روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 23:1-34 UIGB2010 - Bible AI

1پاۋلۇس ئالىي كېڭەشمە ھەيئەتلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ:

2بۇنى ئاڭلىغان باش كاھىن ئانانىياس پاۋلۇسنىڭ* يېنىدا تۇرغانلارغا ئۇنىڭ ئاغزىغا ئۇرۇشنى بۇيرۇدى. ◘ 23:2 1پاد. 22‏:24؛ يەر. 20‏:2؛ يـۇھ. 18‏:22. *

3پاۋلۇس ئۇنىڭغا:

4ــ سەن خۇدانىڭ باش كاھىنىغا ئاشۇنداق ھاقارەت كەلتۈرەمسەن؟! ــ دېيىشتى يېنىدا تۇرغانلار.

5پاۋلۇس:

6لېكىن پاۋلۇس ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ سادۇقىي، يەنە بىر قىسمىنىڭ پەرىسىيلەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئالىي كېڭەشمىدە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن:

7ئۇ بۇ سۆزنى دېيىشى بىلەنلا، پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلار ئارىسىدا جېدەل-غوۋغا قوزغىلىپ، كېڭەشمىدىكىلەر ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى

8(چۈنكى سادۇقىيلار ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشى، ياكى پەرىشتە ياكى روھلار مەۋجۇت ئەمەس، دەيدۇ. لېكىن پەرىسىيلەر ھەممىسىنى ئېتىراپ قىلىدۇ). ◘ 23:8 مات. 22‏:23؛ مار. 12‏:18؛ لۇقا 20‏:27. *

9بۇنىڭ بىلەن قاتتىق بىر چۇقان-سۈرەن كۆتۈرۈلۈپ، پەرىسىي تەرەپدارى بولغان بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ:

10چۇقان-سۈرەن تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەچكە، مىڭبېشى يەھۇدىيلارنىڭ* پاۋلۇسنى تارتىشتۇرۇپ تىتما-تىتما قىلىۋېتىشىدىن قورقۇپ، قىسىمغا زالغا چۈشۈپ ئۇنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن زورلۇق بىلەن تارتىپ چىقىپ، قەلئەگە ئەكىرىپ كېتىشىنى بۇيرۇدى.

11شۇ كۈنى كېچىسى، رەب پاۋلۇسنىڭ يېنىدا تۇرۇپ:

12ئەتىسى ئەتىگەندە، يەھۇدىيلار پاۋلۇسنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلەپ، ئۇنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچنەرسە يېمەيمىز، ئىچمەيمىز، دەپ ئۆزلىرىگە لەنىتى بىر قەسەمنى قىلىشتى. ◘ 23:12 روس. 23‏:21،29،30. *

13بۇ سۇيىقەست قەسىمىنى ئىچكەنلەر قىرىق نەچچە كىشى ئىدى.

14ئۇلار باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا بېرىپ:

15ھازىر سىلەر ۋە ئالىي كېڭەشمە ئۇنىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرۈشنى باھانە قىلىپ، ۋەكىل ئەۋىتىپ ئۇنى كېڭەشمىگە ئېلىپ كېلىشنى مىڭبېشىدىن تەلەپ قىلىڭلار. ئۇ بۇ يەرگە يېقىن كەلمەيلا ئۇنى جايلىۋېتىشكە تەييار تۇرىمىز، ــ دېدى.

16لېكىن پاۋلۇسنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئوغلى بۆكتۈرمىدىن خەۋەر تېپىپ قەلئەگە كىرىپ، پاۋلۇسقا مەلۇم قىلىپ قويدى.

17بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس يۈزبېشىلىرىدىن بىرىنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا:

18يۈزبېشى ئۇنى ئېلىپ مىڭبېشىنىڭ ئالدىغا باشلاپ كىرىپ:

19مىڭبېشى ئۇنى قولىدىن تۇتۇپ، بىر چەتكە تارتىپ:

20ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى:

21ئۇلارغا قايىل بولمىغايلا، چۈنكى قىرىقتىن ئارتۇق ئادەم ئۇنى پايلاپ تۇرىدۇ. ئۇلار پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچنەرسە يېمەيمىز، ئىچمەيمىز، دېگەن قارغىش قەسىمىگە باغلىنىپتۇ. ئۇلار ھازىر ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولۇشلىرىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.

22مىڭبېشى ئۇنىڭغا:

23مىڭبېشى يۈزبېشىدىن ئىككىنى چاقىرتىپ:

24شۇنىڭ بىلەن بىللە، پاۋلۇسنى ۋالىي فېلىكسنىڭ يېنىغا ساق-سالامەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ مىنىشىگە ئۇلاغلارنى تەييارلاڭلار! ــ دەپ بۇيرۇدى. ◼ 23:24 +bd «پاۋلۇسنى ۋالىي فېلىكسنىڭ يېنىغا ساق-سالامەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ مىنىشىگە ئۇلاغلارنى تەييارلاڭلار!»+bd* ــ «ئۇلاغلارنى تەييارلاڭلار!» ــ بىر ئۇلاغ ئەمەس. مىڭبېشى پاۋلۇسنى يېرۇسالېمدىن 100 كىلومېتر يىراق بولغان قەيسەرىيەگە بىخەتەر يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھازىرلىغان كۆپ ئۇلاغلار، ئەلۋەتتە.*

25مىڭبېشى فېلىكسكە* مۇنداق بىر خەت يازدى: ــ

26«ھۆرمەتلىك ۋالىي فېلىكس جانابلىرىغا كلاۋدىيۇس لىسىياستىن سالام!

27ئۇشبۇ ئادەمنى يەھۇدىيلار تۇتۇۋالغان بولۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا، ئۇنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىپ، قىسىمنى باشلاپ بېرىپ ئۇنى قۇتقۇزدۇم. ◼ 23:27 +bd «يەھۇدىيلار ... ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا، ئۇنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىپ، قىسىمنى باشلاپ بېرىپ ئۇنى قۇتقۇزدۇم»+bd* ــ مىڭبېشى لىسىياس ئەمەلىيەتتە پاۋلۇسنى تۇتقاندىن كېيىنلا ئۇنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلگەنىدى.* ◘ 23:27 روس. 21‏:33. *

28مەن ئۇلارنىڭ بۇ كىشى ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىماقچى بولۇپ، ئۇنى يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىگە ئېلىپ باردىم.

29ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەۋرات قانۇنىغا دائىر دەتالاش مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، بىراق ئۇنىڭدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە ياكى زىندانغا تاشلاشقا لايىق بىرەر شىكايەت قىلغۇدەك ئىشنى تاپالمىدىم.

30كېيىن، يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىش قەستىدە يۈرۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئاخبارات ماڭا مەلۇم قىلىنغاندا، دەرھال ئۇنى سىلىگە يوللاتتىم ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىڭغا ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا شىكايەتلىرىنى ئېيتىشىنى بۇيرۇدۇم. خەير!».

31لەشكەرلەر ئەمدى بۇيرۇق بويىچە پاۋلۇسنى كېچىلەپ ئانتىپاترىس شەھىرىگە يەتكۈزدى. ◼ 23:31 +bd «لەشكەرلەر ... پاۋلۇسنى كېچىلەپ ئانتىپاترىس شەھىرىگە يەتكۈزدى.»+bd* ــ ئانتىپاترىس يېرۇسالېمدىن 55 كىلومېتر يىراق، يېرۇسالېم بىلەن قەيسەرىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدا.*

32ئەتىسى، ئاتلىق لەشكەرلەر پاۋلۇسنى ئېلىپ مېڭىشقا قالدۇرۇلۇپ، قالغان لەشكەرلەر يېرۇسالېمدىكى* قەلئەگە قايتىپ كەلدى.

33ئاتلىقلار قەيسەرىيەگە كىرىپ، خەتنى ۋالىيغا تاپشۇردى ۋە پاۋلۇسنىمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا ھازىر قىلدى.

34ۋالىي خەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن، پاۋلۇسنىڭ قايسى ئۆلكىدىن ئىكەنلىكىنى سوراپ، ئۇنىڭ كىلىكىيەدىن كەلگەنلىكىنى بىلىپ، ◼ 23:34 +bd «ۋالىي ... پاۋلۇسنىڭ قايسى ئۆلكىدىن ئىكەنلىكىنى سوراپ،...»+bd* ــ ۋالىينىڭ «قايسى ئۆلكە؟» دېگەن سوئالى گرېك تىلىدا «قايسى خىل ئۆلكە» دېيىلىدۇ. ئىككى خىل ئۆلكە بار ئىدى: (1) ئىمپېراتور ئۆزى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان؛ (2) ۋاسىتىلىك باشقۇرىدىغان. پاۋلۇس ئىككىنچى خىل ئۆلكىدىن بولغان بولسا، ۋالىي ئۆزى پاۋلۇسنىڭ دەۋاسىنى بىۋاسىتە بىر تەرەپ قىلالايتتى.*

footer>