روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:1-51 UIGB2010 - Bible AI

1ئانتاكيادىكى جامائەت ئىچىدە بەزى پەيغەمبەرلەر ۋە تەلىم بەرگۈچىلەر بار ئىدى. ئۇلار بارناباس، «قارا» دەپمۇ ئاتىلىدىغان شىمېئون، كۇرىنىلىك لۇكىئۇس، ھېرود خان بىلەن بىللە چوڭ بولغان مانائەن ۋە سائۇللار ئىدى. ◼ 13:1 +bd ««قارا» دەپمۇ ئاتىلىدىغان شىمېئون»+bd* ــ گرېك تىلىدا ««نېگىر» دەپمۇ ئاتىلىدىغان شىمېئون». «نېگەر» دېگەن مەنىسى «قارا». +bd «ھېرود خان»+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتە «خان» گرېك تىلىدا «تېترارق» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «تېترارق» دېگەننىڭ تولۇق مەنىسى «(زېمىننىڭ) تۆتتىن بىر قىسمى ئۈستىدىكى ھاكىم». «تېترارق» دېگەن مەرتىۋە «ۋالىي»دىن تۆۋەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ھېرودلار پونتىي پىلاتۇسقا بويسۇنۇشى كېرەك ئىدى.* ◘ 13:1 روس. 14‏:26. *

2ئۇلار رەبنىڭ ئىبادىتىدە بولۇپ روزا تۇتۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا:

3شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەنە روزا تۇتۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، ئىككىيلەننىڭ ئۈستىگە قوللىرىنى تەگكۈزۈپ ئۇزىتىپ قويدى. ◘ 13:3 روس. 6‏:6؛ 8‏:15؛ 19‏:6. *

4ئۇلار مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بولۇپ، سەليۇكىيە شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن كېمىگە چىقىپ سىپرۇس ئارىلىغا قاراپ يولغا چىقتى.

5سالامىس شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، ئۇلار يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگلىرىدا خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى. يۇھاننا ئۇلارنىڭ ياردەمچىسى ئىدى. ◼ 13:5 +bd «يۇھاننا ئۇلارنىڭ ياردەمچىسى ئىدى»+bd* ــ يەنى ماركۇس دەپمۇ ئاتالغان يۇھاننا.* ◘ 13:5 روس. 12‏:25. *

6ئۇلار پۈتۈن ئارالنى ئارىلاپ چىقىپ، پافوس شەھىرىگە كەلدى. ئۇلار ئۇ يەردە باريەشۇئا ئىسىملىك بىر كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇ سېھىرگەر بولۇپ، ساختا پەيغەمبەر بولغان بىر يەھۇدىي ئىدى. ◘ 13:6 روس. 8‏:9؛ 19‏:13. *

7ئۇ كىشى بۇ ئارالنىڭ* رىملىق ۋالىيىسى سېرگىيۇس پاۋلۇسنىڭ ھەمراھى ئىدى. ۋالىي ئۇقۇمۇشلۇق بىر كىشى بولۇپ، بارناباس بىلەن سائۇلنى چاقىرتىپ، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلىماقچى بولدى.

8لېكىن ھېلىقى سېھىرگەر (ئۇنىڭ گرېكچە ئىسمى ئەلىماس بولۇپ، «سېھىرگەر» دېگەن مەنىدە) ئۇلارغا قارشى چىقىپ، ۋالىينىڭ رايىنى ئېتىقادتىن قايتۇرۇشنى ئۇرۇنماقتا ئىدى.

9بىراق مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلغان سائۇل (يەنە «پاۋلۇس» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ھېلىقى سېھىرگەرگە تىكىلىپ قاراپ ◼ 13:9 +bd «سائۇل (يەنە «پاۋلۇس» دەپمۇ ئاتىلىدۇ)...»+bd* ــ «پاۋلۇس» لاتىنچە ئىسىم بولۇپ، مەنىسى بەلكىم «كىچىك». سائۇل مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا چاقىرىلغاچقا، بۇ مۇشۇ يەردىن باشلاپ ئۆزى ئۈچۈن بۇ لاتىنچە ئىسىم ئىشلىتىشكە باشلايدۇ.*

10ئۇنىڭغا:

11ئەمدى رەبنىڭ قولى ئۈستۈڭگە چۈشتى! كۆزلىرىڭ كور بولۇپ، بىر مەزگىل كۈننىڭ يورۇقىنى كۆرەلمەيسەن! ــ دېدى.

12يۈز بەرگەن ئىشنى كۆرگەن ۋالىي رەبنىڭ تەلىمىگە قاتتىق ھەيران بولۇپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى.

13پاۋلۇس بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى كېمىگە چىقىپ، پافوستىن پامفىلىيە ئۆلكىسىدىكى پەرگە شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە يۇھاننا ئۇلاردىن ئايرىلىپ يېرۇسالېمغا قايتتى. ◼ 13:13 +bd «ئۇ يەردە يۇھاننا ئۇلاردىن ئايرىلىپ يېرۇسالېمغا قايتتى»+bd* ــ مۇشۇ «يۇھاننا» بولسا يۇھاننا ماركۇس ئىدى.* ◘ 13:13 روس. 15‏:38. *

14پاۋلۇسلار بولسا پەرگە شەھىرىدىن چىقىپ، داۋاملىق مېڭىپ پىسىدىيە رايونىدىكى ئانتاكيا شەھىرىگە بېرىپ، شابات كۈنى سىناگوگقا كىردى.

15تەۋرات قىسىملىرىدىن ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن ئوقۇلغاندىن كېيىن، سىناگوگنىڭ چوڭلىرى ئۇلارنى چاقىرتىپ:

16پاۋلۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، قول ئىشىرىتى قىلىپ، خالايىققا مۇنداق دېدى:

17بۇ ئىسرائىل خەلقىنىڭ خۇداسى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى تاللىدى؛ ئۇلار مىسىردا مۇساپىر بولۇپ ياشىغان ۋاقىتلاردا ئۇلارنى ئۇلۇغ قىلدى، ئۆزىنىڭ ئېگىز كۆتۈرگەن بىلىكى بىلەن ئۇلارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقتى. ◘ 13:17 مىس. 1‏:1. *

18ئۇ چۆلدە ئۇلارغا تەخمىنەن قىرىق يىل غەمخورلۇق قىلدى ◘ 13:18 مىس. 16‏:35؛ چۆل. 14‏:34؛ زەب. 95‏:10. *

19ئاندىن قانائان زېمىنىدىكى يەتتە ئەلنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەردى. ◘ 13:19 يە. 14‏:2. *

20بۇ ئىشلارغا ئالدى-كەينى بولۇپ تەخمىنەن تۆت يۈز ئەللىك يىل كەتتى. كېيىن، تاكى سامۇئىل پەيغەمبەر ئوتتۇرىغا چىققىچە، ئۇ ئۇلارغا باتۇر ھاكىملارنى تىكلەپ بەردى. ◘ 13:20 ھاك. 2‏:16؛ 3‏:9. *

21ئاندىن ئۇلار بىزگە بىر پادىشاھنى بەرسىكەن، دەپ سامۇئىل پەيغەمبەردىن* تىلىدى. شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئۇلارغا بىنيامىن قەبىلىسىدىن كىش ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئوغلى سائۇلنى تىكلەپ بەردى. ئۇ قىرىق يىل ھۆكۈم سۈردى. ◘ 13:21 1سام. 8‏:5؛ 9‏:15؛ 10‏:15؛ ھوش. 13‏:11. *

22بىراق خۇدا* سائۇلنى سەلتەنىتىدىن چۈشۈرۈپ، ئۇلارغا داۋۇتنى پادىشاھ قىلىپ تۇرغۇزۇپ بەردى. خۇدا ئۇنىڭ ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ: «كۆڭلۈمدىكىدەك بىر ئادەمنى، يەنى يەسسەنىڭ ئوغلى داۋۇتنى تاپتىم. ئۇ مېنىڭ تولۇق ئىرادەمگە ئەمەل قىلىدۇ»، ــ دېدى. ◘ 13:22 1سام. 13‏:14؛ 16‏:12؛ زەب. 89‏:19-29؛ روس. 7‏:45. *

23ئۆزى ۋەدە قىلغاندەك خۇدا بۇ ئادەمنىڭ نەسلىدىن ئىسرائىل خەلقىگە بىر قۇتقۇزغۇچى تىكلەپ بەردى ــ ئۇ بولسا ئەيسانىڭ ئۆزىدۇر!

24ئۇ خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقىشتىن ئالۋۋال، يەھيا پەيغەمبەر* چىقىپ، بارلىق ئىسرائىل خەلقىنى توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان* چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار، دەپ جاكارلىدى. ◘ 13:24 مات. 3‏:1؛ مار. 1‏:2؛ لۇقا 3‏:2؛ يـۇھ. 3‏:23. *

25يەھيا پەيغەمبەر* ۋەزىپىنى تاماملىغاندا، خالايىققا مۇنداق دېگەنىدى: «سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ مەن سىلەر كۈتكەن زات ئەمەسمەن. بىراق مانا، مەندىن كېيىن بىرسى كېلىدۇ، مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئاياغ كەشلىرىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن!» ◼ 13:25 +bd «مەن سىلەر كۈتكەن زات ئەمەسمەن»+bd* ــ گرېك تىلىدا: «مەن «ئۇ» ئەمەسمەن» ياكى «مەن «شۇ زات» ئەمەسمەن».* ◘ 13:25 مات. 3‏:11؛ يـۇھ. 1‏:20. *

26ئەي قېرىنداشلار، ئىبراھىمنىڭ جەمەتىنىڭ نەسىللىرى ۋە ئاراڭلاردىكى خۇدادىن قورققانلار، بۇ نىجاتلىقنىڭ سۆز-كالامى سىلەرگە ئەۋەتىلدى! ◼ 13:26 +bd «...ئىبراھىمنىڭ جەمەتىنىڭ نەسىللىرى ۋە ئاراڭلاردىكى خۇدادىن قورققانلار...»+bd* ــ «خۇدادىن قورققانلار» ــ 16-ئايەت ۋە ئىزاھاتنىڭ كۆرۈڭ.* ◘ 13:26 مات. 10‏:6؛ روس. 3‏:26؛ 13‏:46. *

27يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى ئەيسانى* تونۇماي، ئۇنىڭ ئۈستىدىن گۇناھكار دەپ ھۆكۈم چىقارغىنى بىلەن، ھەر شابات كۈنى ئوقۇلىدىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالدىن ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ◼ 13:27 +bd «يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى ئەيسانى تونۇماي...»+bd* ــ گرېك تىلىدا: «يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى ئۇنى تونۇماي...».* ◘ 13:27 يـۇھ. 16‏:3؛ روس. 3‏:17؛ 1كور. 2‏:8؛ 1تىم. 1‏:13. *

28گەرچە ئۇلار ئۇنىڭدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشقا تېگىشلىك بىرەر گۇناھ تاپالمىغان بولسىمۇ، ۋالىي پىلاتۇستىن يەنىلا ئۇنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشنى ئۆتۈندى. ◘ 13:28 مات. 27‏:20؛ مار. 15‏:11؛ لۇقا 23‏:18؛ يـۇھ. 19‏:6. *

29ئۇلار بۇ* ئىشلارنى قىلىپ* مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇنىڭ ھەققىدە ئالدىن پۈتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرى بىلمىگەن ھالدا* ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتىنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ، بىر قەبرىگە قويدى.

30لېكىن خۇدا ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى! ◘ 13:30 مات. 28‏:6؛ مار. 16‏:6؛ لۇقا 24‏:6. *

31تىرىلگەندىن كېيىن، ئۇ بۇرۇن ئۆزى بىلەن گالىلىيەدىن يېرۇسالېمغىچە ئەگىشىپ كەلگەنلەرگە كۆپ كۈنلەر ئىچىدە نەچچە قېتىم* كۆرۈنۈپ تۇردى. بۇ كىشىلەر ھازىر ئىسرائىل* خەلقىگە ئۇنىڭ گۇۋاھچىلىرى بولۇۋاتىدۇ. ◘ 13:31 مار. 16‏:14؛ يـۇھ. 20‏:19؛ 21‏:1؛ روس. 1‏:3؛ 1كور. 15‏:5. *

32‏-33 بىزمۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قىلىنغان ۋەدىنىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە ھازىر جاكارلايمىز ــ خۇدا ئەيسانى ئارىمىزدا* تىكلەپ، بۇ ۋەدىنى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان بىزلەرگە ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ ھەقتە زەبۇرنىڭ ئىككىنچى كۈيىدە ئالدىنئالا مۇنداق پۈتۈلگەن: «سەن مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆزۈم سېنى بۈگۈنكى كۈنىدە تۇغدۇردۇم». ◼ 13:32‏-33 +bd «سەن مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆزۈم سېنى بۈگۈنكى كۈنىدە تۇغدۇردۇم»+bd* ــ «زەب.» 7:2. بەزى ئالىملار، بۇ بېشارەتتىكى «تىكلەش» دېگەن سۆز ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ «تىرىلدۈرۈپ» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ تىرىلىشىنى كۆرسىتىدىغان بېشارەتلەرنى نەقىل كەلتۈرىدىغان ئايەتلەر 34-35-ئايەتلەردۇر. شۇڭا زەبۇردىكى بۇ بېشارەت («زەب.» 7:2) ئۇنىڭ پاك قىز مەريەمدىن تۇغۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمىز.* ◘ 13:32‏-33 يار. 3‏:15؛ 22‏:18؛ 26‏:4؛ 49‏:10؛ قان. 18‏:15؛ 2سام. 7‏:12؛ زەب. 132‏:11؛ يەش. 4‏:2؛ 7‏:14؛ 9‏:5؛ 40‏:10؛ يەر. 23‏:5؛ 33‏:14؛ ئ‍ەز. 34‏:23؛ 37‏:24؛ دان. 9‏:24،25؛ زەب. 2‏:7. *

34ئەمدىلىكتە خۇدانىڭ ئەيساغا چىرىشنى قايتا كۆرگۈزمەي ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇ مۇقەددەس يازمىلاردا* مۇنداق ئالدىن ئېيتقان: «داۋۇتقا ۋەدە قىلغان مېھىر-شەپقەتلەرنى سىلەرگە ئاتا قىلىمەن!» ◼ 13:34 +bd «داۋۇتقا ۋەدە قىلغان مېھىر-شەپقەتلەرنى سىلەرگە ئاتا قىلىمەن!»+bd* ــ «يەش.» 2:55.* ◘ 13:34 يەش. 55‏:3. *

35شۇڭا يەنە بۇ ھەقتە يەنە بىر ئايەتتە: ــ «ئى خۇدا*، سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچۇڭغا تېنىنىڭ چىرىشىنى كۆرگۈزمەيسەن». ◼ 13:35 +bd «ئى خۇدا، سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچۇڭغا تېنىنىڭ چىرىشىنى كۆرگۈزمەيسەن»+bd* ــ «زەب.» 10:16. «سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچۇڭ» مەسىھنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 13:35 زەب. 16‏:10؛ روس. 2‏:27. *

36چۈنكى داۋۇت دەرۋەقە خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆز دەۋرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىغا قوشۇلۇپ ئۆلۈمدە ئۇخلاپ ئۇنىڭ تېنى چىرىپ كەتكەنىدى. ◼ 13:36 +bd «داۋۇت دەرۋەقە خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆز دەۋرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ،...»+bd* ــ ياكى «داۋۇت دەرۋەقە ئۆز دەۋرىدە خۇدانىڭ مۇددىئا-مەقسەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ،...». +bd «ئۇنىڭ تېنى چىرىپ كەتكەنىدى»+bd* ــ گرېك تىلىدا «چىرىشلەرنى كۆردى». 35-ئايەتنى كۆرۈڭ.* ◘ 13:36 1پاد. 2‏:10؛ روس. 2‏:29. *

37لېكىن خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى بولسا چىرىشنى ھېچ كۆرمىدى. ◼ 13:37 +bd «لېكىن خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى بولسا چىرىشنى ھېچ كۆرمىدى»+bd* ــ «خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى» ئەيسانى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.*

38ئەمدى شۇڭا سىلەر شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئى قېرىنداشلار، ھازىر گۇناھلاردىن كەچۈرۈم قىلىنىش يولى دەل شۇ كىشى ئارقىلىق سىلەرگە جاكارلىنىۋاتىدۇ. ◼ 13:38 +bd «ھازىر گۇناھلاردىن كەچۈرۈم قىلىنىش يولى دەل شۇ كىشى ئارقىلىق سىلەرگە جاكارلىنىۋاتىدۇ»+bd* ــ «دەل شۇ كىشى ئارقىلىق» ئەيسا ئارقىلىق، دېمەك.* ◘ 13:38 لۇقا 24‏:47؛ 1يۇھ. 2‏:12*

39مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنى بىلەن سىلەر خالاس بولالمايۋاتقان ئىشلاردىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئۇ ئارقىلىق خالاس قىلىنىپ ھەققانىي قىلىنىدۇ! ◼ 13:39 +bd «تەۋرات قانۇنى بىلەن سىلەر خالاس بولالمايۋاتقان ئىشلار»+bd* ــ «خالاس بولالمايدىغان ئىشلار» ھەرتۈرلۈك ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ؛ گۇناھنىڭ ئىلكىدىن خالاس بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، بەلكى تەۋرات قانۇنىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك قۇربانلىق قىلىش ۋە رەسىم-قائىدىلەردىن خالاس بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.* ◘ 13:39 رىم. 3‏:28؛ 8‏:3؛ 10‏:4؛ گال. 2‏:16؛ ئىبر. 7‏:19. *

40شۇڭا، پەيغەمبەرلەر ئالدىن ئېيتقان شۇ بالايىئاپەت بېشىڭلارغا چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىڭلار! ــ

41«قاراڭلار، ئى مازاق قىلغۇچىلار، ھەيرانۇھەس بولۇپ ھالاك بولۇڭلار!

42پاۋلۇس بىلەن بارناباس سىناگوگدىن چىقىۋاتقاندا، جامائەت ئۇلارغا كېلەركى شابات كۈنى بۇ ئىشلار ھەققىدە يەنە سۆزلەشنى يېلىندى.

43سىناگوگتىكى جامائەت تارقالغاندا، نۇرغۇن يەھۇدىيلار ۋە خۇدادىن قورققان تەۋراتقا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ پاۋلۇس بىلەن بارناباسقا ئەگەشتى. ئىككىسى ئۇلارغا سۆز قىلىپ، ئۇلارنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدە چىڭ تۇرۇشقا دەۋەت قىلدى. ◘ 13:43 روس. 11‏:23؛ 14‏:22. *

44كېيىنكى شابات كۈنى، پۈتۈن شەھەر خەلقى دېگۈدەك خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلىغىلى كېلىشتى.

45بىراق بۇنداق توپ-توپ ئادەملەرنى كۆرگەن يەھۇدىيلار ھەسەتكە چۆمۈپ، پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىگە قارشى تەتۈر گەپ قىلىپ، ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلدى.

46ئەمدى پاۋلۇس بىلەن بارناباس تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا مۇنداق دېدى:

47چۈنكى پەرۋەردىگار مۇقەددەس يازمىلاردا* بىزگە مۇنداق بۇيرۇغان: ــ

48ئەللەردىكىلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، خۇشال بولۇشۇپ رەبنىڭ سۆز-كالامىنى ئۇلۇغلاشتى؛ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشكە بېكىتىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئېتىقاد قىلدى. ◼ 13:48 +bd «بېكىتىلگەنلەر»+bd* ــ ياكى «بەل باغلىغانلار» «مايىل قىلىنغانلار».*

49شۇنداق قىلىپ، رەبنىڭ سۆز-كالامى پۈتكۈل زېمىنغا تارقالدى.

50بىراق يەھۇدىيلار خۇدادىن قورققان يۇقىرى تەبىقىلىك ئاياللارنى ھەم شەھەر مۆتىۋەرلىرىنى قۇترىتىپ، پاۋلۇس بىلەن بارناباسقا زىيانكەشلىك قىلغۇزۇپ، ئۇلار ئىككىسىنى ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقاردى. ◼ 13:50 +bd «بىراق يەھۇدىيلار خۇدادىن قورققان يۇقىرى تەبىقىلىك ئاياللارنى ھەم شەھەر مۆتىۋەرلىرىنى قۇترىتىپ...»+bd* ــ «خۇدادىن قورققان ئاياللار» بولسا تەۋراتقا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي بولمىغان، سىناگوگتىكى ئىبادەتكە قاتنىشىدىغان ئاياللار. گەرچە ئۇلار «خۇدادىن قورققان» بولسىمۇ، مۇشۇ يەردە يەھۇدىيلارنىڭ قۇترىتىشى بىلەن ئازدۇرۇلغان.* ◘ 13:50 2تىم. 3‏:11. *

51ئەمما پاۋلۇس بىلەن بارناباس ئۇلارغا قاراپ ئاياغلىرىدىكى توپىنى قېقىشتۇرۇۋېتىپ، كونيا شەھىرىگە قاراپ ماڭدى. ◼ 13:51 +bd «پاۋلۇس بىلەن بارناباس ئۇلارغا قاراپ ئاياغلىرىدىكى توپىنى قېقىشتۇرۇۋېتىپ،...»+bd* ــ «ئاياغلىرىدىكى توپىنى قېقىشتۇرۇۋېتىش» دېگەن ھەرىكەت «مۇناسىۋىتىمىز پۈتۈنلەي ئۈزۈلدى» دېگەن ئاگاھنىڭ ئىپادىسى ئىدى. «مات.» 14:10، «مار.» 11:6، «لۇقا» 9:5نى كۆرۈڭ. +bd «كونيا شەھىرى»+bd* ــ ھازىرقى نام. كونا گرېكچە ئىسمى «ئىكونىئۇم» ياكى «ئىكونىئون». ئۇ ھازىرقى تۈركىيەدە.*

footer>