روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 18:1-27 UIGB2010 - Bible AI

1بۇ ئىشلاردىن كېيىن، پاۋلۇس ئافىنا شەھىرىدىن ئايرىلىپ كورىنت شەھىرىگە باردى.

2ئۇ ئۇ يەردە پونتۇس ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان ئاكۋىلا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي بىلەن ئۇنىڭ ئايالى پرىسكىللانى ئۇچراتتى. ئۇلار رىم* ئىمپېراتورى* كلاۋدىيۇسنىڭ بارلىق يەھۇدىيلار رىم شەھىرىدىن چىقىپ كېتىشى كېرەك، دېگەن يارلىقى سەۋەبلىك يېقىندا ئىتالىيەدىن كەلگەنىدى. پاۋلۇس ئۇلار بىلەن تونۇشۇپ، ◘ 18:2 رىم. 16‏:3؛ 1كور. 16‏:19؛ 2تىم. 4‏:19. *

3ئۇلار بىلەن كەسىپداش بولغاچقا، بىللە تۇرۇپ ئىشلىدى (چۈنكى ئۇلار چېدىرچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى). ◼ 18:3 +bd «ئۇلار بىلەن كەسىپداش بولغاچقا، بىللە تۇرۇپ ئىشلىدى (چۈنكى ئۇلار چېدىرچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى)»+bd* ــ پاۋلۇسنىڭ خەتلىرىدە، ئۆزى ۋە ھەمراھلىرىنىڭ جېنىنى بېقىش ئۈچۈن جامائەتلەرنىڭ قولىغا قارىماي، بەلكى ئۆز قولى بىلەن ئىشلىشىنى پات-پات تىلغا ئالىدۇ. مۇشۇ يەردە ئۇنىڭ كەسپى چېدىرچىلىق ئىكەنلىكى كۆرۈنىدۇ.* ◘ 18:3 روس. 20‏:34؛ 1كور. 4‏:12؛ 2كور. 11‏:9؛ 12‏:13؛ 1تېس. 2‏:9؛ 2تېـس. 3‏:8. *

4ھەربىر شابات كۈنىدە ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگىغا كىرىپ، يەھۇدىيلار ۋە گرېكلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ ئۇلارنى خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا* قايىل قىلىشقا تىرىشاتتى. ◼ 18:4 +bd «ھەربىر شابات كۈنىدە ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگىغا كىرىپ، يەھۇدىيلار ۋە گرېكلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ ئۇلارنى خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا قايىل قىلىشقا تىرىشاتتى»+bd* ــ «مۇنازىرىلىشىپ ئۇلارنى خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا قايىل قىلىشقا تىرىشاتتى» دېگەن سۆزلەر گرېكچىدە پەقەت بىرلا سۆز بىلەن ئىپلادىلىنىدۇ. «خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا» دېگەن سۆزلەرنى جۈملىنى چۈشىنىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن كىرگۈزدۇق.*

5بىراق سىلاس بىلەن تىموتىي ماكېدونىيەدىن كەلگەندىن كېيىن، پاۋلۇس سۆز-كالامنى يەتكۈزۈشكە ئالدىرىدى، جان كۆيدۈرۈپ يەھۇدىيلارغا: ــ ئەيسا ــ مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر، دەپ گۇۋاھلىق بەردى. ◼ 18:5 +bd «بىراق سىلاس بىلەن تىموتىي ماكېدونىيەدىن كەلگەندىن كېيىن، پاۋلۇس سۆز-كالامنى يەتكۈزۈشكە ئالدىرىدى، جان كۆيدۈرۈپ يەھۇدىيلارغا... گۇۋاھلىق بەردى»+bd* ــ پاۋلۇسنىڭ بۇ روھلاندۇرۇلۇشىغا بەلكىم ئۈچ مۇھىم تۈرتكە بار ئىدى: ــ

6لېكىن، ئۇلار ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ ئۇنى ھاقارەتلىدى. بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس پېشىنى قېقىپ، ئۇلارغا:

7بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس ئۇلاردىن ئايرىلىپ، تىتىيۇس يۇستۇس ئىسىملىك، خۇدادىن قورقىدىغان بىر كىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇردى. ئۇنىڭ ئۆيى سىناگوگنىڭ يېنىدا ئىدى. ◼ 18:7 +bd «تىتىيۇس يۇستۇس ئىسىملىك، خۇدادىن قورقىدىغان بىر كىشى»+bd* ــ «خۇدادىن قورقىدىغان» دېگەن ئىبارە توغرۇلۇق 26:13دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.*

8ئەمدى سىناگوگنىڭ چوڭى كرىسپۇس پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن رەبگە ئېتىقاد قىلدى. نۇرغۇن كورىنتلىقلارمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئېتىقاد قىلىپ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. ◼ 18:8 +bd «نۇرغۇن كورىنتلىقلارمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئېتىقاد قىلىپ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى»+bd* ــ «بۇ خەۋەر»: (1) سىناگوگنىڭ چوڭىنىڭ ئېتىقاد قىلغانلىقى ياكى (2) پاۋلۇسنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭچە بىرىنچى چۈشەنچە توغرىدۇر.* ◘ 18:8 1كور. 1‏:14. *

9رەب كېچىدە پاۋلۇسقا بىر غايىبانە كۆرۈنۈش ئارقىلىق ۋەھىي يەتكۈزۈپ ئۇنىڭغا:

10چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللە. ھېچكىم ساڭا قول سېلىپ زەرەر يەتكۈزمەيدۇ، چۈنكى مېنىڭ بۇ شەھەردە نۇرغۇن كىشىلىرىم بار، ــ دېدى.

11شۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس ئۇ يەردە بىر يىل ئالتە ئاي تۇرۇپ، ئۇ يەردىكى كىشىلەر ئارىسىدا خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئۆگەتتى.

12‏-13 ئەمما گاللىيو ئاخايا ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى بولغان ۋاقتىدا، يەھۇدىيلار بىرلىشىپ پاۋلۇسنى تۇتۇپ گاللىيونىڭ «سوراق تەختى»نىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن:

14پاۋلۇس ئاغزىنى ئاچاي دەپ تۇرۇشىغا، ۋالىي گاللىيو يەھۇدىيلارغا:

15بىراق بۇ ئىش پەقەت* بەزى نام-ئىسىملار، سۆزلەر ۋە ئۆزۈڭلارنىڭ تەۋرات* قانۇنىڭلار ئۈستىدە تالاش-تارتىشلارغا چېتىشلىق ئىكەن، ئۇنى ئۆزۈڭلار بىر تەرەپ قىلىڭلار! مەن بۇنداق ئىشلارغا سوراقچى بولمايمەن! ــ دېدى.

16شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنى سوراق تەختى ئالدىدىن ھەيدەپ چىقاردى.

17خالايىق سىناگوگنىڭ چوڭى سوستېنىسنى تۇتۇۋېلىپ، سوراق تەختىنىڭ ئالدىدا قاتتىق ئۇرغىلى تۇردى. بىراق ۋالىي* گاللىيو بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىغا قىلچە پىسەنت قىلمىدى. ◼ 18:17 +bd «خالايىق سىناگوگنىڭ چوڭى سوستېنىسنى تۇتۇۋېلىپ، سوراق تەختىنىڭ ئالدىدا قاتتىق ئۇرغىلى تۇردى»+bd* ــ سوستېنىسنىڭ مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان ۋاقتى نامەلۇم («1كور.» 1:1نى كۆرۈڭ). يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى ئۇنداق ئۇرۇشىنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس؛ ئۇ مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچى بولغانلىقتىن ياكى سىناگوگتىكىلەر ئۆز ئەرزىنىڭ نەتىجىسىز بولۇپ چىققانلىقىدىن خاپا بولۇپ، سىناگوگ رەئىسىدىن ئاچچىقىنى چىقىرىۋالماقچى بولسا كېرەك.*

18پاۋلۇس كورىنت شەھىرىدە يەنە كۆپ كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، قېرىنداشلار بىلەن خوشلىشىپ، پرىسكىللا ۋە ئاكۋىلالارنىڭ ھەمراھلىقىدا كېمىگە ئولتۇرۇپ، سۇرىيەگە قاراپ كەتتى. يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى* ئۇ كەنقرىيا شەھىرىدە خۇداغا ئىچكەن بىر قەسىمىدىن چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتكەنىدى. ◼ 18:18 +bd «كەنقرىيا شەھىرى»+bd* ــ كورىنتنىڭ پورت شەھىرى بولۇپ كورىنتتىن يەتتە كىلومېتر يىراققا جايلاشقانىدى. +bd «يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئۇ كەنقرىيا شەھىرىدە خۇداغا ئىچكەن بىر قەسىمىدىن چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتكەنىدى»+bd* ــ پاۋلۇس نېمىشقا قەسەم قىلدى؟ ئالىملارنىڭ پىكىرلىرىدىن: (1) ئۇ كورىنت شەھىرىدە شۇنچە كۆپ ئادەملەر خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغانلىقىدىن بولغان خۇشاللىقىدىن، خۇداغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن؛ (2) يەنە بىر قېتىم يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەدە تۇرۇۋاتقان يەھۇدىي خەلقنى خۇش خەۋەرگە قايىل قىلىشقا تىرىشىپ ئۇلارغا مۇشۇ قەسىمى ئارقىلىق ئۆزىنى «مانا مەن سىلەردەك خۇدادىن قورقىدىغان ئادەم» دەپ كۆرسىتىپ ئۇلارغا يېقىنلاشماقچى بولۇپ قەسەم قىلغان. بىز ئىككىنچى پىكىرگە مايىلمىز.

19ئۇلار ئەفەسۇس شەھىرىگە بارغاندىن كېيىن، ئۇ پرىسكىللا ۋە ئاكۋىلانى قالدۇرۇپ قويۇپ ئۆزى شۇ يەردىكى* سىناگوگقا كىرىپ، يەھۇدىيلار بىلەن مۇنازىرىلەشتى.

20ئۇلار ئۇنى ئۇزۇنراق تۇرۇشقا تەلەپ قىلىۋىدى، ئۇ قوشۇلماي،

21«مەن قانداقلا بولمىسۇن كېلەر ھېيتنى يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزىمەن؛ ئاندىن خۇدا بۇيرۇسا، سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا يەنە كېلىمەن»، ــ دەپ ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، ئەفەسۇستىن كېمە بىلەن يولغا چىقتى. ◼ 18:21 +bd «مەن قانداقلا بولمىسۇن كېلەر ھېيتنى يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزىمەن»+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە بۇ سۆزلەر تېپىلماي، پەقەت ««خۇدا بۇيرۇسا، مەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا يەنە كېلىمەن»، ــ دەپ ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، ئەفەسۇستىن كېمە بىلەن يولغا چىقتى» دېيىلىدۇ.* ◘ 18:21 1كور. 4‏:19؛ ئىبر. 6‏:3؛ ياق. 4‏:15. *

22ئۇ قەيسەرىيە شەھىرىدە كېمىدىن چۈشۈپ، يېرۇسالېمغا* چىقىپ جامائەت بىلەن ھال سوراشقاندىن كېيىن، ئانتاكيا شەھىرىگە چۈشۈپ كەتتى. ◼ 18:22 +bd «ئۇ يېرۇسالېمغا چىقىپ جامائەت بىلەن ھال سوراشقاندىن كېيىن...»+bd* ــ ئىنجىلدا «يېرۇسالېمغا بېرىش» گرېك تىلىدا دائىم دېگۈدەك پەقەت «يېرۇسالېمغا چىقىش» دەيتتى. يەھۇدىي خەلقى ئۈچۈن يېرۇسالېمغا بېرىش «چىقىش»، ئۇنىڭدىن كېتىش «چۈشۈش» بىلەن بىلدۈرۈلەتتى. پاۋلۇس قەسىمىنى ئادا قىلىپ چىقىش ئۈچۈنمۇ يېرۇسالېمغا بېرىپ كېلىشى كېرەك.*

23ئانتاكيادا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە يولغا چىقىپ گالاتىيا ۋە فرىگىيە يۇرتلىرىنى بىر-بىرلەپ ئارىلاپ، بارغانلا يېرىدە بارلىق مۇخلىسلارنىڭ ئېتىقادىنى قۇۋۋەتلىدى.

24بۇ ئارىدا، ئىسكەندەرىيە شەھىرىدە تۇغۇلغان ئاپوللوس ئىسىملىك بىر يەھۇدىي ئەفەسۇس شەھىرىگە كەلدى. ئۇ ناتىق ئادەم بولۇپ، مۇقەددەس يازمىلاردىن خېلىلا چوڭقۇر ساۋاتى بار ئادەم ئىدى. ◼ 18:24 +bd «ئۇ ... مۇقەددەس يازمىلاردىن خېلىلا چوڭقۇر ساۋاتى بار ئادەم ئىدى»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇ ... مۇقەددەس يازمىلاردا كۈچلۈك بىر ئادەم ئىدى».* ◘ 18:24 1كور. 1‏:12. *

25ئۇ رەبنىڭ يولى توغرۇلۇق تەلىم ئالغان بولۇپ، ئوتلۇق روھ بىلەن ئەيسا ھەققىدە ئەينەن سۆزلەپ تەلىم بېرەتتى. بىراق ئۇنىڭ خەۋىرى پەقەت يەھيا پەيغەمبەر*نىڭ يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈشى بىلەن چەكلىنەتتى. ◼ 18:25 +bd «ئۇنىڭ خەۋىرى پەقەت يەھيا پەيغەمبەرنىڭ يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈشى بىلەن چەكلىنەتتى»+bd* ــ دېمەك، ئاپوللوسنىڭ تەلىمى بەلكىم يەھيا پەيغەمبەرنىڭ «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يېقىنلاشتى»، «مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرگۈچى، يەنى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ مېنىڭ كەينىمدىن كېلىدۇ» دېگەن سۆزلىرىدىن، شۇنداقلا «مەسىھ ناسارەتلىك ئەيسا ئىكەن»، دېگەن مەلۇماتلاردىن تەركىب تاپقان بولسا كېرەك. ئۇ ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلگىنى، تىرىلگەنلىكى، شۇنداقلا ئۇنىڭ مۇقەددەس روھنى ئاتا قىلىشى بىلەن يېڭى دەۋر باشلىغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەرسىز قالغانىدى. 1:19-7 ۋە ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ.*

26ئۇ سىناگوگتا يۈرەكلىك سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇنى ئاڭلىغان پرىسكىللا بىلەن ئاكۋىلا ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا خۇدانىڭ يولىنى تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈردى. ◼ 18:26 +bd «پرىسكىللا بىلەن ئاكۋىلا ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ،...»+bd* ــ ياكى «پرىسكىللا بىلەن ئاكۋىلا ئۇنى ئايرىم ئېلىپ،...».*

27كېيىن، ئاپوللوس ئاخايا ئۆلكىسىگە بارماقچى بولغاندا، ئەفەسۇسلۇق* قېرىنداشلار ئاخايادىكى* مۇخلىسلارغا خەت يېزىپ، ئۇلاردىن ئاپوللوسنى قارشى ئېلىشنى بەكمۇ تەلەپ قىلدى. ئۇ شۇ يەرگە بېرىپ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق ئېتىقاد قىلغانلارغا قوشۇلۇپ، ئۇلارغا زور ياردەمدە بولدى. ◼ 18:27 +bd «كېيىن، ئاپوللوس ئاخايا ئۆلكىسىگە بارماقچى بولغاندا، ئەفەسۇسلۇق قېرىنداشلار ئاخايادىكى مۇخلىسلارغا خەت يېزىپ، ئۇلاردىن ئاپوللوسنى قارشى ئېلىشنى بەكمۇ تەلەپ قىلدى»+bd* ــ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: ــ «كېيىن، ئاپوللوسنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاخايىدىكى مۇخلىسلارغا خەت يېزىپ، ئۇلاردىن ئاپوللوسنى قارشى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى».* ◘ 18:27 1كور. 3‏:6. *

footer>