روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5:1-41 UIGB2010 - Bible AI

1ئەمدى ئانانىياس ئىسىملىك يەنە بىر ئادەممۇ ئايالى سافىرا بىلەن بىر پارچە يېرىنى ساتتى. ◼ 5:1 +bd «ئانانىياس ئىسىملىك يەنە بىر ئادەم...»+bd* ــ «ئانانىياس» بەلكىم ئىبرانىي تىلىدىكى «ھانانىيا» دېگەننىڭ گرېك تىلىدىكى شەكلى بولۇشى مۇمكىن.*

2ئانانىياس پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزىگە قالدۇردى، يەنى بىر قىسمىنى ئېلىپ كېلىپ، روسۇللارنىڭ ئايىغى ئالدىغا قويدى. ئايالىمۇ بۇنىڭدىن تولۇق خەۋەردار ئىدى. ◼ 5:2 +bd «ئانانىياس پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزىگە قالدۇردى، يەنى بىر قىسمىنى ئېلىپ كېلىپ، روسۇللارنىڭ ئايىغى ئالدىغا قويدى. ئايالىمۇ بۇنىڭدىن تولۇق خەۋەردار ئىدى»+bd* ــ بۇ ئىشقا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئۆزلىرىنىڭ سېخىيلىقىنى كۆز-كۆز قىلىپ: «مانا بىز باشقىلارغا ئوخشاش ھەممە نەرسىمىزنى خۇدانىڭ يولىغا بېغىشلىدۇق» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەر ساتقان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى يەر ساتقان پۇلنىڭ ھەممىسى، دەپ يالغان ئېيتقانىدى.*

3بىراق پېترۇس ئۇنىڭغا:

4يەر سېتىلمىغاندا، سېنىڭكى ئەمەسمىدى؟ سېتىلغاندىن كېيىن، پۇلمۇ ئۆز ئىختىيارىڭدا بولمامتى؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمىشقا قەلبىڭدە بۇ ئىشنى نىيەت قىلدىڭ؟ سەن ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى خۇداغا يالغان ئېيتتىڭ! ــ دېدى.

5ئانانىياس بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ھامان يىقىلىپ جان ئۈزدى. بۇ ئىشنى ئاڭلىغۇچىلارنى قاتتىق قورقۇنچ باستى.

6ئەمدى ياش يىگىتلەر ئورنىدىن تۇرۇپ جەسەتنى كېپەنلەپ، سىرتقا ئاپىرىپ دەپنە قىلدى.

7تەخمىنەن ئۈچ سائەتتىن كېيىن، ئانانىياسنىڭ* ئايالى كىرىپ كەلدى؛ بىراق ئۇ بولغان ۋەقەدىن خەۋەرسىز ئىدى.

8پېترۇس ئۇنىڭدىن:

9پېترۇس:

10ئۇمۇ شۇئان ئۇنىڭ ئاياغلىرى ئالدىغا يىقىلىپ، جان بەردى. ھېلىقى ياش يىگىتلەر كىرىپ، ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆردى؛ ئۇلار ئۇنىمۇ ئېلىپ بېرىپ ئېرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلدى.

11پۈتۈن جامائەتنى، شۇنداقلا بۇ ئىشنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەربىرىنى قاتتىق قورقۇنچ باستى.

12روسۇللارنىڭ قولى ئارقىلىق خەلق ئىچىدە نۇرغۇن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەر كۆرسىتىلدى (بارلىق ئېتىقادچىلار* بىر نىيەتتە بولۇپ ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايمان پېشايۋىنى»دا دائىم جەم بولاتتى. ◘ 5:12 مار. 16‏:17؛ روس. 2‏:43. *

13بىراق باشقا كىشىلەر ئۇلارغا قوشۇلۇشقا جۈرئەت قىلالمايتتى؛ ئەمما خالايىق ئۇلارنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيتتى.

14شۇنداقتىمۇ، ئېتىقاد قىلغۇچىلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، ھەم ئەرلەر ھەم ئاياللار توپ-توپ بولۇپ رەبگە قوشۇلغىلى تۇردى).

15شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ھەتتا پېترۇس ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ سايىسى بولسىمۇ ئۈستىگە چۈشسۇن دەپ، كېسەللەرنى كوچىلارغا ئېلىپ چىقىپ كۆرپە ۋە زەمبىللەرگە ياتقۇزۇپ قوياتتى.

16يەنە توپ-توپ كىشىلەر يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى شەھەر-يېزىلاردىن كېسەللەرنى ۋە ناپاك روھلار چاپلىشىۋالغان كىشىلەرنى ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساقىيىپ قايتىشاتتى. ◘ 5:16 مار. 16‏:17؛ روس. 8‏:7؛ 16‏:18؛ 19‏:12. *

17باش كاھىن ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى، يەنى سادۇقىي مەزھەپىدىكىلەر قوزغىلىپ بۇ ئىشلارغا غەزەپلىنىپ،

18روسۇللارنى تۇتقۇن قىلىپ، قاماقخانىغا قامىدى. ◼ 5:18 +bd «روسۇللارنى تۇتقۇن قىلىپ، قاماقخانىغا قامىدى»+bd* ــ مۇشۇ يەردىكى «قاماقخانا» گرېك تىلىدا «ئاممىۋىي تۈرمە» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.*

19لېكىن شۇ كېچە، رەبنىڭ بىر پەرىشتىسى قاماقخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ، روسۇللارنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارغا: ◘ 5:19 روس. 12‏:7؛ 16‏:26. *

20ــ سىلەر ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، خالايىققا بۇ ھاياتلىق توغرىسىدىكى ھەممە سۆزلەرنى جاكارلاڭلار ــ دەپ تاپىلىدى.

21روسۇللار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، تاڭ ئاتقاندا ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، كىشىلەرگە تەلىم بېرىشكە باشلىدى.

22لېكىن سىپاھلار زىندانغا يېتىپ بارغاندا، روسۇللارنىڭ ئۇ يەردە يوقلۇقىنى بايقاپ قايتىپ بېرىپ، كېڭەشمىدىكىلەرگە:

23ــ بىز بارساق، زىندان مەھكەم تاقاقلىق تۇرۇپتۇ، قاراۋۇللارمۇ دەرۋازىلىرىدا كۆزەتتە تۇرۇپتۇ. لېكىن دەرۋازىلارنى ئېچىپ قارىساق، ئىچىدە بىرمۇ ئادەم يوق! ــ دەپ مەلۇمات بەردى.

24بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئىبادەتخانىدىكى مەسئۇل* كاھىن ھەم قاراۋۇللارنىڭ باشلىقى ۋە باش كاھىنلار: ــ «ئەمدى بۇ ئىش زادى قانداق بولۇپ كېتەر؟» دېيىشىپ ئالاقزادىلىككە چۆمدى.

25دەل شۇ چاغدا، بىر كىشى كىرىپ:

26بۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى قاراۋۇللار باشلىقى سىپاھلىرىنى باشلاپ بېرىپ، روسۇللارنى* ئېلىپ كەلدى. بىراق ئۇلار خالايىق بىزنى چالما-كېسەك قىلىشى مۇمكىن دەپ قورقۇپ، ئۇلارغا زورلۇق ئىشلەتمىدى. ◘ 5:26 مات. 21‏:26؛ روس. 4‏:21. *

27ئۇلار روسۇللارنى* ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنى كېڭەشمىدىكىلەر ئالدىدا تۇرغۇزدى. باش كاھىن ئۇلارنى سوراق قىلىپ:

28ــ بىز ئەسلى سىلەرنى بۇ نامدا كىشىلەرگە تەلىم بەرمەڭلار، دەپ قاتتىق ئاگاھلاندۇرغانىدۇق. لېكىن مانا، سىلەر يەنە شۇ تەلىمىڭلار بىلەن پۈتكۈل يېرۇسالېمنى قاپلىدىڭلار ھەمدە بۇ كىشىنىڭ قان قەرزىنى بىزگە ئارتماقچى بولۇۋاتىسىلەر! ــ دېدى. ◼ 5:28 +bd «سىلەر...بۇ كىشىنىڭ قان قەرزىنى بىزگە ئارتماقچى بولۇۋاتىسىلەر!»+bd* ــ قىزىق ئىش شۇكى، يەھۇدىي ئاقساقاللىرىنىڭ تىلى «ئەيسا» دېيىشكە قەتئىي بارمايدۇ.* ◘ 5:28 روس. 4‏:18. *

29لېكىن پېترۇس ۋە باشقا* روسۇللار جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

30سىلەر تۇتۇپ ياغاچقا ئېسىپ ئۆلتۈرگەن ئەيسانى، ئاتا-بوۋىمىزنىڭ خۇداسى تىرىلدۈردى. ◼ 5:30 +bd «...ياغاچقا ئېسىپ ئۆلتۈرگەن ئەيسا»+bd* ــ گرېك تىلىدا «...دەرەخكە ئېسىپ ئۆلتۈرگەن ئەيسا».* ◘ 5:30 قان. 21‏:23؛ روس. 3‏:15؛ 10‏:39؛ 13‏:29؛ 1پېت. 2‏:24. *

31خۇدا ئىسرائىل خەلقىنى توۋا قىلىشقا ۋە گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈلىشىكە مۇيەسسەر قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى ئۇلۇغلاپ يېتەكچى ھەم قۇتقۇزغۇچى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىغا كۆتۈرۈپ ئولتۇرغۇزدى. ◘ 5:31 روس. 2‏:33؛ 3‏:15؛ فىل. 2‏:9. *

32بىز بۇ ئىشلارغا گۇۋاھچىلارمىز؛ شۇنداقلا خۇدا ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھمۇ بۇ ئىشلارغا گۇۋاھچىدۇر. ◘ 5:32 يـۇھ. 15‏:27؛ روس. 2‏:4. *

33ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ قەلبىگە سانجىلغاندەك بولۇپ روسۇللارنى* ئۆلتۈرۈشكە مەسلىھەتلەشتى.

34لېكىن كېڭەشمە ئىچىدە پۈتۈن خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان پەرىسىي مەزھىپىدىكى گامالىيەل ئىسىملىك بىر تەۋرات ئۆلىماسى بار ئىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ:

35ئاندىن ئۇ كېڭەشمىدىكىلەرگە* مۇنداق دېدى:

36ئىلگىرى، ھېلىقى تەۋداس ئىسىملىك ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ئوتتۇرىغا چىققانىدى. ئۇنىڭغا تەخمىنەن تۆت يۈز ئادەم قوشۇلدى. بىراق ئۇ ئۆزى ئۆلتۈرۈلدى ۋە بارلىق ئەگەشكۈچىلىرى تارقىلىپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئىشى يوققا چىقتى. ◼ 5:36 +bd «بىراق ئۇ ئۆزى ئۆلتۈرۈلدى...»+bd* ــ «ئۇ ... ئۆلتۈرۈلدى» ــ شۈبھىسىزكى، ئۇ رىملىق كۈچلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدۇ. تەۋداسنىڭ ئىسيانى رىم ئىمپېرىيەسىگە قارشى بولغان بولسا كېرەك.* ◘ 5:36 روس. 21‏:38. *

37ئاندىن كېيىن نوپۇس تىزىملاش كۈنلىرىدە، گالىلىيەلىك يەھۇدامۇ باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، بىر توپ كىشىنى توپلاپ ئۆزىگە ئەگەشتۈرگەن. ئۇمۇ يوقىتىلىپ، بارلىق ئەگەشكۈچىلىرىمۇ تارقىتىۋېتىلگەن.

38ئەمدى سىلەرگە نەسىھىتىم شۇكى: بۇ كىشىلەر بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن! ئۇلارنى ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىڭلار. چۈنكى ئەگەر بۇ ئېقىم ياكى بۇ ئىش پەقەت ئىنساندىن كەلگەن بولسا، جەزمەن يوققا چىقىدۇ. ◘ 5:38 پەند. 21‏:30؛ يەش. 8‏:10؛ مات. 15‏:13. *

39لېكىن ئەگەر خۇدادىن بولسا، سىلەر ئۇلارنى يوقىتالمايسىلەر! ھەتتا ئۆزۈڭلار خۇداغا ھۇجۇم قىلغۇچىلار بولۇپ چىقىسىلەر! ◘ 5:39 روس. 9‏:5؛ 23‏:9. *

40ئالىي كېڭەشمىدىكىكىلەر نەسىھەتنى قوبۇل قىلدى؛ ئۇلار روسۇللارنى چاقىرتىپ كىرىپ، ئۇلارنى قامچىلىتىپ، ئۇلارغا ھەرگىز ئەيسانىڭ نامىدا سۆزلىمەسلىكنى ئاگاھلاندۇردى. ئاندىن ئۇلارنى قويۇپ بەردى.

41روسۇللار ئەمدى كېڭەشمىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇبارەك نام ئۈچۈن خورلۇق ئازابى چېكىشكە لايىق كۆرۈلگەنلىكىدىن شادلاندى. ◼ 5:41 +bd «.. ئۆزلىرىنىڭ مۇبارەك نام ئۈچۈن خورلۇق ئازابى چېكىشكە لايىق كۆرۈلگەنلىكىدىن شادلاندى»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «مۇبارەك نام» گرېك تىلىدا پەقەت «نام» دېگەن بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. چۈنكى شۇ چاغدىكى ئېتىقادچىلار ئۈچۈن پۈتكۈل دۇنيادا پەقەت بىرلا «نام»، يەنى ئەيسانىڭ نامى مەۋجۇت ئىدى.* ◘ 5:41 مات. 5‏:12. *

ooter>