1ئاندىن ئۇ دەربە ۋە لىسترا شەھەرلىرىگىمۇ باردى. مانا، شۇ يەردە ئېتىقادچى يەھۇدىي بىر ئايالنىڭ ئوغلى، تىموتىي ئىسىملىك بىر مۇخلىس بار ئىدى. ئۇنىڭ ئاتىسى بولسا گرېك ئىدى. ◼ 16:1 +bd «مانا، شۇ يەردە ئېتىقادچى يەھۇدىي بىر ئايالنىڭ ئوغلى، تىموتىي ئىسىملىك بىر مۇخلىس بار ئىدى»+bd* ــ كېيىنكى ئايەتلەرگە قارىغاندا، «شۇ يەر» لىسترا ئىدى.*
2لىسترا ۋە كونيا شەھەرلىرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ توغرۇلۇق ياخشى گۇۋاھلىق بېرەتتى.
3پاۋلۇس ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭماقچى بولدى. بىراق بۇ يەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى تىموتىينىڭ* ئاتىسىنىڭ گرېك ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، پاۋلۇس ئۇنى ئېلىپ خەتنە قىلدۇردى. ◼ 16:3 +bd «بۇ يەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى تىموتىينىڭ ئاتىسىنىڭ گرېك ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، پاۋلۇس ئۇنى ئېلىپ خەتنە قىلدۇردى»+bd* ــ پاۋلۇسنىڭ تىموتىينى خەتنە قىلىشى ئېتىقادىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولغاندا يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى.* ◘ 16:3 1كور. 9:20؛ گال. 2:3. *
4ئۇلار شەھەر-يېزىلاردىن ئۆتكەچ، يېرۇسالېمدىكى روسۇللار بىلەن ئاقساقاللار يات ئەللەرگە* بېكىتكەن بەلگىلىمىلەرنى ئۇلارنىڭ رىئايە قىلىشى ئۈچۈن تاپشۇردى. ◘ 16:4 روس. 15:20. *
5شۇنداق قىلىپ، جامائەتلەر ئېتىقادتا كۈچەيتىلىپ، سانلىرىمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى.
6مۇقەددەس روھ ئۇلارنىڭ ئاسىيا ئۆلكىسىدە سۆز-كالامنى جاكارلىشىغا يول قويمىغان بولۇپ، پاۋلۇسلار ئەمدى فرىگىيە ۋە گالاتىيا رايونلىرىدىن ئۆتۈپ، ◼ 16:6 +bd «مۇقەددەس روھ ئۇلارنىڭ ئاسىيا ئۆلكىسىدە سۆز-كالامنى جاكارلىشىغا يول قويمىغان بولۇپ، پاۋلۇسلار ئەمدى فرىگىيە ۋە گالاتىيا رايونلىرىدىن ئۆتۈپ...»+bd* ــ فرىگىيە ۋە گالاتىيا رايونلىرى ئاسىيانىڭ بىر قىسمى ئىدى ــ پاۋلۇس شۇ يەردىن ئۆتكىنى بىلەن خۇدانىڭ سۆزىنى جاكارلاش ئۈچۈن ئۇ يەردە توختىمىدى.*
7مىسىيە رايونىغا كەلگەندىن كېيىن، بىتىنىيە ئۆلكىسىگە كىرمەكچى بولدى. بىراق ئەيسانىڭ روھى ئۇلارغا بۇنداق قىلىشىقىمۇ يول قويمىدى. ◼ 16:7 +bd «مىسىيە رايونىغا كەلگەندىن كېيىن، بىتىنىيە ئۆلكىسىگە كىرمەكچى بولدى. بىراق ئەيسانىڭ روھى ئۇلارغا بۇنداق قىلىشىقىمۇ يول قويمىدى»+bd* ــ قىزىق بىر يېرى شۇكى، كېيىنرەك روسۇل پېترۇس دەل مۇشۇ رايونلارنىڭ بەزى يەرلىك كىشىلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولدى (2پېت.» 1:1نى كۆرۈڭ). شۇڭا مۇمكىنچىكلىكى باركى، پاۋلۇسلار مۇشۇ يەرلەردىن ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتلاردا، پېترۇس شۇ يەردە ئىدى ياكى پات ئارىدا شۇ يەرلەرگە كەلمەكچى ئىدى. پاۋلۇسمۇ كېيىن گالاتىيا دېگەن رايونغا بېرىپ، خۇش خەۋەرنى تارقىتىپ، بىر جامائەت بەرپا قىلىندى (23:18 ۋە «گال.» 13:4نى كۆرۈڭ).*
8شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مىسىيەدىن ئۆتۈپ، دېڭىز بويىدىكى تروئاس شەھىرىگە چۈشتى. ◘ 16:8 2كور. 2:12. *
9شۇ كۈنى كەچتە، پاۋلۇسقا بىر غايىبانە كۆرۈنۈش كۆرۈنۈپ، ماكېدونىيەلىك بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ:
10ئۇ بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەندىن كېيىن، رەب بىزنى جەزمەن ئۇ كىشىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلارغا خۇش خەۋەر جاكارلاشقا چاقىرغان، دېگەن خۇلاسىگە كېلىپ، دەرھال ماكېدونىيەگە بېرىشقا تەييارلاندۇق. ◼ 16:10 +bd «ئۇ بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەندىن كېيىن، رەب بىزنى جەزمەن ئۇ كىشىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلارغا خۇش خەۋەر جاكارلاشقا چاقىرغان، دېگەن خۇلاسىگە كېلىپ، دەرھال ماكېدونىيەگە بېرىشقا تەييارلاندۇق»+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىن باشلاپ «+bd بىز+bd*» دەپ بايان قىلىشنىڭ سەۋەبى ــ مۇشۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپى لۇقا مۇشۇ يەردە پاۋلۇسلارغا قوشۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.*
11بىز كېمىگە چىقىپ، تروئاستىن يولغا چىقىپ، سامودراك ئارىلىغا قاراپ يول ئالدۇق ۋە ئەتىسى ماكېدونىيەدىكى* نېئاپولىس شەھىرىگە يېتىپ باردۇق.
12ئۇ يەردىن ماكېدونىيەنىڭ شۇ رايونىدىكى فىلىپپى دېگەن مۇھىم شەھىرىگە ئۆتتۇق. بۇمۇ رىمدىكى بىر مۇستەملىكە شەھەر ئىدى. بىز بۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇردۇق. ◼ 16:12 +bd «ئۇ يەردىن ماكېدونىيەنىڭ شۇ رايونىدىكى فىلىپپى دېگەن مۇھىم شەھىرىگە ئۆتتۇق. بۇمۇ رىمدىكى بىر مۇستەملىكە شەھەر ئىدى»+bd* ــ فىلىپپى دېڭىز بويىكى نېئاپولىستىن 16 كىلومېتر يىراقلىقتا ئىدى. «رىمدىكى مۇستەملىكە» ــ بىۋاسىتە رىم ھۆكۈمىتى ئۆزى باشقۇرغان، ئاھالىسى «رىم گراژدانلىق» ھوقۇق-ئىمتىيازلىرىغا ئىگە ئىدى.*
13شابات كۈنى، شەھەر* دەرۋازىسىدىن چىقىپ دەريا ساھىلىگە باردۇق؛ چۈنكى بىز ئۇ يەردە دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان بىر جاي بار دەپ ئويلىدۇق؛ دەرۋەقە شۇنداق بولدى. بىز ئولتۇرۇپ، ئۇ يەرگە يىغىلغان ئاياللارغا سۆزلەشكە باشلىدۇق. ◼ 16:13 +bd «شابات كۈنى، شەھەر دەرۋازىسىدىن چىقىپ دەريا ساھىلىگە باردۇق؛ چۈنكى بىز ئۇ يەردە دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان بىر جاي بار دەپ ئويلىدۇق»+bd* ــ ئەھۋالغا قارىغاندا فىلىپپى شەھىرىدە يەھۇدىيلارنىڭ بىرمۇ سىناگوگى يوق ئىدى («سىناگوگ»نىڭ ئاساسى ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئون يەھۇدىي ئەركەك كىشى بىر-بىرىگە قوشۇلۇشى كېرەك). ئۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بۇ ئاياللار (بەلكىم يەھۇدىي ھەم يەھۇدىي ئەمەسلەر، يەنى «خۇدانىڭ قورققانلار») ھەر شابات كۈنى تەۋراتتىن ئېلىنغان سۆزلەر بىلەن دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا يىغىلاتتى.*
14ئۇلارنىڭ ئىچىدە سۆسۈن رەخت سودىسى قىلىدىغان، تىياتىرا شەھىرىلىك، خۇدادىن قورقىدىغان لىديا ئىسىملىك بىر ئايال بار ئىدى. رەب ئۇنىڭ قەلبىنى پاۋلۇسنىڭ ئېيتقانلىرىنى قوبۇل قىلىشقا ئاچتى. ◼ 16:14 +bd «ئۇلارنىڭ ئىچىدە سۆسۈن رەخت سودىسى قىلىدىغان، تىياتىرا شەھىرىلىك، خۇدادىن قورقىدىغان لىديا ئىسىملىك بىر ئايال بار ئىدى»+bd* ــ «خۇدادىن قورقىدىغان» دېگەن تۇراقلىق ئىبارە، لىديانىڭ يەھۇدىي ئەمەس، ئەمما تەۋرات ئېتىقادىدا بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.*
15ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەن بولۇپ بىزدىن ئۆتۈنۈپ:
16بىر كۈنى بىز شۇ دۇئا قىلىدىغان جايغا كېتىپ بارغىنىمىزدا، بىر دېدەك بىزگە يولۇقتى؛ بۇ قىزغا پال سالغۇچى بىر جىن چاپلىشىۋالغانىدى؛ دېدەك خوجايىنلىرىغا پال سېلىش يولى بىلەن نۇرغۇن پايدا تېپىپ بەرگەنىدى. ◼ 16:16 +bd «بۇ قىزغا پال سالغۇچى بىر جىن چاپلىشىۋالغانىدى»+bd* ــ «پال سالغۇچى بىر جىن» گرېك تىلىدا «پىتون روھى». «پىتون» يوغان يىلان بولۇپ، گرېكلارنىڭ رىۋايەتلىرى بويىچە ئۇ دەلفى شەھىرىدىكى بۇتخانىدا تۇرۇپ، پالچىلىق سىرلىرىنى باشقۇراتتى.* ◘ 16:16 1سام. 28:7؛ روس. 19:24. *
17ئۇ يول بويى پاۋلۇس ۋە بىزگە ئەگىشىپ:
18ئۇ ئۇدا كۆپ كۈنلەر شۇنداق ۋارقىرىدى. بۇ ئىش پاۋلۇسنىڭ قەلبىنى ئازابلاپ، ئۇ قىزغا بۇرۇلۇپ، جىنغا:
19دېدەكنىڭ خوجايىنلىرى ئۇنىڭغا باغلىغان پۇل تېپىش ئۈمىدىنىڭ يوققا چىققانلىقىنى كۆرۈپ، پاۋلۇس بىلەن سىلاسقا قول سېلىپ، ئۇلارنى بازار مەيدانىغا سۆرەپ، ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ◘ 16:19 2كور. 6:5. *
20ئۇلار ئىككىيلەننى سوراقچى ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا چىقىرىپ:
21بىز بولساق رىملىقلارمىز، ئۇلار قانۇنىمىزغا خىلاپ بولغان ۋە قوبۇل قىلىشقا ياكى يۈرگۈزۈشكە بولمايدىغان قائىدە-يوسۇنلارنى تەرغىب قىلىۋاتىدۇ! ــ دەپ شىكايەت قىلدى.
22توپلانغان خالايىقمۇ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا قوزغالدى؛ سوراقچى ئەمەلدارلار ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى يىرتىپ يالىڭاچلاپ، كالتەك بىلەن دۇمبىلاشقا ئەمر چۈشۈردى. ◘ 16:22 2كور. 11:25؛ 1تېس. 2:2. *
23ئىككىيلەننى كالتەك بىلەن كۆپ دۇمبىلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى زىندانغا تاشلىدى ۋە شۇنداقلا گۇندىپاينى قاتتىق كۆزىتىشكە بۇيرۇدى.
24ئۇ بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋېلىش بىلەن ئۇلارنى زىنداننىڭ ئىچكىرىدىكى كامېرغا سولاپ، پۇتلىرىغا ئىشكەل سالدى.
25تۈن يېرىمدا، پاۋلۇس بىلەن سىلاس دۇئا قىلىپ، خۇداغا مەدھىيە كۈيلىرىنى ئېيتىۋاتاتتى. باشقا مەھبۇسلار بولسا قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتاتتى. ◘ 16:25 روس. 4:31. *
26تۇيۇقسىز قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەردى؛ زىنداننىڭ ئۇللىرىمۇ تەۋرىنىپ كەتتى ۋە زىنداننىڭ ھەممە ئىشىكلىرى شۇئان ئېچىلىپ، ھەربىر مەھبۇسنىڭ كىشەنلىرىمۇ چۈشۈپ كەتتى. ◘ 16:26 روس. 5:19؛ 12:7. *
27گۇندىپاي ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، زىنداننىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، مەھبۇسلار قېچىپ كېتىپتۇ دەپ ئويلاپ، قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولدى. ◼ 16:27 +bd «گۇندىپاي ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، ... مەھبۇسلار قېچىپ كېتىپتۇ دەپ ئويلاپ، قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولدى»+bd* ــ رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ قانۇنى بويىچە مەھبۇسلارنى قاچۇرۇپ قويغان ئەسكەرلەر ياكى گۇندىپايلار ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىناتتى.*
28لېكىن پاۋلۇس قاتتىق ئاۋازدا:
29گۇندىپاي: چىراغلارنى كەلتۈرۈڭلار دەپ توۋلاپ ئىچكىرىگە ئېتىلىپ كىرىپ، تىترىگەن ھالدا پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى.
30ئاندىن ئۇلارنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ:
31رەب ئەيساغا ئېتىقاد قىلغىن، ۋە شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭ ھەم ئائىلەڭدىكىلەرمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ! ــ دېدى ئۇلار. ◼ 16:31 +bd «رەب ئەيساغا ئېتىقاد قىلغىن، ۋە شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭ ھەم ئائىلەڭدىكىلەرمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ!»+bd* ــ گۇندىپاينىڭ «قۇتقۇزۇلۇشۇم ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرەك؟» دېگەن سوئالنى قويۇشىدا، ئۇ بەلكىم «قۇتقۇزۇلۇش»نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئانچە چۈشەنىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ كۆزدە تۇتقىنى روھىي جەھەتتىن ئەمەس، بەلكى ئۆز ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆلۈم جازاسىدىن قۇتۇلۇشى ئىدى.* ◘ 16:31 يـۇھ. 3:16،36؛ 6:47؛ 1يۇھ. 5:10. *
32شۇنىڭ بىلەن، ئىككىيلەن ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئائىلىسىدىكىلەرگە رەبنىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزدى.
33كېچە شۇ سائەتنىڭ ئۆزىدىلا گۇندىپاي* ئۇلارنى باشلاپ چىقىپ، يارىلىرىنى يۇيۇپ تازىلىدى؛ ئاندىن ئۇ دەرھال ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى؛
34ئىككىيلەننى ئۆز ئۆيىگە باشلاپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا داستىخان سالدى. ئۇ پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلىقتىن زور شادلاندى. ◘ 16:34 لۇقا 5:29؛ 19:6. *
35ئەتىسى ئەتىگەندە، سوراقچى ئەمەلدارلار ياساۋۇللارنى زىندانغا ئەۋەتىپ:
36گۇندىپاي بۇ سۆزنى پاۋلۇسقا يەتكۈزۈپ:
37بىراق پاۋلۇس ياساۋۇللارغا:
38ياساۋۇللار بۇ سۆزلەرنى سوراقچى ئەمەلدارلارغا يەتكۈزدى. ئۇلار ئىككىيلەننىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتتى؛
39ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا زىندانغا* بېرىپ، ئۇلارنى زىنداندىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، شەھەردىن چىقىپ كېتىشنى قايتا-قايتا ئۆتۈندى. ◘ 16:39 مات. 8:34. *