روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 6:1-14 UIGB2010 - Bible AI

1شۇ كۈنلەردە، مۇخلىسلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ، گرېكچە سۆزلەيدىغان يەھۇدىيلار يەرلىك ئىبرانىي قېرىنداشلارغا: ــ كۈندىلىك ئوزۇق-تۈلۈك تەقسىم قىلىنىشتا ئارىمىزدىكى تۇل ئاياللار ئېتىبارغا ئېلىنمىدى، دەپ نارازىلىق بىلدۈرۈشتى. ◼ 6:1 +bd «گرېكچە سۆزلەيدىغان يەھۇدىيلار»+bd* ــ گرېك تىلىدا «گرېكلەشتۈرۈلگەنلەر». +bd «يەرلىك ئىبرانىي قېرىنداشلار»+bd* ــ دېمەك، ئىبرانىي تىلىدا سۆزلەيدىغان ئېتىقادچىلار.*

2شۇڭا، ئون ئىككىيلەن پۈتكۈل مۇخلىسلارنى چاقىرىپ يىغىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

3شۇنىڭ ئۈچۈن، ئى قېرىنداشلار، ئاراڭلاردىكى نام-ئابرۇيى بار، مۇقەددەس روھقا ۋە دانالىققا تولغان يەتتە كىشىنى ئىلغاپ تاللاڭلار، ۋە بىز ئۇلارنى بۇ ئىشقا مەسئۇل قىلىمىز. ◘ 6:3 قان. 1‏:13؛ روس. 1‏:21؛ 16‏:2؛ 1تىم. 3‏:7. *

4بىز بولساق، ئۆزىمىزنى دۇئا قىلىش ۋە سۆز-كالامنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا بېغىشلايمىز.

5بۇ مەسلىھەت خالايىقنىڭ ھەممىسىنى خۇش قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىمان-ئىشەنچكە ۋە روھقا تولغان ئىستىپان ئىسىملىك بىر ئادەمنى تاللىدى، ۋە يەنە فىلىپ، پروكورۇس، نىكانور، تىمون، پارمېناس ھەمدە بۇرۇن تەۋرات ئېتىقادىغا كىرگەن ئانتاكيالىق نىكولاسنى تاللاپ، ◘ 6:5 روس. 11‏:24؛ 21‏:8. *

6ئۇلارنى روسۇللارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقتى. روسۇللار ئۇلارنىڭ بۇ خىزمەتنى قىلىشى ئۈچۈن* قوللىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ، دۇئا قىلىشتى. ◼ 6:6 +bd «ئىستىپان ئىسىملىك بىر ئادەم... يەنە فىلىپ، پروكورۇس، نىكانور، تىمون، پارمېناس ھەمدە بۇرۇن تەۋرات ئېتىقادىغا كىرگەن ئانتاكيالىق نىكولاسنى تاللاپ، ئۇلارنى روسۇللارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقتى»+bd* ــ قىزىق يېرى شۇكى، تاللانغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسىملىرىدىن «گرېكلەشكەن يەھۇدىيلار» ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى.* ◘ 6:6 روس. 1‏:23؛ 8‏:17؛ 13‏:3؛ 1تىم. 4‏:14؛ 5‏:22؛ 2تىم. 1‏:6. *

7ۋە خۇدانىڭ سۆز-كالامى داۋاملىق تارقالدى؛ يېرۇسالېمدىكى مۇخلىسلارنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى زور دەرىجىدە كۆپەيدى. نۇرغۇن كاھىنلارمۇ مەسىھ* ئېتىقادىغا ئىتائەت قىلىشقا كىرىشىۋاتاتتى. ◼ 6:7 +bd «نۇرغۇن كاھىنلارمۇ مەسىھ ئېتىقادىغا ئىتائەت قىلىشقا كىرىشىۋاتاتتى»+bd* ــ «مەسىھ ئېتىقادىغا» گرېك تىلىدا پەقەت «ئېتىقادقا» دېيىلىدۇ.* ◘ 6:7 روس. 19‏:20. *

8ۋە ئىستىپان خۇدانىڭ* مېھىر-شەپقىتى ۋە كۈچ-قۇدرىتىگە تولغان بولۇپ، خەلق ئىچىدە كارامەتلەر ۋە زور مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتتى.

9بىراق «قۇللۇقتىن چىققان ھۆرلەر» دەپ ئاتالغان سىناگوگتىكى بەزىلەر، يەنى كۇرىنى ۋە ئىسكەندەرىيە شەھەرلىرى ۋە كىلىكىيە ھەم ئاسىيا ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار* ئىستىپانغا قارشى چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدى.

10لېكىن ئۇلار ئۇ سۆز قىلغاندا ئۇنىڭدا بولغان دانالىق ۋە روھقا تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز قالدى. ◘ 6:10 مىس. 4‏:12؛ يەش. 54‏:17؛ لۇقا 21‏:15. *

11بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەزى ئادەملەرنىڭ ئاغزىنى مايلاپ:

12ئۇلار مۇشۇنداق قىلىپ خالايىقنى، ئاقساقاللارنى ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىنى قۇتراتتى؛ ئاندىن ئىستىپاننىڭ ئالدىنى توسۇپ ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ، ئالىي كېڭەشمىگە ئېلىپ باردى.

13ئۇلار ساختا گۇۋاھچىلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ مۇنداق دېگۈزدى:

14چۈنكى بىز ئۇنىڭ ھېلىقى ناسارەتلىك ئەيسا توغرۇلۇق: «ئۇ بۇ جاينى ۋەيران قىلىدۇ ۋە مۇسا پەيغەمبەر بىزگە تاپشۇرغان ئەنئەنىۋى قائىدە-يوسۇنلىرىمىزنى ئۆزگەرتىدۇ!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. ◼ 6:14 +bd «ئۇ بۇ جاينى ۋەيران قىلىدۇ»+bd* ــ «بۇ جاي» بەلكىم «مۇقەددەس ئىبادەتخانا»نى كۆرسىتىدۇ (12-ئايەتنى كۆرۈڭ).*

ooter>