روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 24:1-26 UIGB2010 - Bible AI

1بەش كۈندىن كېيىن، باش كاھىن ئانانىياس ئاقساقاللاردىن بىرنەچچەيلەن ۋە تەرتۇللۇس ئىسىملىك بىر ئادۋوكات بىلەن قەيسەرىيەگە چۈشۈپ، پاۋلۇس توغرىسىدىكى رەسمىي شىكايەتلىرىنى ۋالىيغا سۇندى. ◘ 24:1 روس. 23‏:2. *

2‏-3 پاۋلۇس چاقىرتىلىپ، تەرتۇللۇس ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ مۇنداق دېدى:

4بىراق ئۆز ۋاقىتلىرىنى كۆپ ئېلىپ قويماسلىقىم ئۈچۈن، شەپقەتلىرى بىلەن سۆزىمىزنى قىسقىلا ئاڭلاشلىرىنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن. ◼ 24:4 +bd «ئۆز ۋاقىتلىرىنى كۆپ ئېلىپ قويماسلىقىم ئۈچۈن...»+bd* ــ ياكى «ئۆزلىرىنى ئارتۇقچە ئاۋارە قىلماسلىق ئۈچۈن...».*

5چۈنكى بىز شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى، بۇ ئادەم بالاخور بولۇپ، پۈتكۈل جاھاندىكى يەھۇدىيلار ئارىسىدا ماجىرا-توپىلاڭ پەيدا قىلىشنى كۈشكۈرتكۈچى، شۇنداقلا «ناسارەتلىكلەر» دەپ ئاتالغان مەزھەپنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن بىرىدۇر.

6‏-7 ئۇ بىزنىڭ ئىبادەتخانىمىزنىمۇ بۇلغىماقچى بولغانىدى. شۇڭا، بىز ئۇنى تۇتۇۋالدۇق ۋە ئۇنى ئۆز قانۇنىمىز بويىچە سوتلايتتۇق. لېكىن مىڭبېشى لىسىياس ئەشەددىي زورلۇق بىلەن ئۇنى قوللىرىمىزدىن تارتىۋالدى ۋە ئۇنىڭغا ئەرز قىلغۇچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىشكە بۇيرۇغانىدى. ◼ 24:6‏-7 +bd «ئۇ بىزنىڭ ئىبادەتخانىمىزنىمۇ بۇلغىماقچى بولغانىدى....»+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «ۋە ئۇنى ئۆز قانۇنىمىز بويىچە سوتلايتتۇق. لېكىن مىڭبېشى لىسىياس ئەشەددىي زورلۇق بىلەن ئۇنى قوللىرىمىزدىن تارتىۋالدى ۋە ئۇنىڭغا ئەرز قىلغۇچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىشكە بۇيرۇغانىدى» دېگەن سۆزلەر مۇشۇ يەردە تېپىلماي، پەقەت «ئۇ بىزنىڭ ئىبادەتخانىمىزنىمۇ بۇلغىماقچى بولغانىدى» دېيىلىدۇ.* ◘ 24:6‏-7 روس. 21‏:28. *

8ئۇنى سوراق قىلىپ كۆرسىلە، بىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ئەرزلىرىمىزنىڭ توغرىلىقىنى بىلىپ يېتىدىلا!

9سورۇندا بولغان يەھۇدىيلارمۇ ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىغا قوشۇلۇپ: راست، راست، دەپ شىكايەتنى كۈچەيتتى.

10ۋالىي پاۋلۇسقا سۆز قىلغىن دەپ قول ئىشارىتىنى قىلغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى:

11ئاسانلا بىلەلەيدىلىكى، مەن يېرۇسالېمغا ئىبادەت قىلىشقا بارغىنىمدىن ھازىرغىچە پەقەت ئون ئىككى كۈنلا ئۆتتى.

12ئۇلار مېنىڭ ئىبادەتخانىدا بىرەر ئادەم بىلەن مۇنازىرىلەشكىنىمنى كۆرمىگەن، ياكى سىناگوگلاردا ياكى شەھەردە ئاممىنى توپىلاڭغا قۇتراتقانلىقىمنىمۇ ھېچ كۆرمىدى. ◘ 24:12 روس. 25‏:8؛ 28‏:17. *

13ئۇلار يەنە ھازىر جانابلىرىغا مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرىگە ھېچ ئىسپاتمۇ كەلتۈرەلمەيدۇ.

14بىراق سىلىگە شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى، مەن ئۇلار «مەزھەپ» دەپ ئاتىغان يول بىلەن مېڭىپ، تەۋراتتا ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا پۈتۈلگەنلەرنىڭمۇ ھەممىسىگە ئىشىنىپ، ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ خۇداسىغا ئىبادەت قىلىمەن. ◼ 24:14 +bd «تەۋراتتا ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا پۈتۈلگەنلەرنىڭمۇ ھەممىسىگە ئىشىنىپ،...»+bd* ــ «تەۋراتتا ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى»: يەھۇدىي خەلقى بەزىدە مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن بەش كىتابنى «تەۋرات» ۋە تەۋراتتىكى باشقا قىسىملارنى «زەبۇر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ كىتابلىرى» دەپ ئاتايدۇ. «تەبىرلەر» ۋە تەۋراتتىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.*

15مېنىڭ خۇداغا باغلىغان ئۈمىدىم باركى (بۇ كىشىلەرمۇ بۇ ئۈمىدنى تۇتىدۇ)، كەلگۈسىدە ھەم ھەققانىيلارنىڭ ھەم ھەققانىيسىزلارنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشى بولىدۇ. ◼ 24:15 +bd «مېنىڭ خۇداغا باغلىغان ئۈمىدىم باركى (بۇ كىشىلەرمۇ بۇ ئۈمىدنى تۇتىدۇ)، كەلگۈسىدە ھەم ھەققانىيلارنىڭ ھەم ھەققانىيسىزلارنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشى بولىدۇ»+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرگە شۇ ئايانكى، ئىنجىلدا «ئۈمىد» تىلغا ئېلىنغاندا مۈجمەل بىر تىلەك-ئارزۇ ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ۋەدلىرىگە ئاساسلىنىپ، مۇقىم، پۇختا مەلۇم بىر ئىشنى كۈتۈشنى بىلدۈرىدۇ.*

16شۇ سەۋەبتىن، ئۆزۈم ھەمىشە خۇدا ئالدىدىمۇ، ئىنسانلار ئالدىدىمۇ پاك ۋىجدانلىق بولۇشقا ئىنتىلىمەن. ◘ 24:16 روس. 23‏:1. *

17مەن يېرۇسالېمدىن* ئايرىلغىلى خېلى يىللار بولغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ يەرگە ئۆز خەلقىمگە خەير-سەدىقە يەتكۈزۈپ بەرگىلى ۋە خۇدا ئالدىغا ھەدىيە سۇنغىلى بارغانىدىم. ◘ 24:17 روس. 11‏:29؛ رىم. 15‏:25. *

18مەن بۇ ئىشلاردا بولۇۋاتاتتىم، بۇلار مېنى تازىلىنىش قائىدىسىنى ئادا قىلىپ بولغان چاغدا ئىبادەتخانا ھويلىسىدا ئۇچراتتى؛ لېكىن مەن ئەتراپىمغا ئادەم توپلىغىنىممۇ يوق، مالىمانچىلىق چىقارغىنىممۇ يوق. ◘ 24:18 روس. 21‏:27. *

19ئەمەلىيەتتە مېنى ئۇچراتقانلار بولسا ئاسىيا ئۆلكىسىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئۈستۈمدىن شىكايەتلىرى بار بولسا، ئەسلى ئۇلار ئۆزلىرى كېلىپ، سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا ئەرز قىلىشقا توغرا كېلەتتى.

20بولمىسا، مۇشۇ سورۇندىكىلەر ئالىي كېڭەشمە ئالدىدا تۇرغىنىمدا، مېنىڭدىن قانداق جىنايەت تاپقانلىقىنى ئېيتىپ باقسۇن!

21پەقەت مۇنداق بىر ئىش بولغانىدى: ــ مەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا، «بۈگۈنكى كۈندە ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشى توغرۇلۇق سىلەرنىڭ سورىقىڭلارغا تارتىلغانمەن!» دەپ ۋارقىرىغانىدىم. ◘ 24:21 روس. 23‏:6؛ 28‏:20. *

22رەبنىڭ* يولى توغرۇلۇق تەپسىلىي خەۋىرى بار بولغان فېلىكس سوراقنى توختىتىپ، ئۇلارغا:

23ئۇ يۈزبېشىغا پاۋلۇسنى نەزەربەند ئاستىغا ئېلىپ، ئەمما ئۇنىڭغا بىرئاز كەڭچىلىك قىلىپ، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۇنىڭ ھاجەتلىرىدىن چىقىشىنى توسمىغىن، دەپ بۇيرۇدى. ◘ 24:23 روس. 27‏:3؛ 28‏:16. *

24بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ۋالىي فېلىكس ئايالى درۇسىلا بىلەن بىللە كەلدى (درۇسىلا يەھۇدىي ئىدى). ئۇ پاۋلۇسنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش يولى توغرۇلۇق ئاڭلىدى.

25پاۋلۇس ھەققانىي ياشاش، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، قىيامەت كۈنىدىكى سوئال-سوراق قىلىنىشلار توغرىسىدا سۆزلەۋاتقاندا، فېلىكس ۋەھىمىگە چۈشۈپ ئۇنىڭغا:

26ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پاۋلۇسنىڭ پارا بېرىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنى ئىمكانقەدەر پات-پات چاقىرتىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشەتتى.

footer>