روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 12:1-24 UIGB2010 - Bible AI

1شۇ چاغلاردا، ھېرود پادىشاھ جامائەتتىكىلەردىن بەزىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇپ ئۇلارغا قول سالدى. ◼ 12:1 +bd «ھېرود پادىشاھ»+bd* ــ بۇ ھېرود «ھېرود ئاگرىپپا (I)» ئىدى. ھېرودلار توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.*

2ئۇ يۇھاننانىڭ ئاكىسى ياقۇپنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. ◘ 12:2 مات. 4‏:21. *

3ئۆزىنىڭ بۇ قىلغان ئىشىنىڭ يەھۇدىيلارغا ياققانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ پېترۇسنىمۇ تۇتقۇن قىلدۇرۇدى (شۇ چاغدا «پېتىر نان ھېيتى» مەزگىلى ئىدى).

4پېترۇسنى تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنى زىندانغا تاشلاپ، تۆت لەشكەر بىر گۇرۇپپا قىلىنغان تۆت قاراۋۋۇل توپىغا تاپشۇردى. پاسخا ھېيتتىن كېيىن، ھېرود ئۇنى خالايىق ئالدىدا سوراق قىلماقچى ئىدى. ◼ 12:4 +bd «پاسخا ھېيت»+bd* ــ يەنى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى».* ◘ 12:4 يـۇھ. 21‏:18. *

5شۇڭا پېترۇس زىنداندا تۇتۇپ قېلىندى. لېكىن جامائەت خۇداغا جان-دىل بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىشىۋاتاتتى.

6ئەمدى ھېرود ئۇنى ئېلىپ چىقىپ سوت قىلىشنىڭ ئالدىنقى كېچىسى، پېترۇس ئىككى زەنجىر بىلەن باغلاقلىق پېتى، ئىككى قاراۋۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاۋاتاتتى؛ ئىشىكنىڭ سىرتىدىمۇ بىرنەچچە قاراۋۇل زىنداننى كۆزەت قىلىۋاتاتتى.

7ۋە تۇيۇقسىز رەبنىڭ بىر پەرىشتىسى كۆرۈنۈپ، بىر نۇر كامېرنى يورۇتتى. پەرىشتە پېترۇسنىڭ بىقىنىغا نوقۇپ:

8پەرىشتە ئۇنىڭغا:

9پېترۇس ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كامېردىن* چىقتى. بىراق ئۇ پەرىشتىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بولۇۋاتقان بۇ ئىشلارنىڭ راستلىقىنى بىلمەي، بەلكى بىر غايىبانە كۆرۈنۈش كۆرۈپتىمەن، دەپ ئويلاۋاتاتتى.

10ئۇلار بىرىنچى ۋە ئىككىنچى كۆزەتتىن ئۆتۈپ، زىنداننىڭ شەھەرگە چىقىدىغان تۆمۈر دەرۋازىسىغا بارغاندا، دەرۋازا ئۇلار ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىپ كەتتى. ئۇلار چىقىپ، بىر كوچىدىن ئۆتكەندە، پەرىشتە تۇيۇقسىز ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتى.

11شۇ چاغدا، پېترۇس ئېسىگە كېلىپ، ئۆز-ئۆزىگە: «دەرۋەقە ئەمدى رەب ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، مېنى ھېرودنىڭ قولىدىن ۋە يەھۇدىي خەلقىنىڭ كۈتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىدىن قۇتقۇزۇپتۇ، دەپ بىلدىم» ــ دېدى.

12ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشىنىپ يەتكەندە، ئۇ ماركۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان يۇھاننانىڭ ئانىسى مەريەمنىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەر يىغىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتاتتى.

13ئۇ دەرۋازىنىڭ ئىشىكىنى قاققاندا، رودا ئىسىملىك بىر دېدەك ئاۋازنى ئاڭلاپ چىقتى.

14ئۇ پېترۇسنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ، خۇشاللىقىدىن ئىشىكنى ئېچىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي يۈگۈرۈپ كېلىپ، ھەممەيلەنگە:

15لېكىن ئۇلار: ــ ساراڭ بولۇپ قالدىڭغۇ! ــ دېيىشتى. بىراق ئۇ: ــ راست شۇنداق، دەپ تۇرۇۋالدى. ئۇلار:

16بىراق پېترۇس دەرۋازىنى قېقىۋەردى. ئۇلار چىقىپ دەرۋازىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئۆزىنى كۆرگەندە ھەممەيلەن ھاڭ-تاڭ بولۇشتى.

17پېترۇس ئۇلارغا ئۈن چىقارماسلىققا قول ئىشارىتى قىلىپ، ئۇلارغا رەبنىڭ ئۆزىنى زىنداندىن قانداق ئېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئاندىن كېيىن، ئۇ:

18تاڭ ئاتقاندا، قاراۋۇللار پېترۇس زادى نېمە بولدى دەپ سارىسىمىگە چۈشتى.

19ھېرود ئۇنى ئىزدەپ ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى تاپالمىغاچقا، قاراۋۇللارنى سوراق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشنى بۇيرۇدى. بۇ ئىشتىن كېيىن، ئۇ يەھۇدىيەدىن چۈشۈپ قەيسەرىيە شەھىرىگە بېرىپ شۇ يەردە تۇردى.

20ئەسلىدە ھېرود خان* بىلەن تۇر ۋە زىدوندىكىلەر ئارىسىدا قاتتىق جېدەل بار ئىدى. ھالبۇكى، تۇر ۋە زىدوندىكىلەر بىرلىشىپ، ھېرودنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن ئۇلار ئالدى بىلەن خاننىڭ بىلاستۇس ئىسىملىك شەخسىي غوجىدارىنى ئۆزلىرىگە يار-يۆلەك بولۇشقا قايىل قىلغانىدى. چۈنكى بۇ يۇرتتىكىلەر ئاشلىقنى خاننىڭ ئىلكىدىكى جايلاردىن ئالاتتى.

21بەلگىلەنگەن كۆرۈشۈش كۈنىدە ھېرود شاھانە تونلىرىنى كىيىپ، سوراق تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا نۇتۇق سۆزلىدى. ◼ 12:21 +bd «ھېرود...ئۇلارغا نۇتۇق سۆزلىدى»+bd* ــ ياكى «ھېرود... ئۇلارنى ئەيىبلەپ نۇتۇق سۆزلىدى». گرېك تىلىدا «نۇتۇق سۆزلەش» دېگەن بۇ سۆزنىڭ بەزىدە «ئەيىبلەش» دېگەن پۇرىقى بار.*

22ئاڭلىغان خەلق:

23شۇئان پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى خاننى ئۇردى؛ چۈنكى ئۇ شان-شەرەپنى خۇداغا بېغىشلىمىدى.

24ئەمما خۇدانىڭ سۆز-كالامى داۋاملىق بەرق ئۇرۇپ كېڭەيدى. ◼ 12:24 +bd «ئەمما خۇدانىڭ سۆز-كالامى داۋاملىق بەرق ئۇرۇپ كېڭەيدى»+bd* ــ دېمەك، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە ئىدى.* ◘ 12:24 يەش. 55‏:11؛ روس. 6‏:7. *

footer>