسانى تۇتقانلارغا يول باشلىغۇچى بولغان يەھۇدا ھەققىدە مۇقەددەس روھنىڭ بۇرۇن داۋۇت ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلىرى ئەمەلگە ئېشىشى مۇقەررەر ئىدى. ◼ 1:16 +bd «داۋۇت ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «داۋۇتنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان...».* ◘ 1:16 زەب. 41:9؛ مات. 26:23، 47؛ مار. 14:43؛ يـۇھ. 13:18؛ 18:3. *
17چۈنكى يەھۇدا*مۇ ئارىمىزدىن بىرى ھېسابلانغان ۋە خۇدانىڭ* بۇ خىزمىتىدىن نېسىۋىسى بار ئىدى ◘ 1:17 مات. 10:4؛ مار. 3:19؛ لۇقا 6:16. *
18(ئۇ قىلغان قەبىھلىكنىڭ ئىنئامىدىن ئېرىشكەن پۇلغا بىر پارچە يەر سېتىۋالغانىدى، ئۇ شۇ يەردە بېشىچىلاپ يىقىلىپ، ئۈچەي-قېرىنى چۇۋۇلۇپ كەتتى؛ ◘ 1:18 2سام. 17:23؛ مات. 27:5. *
19بۇ ئىش پۈتكۈل يېرۇسالېمدىكىلەرگە مەلۇم بولۇپ، ئۇلار ئۇ يەرنى ئۆز تىلى بىلەن «ھاقەلدەما» دەپ ئاتاشتى. بۇنىڭ مەنىسى «قان تۆكۈلگەن يەر» دېگەنلىكتۇر) ◘ 1:19 مات. 27:8. *
20چۈنكى زەبۇردا يەھۇداغا* قارىتىلغان* مۇنۇ سۆزلەر پۈتۈلگەن: ــ
21-22 شۇنىڭ ئۈچۈن، رەب ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە بىز بىلەن تەڭ گۇۋاھلىق بېرىشى ئۈچۈن، بىر كىشىنى تاللىشىمىز كېرەك. بۇ كىشى ئەيسا ئارىمىزدا يۈرگەن كۈنلەردە، يەھيا پەيغەمبەر*دىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ تاكى ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن كۈنگىچە بىز بىلەن باشتىن-ئاخىر بىللە بولغان كىشىلەردىن بولۇشى كېرەك، ــ دېدى. ◼ 1:21-22 +bd «رەب ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە بىز بىلەن تەڭ گۇۋاھلىق بېرىشى ئۈچۈن، بىر كىشىنى تاللىشىمىز كېرەك»+bd* ــ دېمەك، يەھۇدانىڭ ئورنىغا «گۇۋاقلاق بېرىش» ئۈچۈن.* ◘ 1:21-22 روس. 6:3. *
23شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۈسۈپ (يەنە بارساباس دەپمۇ ئاتالغان، يەنە بىر ئىسمى يۇستۇس) بىلەن ماتتىياس دېگەن ئىككى كىشىنى بېكىتىپ، مۇنداق دۇئا قىلىشتى: ◘ 1:23 روس. 6:6. *
24-25 ــ سەن، ئى ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىنى بىلگۈچى پەرۋەردىگار! يەھۇدا تېيىلىپ بۇ خىزمەت ۋە روسۇللۇقتىن مەھرۇم بولۇپ ئۆزىگە خاس بولغان يەرگە كەتتى. ئەمدى ئۇ تاشلاپ قويغان خىزمەت ۋە روسۇللۇقنىڭ نېسىۋىسىگە ئىگە بولۇشقا بۇ ئىككىيلەندىن قايسىسىنى تاللىغانلىقىڭنى كۆرسەتكەيسەن! ◘ 1:24-25 1سام. 16:17؛ 1تار. 28:9؛ 29:17؛ زەب. 7:9؛ يەر. 11:20؛ 17:10؛ 20:12؛ روس. 15:8؛ ۋەھ. 2:23. *