روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2:1-46 UIGB2010 - Bible AI

1ئەمدى «ئورما ھېيت» كۈنىنىڭ ۋاقتى-سائىتى توشقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدا بىر يەرگە جەم بولغانىدى. ◼ 2:1 +bd ««ئورما ھېيت» كۈنىنىڭ ۋاقتى-سائىتى توشقاندا،..»+bd* ــ ياكى «ئورما ھېيت كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندا،...». بۇ تەرجىمە توغرا بولسا «ئورما ھېيت كۈنى»نىڭ ئۆزى بىرخىل بېشارەت ياكى «بېشارەتلىك رەسىم» بولىدۇ. «لاۋىيلار»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدىكى «ھېيتلار» توغرۇلۇق مەزمۇننى كۆرۈڭ.

2ئاسماندىن تۇيۇقسىز كۈچلۈك شامال سوققاندەك بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ، ئۇلار ئولتۇرۇۋاتقان ئۆينى بىر ئالدى.

3ئوت يالقۇنىدەك تىللار ئۇلارغا كۆرۈنۈپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۈستىگە تارقىلىپ قوندى.

4ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، روھ ئۇلارغا سۆز ئاتا قىلىشى بىلەن ئۇلار نامەلۇم تىللاردا سۆزلىگىلى تۇردى. ◘ 2:4 مات. 3‏:11؛ مار. 1‏:8؛ 16‏:17؛ لۇقا 3‏:16؛ يـۇھ. 14‏:26؛ 15‏:26؛ 16‏:13؛ روس. 10‏:46؛ 11‏:15؛ 19‏:6. *

5ئۇ چاغدا، يېرۇسالېمدا ئاسمان ئاستىدىكى بارلىق ئەللەردىن كەلگەن نۇرغۇن ئىخلاسمەن يەھۇدىي ئەرلەرمۇ تۇرۇۋاتقانىدى. ◼ 2:5 +bd «ئۇ چاغدا، يېرۇسالېمدا ئاسمان ئاستىدىكى بارلىق ئەللەردىن كەلگەن نۇرغۇن ئىخلاسمەن يەھۇدىي ئەرلەرمۇ تۇرۇۋاتقانىدى»+bd* ــ مۇشۇ ئەرلەر بەلكىم ھېيتنى تەبرىكلەشكە كەلگەنىدى.*

6ئەمدى ئېتىقادچىلارنىڭ* بۇ ئاۋازى ئاڭلىنىپ، توپ-توپ ئادەملەر شۇ يەرگە جەم بولۇشتى ھەمدە ئېتىقادچىلارنىڭ* ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى تىللاردا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، تېڭىرقاپ قېلىشتى. ◼ 2:6 +bd «ئەمدى ئېتىقادچىلارنىڭ بۇ ئاۋازى ئاڭلىنىپ، توپ-توپ ئادەملەر شۇ يەرگە جەم بولۇشتى...»+bd* ــ «ئاۋاز» دېگەن سۆز توغرۇلۇق ئۈچ چۈشەنچە بار: (1) 2-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «ئاسماندىن (چۈشكەن)... ئاۋاز»؛ (2) تەرجىمىمىزدەك، بارلىق ئېتىقادچىلار نامەلۇم تىل بىلەن خۇدانى مەدھىيەلىگەن چوڭ ئاۋازى؛ (3) گرېك تىلىدا بەزى ۋاقىتتا «ئاۋاز» دېگەن سۆز «خەۋەر»نى بىلدۈرگەچكە، مۇشۇ يەردىكى «ئاۋاز» «نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ تۇيۇقسىز كۆپ تىللاردا سۆزلىسىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر»نى بىلدۈرۈشىمۇ مۇمكىن.*

7ئۇلار ھەيران بولۇپ تەئەججۈپلىنىپ:

8قانداقلارچە ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ئانا يۇرتىمىزدىكى تىللىرىمىزدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتقاندىمىز؟

9ئارىمىزدا پارتىيالار، مېدىئالار، ئېلاملار، شۇنداقلا مېسوپوتامىيە، يەھۇدىيە، كاپادوكىيا، پونتۇس، ئاسىيا،

10‏-11 فرىگىيە ھەم پامفىلىيە، مىسىر، لىۋىيەنىڭ كۇرىنىگە يېقىن جايلىرىدىن كەلگەنلەر، شۇنىڭدەك مۇشۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان رىم شەھىرىدىن كەلگەنلەر ــ يەھۇدىيلار بولسۇن، تەۋرات ئېتىقادىغا كىرگەنلەر بولسۇن، كرېتلار ۋە ئەرەبلەر بولسۇن، ھەممىمىز ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ قىلغان ئۇلۇغ ئەمەللىرىنى بىزنىڭ ئانا تىللىرىمىزدا سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز! ــ دېيىشتى.

12ئۇلار ھاڭ-تاڭ قېلىپ ئالاقزادىلىك بىلەن بىر-بىرىگە:

13ئەمما بەزىلەر:

14ئەمما پېترۇس قالغان ئون بىرەيلەن بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى:

15بۇلار سىلەر ئويلىغاندەك مەست ئەمەس، چۈنكى ھازىر پەقەت ئەتىگەن سائەت توققۇز بولدى. ◼ 2:15 +bd «ھازىر پەقەت ئەتىگەن سائەت توققۇز بولدى»+bd* ــ يەھۇدىيلارنىڭ ۋاقىت ئۆلچىمى بويىچە «كۈننىڭ ئۈچىنچى سائىتى».*

16ئەمەلىيەتتە بۇ دەل يوئېل پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتىلغان شۇ ئىشتۇر:

17ــ «خۇدا مۇنداق دېدى:

18بەرھەق، شۇ كۈنلەردە قۇللىرىم ئۈستىگىمۇ، دېدەكلىرىم ئۈستىگىمۇ روھىمنى قۇيىمەن، ئۇلار بېشارەت يەتكۈزىدۇ. ◼ 2:18 +bd «شۇ كۈنلەردە قۇللىرىم ئۈستىگىمۇ، دېدەكلىرىم ئۈستىگىمۇ روھىمنى قۇيىمەن...»+bd* ــ «روھىمنى» گرېك تىلىدا مۇشۇ يەردە «روھىمدىن» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.*

19مەن يۇقىرىدا ئاسمانلاردا كارامەت ئىشلار، تۆۋەندە، زېمىندا مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى،

20رەبنىڭ ئۇلۇغ ھەم كارامەت-شەرەپلىك كۈنى بولمىغۇچە،

21ھەم شۇ چاغدا شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى،

22ئەي ئىسرائىللار، مۇشۇ سۆزلەرنى ئاڭلاڭلار. ناسارەتلىك ئەيسا بولسا، خۇدا ئاراڭلاردا ئۇ ئارقىلىق كۆرسەتكەن قۇدرەتلىك ئەمەللەر، كارامەتلەر ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر بىلەن سىلەرگە تەستىقلىغان بىر زات ــ بۇ ئىشلار ھەممىڭلارغا مەلۇم ــ

23ئۇ كىشى خۇدانىڭ بېكىتكەن مەقسىتى ۋە ئالدىنئالا بىلىشى بويىچە ساتقۇنلۇققا ئۇچراپ تۇتۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، سىلەر ئۇنى تەۋرات قانۇنىسىز يۈرگەن ئادەملەرنىڭ قولى ئارقىلىق كرېستلەپ ئۆلتۈرگۈزدۈڭلار. ◼ 2:23 +bd «تەۋرات قانۇنىسىز يۈرگەن ئادەملەر»...+bd* ــ مۇشۇ يەردە يات ئەللىكلەر، بولۇپمۇ رىملىقلارنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 2:23 روس. 4‏:28؛ 5‏:30. *

24لېكىن خۇدا ئۇنى ئۆلۈمنىڭ ئازابلارنىڭ ئىلكىدىن ئازاد قىلىپ قايتا تىرىلدۈردى. چۈنكى ئۆلۈمنىڭ ئۇنى تۇتقۇن قىلىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. ◘ 2:24 روس. 10‏:40. *

25داۋۇت زەبۇردا* ئۇ توغرۇلۇق مۇنداق ئالدىن ئېيتقان:

26شۇڭا مېنىڭ قەلبىم خۇشاللاندى،

27چۈنكى سەن جېنىمنى تەھتىسارادا قالدۇرمايسەن،

28سەن ماڭا ھايات يوللىرىنى كۆرسەتكەنسەن؛

29قېرىنداشلار، مەن ئاتىمىز پادىشاھ* داۋۇت توغرۇلۇق ھېچ ئىككىلەنمەي شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۇ ئۆلدى ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئارىمىزدا بار. ◘ 2:29 1پاد. 2‏:10؛ روس. 13‏:36. *

30ئەمدى ئۇ پەيغەمبەر بولۇپ، خۇدانىڭ ئۇنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇشقا ئۆز پۇشتىدىن بىرەيلەننى تۇرغۇزۇشقا قەسەم بىلەن ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلەتتى. ◼ 2:30 +bd «ئۆز پۇشتىدىن بىرەيلەن...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇنىڭ چاتىرىقىدىن چىققاندىن بىرەيلەن...».* ◘ 2:30 2سام. 7‏:12؛ زەب. 132‏:11؛ لۇقا 1‏:32؛ روس. 13‏:23؛ رىم. 1‏:3؛ 2تىم. 2‏:8. *

31ئۇ مەسىھنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن* تىرىلدۈرۈلىدىغىنىنى ئالدىنئالا كۆرۈپ يەتكەن ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەسىھنىڭ تەھتىسارادا قالدۇرۇلمايدىغىنىنى ۋە تېنىنىڭ چىرىمەيدىغىنىنى تىلغا ئالغان. ◘ 2:31 زەب. 16‏:10؛ روس. 13‏:35. *

32خۇدا دەل بۇ ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى، ۋە ھەممىمىز بۇ ئىشنىڭ گۇۋاھچىلىرىمىز. ◘ 2:32 يـۇھ. 15‏:27؛ روس. 1‏:8. *

33ئۇ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا شان-شەرەپ ئىچىدە ئولتۇرغۇزۇلۇپ، شۇنداقلا ئاتا ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلىپ، ھازىر كۆرۈۋاتقان ھەم ئاڭلاۋاتقانلىرىڭلارنى تۆكۈپ بىزلەرگە* چۈشۈردى. ◼ 2:33 +bd «شۇنداقلا ئاتا ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلىپ،...»+bd* ــ ياكى «شۇنداقلا ئاتىدىن مۇقەددەس روھ ئاتا قىلىش ۋەدىسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ،...».* ◘ 2:33 روس. 1‏:4؛ 5‏:31؛ 10‏:45؛ فىل. 2‏:9. *

34‏-35 چۈنكى داۋۇت ئۆزى ئەرشكە چىققان ئەمەس؛ لېكىن ئۇ مۇنۇ سەزلەرنى زەبۇردا* ئېيتقان: ــ

36شۇنىڭ ئۈچۈن، پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر شۇنى قەتئىي بىلسۇنكى، خۇدا سىلەر كرېستلىگەن دەل ئۇشبۇ ئەيسانى ھەم رەب ھەم مەسىھ قىلىپ تىكلىدى!».

37بۇ سۆزلەر ئاڭلىغانلارنىڭ يۈرىكىگە سانجىلغاندەك قاتتىق تەگكەن بولۇپ ئۇلار پېترۇس ۋە باشقا روسۇللاردىن:

38پېترۇس ئۇلارغا: ــ توۋا قىلىڭلار، ھەربىرىڭلار ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا گۇناھلىرىڭلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە شۇنداق قىلساڭلار خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بولغان مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ.

39چۈنكى بۇ ۋەدە سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلارغا، يىراقتا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىگە، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۆزىگە چاقىرغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئاتا قىلىنىدۇ. ◼ 2:39 +bd «بۇ ۋەدە سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلارغا، يىراقتا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىگە، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۆزىگە چاقىرغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئاتا قىلىنىدۇ»+bd* ــ «بۇ ۋەدە» مۇقەددەس روھنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 2:39 يو. 2‏:30-32؛ ئ‍ەف. 2‏:13. *

40پېترۇس يەنە نۇرغۇن باشقا سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئۇلارغا:

41شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغانلار چۆمۈلدۈرۈلۈشتى. شۇ كۈنى جامائەتكە* قوشۇلغانلار ئۈچ مىڭچە كىشى ئىدى.

42ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىزچىل ھالدا روسۇللارنىڭ تەلىمىگە، ئېتىقادچىلارنىڭ* بىرلىك-ھەمدەملىكىگە، ناننى ئوشتۇشقا ۋە دۇئالارغا بېغىشلىدى. ◼ 2:42 +bd «ئېتىقادچىلارنىڭ بىرلىك-ھەمدەملىكى»+bd* ــ بۇ ئالاھىدە مەنىدە بولۇپ، گرېك تىلىدا «ئورتاقلىق» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆز ھەم خۇدا بىلەن بولغان ئالاقىنى، ھەم ئېتىقادچىلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان زىچ ئالاقىسىنى ۋە خۇدانىڭ شاپائىتىدىن ئورتاق نېسىۋە بولۇشنى بىلدۈرىدۇ. +bd «نان ئوشتۇش»+bd* ــ شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن نان ئوشتۇشىنى كۆرسىتىدۇ («مات.» 26:26-28، «1كور.» 11-باب، 17-34نى كۆرۈڭ).*

43ۋە قورقۇنچ ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى ۋە روسۇللارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن نۇرغۇن كارامەتلەر ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر يۈز بەردى. ◘ 2:43 مار. 16‏:17؛ روس. 5‏:12. *

44پۈتۈن ئېتىقادچىلار داۋاملىق جەم بولۇپ بىللە ياشاپ، بارلىقىنى ئورتاق تۇتۇشتى. ◘ 2:44 قان. 15‏:4؛ روس. 4‏:32. *

45ئۇلار مال-مۈلۈكلىرىنى سېتىپ، پۇلىنى ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ھەممىسىگە تەقسىم قىلىشاتتى. ◘ 2:45 يەش. 58‏:7؛ روس. 4‏:35. *

46ئۇلار ھەر كۈنى ئىبادەتخانا ھويلىسىغا بىر نىيەتتە جەم بولۇشاتتى، ئۆي-ئۆيلەردە خۇشال-خۇراملىق ۋە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ئورتاق غىزالىنىشىپ، ناننى ئوشتۇپ يېيىشىپ، ◼ 2:46 +bd «ئۇلار ھەر كۈنى ... ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ئورتاق غىزالىنىشىپ، ناننى ئوشتۇپ يېيىشىپ،...»+bd* ــ 42:2دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.*

ooter>