1ئەمما شۇ چاغلار* سائۇل ھەر نەپىسىدە رەبنىڭ مۇخلىسلىرىغا تېخىچە ئىزچىل قىرغىنچىلىق تەھدىتلىرى سېلىۋاتقان پەيت ئىدى. ئۇ باش كاھىننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ◼ 9:1 +bd «سائۇل ھەر نەپىسىدە رەبنىڭ مۇخلىسلىرىغا تېخىچە ئىزچىل قىرغىنچىلىق تەھدىتلىرى سېلىۋاتقان پەيت ئىدى»+bd* ــ گرېك تىلىدا «سائۇلنىڭ ھەر نەپەسلىرى رەبنىڭ مۇخلىسلىرىغا تېخىچە ئىزچىل قىرغىنچىلىق تەھدىتلىرى بولۇپ،...».* ◘ 9:1 روس. 8:3؛ 22:4؛ 26:9؛ 1كور. 15:9؛ گال. 1:13؛ 1تىم. 1:13. *
2دەمەشق شەھىرىدىكى سىناگوگلارغا تەۋسىيە خېتى يېزىپ بېرىشنى سورىدى. شۇنداق بولغاندا، ئۇ دەمەشقتە مەسىھ* يولىدىكىلەردىن بىرەرسىنى، مەيلى ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن تېپىۋالسىلا، باغلاپ تۇتقۇن قىلىپ، يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىشكە رۇخسەت بولاتتى. ◼ 9:2 +bd «مەسىھ يولىدىكىلەر»+bd* ــ مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا پەقەت ««يول»دىكىلەر» دېيىلىدۇ (چۈنكى ئېتىقادنىڭ پەقەت بىرلا يولى باردۇر). +bd «دەمەشق شەھىرىدىكى سىناگوگلارغا تەۋسىيە خېتى يېزىپ بېرىشنى سورىدى. شۇنداق بولغاندا، ئۇ دەمەشقتە مەسىھ يولىدىكىلەردىن بىرەرسىنى... تېپىۋالسىلا، باغلاپ تۇتقۇن قىلىپ، يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىشكە رۇخسەت بولاتتى»+bd* ــ سائۇل تۇتماقچى بولغانلار مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلارلا ئىدى (ئۇنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشىدىن ھېچ خەۋىرى بولمىسا كېرەك).
3سائۇل يولغا چىقىپ، دەمەشق شەھىرىگە يېقىنلاشقاندا، تۇيۇقسىز ئاسماندىن كۈچلۈك بىر نۇر چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئەتراپىنى يورۇتۇۋەتتى. ◘ 9:3 روس. 22:6؛ 26:31؛ 1كور. 15:8؛ 2كور. 12:2. *
4ئۇ يەرگە يىقىلدى ۋە ئۆزىگە:
5ــ ئى رەب، سەن كىمسەن؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ.
6ئورنۇڭدىن تۇر، شەھەرگە كىر، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكى ساڭا ئېيتىپ بېرىلىدۇ» ــ دېدى. ◘ 9:6 لۇقا 3:10؛ روس. 2:37؛ 16:30. *
7ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭغان ئادەملەر ئاۋازنى ئاڭلىسىمۇ، ھېچكىمنى كۆرەلمىگەچكە، شۇ يەردە ئۈن چىقىرالماي تۇرۇپلا قالدى. ◘ 9:7 دان. 10:7. *
8سائۇل يەردىن تۇرۇپ، كۆزلىرىنى ئېچىپ قارىدى، لېكىن ھېچ نەرسىنى كۆرەلمىدى. ھەمراھلىرى ئۇنى قولىدىن يېتىلەپ دەمەشققە ئېلىپ كىردى.
9ئۇ ئۈچ كۈنگىچە كۆزى كۆرمەس بولۇپ نە يېمىدى نە ئىچمىدى.
10دەمەشقتە ئانانىياس ئىسىملىك مەلۇم بىر مۇخلىس بار ئىدى. رەب ئۇنىڭغا بىر غايىبانە كۆرۈنۈشتە كۆرۈنۈپ ئۇنى:
11رەب ئۇنىڭغا:
12ئۇ دۇئا قىلىۋاتقىنىدا، غايىبانە كۆرۈنۈشتە ئانانىياس ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ كېلىپ، كۆزىنى كۆرىدىغان قىلىش ئۈچۈن ئۈستىگە قولىنى تەگكۈزگەنلىكىنى كۆردى، ــ دېدى.
13ئانانىياس:
14ھازىر ئۇ مۇشۇ يەردە نامىڭغا نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ باغلاش ئۈچۈن باش كاھىنلاردىن ھوقۇق ئاپتۇ ــ دېدى.
15لېكىن رەب ئۇنىڭغا:
16چۈنكى مەن ئۇنىڭغا نامىم ئۈچۈن قانچىلىك ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئايان قىلىمەن، ــ دېدى. ◘ 9:16 روس. 21:11؛ 2كور. 11:23. *
17بۇنىڭ بىلەن ئانانىياس بېرىپ، شۇ ئۆيگە كىردى؛ ئۇ قوللىرىنى سائۇلنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ ئۇنىڭغا:
18سائۇلنىڭ كۆزلىرىدىن خۇددى بېلىق قاسىرىقىدەك بولغان بىر نەرسىلەر چۈشۈپ، كۆزلىرى ئېچىلىپ كۆرەلەيدىغان بولدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.
19ئۇ غىزالانغاندىن كېيىن، قۇۋۋەتلىنىپ ماغدۇرغا كىردى.
20سائۇل* دەمەشقتىكى مۇخلىسلارنىڭ يېنىدا بىرنەچچە كۈن تۇردى ۋە
21ئۇنى ئاڭلىغانلار سۆزلىرىدىن ئىنتايىن ھەيران بولۇشۇپ:
22لېكىن سائۇلنىڭ قايىل قىلىش كۈچى بارغانسېرى ئېشىپ، ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ دەمەشقتىكى يەھۇدىيلارنى پاراكەندىچىلىككە چۆمدۈردى. ◼ 9:22 +bd «سائۇلنىڭ قايىل قىلىش كۈچى بارغانسېرى ئېشىپ،..»+bd* ــ ياكى، «سائۇل بارغانسېرى كۈچلەندۈرۈلۈپ،...». +bd «دەمەشقتىكى يەھۇدىيلارنى پاراكەندىچىلىككە چۆمدۈردى»+bd* ــ ياكى «دەمەشقتىكى يەھۇدىيلارنى بۇنى رەت قىلىشقا ئامالسىز قالدۇردى».*
23كۆپ كۈنلەردىن كېيىن، يەھۇدىيلار سائۇلنى يوقاتماققا قەست قىلماقچى بولدى.
24لېكىن سائۇل ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىدىن خەۋەر تاپتى؛ ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلار كېچە-كۈندۈز شەھەرنىڭ قوۋۇقلىرىدا پايلاپ يۈردى. ◘ 9:24 2كور. 11:32. *
25لېكىن مۇخلىسلار بىر كۈنى كېچىدە ئۇنى چوڭ سېۋەتكە ئولتۇرغۇزۇپ، سېپىل كامارىدىن* چۈشۈردى. ◼ 9:25 +bd «ئۇنى ... سېپىل كامارىدىن چۈشۈردى»+bd* ــ ياكى، «ئۇنى... كۈنگۈرىدىن چۈشۈردى». «2كور.» 33:11نىمۇ كۆرۈڭ.* ◘ 9:25 يە. 2:15؛ 1سام. 19:12. *
26سائۇل يېرۇسالېمغا يېتىپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى مۇخلىسلارغا قوشۇلماقچى بولدى، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ مۇخلىس ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي، ئۇنىڭدىن قورقتى. ◼ 9:26 +bd «سائۇل يېرۇسالېمدا روسۇللار بىلەن بىللە ئوچۇق-ئاشكارە يۈرۈپ...»+bd* ــ -23- ۋە 26-ئايەت ئوتتۇرىسىدا ئۈچ يىل ئۆتكەنىدى. «گال.» 1-18؛15نى كۆرۈڭ* ◘ 9:26 روس. 22:17؛ گال. 15-18:1*
27بىراق بارناباس ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، روسۇللار بىلەن كۆرۈشتۈردى. ئۇ ئۇلارغا سائۇلنىڭ دەمەشقنىڭ يولىدا رەبنى قانداق كۆرگەنلىكىنى، رەبنىڭمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلغانلىقىنى چۈشەندۈردى ۋە ئۇنىڭ دەمەشقتە ئەيسانىڭ نامىدا قانداق جۈرئەتلىك بىلەن سۆز-كالام يەتكۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. ◘ 9:27 روس. 11:25. *
28بۇنىڭ بىلەن، سائۇل يېرۇسالېمدا روسۇللار بىلەن بىللە ئوچۇق-ئاشكارە يۈرۈپ، يۈرەكلىك ھالدا رەبنىڭ نامىدا سۆز-كالام يەتكۈزەتتى. ◼ 9:28 +bd «سائۇل يېرۇسالېمدا روسۇللار بىلەن بىللە ئوچۇق-ئاشكارە يۈرۈپ...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «سائۇل يېرۇسالېمدا روسۇللار بىلەن بىللە كىرىپ-چىقىپ...».*
29ئۇ يەنە گرېكچە سۆزلىشىدىغان يەھۇدىيلار بىلەنمۇ سۆزلىشىپ مۇنازىرىلىشەتتى؛ نەتىجىسى، ئۇلار ئۇنىڭغا قەست قىلماقچى بولدى.
30قېرىنداشلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى قەيسەرىيە شەھىرىگە ئېلىپ بېرىپ، ئاندىن ئۇ يەردىن تارسۇس دېگەن شەھەرگە يولغا سالدى.
31ئۇ چاغدا، پۈتكۈل يەھۇدىيە، گالىلىيە ۋە سامارىيەدىكى جامائەتلەر بىر مەزگىل* تىنچلىققا ئېرىشىپ، ئېتىقادتا* قۇرۇلدى؛ رەبنىڭ قورقۇنچىدا مېڭىپ، مۇقەددەس روھنىڭ رىغبەت-تەسەللىسى بىلەن ئۇلارنىڭ سانلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ئىدى. ◼ 9:31 +bd «ئۇ چاغدا...»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇنىڭ بىلەن...» ياكى «شۇڭا...».*
32شۇ ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، پېترۇس ھەرقايسى جايلارنى ئارىلاپ يۈرگەندە، لىددا شەھىرىدىكى مۇقەددەس بەندىلەرنىمۇ يوقلاشقا چۈشتى.
33ئۇ يەردە ئۇ ئەنېياس ئىسىملىك بىر ئادەمنى ئۇچراتتى. بۇ ئادەم پالەچ بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ ياتقىلى سەككىز يىل بولغانىكەن. ◼ 9:33 +bd «ئورۇن تۇتۇپ...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «پالاس تۇتۇپ...».*
34پېترۇس ئۇنىڭغا:
35ئەنېياسنى* كۆرگەن لىددا شەھىرىدىكى ۋە شارون رايونىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى توۋا قىلىپ رەبگە باغلاندى. ◼ 9:35 +bd «...شارون رايونىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى توۋا قىلىپ رەبگە باغلاندى»+bd* ــ گرېك تىلىدا «شارون رايونىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى (ئۆز يولىدىن) بۇرۇلۇپ رەبگە باغلاندى».*
36يوپپا شەھىرىدە بولسا تابىتا ئىسىملىك بىر ئايال مۇخلىس بار ئىدى (ئۇنىڭ ئىسمى گرېكچىدە «دوركاس» ئىدى). ئۇ ھەردائىم ياخشى ئەمەللەر ۋە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارغا بېرىلەتتى. ◼ 9:36 +bd «يوپپا شەھىرى»+bd* ــ كرېك تىلىدا ئىسمى «يوپپا». ھازىرقى ئىسمى «جاففا» ياكى «خايفا». +bd «...تابىتا....دوركاس...»+bd* ــ «تابىتا» ئىبرانىي تىلىدا، «دوركاس» گرېك تىلىدا «جەرەن» دېگەن مەنىدە.*
37شۇ كۈنلەردە شۇنداق بولدىكى، ئۇ كېسەل بولۇپ، ئۆلۈپ كەتتى. كىشىلەر جەسەتنى يۇيۇپ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى بىر ئۆيگە ياتقۇزۇپ قويدى.
38يوپپا شەھىرى لىددا شەھىرىگە يېقىن بولغاچقا، يوپپادىكى مۇخلىسلار پېترۇسنىڭ لىددادا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئىككى ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار: «ھايال بولماي يېنىمىزغا كەلسەڭ!» ــ دەپ يېلىندى.
39پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلار بىلەن بىللە يوپپاغا باردى. يوپپاغا يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۇلار ئۇنى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆيگە باشلاپ چىقتى. بارلىق تۇل ئاياللار پېترۇسنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، يىغا-زار قىلىشىپ ئۇنىڭغا دوركاسنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىدا ئۆزلىرىگە تىكىپ بەرگەن كۆڭلەك-كىيىملىرىنى كۆرسىتىشتى.
40لېكىن پېترۇس ھەممەيلەننى چىقىرىۋېتىپ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلدى. ئاندىن ئۇ جەسەتكە قاراپ:
41پېترۇس ئۇنىڭغا قولىنى ئۇزىتىپ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدى ۋە مۇقەددەس بەندىلەر بىلەن تۇل ئاياللارنى چاقىرىپ، دوركاسنى ئۇلارغا تىرىك تاپشۇرۇپ بەردى.
42بۇ خەۋەر پۈتكۈل يوپپاغا تارقىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەر رەبگە ئېتىقاد قىلدى. ◼ 9:42 +bd «بۇ خەۋەر پۈتكۈل يوپپاغا تارقىلىپ...»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «يوپپا» يوپپا (جاففا) شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى پۈتكۈل يەرلەرنى كۆرسەتسە كېرەك. (ھازىرقى ئىسمى «خايفا»).*