1شۇنىڭ بىلەن، ئاگرىپپا پاۋلۇسقا:
2-3 ــ ئى ئاگرىپپا خان، بۈگۈن ئالدىلىرىدا يەھۇدىيلار مېنىڭ ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلغان پۈتۈن ئىشلار توغرۇلۇق جاۋاب بېرىش پۇرسىتىگە نېسىپ بولغانلىقىم ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشلىرىدىن خەۋەرلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن! شۇنىڭ ئۈچۈن دېگەنلىرىمنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ بېقىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن.
4مېنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىمدا، يەنى كىچىكىمدىن تارتىپ ئۆز ئېلىمدە، يېرۇسالېمدا يۈرۈش-تۇرۇشۇمنىڭ قانداق ئىكەنلىكى يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسىگە ئايان.
5ئۇلار شۇ دەسلەپكى ۋاقتىمدىن بېرى مېنى تونۇغاچقا (ئەگەر خالىسائىدى، شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرەتتى)، مېنىڭ ئىبادەت تۈزۈمىدىكى ئەڭ تەلەپچان مەزھەپنىڭ شەرتلىرى بويىچە ياشاپ، يەنى پەرىسىي بولۇپ ئۆمرۈمنى ئۆتكۈزگىنىمنى بىلىدۇ.
6ئەمدى مەن خۇدا ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قىلغان ۋەدىگە باغلىغان ئۈمىدىم تۈپەيلىدىن ھازىر سوراق قىلىنىۋاتىمەن. ◘ 26:6 يار. 3:15؛ 22:18؛ 26:4؛ 49:10؛ قان. 18:15؛ 2سام. 7:12؛ زەب. 132:11؛ يەش. 4:2؛ 7:14؛ 9:5؛ 40:10؛ يەر. 23:5؛ 33:14؛ ئەز. 34:23؛ 37:24؛ دان. 9:24؛ مىك. 7:20. *
7شۇ ۋەدىنىڭ* نېسىۋىسىگە يېتىشنى بىزنىڭ پۈتكۈل ئون ئىككى قەبىلىمىز كېچە-كۈندۈز توختاۋسىز خۇداغا ئىبادەت قىلىپ ئۈمىد قىلماقتا. ئى ئالىيلىرى، يەھۇدىيلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرى دەل شۇ ئۈمىدكە باغلىقتۇر!
8خالايىق*، خۇدا ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرسە، نېمە ئۈچۈن ئىشىنىشكە بولمايدۇ، دەپ قارايسىلەر؟ ◼ 26:8 +bd «خالايىق، خۇدا ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرسە، نېمە ئۈچۈن ئىشىنىشكە بولمايدۇ، دەپ قارايسىلەر؟»+bd* ــ دېمىسەكمۇ، پاۋلۇس كۆزدە تۇتقان ئۈمىد (7-ئايەتنى كۆرۈڭ) خۇدانىڭ ۋەدىسى بىلەن، مەسىھ ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ھاياتقا تىرىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.*
9دەرۋەقە، ئۆزۈممۇ ئەسلىدە ناسارەتلىك ئەيسانىڭ نامىغا قارشى نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك دەپ قايىل ئىدىم ◘ 26:9 روس. 8:3؛ 9:1؛ 22:4؛ 1كور. 15:9؛ گال. 1:13؛ 1تىم. 1:13. *
10ۋە يېرۇسالېمدا ئەنە شۇنداق ئىشلارنى قىلغانىدىم. باش كاھىنلاردىن ھوقۇق ئېلىپ، ئۆزۈم خۇدانىڭ نۇرغۇن مۇقەددەس بەندىلىرىنى زىندانغا تۇتۇپ بەرگەن، ئۇلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغاندىمۇ، ھۆكۈمگە ئاۋاز قوشقانىدىم. ◼ 26:10 +bd «ئۇلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغاندىمۇ، ھۆكۈمگە ئاۋاز قوشقانىدىم»+bd* ــ «ئاۋاز قوشقانىدىم» گرېك تىلىدا «مەن ئۇلارغا قارا تاش تاشلىدىم». يەھۇدىيلار ئارىسىدا كونا زامانلاردا «ئاۋاز بېرىش» ئاق ياكى قارا بىر تاشنى تاشلاش بىلەن بىلدۈرۈلەتتى.*
11مەن ھەممە سىناگوگلاردا كۆپ قېتىم ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىپ جازالاپ، كۇپۇرلۇق گەپ قىلىشقا زورلىغانىدىم. مەن ئۇلارغا تەلۋىلەرچە ئۆچ بولۇپ، ھەتتا ياقا يۇرتتىكى شەھەرلەرگە بېرىپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغانىدىم. ◼ 26:11 +bd «مەن ... ئۇلارنى ... كۇپۇرلۇق گەپ قىلىشقا زورلىغانىدىم»+bd* ــ «كۇپۇرلۇق گەپ قىلىش» مۇشۇ يەردە مەنىسى بەلكىم مەسىھكە كۇپۇرلۇق سۆز قىلىپ، ئېتىقادتىن ۋاز كېچىشنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.*
12بۇ ئىشلاردا بولۇپ باش كاھىنلار بەرگەن تولۇق ۋەكىللىك ھوقۇقى بىلەن دەمەشق شەھىرىگە قاراپ سەپەر قىلىۋاتاتتىم.
13چۈش ۋاقتىدا يولدا كېتىۋېتىپ، ئاسماندىن چۈشكەن، قۇياش نۇرىدىنمۇ كۈچلۈك بىر نۇرنىڭ ئەتراپىمنى ۋە بىللە كېتىۋاتقانلارنى يورۇتۇۋەتكەنلىكىنى كۆردۈم.
14ھەممىمىز يەرگە يىقىلغان بولۇپ مەن ئىبرانىي تىلىدا ئېيتىلغان: «ئەي سائۇل، سائۇل! ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ سېنى زىخلاشلارغا قارشى تەپمىكىڭ سەن ئۈچۈن تەس كېلىدۇ!» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ◼ 26:14 +bd «سېنى زىخلاشلارغا قارشى تەپمىكىڭ سەن ئۈچۈن تەس كېلىدۇ!»+bd* ــ رەب سائۇلنى جاھىل ئېشەككە ئوخشىتىدۇ. ئېشەكنى ئىگىسى زىخلىغاندا ماڭماي قىيىق ئاتسا تېخىمۇ ئازاب تارتىدۇ، ئەلۋەتتە. سائۇلنىڭ ۋىجدانى شۇنىڭغا ئوخشاش رەبنىڭ بەندىلىرىگە يامانلىق قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن سانجىلغان بولسا كېرەك.*
15مەن: ــ «ئى رەب، سەن كىمسەن؟» دەپ سورىسام، رەب ماڭا: «مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئەيسادۇرمەن!
16ئەمدى ئورنۇڭدىن تۇر؛ چۈنكى مەن سېنى سەن كۆرگەن ئىشلارغا ھەمدە ئۆزۈم ساڭا ئايان قىلىنغىنىمدا كۆرىدىغان ئىشلارغا خەزىنىچى غوجىدار ۋە گۇۋاھلىق بەرگۈچى بولۇشقا تىكلەش ئۈچۈن، ساڭا ئايان بولدۇم. ◼ 26:16 +bd «ئۆزۈم ساڭا ئايان قىلىنغىنىمدا كۆرىدىغان ئىشلارغا خەزىنىچى غوجىدار ۋە گۇۋاھلىق بەرگۈچى بولۇشقا تىكلەش ئۈچۈن، ساڭا ئايان بولدۇم»+bd* ــ «خەزىنىچى غوجىدار» نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ دېمەك، سائۇل مەسىھ ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ۋە تاپشۇرىدىغان ۋەھىيلەرنى ۋە كالام-سوزنى ساقلاشقا مەسئۇل بولغان «خەزىنىچى» ياكى «ئامانەتچى» بولىدۇ ۋە كەلگۈسىدە بۇ ھەقىقەتلەرنى بارلىق جامائەتلەرگە يەتكۈزۈش خىزمىتىدە بولىدۇ.*
17-18 مەن سېنى ئۆز خەلقىڭنىڭ ھەم ئەللەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىمەن ــ چۈنكى مەن سېنى يات ئەللىكلەرنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، شەيتاننىڭ ئىلكىدىن خۇداغا باغلىنىشقا بۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈمىگە، شۇنداقلا ماڭا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق پاك-مۇقەددەس قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدا مىراسقا مۇيەسسەر بولىدۇ» ــ دېدى. ◘ 26:17-18 يەش. 60:1. *
19شۇڭا، ئى ئاگرىپپا ئالىيلىرى، مەن ئەرشتىن كەلگەن بۇ غايىبانە كۆرۈنۈشكە ئىتائەتسىزلىك قىلمىدىم.
20بەلكى ئالدى بىلەن دەمەشق خەلقىگە، ئاندىن يېرۇسالېم شەھىرىدىكىلەرگە، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكىلەرگە ھەمدە يات ئەللىكلەرگىمۇ، «توۋا قىلىپ، خۇداغا باغلىنىڭلار، شۇنداقلا توۋا قىلىشقا ئۇيغۇن ئەمەللەرنى كۆرسىتىڭلار» دەپ جاكارلاپ خەۋەر يەتكۈزۈپ كەلدىم. ◘ 26:20 روس. 9:19،28؛ 22:17،21. *
21بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن يەھۇدىيلار مېنى ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تۇتۇپ، مۇشتلاپ ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇشتى. ◘ 26:21 روس. 21:30. *
22لېكىن بۈگۈنگىچە خۇدانىڭ ياردەم-مەدىتىگە مۇيەسسەر بولۇپ مەن چىڭ تۇرۇۋاتىمەن، تۆۋەندىكىلەر بولسۇن يۇقىرىدىكىلەر بولسۇن ھەممەيلەنگە گۇۋاھلىق بېرىپ كەلدىم. گۇۋاھلىقىم دەل پەيغەمبەرلەر ھەم مۇسا ئۆزى بېشارەت قىلىپ ئېيتقانلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ــ
23دېمەك، مەسىھ جەزمەن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، تۇنجى بولۇپ ئۆلۈمدىن تىرىلگۈچى بولۇپ يەھۇدىي* خەلقىگە ھەم پۈتكۈل ئەللەرگىمۇ يورۇقلۇق جاكارلايدۇ. ◘ 26:23 يەش. 60:1-3، 19، 20*
24پاۋلۇس بۇ ئىشلارنى ئېيتىپ ئۆزىنى شۇنداق ئاقلاش جاۋابىنى بەرگەندە، فېستۇس يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭغا:
25لېكىن پاۋلۇس: ــ ساراڭ ئەمەسمەن، ئى فېستۇس جانابلىرى، مەن بەلكى ھەقىقەتكە ئۇيغۇن ھەم سالمىقى بار سۆزلەرنى جار قىلىمەن.
26چۈنكى ئاگرىپپا* ئالىيلىرىنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى بار. مەن ئۇنىڭغا يۈرەكلىك بىلەن ئوچۇق سۆزلەۋاتىمەن، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئۇنىڭدىن يوشۇرۇن ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمەن. چۈنكى بۇ ئىش بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا قىلىنغان ئەمەس! ◼ 26:26 +bd «چۈنكى بۇ ئىش بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا قىلىنغان ئەمەس!»+bd* ــ «بۇ ئىش» ــ مەسىھنىڭ تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتىرى، ئۆلۈمى ۋە تىرىلىشى، دېمەك.*
27ــ ئەي ئاگرىپپا ئالىيلىرى، ئۆزلىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئىشىنەمدىلا؟ مەن ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى بىلىمەن! ــ دېدى.
28ئاگرىپپا پاۋلۇسقا:
29پاۋلۇس:
30شۇنىڭ بىلەن ئاگرىپپا* خان، شۇنداقلا ۋالىي، بەرنىكى ۋە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرغانلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ،
31زالدىن* چىقىپ، بىر-بىرىگە: