1ئۇنداقتا، شۇنى سورايمەنكى: ــ خۇدا ئۆز خەلقىدىن ۋاز كەچتىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! مەنمۇ ئىبراھىم ئەۋلادىدىن، بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئىسرائىلغۇ! ◘ 11:1 يەر. 31:37؛ 2كور. 11:22؛ فىل. 3:5. *
2خۇدا ئالدىن كۆڭلىگە پۈككەن ئۆز خەلقىدىن ۋاز كەچكىنى يوق. مۇقەددەس يازمىلاردا ئىلياس پەيغەمبەر* ھەققىدە نېمە دېيىلگەنلىكى سىلەرگە ئايان ئەمەسمۇ؟ ئۇ ئىسرائىللاردىن ئازار چېكىپ خۇداغا يېلىنىپ: ــ ◼ 11:2 +bd «خۇدا ئالدىن كۆڭلىگە پۈككەن ئۆز خەلقىدىن ۋاز كەچكىنى يوق»+bd* ــ «خۇدا ئالدىن كۆڭلىگە پۈككەن (بىلگەن) خەلقى» ــ بەلكىم: «خۇدا ھەممىدىن بۇرۇن ئۆز خەلقى بولۇش ئۈچۈن تاللىغان خەلق» دېگەن مەنىدە.*
3«ئى پەرۋەردىگار، ئۇلار سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنى ئۆلتۈرۈشتى، قۇربانگاھلىرىڭنى چېقىشتى. پەقەت ئۆزۈم يالغۇزلا قالدىم، ئۇلار يەنە مېنىڭمۇ جېنىمنى ئالماقچى بولۇشۇۋاتىدۇ»، دېگەن. ◘ 11:3 1پاد. 19:10،14. *
4خۇدانىڭ ئۇنىڭغا قايتۇرغان كالامى قانداق بولدى؟ ئۇ: «بائالغا تىز پۈكمىگەن يەتتە مىڭ ئادەمنى ئۆزۈمگە ئېلىپ قالدىم» ــ دېگەن. ◼ 11:4 +bd «بائالغا تىز پۈكمىگەن يەتتە مىڭ ئادەمنى ئۆزۈمگە ئېلىپ قالدىم»+bd* ــ «1پاد.» 10:19، 14.
5خۇددى شۇنىڭدەك، بۈگۈنكى كۈندىمۇ خۇدانىڭ شاپائىتى بىلەن ئىسرائىلدىن* ئۆزى تاللىغان بىر «قالدى» بار. ◘ 11:5 رىم. 9:27. *
6ئۇلارنىڭ تاللىنىشى* شاپائەت بىلەن بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئۆزلىرىنىڭ ئەجىر-ئەمىلى بىلەن بولغان ئەمەس. ئەمەللەردىن بولغان بولسا، شاپائەت شاپائەت بولماي قالاتتى. ◼ 11:6 +bd «خۇددى شۇنىڭدەك، بۈگۈنكى كۈندىمۇ خۇدانىڭ شاپائىتى بىلەن ئىسرائىلدىن ئۆزى تاللىغان بىر «قالدى» بار. ئۇلارنىڭ تاللىنىشى شاپائەت بىلەن بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئۆزلىرىنىڭ ئەجىر-ئەمىلى بىلەن بولغان ئەمەس. ئەمەللەردىن بولغان بولسا، شاپائەت شاپائەت بولماي قالاتتى»+bd* ــ (5-6-5ئايەت) خۇدا تەۋراتتىكى بىرنەچچە يەرلەردە «سەن ئىسرائىلنى شاپائىتىم بىلەن تاللىغانمەن» دېگەنىدى (مەسىلەن، «قان.» 7:7نى كۆرۈڭ). مۇشۇ يەردە روسۇل پاۋلۇس: خۇدا شاپائىتى بويىچە ئىسرائىللار ئىچىدىن «بىر قالدى»نى تاللىغان، دەيدۇ. ئىنسان خۇدانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە پۈتۈنلەي لاياقەتسىز تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن مەدەتكە ئېرىشسە، مانا بۇ «خۇدانىڭ شاپائىتى» بولىدۇ. خۇدا ئىسرائىللارنى ئۇلارنىڭ مەلۇم بىر ياخشى ياكى ئۇلۇغ ئەمىلىگە قاراپ تاللىغان بولسا، ئۇنداقتا خۇدانىڭ تاللىشى «شاپائەت»تىن بولمىغان بولاتتى.* ◘ 11:6 قان. 9:4. *
7نەتىجىدە قانداق بولدى؟ ئىسرائىللار ئىزدىگىنىگە ئېرىشەلمىدى، لېكىن ئۇلاردىن تاللانغانلار ئېرىشتى. قالغانلارنىڭ بولسا، كۆڭۈللىرى بىخۇدلاشتۇرۇلدى. ◼ 11:7 +bd «نەتىجىدە قانداق بولدى؟ ئىسرائىللار ئىزدىگىنىگە ئېرىشەلمىدى، لېكىن ئۇلاردىن تاللانغانلار ئېرىشتى. قالغانلارنىڭ بولسا، كۆڭۈللىرى بىخۇدلاشتۇرۇلدى»+bd* ــ دېمەك، ئىسرائىللار ئىزدىگەن ھەققانىيلىققا ھەممىسىلا ئېرىشەلمىگەن ئەمەس؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن خۇدانىڭ شاپائەتى بىلەن خۇدا تاللىغان «قالدى»لار ھەققانىيلىققا ئېرىشكەن.* ◘ 11:7 رىم. 9:31. *
8خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك: ــ
9شۇنىڭدەك داۋۇت پەيغەمبەرمۇ* مۇنداق دېگەن:
10كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ، كۆرەلمىسۇن؛
11ئۇنداقتا، شۇنىمۇ سورايكى: ئىسرائىللار* يىقىلىپ قايتىدىن تۇرغۇزۇلماسلىققا پۇتلاشقانمۇ؟
12ئەمدى ئۇلارنىڭ تېيىلىپ ئىتائەتسىزلىك قىلىشى دۇنياغا ئاسايىشلىق بەخش ئەتكەن بولسا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ زىيان تارتقىنى ئەللەرنى بېيىتقان بولسا، ئۇنداقتا كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تولۇق نىجاتلىققا ئېرىشىشى دۇنياغا تېخىمۇ زور بەخت ئېلىپ كەلمەمدۇ؟! ◼ 11:12 +bd «ئەمدى ئۇلارنىڭ (يەھۇدىيلارنىڭ) تېيىلىپ ئىتائەتسىزلىك قىلىشى دۇنياغا ئاسايىشلىق بەخش ئەتكەن بولسا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ زىيان تارتقىنى ئەللەرنى بېيىتقان بولسا...»+bd* ــ «ئەللەر» ــ يەھۇدىي ئەمەسلەر، «يات ئەللەر».*
13ئەمدى سىلەر ئەللىكلەرگە سۆزلەۋاتىمەن؛ مەن ئەللىكلەرگە روسۇل سۈپىتىدە بېكىتىلگەندىن كېيىن، ۋەزىپەمنى شان-شەرەپلىك دەپ ئۇلۇغلايمەنكى، ◼ 11:13 +bd «سىلەر ئەللىكلەرگە»+bd* ــ دېمەك، «سىلەر يەھۇدىي ئەمەس بولغانلارغا». +bd «مەن ئەللىكلەرگە روسۇل سۈپىتىدە بېكىتىلگەندىن كېيىن، ۋەزىپەمنى شان-شەرەپلىك دەپ ئۇلۇغلايمەنكى، ...»+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، خۇدا روسۇل پاۋلۇسنى (گەرچە ئۇ «يەھۇدىيلارنىڭ يەھۇدىيسى» بولسىمۇ) يەھۇدىي ئەمەس بولغان ئەل-مىللەتلەرگە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە ئالاھىدە ئەۋەتكەن.* ◘ 11:13 روس. 9:15؛ 13:2؛ 22:21؛ گال. 1:16؛ 2:8؛ ئەف. 3:8؛ 1تىم. 2:7؛ 2تىم. 1:11. *
14جانجىگەرلىرىم بولغانلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى قۇتۇلدۇرارمەنمىكىن دېگەن ئۈمىدتە بولىمەن. ◼ 11:14 +bd «جانجىگەرلىرىم بولغانلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى قۇتۇلدۇرارمەنمىكىن دېگەن ئۈمىدتە بولىمەن»+bd* ــ «جانجىگەرلىرىم بولغانلار» گرېك تىلىدا «مېنىڭ ئەتلىرىم بولغانلار» ــ ئۆزىنىڭ يەھۇدىي خەلقىنى كۆرسىتىدۇ.*
15چۈنكى ئۇلارنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى دۇنيادىكى ئەللەرنى خۇدا بىلەن ئىناقلاشتۇرۇش بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولماي نېمە؟
16ھوسۇلدىن تۇنجى بولۇپ چىققان خېمىردىن بىر كاللىكى مۇقەددەس ھېسابلانسا، پۈتۈن خېمىر مۇقەددەس دەپ ھېسابلىنىدۇ. دەرەخنىڭ يىلتىزى مۇقەددەس بولسا، شاخلىرىمۇ مۇقەددەس بولىدۇ. ◼ 11:16 +bd «ھوسۇلدىن تۇنجى بولۇپ چىققان خېمىردىن بىر كاللىكى مۇقەددەس ھېسابلانسا، پۈتۈن خېمىر مۇقەددەس دەپ ھېسابلىنىدۇ. دەرەخنىڭ يىلتىزى مۇقەددەس بولسا، شاخلىرىمۇ مۇقەددەس بولىدۇ»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «مۇقەددەس»نىڭ بىرىنچى مەنىسى «خۇداغا ئاتالغان»، شۇنىڭ بىلەن «پاك» دېگەن مەنىدە. بىرىنچى جۈملىنىڭ كۆچمە مەنىسى بەلكىم «ئەگەر ئىسرائىللارنىڭ ئەجدادلىرى، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار خۇداغا ئاتالغان بولسا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ خۇداغا ئاتالغان بولىدۇ» دېگەن بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندىكى جۈملىلەردە پاۋلۇس ئىسرائىلنى بىر «زەيتۇن دەرىخى»كە ئوخشىتىدۇ («يەر.» 16:11-19نى كۆرۈڭ).* ◘ 11:16 چۆل. 15:20*
17زەيتۇن دەرىخىنىڭ بىرنەچچە شېخى دەرۋەقە سۇندۇرۇۋېتىلگەنىدى، ۋە سەن ياۋا زەيتۇن كۆچىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۇلاندىڭ. مانا ئەمدى دەرەخ يىلتىزىدىن ئوزۇقلۇق ئېلىپ، مول شىرنىسىدىن بەھرىمەن بولغۇچى بولغانىكەنسەن،. ◼ 11:17 +bd «زەيتۇن دەرىخىنىڭ بىرنەچچە شېخى دەرۋەقە سۇندۇرۇۋېتىلگەنىدى، ۋە سەن ياۋا زەيتۇن كۆچىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۇلاندىڭ»+bd* ــ دېمىسەكمۇ، «زەيتۇن دەرىخى» ئىسرائىلغا، «ئۇلانغان ياۋا زەيتۇن كۈچىتى» مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرگە، «زەيتۇن دەرىخىنىڭ سۇندۇرۇۋېتىلگەن شاخلىرى» بولسا ئىسرائىللار ئارىسىدىن مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغاچقا، خۇدانىڭ بەخت-بەرىكەتلىرىدىن ئۈزۈلۈپ قالغان يەھۇدىيلارغا ۋەكىل بولىدۇ. +bd «مانا ئەمدى دەرەخ يىلتىزىدىن ئوزۇقلۇق ئېلىپ، مول شىرنىسىدىن بەھرىمەن بولغۇچى بولغانىكەنسەن،»+bd* ــ بۇنىڭ كۆچمە مەنىسى بەلكىم: «سەن خۇددى دەرەخنىڭ يىلتىزىدىن ئوزۇقلۇق ئېلىپ، شىرنىسىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان شېخىدەك، خۇدا ئىبراھىمغا ۋەدە قىلغان بەختتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىسەن» دېگەنلىك بولسا كېرەك.*
18ئەمدى سۇندۇرۇۋېتىلگەن ئاشۇ شاخلاردىن ئۆزۈڭنى ئۈستۈن قىلىپ ماختانما. ماختانساڭ، شۇنى ئۇنتۇمىغىنكى، سەن يىلتىزنى ئەمەس، يىلتىز سېنى كۆتۈرۈپ قۇۋۋەتلەۋاتىدۇ.
19سەن ئەمدى: «شاخلار مېنىڭ ئۇلىنىشىم ئۈچۈن سۇندۇرۇۋېتىلدى» ــ دېيىشىڭ مۇمكىن.
20توغرا، ئۇلار ئېتىقادسىزلىقتىن سۇندۇرۇلدى؛ سەن بولساڭ، ئېتىقادىڭ بىلەن تىك تۇرىسەن؛ بىراق ئۇنىڭدىن مەغرۇرلانما، ئەكسىچە خۇدادىن* قورق!
21چۈنكى خۇدا ئەينى ۋاقتىدا بۇ دەرەخنىڭ ئۆز شاخلىرىنى ئايىمىغانىكەن، سېنىمۇ ئايىماسلىقى مۇمكىن. ◼ 11:21 +bd «خۇدا ئەينى ۋاقتىدا بۇ دەرەخنىڭ ئۆز شاخلىرىنى ئايىمىغانىكەن»+bd* ــ «بۇ دەرەخنىڭ ئۆز شاخلىرى» يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.*
22مانا، بۇ ئىشلاردا* خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىغا ھەمدە قاتتىق قول ئىكەنلىكىگە قارا. ئۇ ئۆز يولىدىن يىقىلىپ چۈشكەنلەرگە قاتتىق قول ئىدى، لېكىن ساڭا (مېھرىبانلىقىدا داۋاملىق تۇرساڭلا) مېھرىبانلىق كۆرسەتمەكتە. ئۇنداق بولمىغاندا، سەنمۇ كېسىپ تاشلىنىسەن.
23يەھۇدىيلارمۇ* ئېتىقادسىزلىقتا چىڭ تۇرۇۋالمىسا، ئەسلىدىكى دەرەخكە ئۇلىنىدۇ. چۈنكى خۇدا ئۇلارنى قايتا ئۇلاشقا قادىردۇر. ◘ 11:23 2كور. 3:16. *
24چۈنكى ئەگەر سەن ياۋا زەيتۇن دەرىخىدىن كېسىپ ئېلىنىپ، تەبىئىي قانۇنىيەتكە خىلاپ ھالدا باغدىكى* ياخشى زەيتۇن دەرىخىگە ئۇلانغان يەردە، ئەسلىدىكى بۇ تەبىئىي شاخلارنىڭ ئۆز دەرىخىكە ئۇلىنىشى تېخىمۇ مۇمكىنغۇ؟!
25قېرىنداشلار، ئۆزۈڭلارنى ئۈستۈن ۋە ئەقىللىق چاغلاشتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ۋەھىي قىلىنغان شۇ سىردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمەنكى، تا خۇدا تاللىغان* يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ سانى تولۇقلانغۇچە، ئىسرائىلنىڭ بىر قىسمى تاش يۈرەكلىككە قالدۇرۇلىدۇ؛ ◼ 11:25 +bd «ئۆزۈڭلارنى... ئەقىللىق چاغلاشتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۆزۈڭلارنى ئۈستۈن ۋە ئەقىللىق چاغلاشلاردىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن...» دېيىلىدۇ. يەھۇدىي ئەمەسلەر يەھۇدىيلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ: «بىز قۇتۇلدۇق، ئۇلار خۇدانىڭ لەنىتى ئاستىدا قالىدۇ» دەپ تەكەببۇرلىشىشى مۇمكىن.* ◘ 11:25 لۇقا 21:24. *
26ئاندىن پۈتكۈل ئىسرائىل قۇتقۇزۇلىدۇ. بۇ توغرۇلۇق مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: ــ
27مەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئېلىپ تاشلىۋەتكىنىمدە،
28ئەمدى خۇش خەۋەر جەھەتتىن قارىغاندا، سىلەرنىڭ بەختىڭلار ئۈچۈن يەھۇدىي خەلقى خۇش خەۋەرگە* دۈشمەن قىلىپ بېكىتىلگەن؛ بىراق خۇدانىڭ تاللىشى جەھەتتىن قارىغاندا، ئاتا-بوۋىلىرىمىز سەۋەبىدىن سۆيۈلگەندۇر.
29چۈنكى خۇدا ئۆزى بەرگەنلىرىنى ۋە چاقىرىقىنى قايتۇرۇۋالمايدۇ.
30سىلەر ئەللىكلەرمۇ بىر چاغلاردا خۇداغا ئىتائەت قىلمىغان بولساڭلارمۇ، يەھۇدىيلارنىڭ* ئىتائەتسىزلىكىنىڭ نەتىجىسىدە ھازىر رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشتىڭلار.
31يەھۇدىيلار بولسا ئىتائەت قىلماي كېلىۋاتىدۇ؛ خۇدانىڭ* بۇنىڭدىكى مەقسىتى، سىلەرگە كۆرسەتكەن رەھىم-شەپقەت ئارقىلىق ئۇلارنىمۇ رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. ◼ 11:31 +bd «يەھۇدىيلار بولسا ئىتائەت قىلماي كېلىۋاتىدۇ؛ خۇدانىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتى، سىلەرگە كۆرسەتكەن رەھىم-شەپقەت ئارقىلىق ئۇلارنىمۇ رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر»+bd* ــ دېمەك، يۇقىرىدا ئىزاھلىغىنىمىزدەك، يەھۇدىيلار يەھۇدىي بولمىغان ئىشەنگۈچىلەرنىڭ بەختىگە قارىغاچقا، ئۆزلىرى توۋا قىلىپ مەسىھنى قوبۇل قىلسۇن.*
32چۈنكى خۇدا پۈتكۈل ئىنسانغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىش ئۈچۈن، ھەممەيلەننى ئىتائەتسىزلىككە سولاپ قويدى. ◼ 11:32 +bd «چۈنكى خۇدا پۈتكۈل ئىنسانغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىش ئۈچۈن، ھەممەيلەننى ئىتائەتسىزلىككە سولاپ قويدى»+bd* ــ «ھەممەيلەن» يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 11:32 گال. 3:22. *
33ــ ئاھ! خۇدانىڭ دانالىقى ۋە ئىلىم-ھېكمىتىنىڭ بىباھا بايلىقلىرى ھەم ھېسابسىز چوڭقۇرلۇقى!
34«كىممۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئوي-مۇددىئالىرىنى چۈشىنىپ يەتتى؟
35«ئۇنىڭغا كىم ئاۋۋال بىر نەرسە بېرىپ،