1فېستۇس يەھۇدىيە* ئۆلكىسىگە كىرىپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن قەيسەرىيەدىن چىقىپ يېرۇسالېمغا بارغانىدى. ◼ 25:1 +bd «فېستۇس +bdit يەھۇدىيە+bdit* ئۆلكىسىگە كىرىپ...»+bd* ــ ياكى «فېستۇس ئۆلكىنىڭ ۋالىيلىقىغا كىرىپ،...».*
2باش كاھىنلار بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ مۆتىۋەرلىرى ئۇنىڭ ئالدىدا پاۋلۇسنىڭ ئۈستىدىن رەسمىي شىكايەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئىلتىپات سوراپ، ئادەم ئەۋىتىپ پاۋلۇسنى
3يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىشنى ئۆتۈندى. مەقسىتى، ئۇلار يول ئۈستىدە بۆكتۈرمە تەييارلاپ پاۋلۇسنى ئۆلتۈرۈش ئىدى.
4فېستۇس بۇنى ئاڭلاپ ئۇلارغا:
5ئاراڭلاردىن ھوقۇقدار بولغانلار مەن بىلەن بىللە چۈشسۇن. ئەگەر ئۇنىڭ بىرەر ئەيىبى بولسا، ئۇلار شۇ يەردە شىكايەت قىلسا بولىدۇ، ــ دەپ جاۋاب بەردى.
6فېستۇس ئۇلارنىڭ ئىچىدە سەككىز-ئون كۈندىن ئارتۇق تۇرماي، قەيسەرىيەگە قايتىپ چۈشتى. ئەتىسى سوراق تەختىگە ئولتۇرۇپ، پاۋلۇسنى ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدى.
7پاۋلۇس كەلگەندە، يېرۇسالېمدىن چۈشكەن يەھۇدىيلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئېغىر جىنايەتلەر بىلەن قارىلاپ شىكايەتلەرنى قىلدى. بىراق بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىدى.
8پاۋلۇس ئۆزىنى ئاقلاپ:
9لېكىن، فېستۇس يەھۇدىيلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا، ئۇلارغا ئىلتىپات كۆرسەتمەكچى بولۇپ پاۋلۇستىن:
10لېكىن پاۋلۇس جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
11ئەگەر جىنايىتىم بولسا، شۇنداقلا ئۆلۈمگە لايىق بىرەر ئىش قىلغان بولسام، مەن ئۆزۈمنى ئۆلۈمدىن قاچۇرمايمەن. بىراق ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرىنىڭ ئاساسى بولمىسا، ھېچكىمنىڭ مېنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە ھەققى يوق. مەن قەيسەرگە مۇراجىئەت قىلىمەن! ◼ 25:11 +bd «ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرىنىڭ ئاساسى بولمىسا، ھېچكىمنىڭ مېنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە ھەققى يوق. مەن قەيسەرگە مۇراجىئەت قىلىمەن!»+bd* ــ ھەربىر رىم پۇقراسى شىكايەت قىلىنغاندا سوتنىڭ قارارىغا نارازى بولسا، يۇقىرىغا (قەيسەرنىڭ ئۆزىگە) مۇراجىئەت قىلىش ھوقۇقى بار ئىدى.* ◘ 25:11 روس. 18:14. *
12ئاندىن فېستۇس مەسلىھەتچىلىرى بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىن، پاۋلۇسقا:
13بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ئاگرىپپا خان بىلەن سىڭلىسى* بەرنىكى فېستۇسقا تەبرىك-سالامغا قەيسەرىيەگە كەلدى.
14ئۇ يەردە ئۇزۇن كۈنلەر تۇرغاندىن كېيىن، فېستۇس پاۋلۇسنىڭ ئىشىنى خانغا مەلۇم قىلىپ:
15مەن يېرۇسالېمغا بارغىنىمدا، يەھۇدىي باش كاھىنلىرى بىلەن ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، مەندىن ئۇنى جازاغا مەھكۇم قىلىشىمنى تەلەپ قىلىشتى.
16مەن ئۇلارغا، ئەرز قىلىنغۇچى ئەرز قىلغۇچىلار بىلەن يۈزلەشتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىلمىگۈچە، ئۇنى جازاغا تاپشۇرۇش رىملىقلارنىڭ ئادىتى ئەمەستۇر، دەپ ئېيتتىم.
17شۇڭا ئۇلار مەن بىلەن بىللە بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، مەن ۋاقىتنى كەينىگە سوزماي، ئەتىسىلا سوراق تەختىگە ئولتۇرۇپ ئۇ كىشىنى ئەكىلىشنى بۇيرۇدۇم.
18ئەرز قىلغۇچىلار ئورۇنلىرىدىن تۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغانلىرى مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك رەزىل ئىشلار ئەمەس ئىدى،
19بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆز ئىبادەت تۈزۈمى توغرۇلۇق ۋە ئەيسا ئىسىملىك بىر كىشى ھەققىدە مەلۇم تالاش-تارتىش مەسىلىلىرى بار ئىكەن. ئۇ كىشى ئۆلگەن بولۇپ، پاۋلۇس بولسا ئۇ تىرىلدى دەيدىكەن.
20بۇ مەسىلىلەرنى زادى قانداق ئېنىقلاشنى بىلەلمەي، مەن پاۋلۇستىن يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۇ يەردە بۇ ئىشلار توغرۇلۇق سوراققا تارتىلىشقا رازى بولۇش-بولماسلىقىنى سورىغانىدىم.
21پاۋلۇس سولاقتا تۇرۇپ ئىمپېراتور جانابلىرىنىڭ سوراق قارارىنى چىقىرىشىنى مۇراجىئەت قىلغاندىن كېيىن، مەن ئۇنى قەيسەرنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكۈچە، سولاقتا تۇتۇپ تۇرۇشنى بۇيرۇدۇم.
22ئاگرىپپا فېستۇسقا:
23شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى، ئاگرىپپا بىلەن بەرنىكى ھەيۋەت بىلەن ئاممىۋىي يىغىن زالىغا كىرىپ كەلدى، مىڭبېشىلار ۋە شەھەر كاتتىۋاشلىرىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە كىرىپ كېلىشتى. فېستۇس ئەمر قىلىۋىدى، پاۋلۇس ئېلىپ كىرىلدى.
24فېستۇس مۇنداق دېدى:
25لېكىن مەن ئۇنىڭدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك بىرەر جىنايەت تاپالمىدىم. ھازىر بۇ كىشى ئىمپېراتور جانابلىرىغا مۇراجىئەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى رىمغا* ئەۋەتىشنى قارار قىلدىم. ◘ 25:25 روس. 23:9؛ 26:31. *
26بىراق ئۇنىڭ ھەققىدە غوجامغا مەلۇم قىلىپ يازغۇدەك ئىش يوق. شۇنىڭ بىلەن ئەھۋالنى رەسمىي تەكشۈرۈپ بىرەر يازغۇدەك مەلۇماتقا ئىگە بولۇش مەقسىتىدە ئۇنى ھەربىرلىرىنىڭ ئالدىغا، بولۇپمۇ سىلى، ئاگرىپپا پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدىم.