1قەيسەرىيە شەھىرىدە كورنىلىي ئىسىملىك بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ رىم* قوشۇنىدىكى «ئىتالىيەلىكلەر» قىسمىنىڭ يۈزبېشى ئىدى.
2ئۇ ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، ئۆزى ۋە پۈتكۈل ئۆيىدىكىلىرى خۇدادىن قورقاتتى. ئۇ مەردلىك بىلەن نامراتلارغا خەير-ساخاۋەت قىلىپ، دائىم خۇداغا دۇئا-تىلاۋەت قىلاتتى. ◼ 10:2 +bd «+bdit كورنىلىي+bdit* ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، ئۆزى ۋە پۈتكۈل ئۆيىدىكىلىرى خۇدادىن قورقاتتى...»+bd* ــ كورنىلىي بەلكىم سىناگوگقا قاتناشقان «خۇدادىن قورققۇچى» دەپ ئاتالغان يات ئەللىكلەردىن بىرى ئىدى. گەرچە يەھۇدىيلارنىڭ رىملىقلارغا خۇشى بولمىسىمۇ، ئۇ ئېتىقادى تۈپەيلىدىن يەھۇدىي نامراتلارغا شۇنداق خەيرلىك ئىشلارنى قىلاتتى.*
3بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، ئۇ غايىبانە بىر كۆرۈنۈشتە خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى ئوچۇق كۆردى. پەرىشتە ئۇنى:
4كورنىلىي ئۇنىڭغا كۆزلىرىنى تىكىپ قاتتىق چۆچۈپ:
5ئەمدى سەن يوپپاغا ئادەم ئەۋەتىپ، پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون ئىسىملىك ئادەمنى چاقىرتىپ كەل.
6ئۇ سىمون ئىسىملىك بىر كۆنچىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. سىموننىڭ ئۆيى دېڭىز بويىدا، ــ دېدى.
7ئۇنىڭغا سۆزلىگەن پەرىشتە كەتكەندىن كېيىن، كورنىلىي ئۆيدىكى خىزمەتچىلەردىن ئىككىنى ۋە دائىم يېنىدا تۇرۇپ خىزمەت قىلغۇچىلار ئىچىدىكى ئىخلاسمەن بىر لەشكەرنى چاقىردى.
8بارلىق ئىشلارنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنى يوپپاغا ئەۋەتتى.
9ئەتىسى ئۇلار سەپەر قىلىپ شەھەرگە يېقىنلاشقاندا، چۈش ۋاقتى بولۇپ، پېترۇس دۇئا قىلىش ئۈچۈن ئۆگزىگە چىقتى. ◼ 10:9 +bd «چۈش ۋاقتى»+bd* ــ ئىبرانىيلارنىڭ ۋاقتى بىلەن «سائەت ئالتىدە».* ◘ 10:9 2پاد. 4:33؛ مات. 6:6. *
10ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ كېتىپ، بىر نەرسە يەي دېدى. بىراق ئۇلار غىزا تەييارلىۋاتقاندا، غايىبانە بىر ئالامەت پېترۇسنى ئورۇۋالدى.
11ئۇ ئاسمان ئېچىلىپ، تۆت بۇرجىكىدىن باغلانغان ھالدا يەر يۈزىگە چۈشۈرۈلۈۋاتقان كەڭ داستىخاندەك بىر نەرسىنى كۆردى.
12داستىخاندا ھەرخىل تۆت پۇتلۇق ھايۋانلار، يەر بېغىرلىغۇچىلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارمۇ بار ئىدى.
13ئۇنىڭغا بىر ئاۋاز ئاڭلاندى: ــ
14ــ ياق، رەب، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھېچقانداق ناپاك ياكى ھارام نەرسىنى يېگەن ئەمەسمەن! ــ دېدى پېترۇس. ◼ 10:14 +bd «ياق، رەب، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھېچقانداق ناپاك ياكى ھارام نەرسىنى يېگەن ئەمەسمەن!»+bd* ــ داستىخاندىكى ھەرخىل ھايۋانلار ئىچىدە تەۋرات قانۇنى ھارام دەپ بېكىتكەن نۇرغۇن جانىۋارلار بولسا كېرەك ئىدى.* ◘ 10:14 لاۋ. 11:4؛ قان. 14:7. *
15ئاۋاز ئىككىنچى قېتىم كېلىپ ئۇنىڭغا:
16بۇ ئىش ئۈچ قېتىم يۈز بېرىپ، ئاندىن داستىخاندەك بولغان شۇ نەرسە دەرھال ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى.
17پېترۇس كۆرگەن غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسى توغرىسىدا قايمۇقۇپ تۇرغاندا، مانا كورنىلىي ئەۋەتكەن كىشىلەر سىموننىڭ ئۆيىنى تېپىپ، دەرۋازا ئالدىدا تۇراتتى.
18ئۇلار بىرسىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون دېگەن بىرسى بۇ يەردە تۇرامدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ◼ 10:18 +bd «ئۇلار +bdit ، يەنى كورنىلىي ئەۋەتكەن كىشىلەر+bdit* بىرسىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون دېگەن بىرسى بۇ يەردە تۇرامدۇ؟ ــ دەپ سورىدى»+bd* ــ 18-21-ئايەتلەردىن قارىغاندا، دەسلەپتە ھېچكىم مۇشۇ ئادەملەرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمىدى. يەھۇدىي قېرىنداشلار دەرۋازىنىڭ سىرتىدا بىرنەچچە رىملىقلارنىڭ، جۈملىدىن بىر رىملىق ئەسكەرنىڭ پېترۇس توغرۇلۇق سوراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بەلكىم جاۋاب بېرىشتىن بىرئاز قورققان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.*
19پېترۇس تېخىچە شۇ غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقاندا، روھ ئۇنىڭغا:
20ئورنۇڭدىن تۇر، پەسكە چۈش، ھېچ ئىككىلەنمەي ئۇلار بىلەن بىللە بارغىن. چۈنكى ئۇلارنى ئەۋەتكۈچى مەن! ــ دېدى.
21پېترۇس پەسكە چۈشۈپ، ھېلىقى ئادەملەرگە:
22ئۇلار جاۋابەن: ــ ھەققانىي بىر ئادەم، خۇدادىن قورقىدىغان، شۇنداقلا پۈتكۈل يەھۇدىي خەلقى تەرىپلىگەن كورنىلىي ئىسىملىك رىملىق يۈزبېشى مۇقەددەس بىر پەرىشتە تەرىپىدىن سىزنى ئۆيىگە چاقىرتىپ، سىزدىن سۆز-كالام ئاڭلاشقا ئەمر قىلىنغان! ــ دېدى.
23شۇڭا پېترۇس ئۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ، قوندۇرۇپ مېھمان قىلدى.
24ئىككىنچى كۈنى، ئۇلار قەيسەرىيەگە يېتىپ باردى. ئەمدى كورنىلىي تۇغقانلىرى ۋە يېقىن يار-بۇرادەرلىرىنى ئۆيىگە چاقىرىپ، پېترۇسلارنى تەققەزارلىق بىلەن كۈتۈپ تۇراتتى.
25پېترۇس ئۆيگە كىرگەندە، كورنىلىي ئالدىغا چىقىپ، ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ سەجدە قىلدى.
26لېكىن پېترۇس دەرھال* ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ:
27ئۇ كورنىلىيگە گەپ قىلغاچ ئۆيگە كىرىۋىدى، ئۆينىڭ ئىچىگە يىغىلغان توپ-توپ ئادەملەرنى كۆردى.
28ئۇ ئۇلارغا:
29شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئادەم ئەۋەتىپ مېنى چاقىرغاندا، ھېچ رەت قىلماي ئالدىڭلارغا كەلدىم. ئەمدى سوراي، مېنى نېمە دەپ چاقىردىڭلار؟ ــ دېدى.
30كورنىلىي مۇنداق دېدى:
31«كورنىلىي! دۇئايىڭ ئىجابەت قىلىندى ۋە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭ خۇدا ئالدىغا ئەسلەتمە قۇربانلىقتەك يەتتى. ◘ 10:31 مات. 28:3؛ مار. 16:5؛ لۇقا 24:4. *
32شۇڭا يوپپاغا ئادەم ئەۋەتىپ، پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون ئىسىملىك ئادەمنى چاقىرتىپ كەل. ئۇ دېڭىز بويىدا ئولتۇراقلۇق سىمون ئىسىملىك بىر كۆنچىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.
33شۇنىڭ ئۈچۈن، دەرھال ئۆزلىرىنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتكەنىدىم. ئۆزلىرى كۈلبەمگە كېلىپ ياخشى قىلدىلا! ئەمدى بىز ھەممەيلەن خۇدا ئۆزلىرىگە ئەمر قىلغان بارلىق سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن خۇدانىڭ ئالدىدا ھازىر تۇرۇۋاتىمىز.
34-35 پېترۇس ئاغزىنى ئېچىپ مۇنداق دېدى:
36خۇدا ئىسرائىل خەلقىگە يەتكۈزگەن سۆز-كالام، يەنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق (ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇدالارغا رەبدۇر) ئىناق-خاتىرجەملىك جاكارلانغان خۇش خەۋەر سىلەرگە مەلۇمغۇ؛ ◘ 10:36 يەش. 9:5؛ 52:7؛ يـۇھ. 16:33؛ رىم. 5:1؛ كول. 1:20.*
37-38 سىلەرنىڭمۇ يەھيا پەيغەمبەر* چۆمۈلدۈرۈش چاقىرىقىنى يەتكۈزگەندىن تارتىپ، گالىلىيەدىن باشلاپ پۈتكۈل يەھۇدىيە زېمىنلىرىدا ناسارەتلىك ئەيسا توغرۇلۇق گۇۋاھلىقتىن ــ يەنى خۇدانىڭ قانداق قىلىپ ئۇنى مۇقەددەس روھ ۋە كۈچ-قۇدرەت بىلەن مەسىھلىگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەممە يەرنى كېزىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، ئىبلىسنىڭ ئىلكىدە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتقانلىقىدىن خەۋىرىڭلار باردۇر. چۈنكى خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. ◘ 10:37-38 يەش. 8:23؛ 9:1؛ مات. 4:12؛ مار. 1:14، 38، 39؛ لۇقا 4:14؛ زەب. 45:7؛ يەش. 61:1؛ لۇقا 4:18. *
39بىزمۇ ئۇنىڭ ھەم يەھۇدىيلارنىڭ زېمىنىدا ھەم يېرۇسالېمدا قىلغان پۈتۈن ئەمەللىرىنىڭ گۇۋاھچىلىرى. ئۇلار ئۇنى ياغاچقا ئېسىشى بىلەنمۇ ئۆلتۈردى. ◼ 10:39 +bd «يەھۇدىيلارنىڭ زېمىنى»+bd* ــ يەھۇدىيە. +bd «ئۇلار ئۇنى ياغاچقا ئېسىپ ئۆلتۈردى»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار ئۇنى دەرەختە ئېسىپ ئۆلتۈردى».*
40-41 بىراق ئۈچىنچى كۈنى، خۇدا ئۇنى قايتا تىرىلدۈرۈپ نامايان قىلدى. بىراق ھەممە كىشىلەرگە ئەمەس، پەقەت خۇدا ئۆزى ئالدى بىلەن تاللىغان گۇۋاھچىلار، يەنى ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخان بولغان بىزلەرنىڭ ئارىمىزدا نامايان قىلدى. ◼ 10:40-41 +bd «...ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخان بولغان بىزلەر...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «...ئۇنىڭ بىلەن يېگەن ۋە ئىچكەن بىزلەر...».* ◘ 10:40-41 مار. 16:14؛ لۇقا 24:34؛ يـۇھ. 20:19؛ روس. 2:24؛ 1كور. 15:5. *
42ئۇ بىزگە خەلققە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشنى ۋە ئۆزىنىڭ خۇدا تەرىپىدىن تىرىكلەر ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سوراقچىسى قىلىنىپ تەيىنلەنگۈچى ئىكەنلىكىنى جاكارلاشنى ئەمر قىلدى. ◘ 10:42 مات. 28:19؛ مار. 16:15؛ يـۇھ. 15:16؛ روس. 17:31. *
43بارلىق پەيغەمبەرلەر ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ھەركىم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان بولسا ئۇنىڭ نامى ئارقىلىق گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ◘ 10:43 يار. 3:15؛ 22:18؛ 26:4؛ 49:10؛ قان. 18:15؛ زەب. 132:11؛ يەش. 4:2؛ 7:14؛ 9:5؛ 40:10؛ يەر. 23:5؛ 33:14؛ ئەز. 34:23؛ 37:24؛ دان. 9:24؛ مىك. 7:20؛ روس. 15:9. *
44پېترۇس تېخى بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا، مۇقەددەس روھ سۆز-كالامنى ئاڭلاۋاتقان ھەممە كىشىگە چۈشتى. ◘ 10:44 روس. 8:17. *
45پېترۇس بىلەن بىللە كەلگەن خەتنىلىك بولغان ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ھەربىرى مۇقەددەس روھنىڭ يات ئەللەردىكىلەرگىمۇ ئاتا قىلىنىپ تۆكۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ بەك ھەيران بولۇشتى. ◼ 10:45 +bd «خەتنىلىك بولغان ئىشەنگۈچىلەر»+bd* ــ (يوپپادىن كەلگەن) يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىدۇ. +bd «يات ئەللەردىكىلەرگە»+bd* ــ دېمەك، يەھۇدىي ئەمەسلەرگە.*
46چۈنكى ئۇلارنىڭ كارامەت نامەلۇم* تىللاردا سۆزلىشىپ خۇدانى ئۇلۇغلىغانلىقىنى ئاڭلىدى. شۇڭا پېترۇس: ◘ 10:46 مار. 16:17؛ روس. 2:4. *
47ــ مۇشۇ كىشىلەر بىزگە ئوخشاش مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلغۇچى بولغان بولسا، كىم ئۇلارنىڭ سۇغا چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشىنى توسالىسۇن؟! ــ دېدى. ◘ 10:47 روس. 8:36؛ 11:17. *