رىملىقلارغا 12:1-20 UIGB2010 - Bible AI

1شۇڭا، ئەي قېرىنداشلار، خۇدانىڭ رەھىمدىللىقى بىلەن سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، تېنىڭلارنى مۇقەددەس، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان، تىرىك قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بېغىشلاڭلار. مانا بۇ سىلەرنىڭ خۇداغا* قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر. ◼ 12:1 +bd «مانا بۇ سىلەرنىڭ خۇداغا قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر»+bd* ــ «ھەقىقىي ئىبادىتىڭلار» گرېك تىلىدا يەنە «يوللۇق، ئورۇنلۇق، تېگىشلىك، ئەقىلگە مۇۋاپىق خىزمەت» دېگەن مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.* ◘ 12:1 رىم. 6‏:13،16؛ 1پېت. 2‏:5. *

2بۇ دۇنيانىڭ قېلىپىغا كىرىپ قالماڭلار، بەلكى ئوي-پىكرىڭلارنىڭ يېڭىلىنىشى بىلەن ئۆزگەرتىلىڭلار؛ ئۇنداق قىلغاندا خۇدانىڭ ياخشى، قوبۇل قىلارلىق ۋە مۇكەممەل ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىلەلەيسىلەر. ◼ 12:2 +bd «بۇ دۇنيانىڭ قېلىپىغا كىرىپ قالماڭلار»+bd* ــ باشقا بىرخىل ئىپادىلەش شەكلى: ــ «بۇ دۇنيانىڭ ئېقىملىرىغا ئەگىشىپ يۈرمەڭلار». ئەينى سۆزلەر «بۇ دۇنيادىكى قېلىپقا شەكىللەندۈرۈلمەڭلار».* ◘ 12:2 ئ‍ەف. 5‏:17؛ 1تېس. 4‏:3؛ 1يۇھ. 2‏:15. *

3ماڭا ئاتا قىلىنغان شاپائەتكە ئاساسەن ھەربىرىڭلارغا شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۆزۈڭلار توغرۇلۇق ئۆزەڭلاردا بار بولغىنىدىن ئارتۇق ئويلىماي، بەلكى خۇدا ھەربىرىڭلارغا تەقسىم قىلغان ئىشەنچنىڭ مىقدارىغا ئاساسەن سالماقلىق بىلەن ئۆزۈڭلارنى دەڭسەپ كۆرۈڭلار. ◘ 12:3 رىم. 1‏:5؛ 1كور. 12‏:11؛ ئ‍ەف. 4‏:7. *

4چۈنكى تېنىمىز كۆپلىگەن ئەزالاردىن تەركىب تاپقان ھەمدە ھەربىر ئەزايىمىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان رولى بولغاندەك، ◘ 12:4 1كور. 12‏:27؛ ئ‍ەف. 1‏:23؛ 4‏:16؛ 5‏:23؛ كول. 1‏:24. *

5بىزمۇ كۆپ بولغىنىمىز بىلەن مەسىھتە بىر تەن بولۇپ بىر-بىرىمىزگە باغلىنىشلىق ئەزا بولىمىز. ◘ 12:5 1كور. 12‏:4؛ 2كور. 10‏:13؛ 1پېت. 4‏:10. *

6شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە ئاتا قىلىنغان مېھىر-شەپقەت بويىچە، ھەرخىل روھىي ئىلتىپاتلىرىمىزمۇ بار بولدى. بىرسىگە ئاتا قىلىنغان ئىلتىپات ۋەھىينى يەتكۈزۈش بولسا، ئىشەنچىسىنىڭ دائىرىسىدە ۋەھىينى يەتكۈزسۇن؛ ◘ 12:6 1كور. 12‏:4. *

7باشقىلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش بولسا، خىزمەت قىلسۇن؛ تەلىم بېرىش بولسا، تەلىم بەرسۇن؛ ◘ 12:7 1كور. 12‏:10؛ 1پېت. 4‏:10، 11. *

8رىغبەتلەندۈرۈش بولسا، رىغبەتلەندۈرسۇن؛ سەدىقە بېرىش بولسا، مەردلىك بىلەن سەدىقە بەرسۇن؛ يېتەكلەش بولسا، ئەستايىدىللىق بىلەن يېتەكلىسۇن؛ خەيرخاھلىق كۆرسىتىش بولسا، خۇشال-خۇراملىق بىلەن قىلسۇن. ◘ 12:8 قان. 15‏:7؛ مات. 6‏:1، 2، 3؛ 2كور. 9‏:7. *

9مېھىر-مۇھەببىتىڭلار ساختا بولمىسۇن؛ رەزىللىكتىن نەپرەتلىنىڭلار، ياخشىلىققا چىڭ باغلىنىڭلار؛

10بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە قىزغىن مېھىر-مۇھەببەت بىلەن سۆيۈڭلار؛ بىر-بىرىڭلارنى ھۆرمەتلەپ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇڭلار. ◼ 12:10 +bd «بىر-بىرىڭلارنى ھۆرمەتلەپ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇڭلار»+bd* ــ بۇ سۆزنىڭ: «بىر-بىرىڭلارغا ھۆرمەت كۆرسىتىشتە بىرىنچى بولۇڭلار، بىر-بىرىڭلارغا بەس-بەستە ھۆرمەت كۆرسىتىڭلار» دېگەن باشقا بىر مەنىسى بار. روسۇل بەلكىم قەستەن ئىككى مەنىسىنى تەڭ ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن.* ◘ 12:10 ئ‍ەف. 4‏:2؛ فىل. 2‏:3؛ 1پېت. 5‏:5؛ ئىبر. 13‏:1؛ 1پېت. 1‏:22؛ 2‏:17. *

11ئىنتىلىشىڭلاردا ئېرىنمەڭلار، روھ-قەلبىڭلار يالقۇنلاپ كۆيۈپ تۇرۇپ، رەبگە قۇللارچە خىزمەت قىلىڭلار. ◼ 12:11 +bd «روھ-قەلبىڭلار يالقۇنلاپ كۆيۈپ تۇرۇپ،...»+bd* ــ «مۇقەددەس روھتا، مۇقەددەس روھ ئارقىلىق قىزغىن بولۇپ...» ياكى «ئۆز روھىڭدا قىزغىن بولۇپ...» دېگەن مەنىلەرنىڭ قايسىسىنى بىلدۈرىدىغانلىقىغا بىرنېمە دېمەك تەس. ئەمەلىيەتتە نىجاتتا مۇقەددەس روھ ئىشەنگۈچىنىڭ روھى بىلەن بىر بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق ئىشلەيدۇ، شۇڭا بۇ ئىككى مەنە ئارىسىدا چوڭ پەرق يوق.*

12ئۈمىدتە بولۇپ شادلىنىپ يۈرۈڭلار؛ مۇشەققەت-قىيىنچىلىقلارغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇڭلار؛ دۇئايىڭلارنى ھەرقانداق ۋاقىتتا توختاتماڭلار. ◘ 12:12 لۇقا 18‏:1؛ رىم. 15‏:13؛ ئ‍ەف. 6‏:18؛ كول. 4‏:2؛ 1تېس. 5‏:16،17؛ ئىبر. 10‏:36؛ 12‏:1؛ ياق. 5‏:7.*

13مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىڭلار؛ مېھماندوستلۇققا ئىنتىلىڭلار؛ ◘ 12:13 1كور. 16‏:1؛ ئىبر. 13‏:2؛ 1پېت. 4‏:9. *

14سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا بەخت تىلەڭلار؛ پەقەت بەخت تىلەڭلاركى، ئۇلارنى قارغىماڭلار. ◘ 12:14 مات. 5‏:44؛ 1كور. 4‏:12. *

15شادلانغانلار بىلەن بىللە شادلىنىڭلار؛ قايغۇرۇپ يىغلىغانلار بىلەن بىللە قايغۇرۇپ يىغلاڭلار.

16بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈپ ئوخشاش ئوي-پىكىردە بولۇڭلار؛ نەزىرىڭلارنى ئۈستۈن قىلماڭلار، بەلكى تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىڭلار. ئۆزۈڭلارنى دانىشمەن دەپ چاغلىماڭلار. ◘ 12:16 پەند. 3‏:7؛ يەش. 5‏:21؛ رىم. 15‏:5؛ 1كور. 1‏:10؛ فىل. 2‏:2؛ 3‏:16؛ 1پېت. 3‏:8. *

17ھېچكىمنىڭ يامانلىقىغا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماڭلار. بارلىق كىشىنىڭ ئالدىدا ئىشلىرىڭلار پەزىلەتلىك بولۇشقا كۆڭۈل قويۇڭلار. ◼ 12:17 +bd «بارلىق كىشىنىڭ ئالدىدا ئىشلىرىڭلار پەزىلەتلىك بولۇشقا كۆڭۈل قويۇڭلار»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «كۆپچىلىك ياخشى دەپ قارىغان ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىڭلار».* ◘ 12:17 پەند. 20‏:22؛ مات. 5‏:39؛ 1كور. 6‏:7؛ 2كور. 8‏:21؛ 1تېس. 5‏:15؛ 1پېت. 2‏:12. *

18ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپچىلىك بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار؛ ◘ 12:18 مار. 9‏:50؛ ئىبر. 12‏:14. *

19ئىنتىقام ئالماڭلار، ئى سۆيۈملۈكلىرىم؛ ئۇنى خۇداغا تاپشۇرۇپ ئۇنىڭ غەزىپىگە يول قويۇڭلار، چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا* مۇنداق يېزىلغان: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ئىنتىقام مېنىڭكىدۇر، يامانلىق* مەن قايتۇرىمەن». ◼ 12:19 +bd «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ئىنتىقام مېنىڭكىدۇر، يامانلىق مەن قايتۇرىمەن»+bd* ــ «قان.»، 35:32.* ◘ 12:19 قان. 32‏:35؛ مات. 5‏:39؛ لۇقا 6‏:29؛ ئىبر. 10‏:30. *

20شۇڭا ئەكسىچە «دۈشمىنىڭ ئاچ بولسا، ئۇنى تويدۇر، ئۇسسىغان بولسا، قاندۇر. بۇنداق قىلىش بىلەن «ئۇنىڭ بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن». ◼ 12:20 +bd «دۈشمىنىڭ ئاچ بولسا، ئۇنى تويدۇر، ئۇسسىغان بولسا، قاندۇر. بۇنداق قىلىش بىلەن «ئۇنىڭ بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن»+bd* ــ («پەند.» 21:25-22). «ئۇنىڭ بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن» دېگەن مەنىسى: «ئۇنى قاتتىق ئۇيالدۇرىسەن». بۇ ئىبارە مىسىردىكى كونا بىر ئادەتنى كۆرسىتىدۇ. ئادەمنىڭ توۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بېشىدا بىر سىۋەت چوغنى كۆتۈرۈپ ماڭاتتى. شۇڭا «ئۇنىڭ بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن» دېگىنى، ئۇنىڭ توۋا قىلىشىغا ياردەم بېرەلەيسەن» «ۋىجدانىنى ئويغىتىسەن» دېگەنلىكتۇر.* ◘ 12:20 پەند. 25‏:21-22؛ مات. 5‏:44. *

le>