روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 4:1-36 UIGB2010 - Bible AI

1پېترۇس بىلەن يۇھاننا خالايىققا گەپ قىلىۋاتقاندا، كاھىنلار، ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقى ۋە سادۇقىيلار ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ قالدى. ◼ 4:1 +bd «سادۇقىيلار»+bd* ــ يەھۇدىيلارنىڭ بىر مەزھىپى. ئۇلار توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.*

2ئۇلار روسۇللارنىڭ* خالايىققا تەلىم بېرىشى، جۈملىدىن «ئەيسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۆلگەنلەر تىرىلدۈرۈلىدۇ» دەپ جاكارلىغىنى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەسەبىيلەشتى . ◼ 4:2 +bd «ئۇلار روسۇللارنىڭ... «ئەيسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۆلگەنلەر تىرىلدۈرۈلىدۇ» دەپ جاكارلىغىنى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەسەبىيلەشتى»+bd* ــ «ئەسەبىيلەشتى» ياكى «غەزەپلەندى». «ئۆلگەنلەر تىرىلدۈرۈلىدۇ» دېگەن گەپ سادۇقىيلارنى ئىنتايىن غەزەپلەندۈرگەن بولسا كېرەك، چۈنكى ئۇلار بۇ نۇقتىغا قەتئىي ئىشەنمەيتتى.*

3ئۇلار ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئەتىسىگىچە تۈرمىگە سولاپ قويدى، چۈنكى كەچ كىرىپ قالغانىدى. ◼ 4:3 +bd «ئۇلار ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئەتىسىگىچە تۈرمىگە سولاپ قويدى...»+bd* ــ «ئۇلارنى» ــ پېترۇس، يۇھاننا ۋە ئۇلارغا ئېسىلىپ چىڭ تۇتقان، ساقايتىلغان توكۇر كىشىنى كۆرسىتىدۇ (9-، 10-، 14-ئايەتنى كۆرۈڭ).*

4لېكىن جار قىلىنغان سۆز-كالامنى ئاڭلىغانلارنىڭ كۆپى ئېتىقاد قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئېتىقاد قىلغان ئەرلەرنىڭ سانىلا بەش مىڭغا يەتتى.

5ئەتىسى، يەھۇدىيلارنىڭ كېڭەشمىسىدىكى* باشلىقلار، ئاقساقاللار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يېرۇسالېمدا توپلاندى.

6ئۇلارنىڭ ئارىسىدا باش كاھىن ئانناس، قايافاس، يۇھاننا، ئىسكەندەر ۋە باش كاھىننىڭ باشقا جەمەتىدىكىلەر بار ئىدى.

7ئۇلار پېترۇس بىلەن يۇھاننانى* ئارىسىغا تۇرغۇزۇپ:

8پېترۇس مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلغان ھالدا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

9ئەگەر بىز بۈگۈن بۇ توكۇر ئادەمگە كۆرسەتكەن ياخشى ئەمەل ھەم ئۇنىڭ قانداق ساقايتىلغانلىقى سەۋەبلىك سوراققا تارتىلغان بولساق،

10سىلەر ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى شۇنى بىلسۇنكى، سىلەر كرېستلىگەن، ئەمما خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ناسارەتلىك ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن، ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتى* ئارقىلىق بۇ كىشى مۇشۇ يەردە ئالدىڭلاردا پۈتۈنلەي ساق-سالامەت تۇرىدۇ!

11بۇ ئەيسا* بولسا، مۇقەددەس يازمىلاردا* پۈتۈلگەندەك*، دەل سىلەر تامچىلار ئېتىبارسىز دەپ تاشلىۋەتكەن، بىراق بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەنگەن تاشتۇر. ◼ 4:11 +bd «بۇ ئەيسا بولسا، مۇقەددەس يازمىلاردا پۈتۈلگەندەك، دەل سىلەر تامچىلار ئېتىبارسىز دەپ تاشلىۋەتكەن، بىراق بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەنگەن تاشتۇر»+bd* ــ «زەب.» 2:118.* ◘ 4:11 زەب. 118‏:22؛ يەش. 28‏:16؛ مات. 21‏:42؛ مار. 12‏:10؛ لۇقا 20‏:17؛ رىم. 9‏:33؛ 1پېت. 2‏:7. *

12ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمدە نىجاتلىق يوق، چۈنكى پۈتكۈل ئاسمان ئاستىدا ئىنسانلار ئارىسىغا تەقدىم قىلىنغان، ئەيسادىن باشقا بىزنى قۇتقۇزىدىغان ھېچقانداق بىر نام يوقتۇر. ◘ 4:12 مات. 1‏:21؛ روس. 10‏:43؛ 1تىم. 2‏:5. *

13پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ بۇ جۈرئىتىنى كۆرگەن ھۆكۈمرانلار ئۇلارنىڭ ئوقۇمىغان ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ھەيران بولۇشتى؛ ئۇلارنىڭ بۇرۇن ئەيسا بىلەن بىللە بولغانلىقىنىمۇ بىلدى. ◼ 4:13 +bd «ئۇلارنىڭ ئوقۇمىغان ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئىكەنلىكى...»+bd* ــ «ئوقۇمىغان» پۈتۈنلەي ساۋاتسىز دېگەنلىك ئەمەس، پەقەت (ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىدا) تەۋراتقا شەرھ بېرىشكە سالاھىيىتى يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. «ئادەتتىكى» «ھېچ ئالاھىدە تەربىيە كۆرمىگەن» دېگەن مەنىدە.*

14ئۇنىڭ ئۈستىگە، ساقايغان ھېلىقى ئادەمنىڭ ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلار ھېچقانداق گەپ ياندۇرالمىدى.

15شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمرانلار ئۇلارنى كېڭەشمىدىن چىقىشقا بۇيرۇدى. ئاندىن بىر-بىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ:

16ــ بۇلارنى قانداق قىلىمىز؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن خېلى كۆرۈنەرلىك مۆجىزىلىك بىر ئالامەت يۈز بەرگەنلىكى پۈتكۈل يېرۇسالېمدىكىلەرگە ئايان بولدى ۋە بىز ئۇنى ئىنكار قىلىشقا ئامالسىزمىز. ◘ 4:16 يـۇھ. 11‏:47. *

17لېكىن بۇ ئىشنىڭ خەلق ئىچىدە تېخىمۇ كەڭ يېيىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇندىن كېيىن بۇ ئادەمنىڭ نامىدا ھېچكىمگە ھېچنېمە دېمەسلىككە ئاگاھ-تەھدىت سالايلى! ــ دېيىشتى.

18شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى چاقىرتىپ، بۇندىن كېيىن ئەيسانىڭ نامىدا ھېچ سۆزلىمەسلىك ياكى تەلىم بەرمەسلىكنى قەتئىي بۇيرۇدى.

19لېكىن پېترۇس بىلەن يۇھاننا:

20ئەمما بىز بولساق، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئېيتماي تۇرالمايمىز! ــ دەپ جاۋاب بەردى.

21ھۆكۈمرانلار* بولسا خالايىقتىن قورقۇپ، ئۇلارنى جازالاشقا لايىق سەۋەب تاپالماي، ئۇلارغا تېخىمۇ تەھدىت سېلىپ، قويۇپ بەردى. چۈنكى خالايىق بولغان ۋەقە تۈپەيلىدىن خۇدانى ئۇلۇغلىغانىدى. ◘ 4:21 روس. 3‏:7، 8؛ 5‏:26. *

22چۈنكى بۇ ساقايتىلىش مۆجىزىلىك ئالامىتى كۆرسىتىلگەن كىشىنىڭ يېشى قىرىقتىن ئاشقانىدى.

23ئۇلار قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۆز ھەمراھلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى باشتىن-ئاخىر كۆپچىلىككە ئۇقتۇردى. ◼ 4:23 +bd «ئۆز ھەمراھلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ...»+bd* ــ «ئۆز ھەمراھلىرى» ئۆز ئۆيىدىكىلەرنى ئەمەس، بەلكى جامائەتتىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.* ◘ 4:23 روس. 12‏:12. *

24ئۇلار بۇنى ئاڭلىغاندا، ئاۋازىنى بىر نىيەت بىر دىل بىلەن خۇداغا كۆتۈرۈپ مۇنداق نىدا قىلدى:

25سەن مۇقەددەس روھ بىلەن خىزمەتكارىڭ بولغان داۋۇتنىڭ ئاغزى ئارقىلىق مۇنداق دېگەنغۇ:

26دۇنيادىكى پادىشاھلار سەپ تارتىپ،

27ــ چۈنكى دەرۋەقە دەل بۇ شەھەردە ھېرود ھەم پونتىئۇس پىلاتۇس، يات ئەللىكلەر ھەم ئىسرائىل خەلقلىرى بىرلىشىپ، سەن مەسىھلىگەن مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ ئەيساغا قارشى چىقىپ توپلانغانىدى، ◘ 4:27 مات. 26‏:3؛ مار. 14‏:1؛ لۇقا 22‏:2؛ يـۇھ. 11‏:47. *

28شۇنىڭ بىلەن كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە ئىرادەڭ بويىچە سەن بۇرۇنلا نېمىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى بېكىتكەن بولساڭ، ئۇلار شۇلارنى قىلغان. ◼ 4:28 +bd «كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە ئىرادەڭ بويىچە...»+bd* ــ گرېك تىلىدا: «قولۇڭ ۋە ئىرادەڭ بويىچە...». +bd «سەن بۇرۇنلا نېمىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى بېكىتكەن بولساڭ، ئۇلار شۇلارنى قىلغان»+bd* ــ دېمەك، مۇشۇ كىشىلەرنىڭ خۇداغا ۋە ئۇنىڭ مەسىھىگە قارشى ئىنتايىن يامان نىيىتى بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەيسانى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى بەرىبىر خۇدا ئۆزىنىڭ كارامەت پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىدى.*

29ئەمدى ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ سېلىۋاتقان تەھدىتلىرىنى كۆرگەيسەن، قۇللىرىڭنى سۆز-كالامىڭنى تولۇق يۈرەكلىك بىلەن سۆزلەپ يەتكۈزىدىغان قىلغايسەن؛

30ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا قولۇڭنى ئۇزىتىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ ئەيسانىڭ نامىدا مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى ياراتقايسەن. ◘ 4:30 مار. 16‏:17. *

31ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشقاندا، ئۇلار تۇرغان يەر تەۋرىنىپ كەتتى. ئۇلار ھەممىسى مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يۈرەكلىك سۆزلەپ يەتكۈزۈشكە باشلىدى. ◘ 4:31 روس. 16‏:26. *

32توپ-توپ ئېتىقادچىلار بىر جان-بىر دىل، بىر مەقسەتتە ئىدى. ھېچكىم ئۆزىگە تەئەللۇق پۇل-مېلىنى «ئۆزۈمنىڭ» دېمەيتتى، بەلكى ھەممىسىگە ئورتاق ئىدى. ◘ 4:32 روس. 2‏:44؛ 1پېت. 3‏:8. *

33روسۇللار زور كۈچ-قۇدرەت بىلەن رەب ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرەتتى. خۇدانىڭ زور مېھىر-شەپقىتى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە قوندى.

34ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەرنىڭ ھېچنېمىگە ھاجىتى چۈشمەيتتى. چۈنكى يەر-زېمىن، ئۆي-جاي ئىگىدارلىرى بولغانلار ئۇلارنى سېتىپ، پۇلىنى ئېلىپ كېلىپ

35روسۇللارنىڭ ئايىغى ئالدىغا قوياتتى؛ ئاندىن ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلىناتتى. ◘ 4:35 يەش. 58‏:7. *

36ئۇلارنىڭ ئىچىدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان، سىپرۇستا تۇغۇلغان يۈسۈپ ئىسىملىك بىرسى بار ئىدى (روسۇللار ئۇنى بارناباس، يەنى «رىغبەتلەندۈرگۈچى ئوغۇل بالا» دەپ ئاتىغان)؛ ◼ 4:36 +bd «ئۇلارنىڭ ئىچىدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان، سىپرۇستا تۇغۇلغان يۈسۈپ ئىسىملىك بىرسى بار ئىدى... بارناباس.. دەپ ئاتىغان»+bd* ــ بارناباس لاۋىيلىق بولغاچقا، بەلكىم ئىبادەتخانىدا ئىشلىگەنىدى.*

ooter>