رىملىقلارغا 10:1-20 UIGB2010 - Bible AI

1قېرىنداشلار، يۈرەك ئىنتىزارىم، شۇنداقلا خۇداغا يېلىنىشىم ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈندۇر.

2چۈنكى شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئۇلارنىڭ خۇداغا ھەقىقەتەنمۇ قىزغىن ئىنتىلىشى بار، بىراق ئۇلارنىڭ ئىنتىلىشى ھەقىقىي بىلىم ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەمەس. ◼ 10:2 +bd «ئۇلارنىڭ (يەھۇدىيلارنىڭ) خۇداغا ھەقىقەتەنمۇ قىزغىن ئىنتىلىشى بار، بىراق ئۇلارنىڭ ئىنتىلىشى ھەقىقىي بىلىم ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەمەس»+bd* ــ «ھەقىقىي بىلىمگە ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەمەس»: يەھۇدىيلارنىڭ كۆپ دىنىي مەزھەپىدىكىلەرگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم ئىش تەۋرات قانۇنى ئۈستىدىكى «بىلىم» ۋە «بىلىم ئاشۇرۇش» ئىدى. شۇنىڭ بىلەن پاۋلۇسنىڭ بۇ سۆزى ئىشەنمىگەن يەھۇدىيلارغا بەك ئېغىر كېلىشى مۇمكىن ئىدى.* ◘ 10:2 روس. 22‏:3؛ رىم. 9‏:31؛ گال. 4‏:17. *

3چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىنى بىلمىگەچكە، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىيلىقىنى تىكلەشكە تىرىشىپ، خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىغا بويسۇنمىدى.

4چۈنكى تەۋرات قانۇنىنىڭ نىشان-مەقسىتى مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن ھەققانىيلىق بار بولدى. ◼ 10:4 +bd «تەۋرات قانۇنىنىڭ نىشان-مەقسىتى مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر»+bd* ــ گرېك تىلىدا «نىشان-مەقسەت» دېگەننىڭ «خاتىمە» دېگەن يەنە بىر مەنىسىمۇ بار. دېمەك، ئايەتنىڭ مەنىسى: (1) خۇدانىڭ تەۋرات قانۇنىدا بولغان مەقسىتى ئىنسانغا ئۆز گۇناھىنى تونۇتۇپ، مەسىھنىڭ قۇتقۇزۇشىغا موھتاج بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى؛ شۇڭا خۇدا قانۇننى بەرگەن ۋاقتىدا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى كۆزلىگەنىدى؛ (2) مەسىھ ئۆزى تەۋرات قانۇنىنى مۇكەممەل ئەمەلگە ئاشۇردى، جۈملىدىن تەۋرات قانۇنى تەلەپ قىلغان، شۇنداقلا بېشارەت بەرگەن گۇناھنى يۇيىدىغان قۇربانلىقنى قىلدى؛ (3) مەسىھ تەۋرات قانۇنىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن، ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئۇنىڭ ھېچ تەلىپى قالمىدى (4:7نى كۆرۈڭ). مەزكۇر ئايەت بۇ مەنىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.* ◘ 10:4 مات. 5‏:17؛ روس. 13‏:38؛ 2كور. 3‏:13؛ گال. 3‏:24. *

5چۈنكى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشتىن كەلگەن ھەققانىيلىق ھەققىدە مۇسا پەيغەمبەر مۇنداق يازغان؛ «قانۇننىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغانلار شۇ ئىشلىرىدىن ھاياتلىق تاپىدۇ». ◼ 10:5 +bd «قانۇننىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغانلار شۇ ئىشلىرىدىن ھاياتلىق تاپىدۇ»+bd* ــ «لاۋ.» 5:18 ۋە يەنە «قان.» 1:4، 24:6.* ◘ 10:5 لاۋ. 18‏:5؛ ئ‍ەز. 20‏:11؛ گال. 3‏:12. *

6لېكىن ئېتىقادتىن بولغان ھەققانىيلىق مۇنداق دەيدۇ: ــ «كۆڭلۈڭدە: ــ «كىم ئاسمانغا چىقار؟» (يەنى «كىم مەسىھنى ئاسماندىن ئېلىپ چۈشۈرەر؟») ◘ 10:6 قان. 30‏:12. *

7ۋە ياكى «ھاڭ تېگىگە كىم چۈشەر؟» (يەنى «مەسىھنى ئۆلۈمدىن كىم قايتۇرار؟») ــ دېمىگىن». ◼ 10:7 +bd «لېكىن ئېتىقادتىن بولغان ھەققانىيلىق مۇنداق دەيدۇ: ــ كۆڭلۈڭدە: ــ «كىم ئاسمانغا چىقار؟» (يەنى «كىم مەسىھنى ئاسماندىن ئېلىپ چۈشۈرەر؟») ۋە ياكى «ھاڭ تېگىگە كىم چۈشەر؟» (يەنى «مەسىھنى ئۆلۈمدىن كىم قايتۇرار؟») ــ دېمىگىن»+bd* ــ (6-7-ئايەت) نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئىككى ئايەت: ــ «قان.» 12:30-13.

8ئەمدى شۇ ھەققانىيلىق* نېمە دەيدۇ؟ ــ «سۆز-كالام ساڭا يېقىندۇر، تىلىڭدا ۋە دىلىڭدىدۇر!» ــ بۇ سۆز-كالام دەل بىز جاكارلايدىغان ئېتىقادنىڭ سۆزىدۇر. ◼ 10:8 +bd «سۆز-كالام ساڭا يېقىندۇر، تىلىڭدا ۋە دىلىڭدىدۇر!»+bd* ــ «قان.» 14:30.* ◘ 10:8 قان. 30‏:12-14. *

9دېمەك، «ئەيسانىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئاغزىڭ بىلەن ئېتىراپ قىلساڭ ۋە قەلبىڭدە خۇدانىڭ ئۇنى ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن تىرىلدۈرگەنلىكىگە ئىشەنسەڭ، قۇتقۇزۇلىسەن»!

10چۈنكى ئىنسان قەلبىدە ئېتىقاد قىلىش بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ، ئېغىزىدا ئېتىراپ قىلىش بىلەن نىجاتقا ئېرىشىدۇ.

11مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگەندەك؛ «ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىنىڭ ھەربىرى ھەرگىز يەرگە قارىتىلماس». ◼ 10:11 +bd «ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىنىڭ ھەربىرى ھەرگىز يەرگە قارىتىلماس»+bd* ــ «يەش.» 16:28.* ◘ 10:11 يەش. 28‏:16؛ رىم. 9‏:33. *

12چۈنكى بۇ جەھەتتە يەھۇدىيلار بىلەن گرېكلارنىڭ پەرقى يوق؛ ھەر ئىككىسىنىڭ رەببى ھەممىنىڭ رەببىدۇر ۋە ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە مول بايلىقلىرىنى ئايىمايدۇ. ◼ 10:12 +bd «چۈنكى بۇ جەھەتتە يەھۇدىيلار بىلەن گرېكلارنىڭ پەرقى يوق»+bd* ــ دېمەك، «بۇ جەھەتتە (مەسىھ ئارقىلىق نىجاتقا ئېرىشىشتە) يەھۇدىيلار بىلەن يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ پەرقى يوق».* ◘ 10:12 روس. 15‏:9؛ رىم. 3‏:22. *

13چۈنكى: «كىمدىكىم رەبنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلسا قۇتقۇزۇلىدۇ». ◼ 10:13 +bd «كىمدىكىم رەبنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلسا قۇتقۇزۇلىدۇ»+bd* ــ «يو.» 32:2.* ◘ 10:13 يو. 2‏:32؛ روس. 2‏:21. *

14لېكىن رەبگە ئىشەنمىگەن كىشى قانداقمۇ ئۇنىڭغا نىدا قىلالىسۇن؟ ئۇ توغرۇلۇق ئاڭلىمىغان كىشى قانداقمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنسۇن؟ خۇش خەۋەر جاكارلىغۇچى بولمىسا، ئۇلار ئۇنى قانداقمۇ ئاڭلىيالىسۇن؟

15شۇ جاكارلىغۇچىلار ئەۋەتىلمىگەن بولسا، خۇش خەۋەرنى قانداقمۇ يەتكۈزەلىسۇن؟ مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئامان-خاتىرجەملىك توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى، بەخت-سائادەت توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلەرنىڭ ئاياغلىرى نېمىدېگەن گۈزەل-ھە!». ◼ 10:15 +bd «ئامان-خاتىرجەملىك توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى، بەخت-سائادەت توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلەرنىڭ ئاياغلىرى نېمىدېگەن گۈزەل-ھە!»+bd* ــ «يەش.» 7:52، «ناھ.» 15:1. مەنىسى بەلكىم «خۇش خەۋەر يەتكۈزگەنلەر كەلگەندەك ۋاقتىدا كەلگەن!» دېگەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

16بىراق، خۇددى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ* «ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەندى؟» دېگىنىدەك ھەممە ئادەم خۇش خەۋەرگە ئىتائەت قىلغان ئەمەس. ◼ 10:16 +bd «ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەندى؟»+bd* ــ «يەش.» 1:53.* ◘ 10:16 يەش. 53‏:1؛ يـۇھ. 12‏:38. *

17شۇڭا ئېتىقاد خەۋەرنى ئاڭلاشتىن كېلىدۇ ۋە شۇ خەۋەر مەسىھ توغرۇلۇق سۆزدە ئاڭلىتىلىدۇ. ◼ 10:17 +bd «...ئېتىقاد خەۋەرنى ئاڭلاشتىن كېلىدۇ ۋە شۇ خەۋەر مەسىھ توغرۇلۇق سۆزدە ئاڭلىتىلىدۇ»+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمە يازمىلار: «... ئېتىقاد خەۋەرنى ئاڭلاشتىن كېلىدۇ ۋە شۇ خەۋەر خۇدانىڭ سۆزىدە ئاڭلىتىلىدۇ» دېيىلىدۇ.*

18لېكىن شۇنى سورايمەنكى، ئۇلار شۇ خەۋەرنى ئاڭلىمىغانمىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئاڭلىدى: ــ «ئۇلارنىڭ ساداسى پۈتكۈل دۇنياغا،

19يەنە شۇنى سورايمەنكى، ئىسرائىللار شۇ خەۋەردىن* ۋاقىپ بولمىغانمىدۇ؟ ئالدى بىلەن، مۇسا ئىسرائىلغا* مۇنداق بېشارەت بەرگەن: ــ

20كېيىن، يەشايا پەيغەمبەر ئىنتايىن يۈرەكلىك ھالدا شۇ بېشارەتنى بېرىپ: ــ

le>