1روسۇللار ۋە پۈتكۈل يەھۇدىيەدىكى باشقا قېرىنداشلار يات* ئەللىكلەرنىڭمۇ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاڭلىدى.
2شۇڭا، پېترۇس يېرۇسالېمغا قايتقاندا، خەتنىلىك بولغان ئىشەنگۈچىلەر* ئۇنى ئەيىبكە بۇيرۇپ: ◼ 11:2 +bd «يېرۇسالېمغا قايتقاندا»+bd* ــ گرېك تىلىدا «يېرۇسالېمغا چىققاندا»*
3ــ سەن خەتنە قىلىنمىغان ئادەملەرنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولدۇڭ؟! ــ دېدى. ◘ 11:3 مىس. 23:32؛ 34:15؛ قان. 7:2؛ يـۇھ. 18:28. *
4بىراق پېترۇس پۈتۈن ئىشنى باشتىن-ئاخىرىغىچە ئۇلارغا بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرۈپ
5مۇنداق دېدى:
6ئۇنىڭغا كۆز تىكىپ قارىسام، ئىچىدە ھەرخىل تۆت پۇتلۇق ھايۋانلار، ياۋايى ھايۋاناتلار، يەر بېغىرلىغۇچىلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارمۇ بار ئىكەن.
7ئاندىن: «ئورنۇڭدىن تۇر پېترۇس، ئۇلاردىن سويۇپ يە!» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.
8مەن: «ياق رەب، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھەرقانداق ناپاك ياكى ھارام نەرسىنى ئاغزىمغا ئالغان ئەمەسمەن!» دېدىم. ◘ 11:8 لاۋ. 11:4؛ قان. 14:7. *
9بىراق ماڭا يەنە: «خۇدا ھالال دەپ پاكلىغان نەرسىنى سەن ھارام دېمە!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
10بۇ ئىش ئۈچ قېتىم شۇنداق تەكرارلىنىپ، ئاخىر بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسمانغا قايتىدىن تارتىپ كېتىلدى.
11مانا دەل شۇ چاغدا، قەيسەرىيەدىن مېنى چاقىرىشقا ئەۋەتىلگەن ئۈچ كىشى مەن تۇرغان ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدى.
12مۇقەددەس روھ مېنى ھېچ ئىككىلەنمەي ئۇلار بىلەن بىللە بېرىشقا بۇيرۇدى. مۇشۇ ئالتە قېرىنداشمۇ مەن بىلەن بىللە باردى. قەيسەرىيەگە يېتىپ كېلىپ*، ھېلىقى ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىردۇق. ◼ 11:12 +bd «ھېچ ئىككىلەنمەي ئۇلار بىلەن بىللە بېرىش...»+bd* ــ ياكى «(يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەسلەرنى) ھېچ ئايرىماي ئۇلار بىلەن بىللە بېرىش...». +bd «مۇشۇ ئالتە قېرىنداش»+bd* ــ شۈبھىسىزكى ياففا شەھىرىدىن كەلگەن ئالتە قېرىنداشنىڭ شۇ چاغدا پېترۇسنىڭ ھەمراھلىقىدا بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 11:12 روس. 10:19؛ 15:7. *
13بۇ كىشى بىزگە ئۆزىنىڭ ئۆيىدە پەيدا بولۇپ تۇرغان بىر پەرىشتىنى قانداق كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: «سەن يوپپاغا ئادەم ئەۋەتىپ، پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون ئىسىملىك بىر ئادەمنى چاقىرتىپ كەل،
14ئۇ ساڭا سېنى ۋە پۈتكۈل ئائىلەڭگە نىجاتلىق يەتكۈزىدىغان بىر خەۋەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگەنىكەن. ◼ 11:14 +bd «ئۇ ساڭا سېنى ۋە پۈتكۈل ئائىلەڭگە نىجاتلىق يەتكۈزىدىغان بىر خەۋەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگەنىكەن»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇ ساڭا سېنى ۋە پۈتكۈل ئائىلەڭگە قۇتقۇزۇش ۋاسىتە بولغان بىرنەچچە سۆزلەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ».*
15مەن گەپنى باشلىغىنىمدا، مۇقەددەس روھ خۇددى باشتا بىزنىڭ ئۈستىمىزگە چۈشكىنىدەك، ئۇلارغىمۇ چۈشتى. ◼ 11:15 +bd «مۇقەددەس روھ خۇددى باشتا بىزنىڭ ئۈستىمىزگە چۈشكىنىدەك»+bd* ــ روسۇل پېترۇسنىڭ «باشتا» دېگەن سۆزىدىن ئېنىقكى، ئۇ ۋە باشقا ئېتىقادچىلارغا نىسبەتەن مۇقەددەس روھنىڭ ئۆزلىرىگە كەلگەنلىكى تولۇق بىر يېڭى باشلىنىش بولغانىدى.*
16شۇ چاغدا، رەبنىڭ سۆز-كالامىنى، يەنى: «يەھيا كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرگەن، لېكىن سىلەر بولساڭلار مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر» دېگىنىنى ئېسىمگە ئالدىم. ◘ 11:16 يەش. 44:3؛ يو. 2:28-29؛ مات. 3:11؛ مار. 1:8؛ لۇقا 3:16؛ يـۇھ. 1:26؛ روس. 1:5؛ 2:4؛ 19:4. *
17شۇڭا، ئەگەر خۇدا ئەمدى مۇشۇلارغا بىز رەب ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغىنىمىزدىن كېيىن بىزگە بەرگەن ئىلتىپاتقا ئوخشاش ئىلتىپات ئاتا قىلغان بولسا، خۇدانى توسالغۇدەك مەن زادى كىم ئىدىم؟ ◘ 11:17 روس. 15:9. *
18ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ئەيىبلەشتىن توختاپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ:
19ئۇ چاغدا، ئىستىپاننىڭ ئىشى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ھەرقايسى جايلارغا تارقىلىپ كەتكەنلەر فەنىكىيە رايونى، سىپرۇس ئارىلى ۋە ئانتاكيا شەھىرى قاتارلىق جايلارغىچە يېتىپ بېرىپ، بۇ جايلاردا سۆز-كالامنى پەقەت يەھۇدىيلارغىلا يەتكۈزەتتى. ◼ 11:19 +bd «زىيانكەشلىككە ئۇچراپ...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە ئۇچراپ...». +bd «سىپرۇس ئارىلى ۋە ئانتاكيا شەھىرى قاتارلىق جايلار...»+bd* ــ بۇ ئانتاكيا «سۇرىيەدىكى ئانتاكيا» ئىدى.* ◘ 11:19 روس. 8:1، 4. *
20لېكىن ئۇلاردىن سىپرۇس ئارىلى ۋە كۇرىنى شەھىرىدىن كەلگەن بەزىلەر ئانتاكيا شەھىرىگە بارغاندا، رەب ئەيسانىڭ خۇش خەۋىرىنى گرېكلەرگىمۇ يەتكۈزدى. ◼ 11:20 +bd «..رەب ئەيسانىڭ خۇش خەۋىرىنى گرېكلەرگىمۇ يەتكۈزدى»+bd* ــ «گرېكلەر» «يەھۇدىي ئەمەسلەر» ئىدى، ئەلۋەتتە.*
21رەبنىڭ قولى ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، تولىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئىشىنىپ توۋا قىلىپ رەبگە باغلاندى. ◼ 11:21 +bd «...توۋا قىلىپ رەبگە باغلاندى»+bd* ــ گرېك تىلىدا «...(«ئۆز يولىدىن») بۇرۇلۇپ رەبگە باغلاندى».* ◘ 11:21 روس. 2:47؛ 5:14. *
22بۇ خەۋەر يېرۇسالېمدىكى جامائەتنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بارناباسنى ئانتاكياغىچە ئارىلاپ ئۆتۈشكە ئەۋەتتى. ◼ 11:22 +bd «... شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بارناباسنى ئانتاكياغىچە ئارىلاپ ئۆتۈشكە ئەۋەتتى»+bd* ــ مەقسىتى بەلكىم، ئەھۋالنى بىلىپ بېقىپ، ھەقىقىي ئېتىقادچىلار بولسا ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ئىدى.*
23بارناباس يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى كۆرۈپ، خۇشال بولدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جان-دىلىدىن قەتئىيلىك بىلەن رەبگە چىڭ باغلىنىشقا رىغبەتلەندۈردى. ◼ 11:23 +bd «بارناباس ... خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى كۆردى...»+bd* ــ بۇ دېگەنلىكنىڭ بەلكىم كۆپ جەھەتلىرى باردۇر: ــ (1) ئادەملەر ھەقىقەتەن توۋا قىلىپ رەبگە باغلانسا بۇ شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ زور نەتىجىسىدۇر؛ (2) خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن ئېتىقادچىلاردا ھەرخىل مېۋە ــ مۇھەببەت، خۇشاللىق، خاتىرجەملىك قاتارلىقلار پەيدا بولىدۇ؛ (3) جامائەتنىڭ ئۆسۈشى ۋە كۆپىيىشى پەقەت خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەنلا بولىدۇ.* ◘ 11:23 روس. 13:43؛ 14:22. *
24چۈنكى ئۇ مۇقەددەس روھقا ۋە ئىمان-ئىشەنچكە تولدۇرۇلغان بولۇپ، ياخشى بىر ئادەم ئىدى. شۇنىڭ بىلەن زور بىر توپ ئادەملەر رەبگە قوشۇلدى. ◘ 11:24 روس. 4:36؛ 6:5. *
25شۇنىڭ بىلەن بارناباس تارسۇس شەھىرىگە سائۇلنى ئىزدەپ باردى. ◘ 11:25 روس. 9:27. *
26ئۇنى تېپىپ ئانتاكياغا ئېلىپ كەلدى؛ شۇنداق بولدىكى، ئىككىيلەن جامائەت بىلەن بىللە ساق بىر يىل يىغىلىپ، نۇرغۇن ئادەمگە تەلىم بەردى. مۇخلىسلارنىڭ «خرىستىئانلار» دەپ تۇنجى ئاتىلىشى ئانتاكيادىن باشلاندى. ◼ 11:26 +bd «مۇخلىسلارنىڭ «خرىستىئانلار» دەپ تۇنجى ئاتىلىشى ئانتاكيادىن باشلاندى»+bd* ــ «خرىستىئانلار» دېگەن سۆز بەلكىم ئاۋۋال «خرېستوس» («ئەخمەق» دېگەن مەنىدە) دېگەن سۆزدىن كەلگەن مەسخىرە خاراكتېرىدىكى سۆز بولۇشى مۇمكىن؛ لېكىن ئاخىر بېرىپ ئاساسىي مەنىسى ياخشى چىقتى، يەنى «خرىستوسنىڭ (مەسىھنىڭ) ئادەملىرى». («مەسىھ» بولسا ئىبرانىي تىلىدا «ماشىياھ» ــ گرېك تىلىدا «خرىستوس»).*
27ئۇ كۈنلەردە بەزى پەيغەمبەرلەر يېرۇسالېمدىن ئانتاكياغا چۈشۈپ كەلدى.
28بۇلاردىن ئاگابۇس ئىسىملىك بىرەيلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، روھنىڭ ۋەھىيىنى يەتكۈزۈپ، قاتتىق بىر ئاچارچىلىقنىڭ پۈتكۈل دۇنيانى باسىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتتى (بۇ ئاچارچىلىق دەرۋەقە «كلاۋدىيۇس قەيسەر» ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتتا يۈز بەردى). ◼ 11:28 +bd «ئاگابۇس... روھنىڭ ۋەھىيى بىلەن ئالدىن ئېيتتى»+bd* ــ «روھ» مۇشۇ يەردە مۇقەددەس روھ، ئەلۋەتتە.* ◘ 11:28 روس. 21:10. *
29بۇنىڭ بىلەن ئانتاكيادىكى* مۇخلىسلارنىڭ ھەربىرى ئۆز قۇربىغا قاراپ پۇل يىغىپ، يەھۇدىيەدە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى. ◼ 11:29 +bd «بۇنىڭ بىلەن ئانتاكيادىكى مۇخلىسلارنىڭ ھەربىرى ئۆز قۇربىغا قاراپ پۇل يىغىپ، يەھۇدىيەدە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى»+bd* ــ نېمىشقا ئۇلار يەھۇدىيەدىكى قېرىنداشلارغا ئالاھىدە ياردەم ئەۋەتمەكچى؟ (1) يەھۇدىي قېرىنداشلار ئاۋۋال خۇدانىڭ خىزمىتىنى ئالغا سۈرتۈش ئۈچۈن كۆپ يەرلەرنى سېتىۋەتكەنىدى («روس.» 2-باب)؛ (2) يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە بولغان زىيانكەشلىك بەك ئېغىر بولغاچقا، ئېتىقادچىلارنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنى بەلكىم ئاز ئەمەس ئىدى.*